![]() |
| |||||
| judun
| { ئالپامىش } _ قۇم ئۈستىدە ساقلايمەن سىنىتارىم توغراقلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش دەيدۇلەر ئۇستاز، پەخىرىمىز ( قامچا )..! قۇم ئۈستىدە ساقلايمەن سىنى جۇدۇن بىر يۇتۇم سۇغۇق سۇ بەرگەندەك لەززەت ، قاناتتى تەشنالىق گۇڭگا سادادىن . ئۇ چەكسىز ئىپتىخار ئوتلۇق سېغىنىش مۇستەسنا ئەمەستى بۇرچى ئادادىن . قىرانلىق پۈتۈلگەن سادىر يۇرتىدا ، قۇم ئۈزۈپ قۇم ئىچرە قېرىماس ئىلھام _يارلىقى ئوت بۇلۇپ كۆيسە لاۋۇلداپ ، تۇماندار ئۆپكىدىن توشىدۇ كۈلدان . تارتىدۇ ئاجايىپ تاتلىق بەھۇزۇر ، قىيمىسى سېگارتنىڭ خوشلۇق بولغاچقا . گەزلىشىپ قارايدۇ بىر ياندا مىسران ، ئۈمۈدۋار نىگاھتا بوشلۇق بولغاچقا . يۈرىكى قىل بىلەن ئورىلغان ئۇنىڭ ، ھەر تېلى مەۋجىدە بىر ھەيرەت تاشار . پۈكۈلمەس روھنى ئۇ يىلتىزدىن تاپتى، دەست تۇرۇپ بىرمىڭ يىل ھەم يېتىپ ياشار . سەھرانىڭ سەھرىدىن ئۇيقۇنى ئاچقان ، سەھرالىق نەق ئۆزى دوستۇم مىنىڭكى . چېپىشقان قارا كۆز بەيگىگە يەتتى ، قۇلاق سال تىۋىنىش يەنە سىنىڭكى ... | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : ![]() |
| tughrul
ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ
| پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇمۇرى تۇتاشتۇر !!!
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| saadat
قار~لەيلىسى
| تەڭرىتاغ قارغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش!
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| ELSHER
| ھەر مىللەت خەلىقى قەلىبداش ، تەڭرىتاغ قارغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش~~~``
دوستلىرىڭ دوسىت بولغىنىدۇر ئېشىغا ، يەتسە مېھنەت بىرى كەلسە قېشىڭغا . بولسا كىم مېھنتتە دوست ، ئۇ جانغا دوست ، دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست ، ئۇ نانغا دوست . | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| ئوت يۈرەك
دەرىجىسى :تېما چولپىنى | تومۇرىمىزدا ئىقىۋاتقان قان ساپ ۋىجدانىمىز پاكىز نەسلىمىز ئىنىق شۇڭا بىز قەلىپداش ..... بۇنى ھىس قىلالىغان لا ئادەم بولسا.....
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| ququl
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياق !!!!!!!!!!!!!!!!!!! توغراقىنڭ يىلتىزى بىر تۇتاش
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| nurdun
مۆلجەر تاغ ئوغلى
| ئابدۇجۇدۇن يوقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرسىلا.سېغىنىپ قالدىكەنمىز ئەينا ئۆزلىرنى.............
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| sabiha bbs.xabnam
| جۇدۇن ئاسانلىقچە شېئىر يازمايسىز لىكىن يىزىپ قالسىڭىز ئادەمگە ئاجايىپ زوخ بارگىدەك يازسىز !
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| judun
| | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| matematika0995
| تەڭرىتاغ قارغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
| ARMANIM810
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،بىز ھەممىمىزنىڭ قەلبى بىر تۇتاش!!!!!!!!!!!!!!
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| kumbah
دەرىجىسى :تېما چولپىنى | شىئىرنى ياىشى يېزىپسىز .
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| ay-tilla
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەھمەت سىزگە بەكمۇ مەنىلىك بەكمۇ چوڭقۇر تۇيغا بېغىشلايدىكىن ....
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| kok-sultan
تەۋپىق ئىزچىسى
| شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بوراندەك ئىلھامنىڭ نەتىجىسىكەن بۇ....
يېزىپ تۇرۇڭ........ | ||||
|---|---|---|---|---|---|
| qinmodan
غىلاپ بەندىسى
| ئەتىگەندە نادىر تېمىڭىزنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!
ئىسىل تېما باشقىچە زوق ئاتا قىلىدىكەن. | ||||
|---|---|---|---|---|---|
![]() |































