| ||||||
mazargojam | ئوغرىغا تەشەككۈر(مازارغوجام) ئوغرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئىشنى مۇشۇ روزا ھېيىتىدا تۇنجى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم.چۈنكى بۇ ھەقىقەتەن ئوغرىغا رەھمەت ئېيتمىسا بولمايدىغان يۇمىرىستىك ۋەقە ئىكەن. شۇڭا بۇ ئشنى تورداشلارمۇ ئاڭلاپ باقسۇن دەپ ،ھېيىتلىق سوغا سۈپىتىدە مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.بۇ ئىشنى ئاقسۇدېكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان دوستۇم دەپ بەردى.
بىر كۈنى دوستۇمنىڭ بىر خىزمەتدېشى شەخسىي ماشىنىسىنى ھەيدەپ بازارغا كىرىپتۇ . قايتىشىدا نان ئېلىۋالاي دەپ يولنىڭ قىرىدىكى بىر ناۋايدىن نان ئېلىش ئۈچۈن ماشىنىسىنى توختۇتۇپ ناننى ئېلىپ ماشىنىغا چىقسا ، ماشىنا ئىچىگە قويۇپ قويغان قول سومكىسى يوق تۇرغىدەك.ئەسلىدە ماشىنا دەرىزىسىنىڭ ئەينىكى ئوچۇق قالغان بولۇپ،مۇشۇ يەردىن سومكىنى باشقىلار ئوغىرلىۋالغان ئىكەن. سومكىدا 200يۈز يۈەنگە يېقىن نەق پۇل، مەكتەپكە تاپشۇردىغان 20نەچچە مىڭ يۈەنلىك تالۇن-ھۆجەتلەر بار ئىكەن. ئەگەر سومكا تېپىلمىسا ئۇ كىشىگە زور زىيان بولۇپلا قالماي ، <<خىيانەتچى>>بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن .ئۇ كىشى ئامالسىز ئۆيىگە قايتىپ ،قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي غەمگە پېتىپ ئولتۇرسا يان تېلىفۇنىغا تېلىفۇن كەپتۇ. تېلىفۇننى ئالسا بىر كىشى:<<سومكىللىرىنى بىز ئالغان ،پالانى يەرگە كېلىپ تاپشۇرۋالسىلا>>دەپتۇ.سومكا ئېگىسى دەرھال تېلىفۇندا دېيىلگەن يەرگە كەلسە بىر نەچچە ياش بالىلار سومكا ئېگىسىگە:<<سومكىدىكى نەق پۇلنى بىز ئىشلىتىپ كەتتۇق، تالۇنلارغا قارىساق بىزگە لازىم ئەمەسكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك جىق تالۇنلار ئىكەن ،تاشلىۋەتيسەك سىلىگە زور زىيا بولۇپ كەتكىدەك،سومكىدا سىلى تېلىفۇن ھەققى تۆلىگەن تالۇن بار ئىكەن ،مۇشۇ بۇيىچە سىلىگە تېلىفۇن قىلدۇق >>دەپتۇ. سومكا ئېگىسى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ،ئۇلارغا:<<پۇلنى ئىشلىتىپ كەتسەڭلار ھېچ گەپ يوق، سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، سىلەرنى رېستۇرانغا باشلاپ تۈزۈك رەھمەت ئېيتىۋالاي>>دەپ شۇنچە چېڭ تۇتسىمۇ ئۇلار <<رەھمەت سىلىگە، سومكىللىرىنى ئېلىپ ئىشلىرىنى قىلىۋەرسىلە،باشقا چاغدا كۆرىشەرمىز>>دەپ مېھمان بولۇشقا ئۇنىماپتۇ. دوستۇمنىڭ خىزمەتدېشى ئۇ مەدەنىي، <<ئىنساپلىق>>ئوغرىلارغا چۇڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرۈپ،ئۇلارنى مېھمان قىلالمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەن ھالدا خۇشال قايتىپ كەپتۇ. [ يوللىغانmazargojamتەرىپىدىن2008-10-04 17:16قايتا ت ] ___ باشقۇرغۇچى : Biperwa تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-04
| ||||
---|---|---|---|---|---|
...yasir | دونكىخوت ناملىق ئەسەر ئىسىمگە كىلىپ قالدى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkinomar شەبنەم مۇنبىرى | راستىنلا قىززىق ئىش بوپتۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | جاھاندا قىززىق ئىشلار بەك كۆپ جۇمۇ !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ئىنساۋى بار ئوغىرلار ئىكەن ،،ئۇنداق ئەھۋالدا بىز نىمە دەمىز ،،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | ئىككى كۇن بولدى ، روزا ھىيىتلىق تېما يوللىسام تەستىقلىماپتۇ ....
بۇيەردە XJTV-2 دە بەرگەن ھەم ئۇرۇمچى تېلېۋزىيەنىڭ ئايەم سەنئەت كىچىىلكى بار..... بۇنى كۆرمىگەنلار كۆرۋىلىڭلار... .. ئىچىكىردىكى دوسلارنىڭ بۇنى كۆرەش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك ... http://www.erkem.biz/tv/ مۇشۇ مەنزىل دە ئىككىلىسى بار ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadam76 | ھەممە ئوغۇرلار مۇشۇنداق بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ayal~jangqi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | نىدىگەن ئىنساپلىق ئوغورلار ئۇ ،،،،،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئوت يۈرەك دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ئالدىي بىلەن ئەسقەرې دوستۇمنىڭ ئاۋۇ ئۇلىنىشنى دەپ بەرتگىنىگە رەھمەت ....
ھەقىقەتەن ئىنسابلىق كەن ئالدىنقىقىتىم شىنجاڭغا چۈشكەن چىغىمدا مەنمۇ بىر تىلفۇنىمنى يۇتتۇرۇپ قويغان ئېدىم تېخى يىڭى چىققان چىغىدا 3000 مىڭ سومغا ئالغان ئېدىم قەشقەرگە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي يۇتتۇرۇپ قويدۇم كەينىدىن تىيلفۇن قىلسا م ئالدى دە ئاداش تىلفۇننى قانداق قىلساڭلا قىلىڭلا ئېچىدىكى كا نى بېرىڭلا ئۇ شىنجاڭنىڭ كا سى ئەمەس تىلفۇن قىلىپ توختىتىۋەتسەممۇ ئىشلېتەلمەيسىلا ئاۋۇ ئېچىدىكى نۇمۇرلار بەك لازىم ئۇنۇمۇر لار بولمىسا تىجارىتىم توختاپ قالىدۇ دەپ شۇنچە دىسەم پەرۋايىغا ئالمىدى يا كانى ئىشلېتەلمىدى يا مېنى خوش قىلمنىدى كا نى بىرىپ ئېچىدە كۇلى دىكى مۇناسىۋەتلىك ئادەم لەرنىڭ نۇمۇرى بار ئىدى ماڭا بولغان زېيىنى تامۇشۇ ۋاخقىچە بار مانا بىر يىل بولغىنى تۇردى ........ نا ئىنساپ گۇيلار ... | ||||
---|---|---|---|---|---|
xademanxat | قازاننى ئالساڭ چۆمچىنى قوي دېگەن بىلىدىغان ئوغرىلاركەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mamatjan01 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇئوغرىلار خېلى ىنساپلىق كەن بولمىسا ئۇكىشى خېلى چوڭ زىيان تاتقان بولاتى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kenjibay دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىxademanxatنىڭ2008-10-04 14:49يوللىغان : ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
555rikabatqi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتەن ئىنساپلىق ئوغرىلىكەن ئاشۇنداق ئوغرىدىن نەچچىسى باردۇ ؟ مەنمۇب نەچچەكۈن ئىلگىرى بىر سومكىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم ئىچىدە بىرنەچچەيۈز كويلۇق نەردە بارتى ئوغرىلىۋالغۇچى ساتسا يۈزكويغىمۇ يارىمايدۇ مەن يارىماس 500 بېتەي دىسەم بەرمىدى
| ||||
---|---|---|---|---|---|
سەخىي دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئوغرىمۇ بىرنەچچە تۈرگە ئايرىلدۇ...........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NURESLAM دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | يوۋراسلا ئىنساپلىق ئوغۇرلاركەن ئۇلارغامەنمۇ تەشەككۇرىمنى بىلدۇرۇپ قۇياي رەخىمەت سىلەرگە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|