| ||||||
saldat999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بوش مالىيە قۇتقۇزۇش پىلانىغا ئىمزا قويدىبوش مالىيە قۇتقۇزۇش پىلانىغا ئىمزا قويدى ئامىرىكا زۇڭتۇڭى بوش جۈمە كۈنى(2008–10–3) 700مىلىيارت دوللارلىق مالىيە قۇتقۇزۇش پىلانىغا ئىمزا قويدى، بۇ 1929– يىلدىكى چوڭ ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇقتىن بۇيانقى ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد بازىرىغا زور كۆلەمدە ئارلىشش پىلانى ھىساپلىنىدۇ. شۇ كۈنى ئەتىگەن ئاۋام پالاتاسى بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى. ئامىرىكا ئاۋام پالاتاسى(House of Representatives) دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ كۆرىنەرلىك ھالدا ناچارلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ، ئەڭ ئاخىرى جۈمە كۈنى 171گە قارشى 263 ئاۋاز بىلەن بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى. بۇ پىلان مالىيە ئاپپاراتلىرىغا بىرىلىدىغان 700مىلىيارت دوللارلىق مالىيە قۇتقۇزۇشى ۋە باشقا ساھەلەرگە بولغان 152 مىلىيارت دوللارلىق باج كىمەيتىش تەدبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن بۇرۇن ئامىرىكا كىڭەش پالاتاسى(Senate) چارشەنبە كەچ 25 گە قارشى 74 ئاۋاز بىلەن بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئامىرىكا مالىيە مىنېستىرى پائولسىن ئامىرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىغىدىن چۇڭقۇر مىننەتتار بولغانلىغىنى بىلدۇردى. بىراق ئۇ بۇ پىلاننىڭ قاچان ئىجرا قىلىندىغانلىغنى شۇنداقلا ھۆكۈمەت سېتىۋالماقچى بولغان مۆلۈككە تەتۇر باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئارقىلىق باھا بىكىتىلەمدۇ دىگەنلەرنى ئاشكارلاشنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىرىنجى قىتىملق تەتۇر باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىتى 11–ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇرۇن ئىلىپ بىرىلدىغانلىغى توغرىسدا بىر نەرسە دىمىدى. ئامىرىكا قوشما شىتات زاپاس كومىتىتى(Federal Reserve) (مەركىزى بانكا) رەئىسى بىن بىرنەنك ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۇردى ھەم قوشما شىتات زاپاس كومىتىتىنىڭ پۈتۇن كۈچى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ، مالىيە مىنېستىرلىگىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئامىرىكا قوشما شىتات زاپاس كومىتىتىنىڭ ئىزچىل ماسلىشىدىغانلىقىنى، قۇللىنىشقا بولىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قەرىز بازىرى بوھرانىنىڭ تەسىرىنى توۋەنلىتىدىغانلىغىنى، شۇنداقلا كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىقتىسات بازىرى بارلىققا كەلتۇردىغانلىقىنى بىلدۇردى. مەنبە:http://chinese.wsj.com/gb/20081004/BUS009306.asp?source=whatnews1 [ يوللىغانsaldat999تەرىپىدىن2008-10-04 19:28قايتا تە ] ___ باشقۇرغۇچى : Biperwa تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-04
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | مۇشۇنىڭ بىلەن ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى كاساتچىلىقى يىنىكلەرمۇ؟!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
muniram دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ بىزنىڭ جۇڭگۇغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
namesiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ خەۋەرنى تىخى ئەتىگەن ئىنگىلىزچە توردا كۆرگەنتىم، تەرجىمە قىلىش سۈرىئتىڭلار نىمە دىگەن تىز ھە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | ئىككى كۇن بولدى ، روزا ھىيىتلىق تېما يوللىسام تەستىقلىماپتۇ ....
بۇيەردە XJTV-2 دە بەرگەن ھەم ئۇرۇمچى تېلېۋزىيەنىڭ ئايەم سەنئەت كىچىىلكى بار..... بۇنى كۆرمىگەنلار كۆرۋىلىڭلار... .. ئىچىكىردىكى دوسلارنىڭ بۇنى كۆرەش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك ... http://www.erkem.biz/tv/ مۇشۇ مەنزىل دە ئىككىلىسى بار ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naway0999 | مۆمكىن بولسا ،ئۆلۈپ كەتكەن روزۋىلىت داداڭلارنى ئويغۇتۇڭلار ئامىركىلىقلار .بۇنداق كىرزىسنى ھەل قىلىشتا روزۋىلىتتەك بىرەرسى تىخى دۇنياغا كەلمىدى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|