| ||||||
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | 9- سان سۇئال-جاۋابنىڭ جاۋابى چىقتىئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار:
9-سان مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلغان ئىدى. جاۋابى بولسا روزى ھىيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر نەچچە كۈن كىچىكىپ قالدى. ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن، ئۈلۈشكۈن جاۋاپلارنى مىڭ تەسلىكتە تەييار قىلىپ، يوللاپ بولغىچە كومپىيوتىردىن چاتاق چىقىپ ھەممىسى يوق بولدى. ئىنشائاللاھ، اللەنىڭ ئىزنى بىلەن بۈگۈن يەنە قايتا تەييارلاپ سەھەرگە ئۈلگۈرتتۈم. مۇشۇ قىتىمقى سۇئاللار ئۈچۈن ئىزدەنگەن بارلىق تورداشلارغا كۆپلەپ ياخشىلىقلارنى تىلەيمەن. تۆۋەندە بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ، تەييارلىغان جاۋاپلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. قىسمەن سۇئاللاردا toghrol، alkud قاتارلىق تورداشلارنىڭ جاۋابىدىن پايدىلاندىم. توغرىسىنى بىلگۈچى اللاھ! بەلكىم بۇ قىتىم چىقىرىلغان سۇئاللار بەك قىيىن بوپ كەتكەندۇ، لىكىن مۇشۇ ئارقىلىق ئازراق بىلىملەرگە ئىگە بوپ قالساق ئەجەپ ئەمەس دەپ شۇنداق جىق ھەم تەسرەك چىقىرىپ قالدىم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر. 1- بۆلەك: ھۆكۈم ۋە مۇنازىرە بۆلىكى 1- سۇئال: ھەر قانداق كىشى ئۆزىگە كەلگەن مۇسىبەت ۋە ئەرزىيەت تۈپەيلى ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. پەقەت سەۋر قىلغان مۆئمىن ئادەملا بۇنىڭدىن ياخشىلىق تاپالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۆئمىننىڭ ئىشى نىمە دىگەن ياخشى، ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ياخشىلىققا ئىرىشسە شۈكۈر قىلىدۇ ، ساۋاپ بىرىلىدۇ ، ئەرزىيەت يەتسە سەۋر قىلىدۇ ، ئەجىر بىرىلىدۇ » دىگەن. ( جاۋاپ بەرگۈچىلەر بەلكىم سۇئالغا بەكرەك دىققەت قىلمىغان بولىشى مۇمكىن، بۇ يەردە مەن پەقەت «سەۋر قىلىش»نىڭ پەزلى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكچى ئىدىم. «اللە ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» يەنە «سەۋر قىلىش مۇسىبەتنىڭ دەسلەپكى مىنۇتلىرىدا بىلىنىدۇ». بەزى كىشىلەر مۇسىبەت ۋە ئەرزىيەت تۈپەيلى اللەنىڭ تەقدىرىدىن نارازى بولۇپ، اللەدىن يۈز ئۆرىيدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر پەقەت تىركىشىپ ئامال قىلالمىغاندا ئاندىن «سەۋر» ئارقىلىق ياخشىلىققا ئىرىشمەكچى بولىدۇ. مانا بۇنداق كىشىلەرگە قانداقمۇ ياخشىلىق بىرىلسۇن؟) 2- سۇئال: بىراۋنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن قايغۇرۇپ يىغلىسا بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « رەسۇلۇللا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى دەپنە قىلىنىۋاتقاندا قەبرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يىغلىغىنىنى كۆردۇم» دىدى. <<سەھىھۇل بۇخارى>> رەسۇلۇللاھ : «ئاڭلىمامسىلەركى، ئاللاھ بەندىسىگە ئۇنىڭ كۆز يىشى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازاپ قىلمايدۇ ، دىدى ۋە تىلىغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇنىڭ تۈپەيلى ئۇنۇڭغا ئازاپ قىلىدۇياكى رەھمى قىلىدۇ. ئۆلگەن ئادەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنۇڭغا يىغلىغانلىقى ئۈچۈن ئازاپ چىكىدۇ»دىدى. (دىمەك، مىيىت ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە بولىدۇ، لىكىن ھازىرقى بىزنىڭ «ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز»گە ئايلىنىپ كەتكەن ھازا ئېچىپ يىغلاش بىدئەت ئىشتۇر. ) 3- اللەتەئالانىڭ پىشانىمىزگە پۈتكەن تەقدىرىنى ھىچقانداق قىلىپ ئۆزگەرتەلمەيمىز، شۇنداقمۇ؟ (ئالدى بىلەن بۇ سۇئالنى تولىمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقىرىپ قويغىنىم ئۈچۈن سىلەردىن ئۆزرە سورايمەن. بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشىم تېخى يىتەرلىك بولماپتۇ. شۇ سەۋەپتىن قېرىندىشىمىز alkud ۋە toghrol نىڭ جاۋابىنى ئۆز پىتى ئەكەلدىم. اللە توغرىنى بىلىشكە نىسىپ قىلغاي. ) alkud : شۇنداق.ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەر قايسىڭلارنىڭ دوزاختا ياكى جەننەتتە تۇرىدىغان ئورنى يېزىلىپ بولغان» رەسۇلۇللاھنىڭ ھەمراھلىرى: ئۇنداقتا ئەزەلدە يېزىلغان بولۇپ، ياخشى ـ ئىشلارنى قىلىشنى تاشلىساق بولمامدۇ؟ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ ئېيتتى: «ئىشلەۋىرىڭلار! چۈنكى، كىم قەيەرگە كىرىشكە يارىتىلغان بولسا، شۇ يەرگە لايىق ئىش قىلىش، ئۇ كىشىگە ئاسان قىلىنىدۇ. (جەننەت ئۈچۈن يارىتىلغان كىشىگە جەننەتكە كىرىشىگە لايىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئاسان بولۇپ قىلىنىپ، ئۇ كىشى شۇنى قىلىشقا قىزىقىدۇ. ھەم شارائىتى ئەپ كېلىدۇ). دوزاخقا كىرىدۇ دەپ، دېيىشتى. يارىتىلغان كىشىگە دوزاخقا لايىق يامان ئىشلارنى قىلىش ئاسان قىلىنىدۇ. (كاپىر بولۇشنى ياكى ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىشنى ئۆزى خالاپ قىزىقىپ قىلىدۇ ھەم شارائىتى ئەپ كېلىدۇ)». toghrol: ئىمانى مۇپەسسەلدە بىز « ئىمان كەلتۈردۈم مەن ھەرنە ياخشىلىق ۋە يامانلىقتنىڭ ئاللا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغا » دەپ ئىمان كەلتۈرىمىز . ياخشىلىق يامانلىقنى ئالدىن قارارلاشتۇرغۇچى ئاللاھ دۇر . ئەمەلدە ئىشلىگۈچى ئىنساندۇر ، ياخشى ئىش قىلىش ، يامان ئىش قىلىش بەندە ئىختىيارلىقىدادۇر . « ئاللاھ تائالا ئىنسانغا خاتالىشىش ۋە خاتالىقتىن ساقلىنىش يولىنى كۆرسىتىپ قويدى » ( سۈرە شەمس 8 – ئايەت ) ، تەقدىردىن كىلىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى دۇئا قلىش ، ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق توسقىلى ياكى ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « قازا ۋە قەدەرنى پەقەت دۇئالار قايتۇرالايدۇ » ، « دۇئا بىلەن تەقدىر ئۆز ئارا ئۇچرىشىدۇ ۋە قىيامەت كۈنىگىچە ئېلىشىدۇ » ، « ئاللاھنىڭ ئېغىر كۈنلەردە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىش خۇرسەن قىلىدىغان كىشى كەڭ – كۇشادە چاغلاردا كۆپ دۇئا قىلسۇن » دىگەن ھەدىسلىرى . (تەۋەككۇل قىلىش ۋە سەۋەپ توغرىسىدا تەپسىلاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: ./read.php?tid-63794-keyword-.html) 4- دۇئالارنىڭ ھەممىسى ئىجابەت بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. دۇئانىڭ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ: "ﺋﻪﺑﯘ ﯞﻩﻗﻘﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻧﻬﯘ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ: ﺋﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ! ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﯘﻝ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻼ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ «ﺋﻰ ﺋﻪﺑﯘﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﻳﯩﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻳﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮ ﻟﻮﻗﻤﺎ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯩﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ 40 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ ﻣﻪﻗﺒﯘﻝ ﻛﯚﺭﯗﻟﻤﻪﻳﺪﯗ (ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ)». دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: ./read.php?tid-54599.html 5- ﺋﯚﻱ- ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻝ ﺳﻮﻳﯘﺵ ساۋاپلىق ئىش، شۇنداقمۇ؟ ﺋﯚﻱ- ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻝ ﺳﻮﻳﯘﺵ ﺟﯩﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﺎﺋﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺧﯘﻟﯘﻡ- ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻪﮔﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﻮﻕ. (ﺷﻪﻳﯩﺦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺑﺎﺯ) 6- قۇرئان كەرىمدىكى ھەر بىر سۈرە «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» بىلەن باشلانغان، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. «قۇرئان كەرىم»دە 114 سۈرە بولۇپ، سۈرە تەۋبەدىن باشقا 113 سۈرە «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» بىلەن باشلانغان. سۈرە تەۋبىدە بولسا «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» كەلىمىسى كەلمەيلا باشلىنىدۇ . بۇيەردە چۈشۈپ قالغان «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» سۈرە نەملە 30- ئايەت بىلەن تۇلۇقلىنىدۇ : {ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار ماڭا ھەقىقەتەن سۇلەيماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.} مۇشۇ ئايەت بىلەن قۇرئان كەرىمدە «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» كەلىمىسى 114 يەردە تەكرارلىنىدۇ . 7- نامازنىڭ ھەممىسىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇغان ياخشى، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ھەقىقەتەنمۇ، بىر كىشىنىڭ جامائەت نامىزىغا قاتناشمىغانلىقى ئۇنىڭ نامازغا سەل قارىغانلىقىدۇر. ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار [سۈرە بەقەرە: 43]» بۇ ئايەتتە چوقۇم جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنى نامازغا بۇيرىسام، بىرى ئىمام بولسا، ئاندىن كىشىلەرنى كەلسە، ئوتۇن يىغىپ ئاشۇ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتسەم دەيمەن.» بۇنىڭدىمۇ جامائەت نامىزىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرىۋالالايمىز. پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا ئولىمالار ئىتتىپاققا كەلگەن . ئەمما بەزى نەپلە نامازلارنى ئۈيدە ئوقۇش ئەۋزەلدۇر . بۇنىڭغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « ئۈيۈڭلەرنى قەبرىستانلىققا ئوخشىتىۋالماڭلار ، ئۈيۈڭلەردە ( نەپلە ) ناماز ئوقۇڭلار » دىگەن ھەدىسى ھەمدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزن ھويلا – ئاراملاردا ناماز ئوقۇيدىغان جاي تەييار قىلىشقا ۋە ئۇجاينى پاكىز ، خوشپۇراق تۇتۇشقا بۇيرۇدى » دىگەن ھەدىس دەلىلدۇر . 8- ناماز ئۈستىدە بىراۋنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا ناماز بۇزۇلمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ سالامنى ئىشارەت بىلەن ئالسا مەكرۇھنىڭ ھۆكمىدە بۇلىدۇ ، ناماز بۇزۇلمايدۇ . ئەمما سۆز چىقسا ناماز بۇزۇلىدۇ . 9- كونىلارنىڭ «ئاۋال تائام، ئاندىن كالام» دىگىنى خاتا، شۇنداقمۇ؟ شۇنداق. ئاۋۋال كالام «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» ئاندىن تائام، ئاندىن يەنە كالام «ئەلھەمدۇ لىللاھ » (ئۇنداقتا ناماز شام ۋاقتىدا غىزا تەييار بوپ قالغان بولسا ئاۋال نامازنى تاماملامدۇق ياكى ئاۋال تاماقنى يەمدۇق؟) ھىشام ئىبىنى ئۇرۇۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: «نامازشام ۋاقتىدا كەچلىك غىزا تەييار بولۇپ قالسا، ئاۋال غىزانى يەۋىلىڭلار». بۇنىڭدىكى ھىكمەت شۇيەردىكى ، تائام تەييار بولغاندا نامازغا ئولتۇرسا كۆڭلى تائامدا بۇلۇپ قېلىپ نامازنى خۇشنۇد بىلەن ئوقۇغىلى بولمايدۇ . 10- ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﻪﺕ ﭘﯜﺗﯜﺵ توغرا ئەمەس، شۇنداقمۇ؟ شۇنداق. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﻪﺳﻼ ﺟﺎﺋﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. (ﺷﻪﻳﯩﺦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺑﺎﺯ) 11- پاكىزلىق ئىماننىڭ يىرىمى. شۇڭا ئاياللار خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ يۈرۈش كىرەك، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئۆيىدە يولدىشى ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ . كوچىغا پۇراقلىق ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« قانداق بىر ئايال ئەتىر ئىشلىتىپ ، بىرەر جامائەتنىڭ يېنىدىن ئۆتسە ، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراق ئىشلەتكىنىنى بىلىپ قالسا ، ئۇ ئايال زىنا قىلغۇچى ھىسابلىنىدۇ . » 12- مۇسۇلمان ئاياللار چىچىنى كەسسە بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. مۇسۇلمان ئاياللار چىچىنى چۈشۈرىۋەتسە بولمايدۇ، لىكىن ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ئەھۋال ئاستىدا چېچىنى كەستۈرسە بولىدۇ. (مەن ئەسلى بۇنداق «بولىدۇ، بولمايدۇ» دەپلا دەلىلسىز جاۋاب بەرمەكچى ئەمەستىم. ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ ئىشەنچلىك دەلىلىگە ئېرىشكەچكە بۇ سۇئالنى چىقارغان، ئەپسۇس ھازىر ئۇ مەنبەنى ئىزدەپ تىپىشقا ۋاقتىم يار بەرمەي قالدى.) 13- قورساقتىكى بالىنى ئالدۇرىۋىتىش خاتا، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. بالىغا جان كىرىشتىن بۇرۇن ئانىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ياكى باشقا شەرئىي ئۆزۈرلەر تۈپەيلى ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ. لىكىن جان كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئالدۇرىۋىتىش ھارام. 14- مۇھەممەد سەللەللاھۇ ۋەسەلەم دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە دۇنياغا كەلگەن، شۇنداقمۇ؟ شۇنداق. 15- ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﮔﯜﻝ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ياخشى ئىش، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. بۇ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺩﯨﻨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ- ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﺋﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. (ﻟﯘﺟﻨﻪﺗﯘﺗﺪﺍﺋﯩﻢ) 2- بۆلەك: تەپسىلىي جاۋاپ بىرىش بۆلىكى 1- سۇئال: ئىماننىڭ ئەڭ ئەۋزىلى نىمە؟ ئەڭ تۆۋەن چىكى نىمە؟ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : «ئىمان 70 نەچچە ياكى 60 نەچچە شاخچە بۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېيىش . ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكى يولدىن بىر ئەرزىيەتنى ئېلىۋىتىشتۇر . ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر». 2- «مەھرەم» دىگەن نىمە؟ ئۇ كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ئايال كىشى مەھرەمسىز قانچىلىك يىراقلىققا سەپەرگە چىقالايدۇ؟ «مەھرەم» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى توي قىلىش چەكلەنگەن دىگەنلىك بولۇپ، مەھرەم بىر ئايالنىڭ چوڭ ئاتىسىنى ،ئاتىسىنى ، ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ،ئانىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ،ئۆز قېرىنداشلىرىنى ،قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ، ھەمشىرىلىرنىڭ ئوغۇللىرىنى ، ئىمىلداشلىرىنى كۆرسىتىدۇ . مۇشۇ كىشىلەربىلەن بىرگە سەپەرگە چىقسا بولىدۇ . لىكىن مەھرەم بولمىغان شارائىت ئاستىدا بىر كۈنلۈك (ئالىملارنىڭ ھىساپلىشىچە 78 كىلومىتىر) دىن يىراققا سەپەرگە چىقىشى ھارام. 3- «زاكات» دىگەن نىمە؟ قانچىلىك مالغا زاكات كىلىدۇ؟ مالنىڭ قانچىلىك مىقدارىنى زاكاتقا ئايرىيدۇ؟ زاكات نىمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىندى؟ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﭘﻪﺭﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻖ - ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﯨﺪﯗﺭ . ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ "ﺯﺍﻛﺎﺕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ "ﭘﺎﻛﻼﺵ" ﻳﻪﻧﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻗﯩﻤﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻣﯜﻟﯜﻛﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺗﺎﯞﺍﺭ ﯞﻩ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ 40 ﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 20 ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 10 ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﺎﺭﯞﺍ ﻣﺎﻝ ﯞﻩ ﻛﺎﻥ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. 4- ھازىنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟ ئەبۇ سەلىمەنىڭ قىزى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ ؛ جەھىشنىڭ قىزى زەينەپنىڭ قېرىندىىشى ئۇلۇپ كەتكەن چاغدا ،ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەنىدىم ،زەينەپ خۇش پۇراقنى ئەكەلدۇرۇپ ئىشلەتتى ،ئاندىن مۇنداق دېدى ؛ ئاللا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ،مېنىڭ خۇشپۇراققا ھاجىتىم يۇق ئىدى ،لېكىن رەسۇلۇللانىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ ،ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۇنىگە ئىمان ئېيىتقان ئايالنىڭ ئۇچ كېچە كۇندۇزدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس ،ئەمما ئېرىل ئۇلگەن بولسا ،ئۇنىڭغا 4ئاي 10 كۇن ھازا تۇتسا بۇلىدۇ ،دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم . ( بۇخارى رىۋايەت قىلغان ) 5- روزىدار كىشىنىڭ قايسى ئىككى خىل خوشاللىقى بولىدۇ؟ «بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا روزا تۇتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇنېئمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). 6- جەننەتنىڭ ئاچقۇچى نىمە؟ قايسى گۇناھ ئىنساننى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇراشتىن مەھرۇم قىلىدۇ؟ جەننەتنىڭ ئاچقۇچى شاھادەت كەلىمىسىنى دىلىدا تەستىقلاپ تىلىدا ئېيتىش : «بىرئاللاھتىن باشقا ئىلاھ نىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن » دېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: «ھاراق ئىچكەن كىشى ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ، ۋەھالەنكى، جەننەتنىڭ خۇش ھىدى 40 يىللىق مۇساپىدىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ» دىگەن. 7- جەننەت ۋە دەۋزەخ مەڭگۈلۈكمۇ؟ قايسى تائىپىدىكىلەر بۇ دۇنيادىلا قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؟ جەننەت بىلەن دەۋزەخ ھەر ئىككىلىسى مەڭگۈلۈك بولۇپ، بولارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان چېكى يوقتۇر. جەننەت بىلەن دەۋزەختە ئۆلۈم يوقتۇر. جەننەتكە كىرگەنلەر ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك قالىدۇ. دەۋزەخكە كىرگەن كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارمۇ دەۋزەختە مەڭگۈلۈك قالىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاسىي ـ گۇناھكارلار دەۋزەختە گۇناھلىرىغا تېگىشلىك ئازابلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىمانلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار دىۋزەختىن چىقىرىلىپ جەننەتكە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن بولىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقانلار بۇ دۇنيادىلا قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 8- مۇسۇلمانلارغا كىيىم-كىچەكتە قويۇلىدىغان تەلەپلەر قايسىلار؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋرىتىنى يۆگەپ يۈرىشى پەرز. مۇسۇلمان ئەركىشىنىڭ ئەۋرىتى كىندىكىدىن تىزىنىڭ ئاستىغىچە. شۇنداقلا ئىشتىنىنىڭ ئايىغى ئۇشۇقىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەۋرىتى چوقىسىدىن تاپىنىغىچە (يۈز ۋە قولنىڭ ئالقىنىدىن باشقا) شۇنداقلا يەنە بەك نېپىز ،تار دىگەندەك بەدەن شەكلى ئىنىق بىلىنىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كەيمەسلىكى كېرەك . يەنە بىر مۇھىم نوقتا، مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ كىيىنىش شەكلى باشقا قەۋم كىشىلىرىنىڭ كىيىنىش شەكلىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :«كىمكى بىرەر قەۋمگە ئوخشاش بولماقچى بولسا ئۇمۇ شۇ قەۋمدىن سانىلىدۇ.» 9- يىمەك-ئىچمەكتە ھالال-ھارامنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ تائامنىڭ بەركىتى نەدە؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ «ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻨﻰ، ﻗﺎﻧﻨﻰ، ﭼﻮﺷﻘﺎ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻱ ﺑﻮﻏﯘﺯﻻﻧﻐﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻨﻰ ﻳﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ» (2 ﺳﯘﺭﻩ 173- ﺋﺎﻳﻪﺕ) «ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯚﻛﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭘﺎﺳﯩﻘﻼﺭﺩﯗﺭ» (5-ﺳﯘﺭﻩ47-ﺋﺎﻳﻪﺕ) ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻫﺎﻻﻝ، ﭘﺎﻙ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ. ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ. ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ «ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﻛﯘﭘﺮﻯ ﯞﻩ ﭘﯩﺴﻘﻰ - ﻓﯘﺟﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﺎ ﺋﯘﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» (91- ﺳﯘﺭﻩ 10- ﺋﺎﻳﻪﺕ) تائامنىڭ بەركىتى قاچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا. «تائامنى سەل سوۋۇتۇپراق ئىستىمال قىلىڭلار، بەك قىزىق تائامدا بەرىكەت بولمايدۇ» «ئوپچى تاماق يىگەندە ئۆزەڭنىڭ ئالدىدىن يىگىن، تاماقنىڭ بەركىتى قاچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىلىپ تۇرىدۇ» دىگەن ھەدىسلەر دەلىل. 10- «تۇغۇلغان كۈن»نىڭ شەرئىي ھۆكمى نىمە؟ تۇغۇلغان كۈنگە ھەر قانداق شەكىلدە قاتنىشىشنىڭ شەرىئەتتىكى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىلىرى، ساھابىلەرنىڭ بايانلىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كىلشى... قاتارلىقلارغا تايانغان ھۆكمى ھارامدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئۆلىمالارنىڭ تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈش ۋە قاتنىشىشنىڭ ھاراملىقىغا دائېر يېزىغان كىتاپ- رىسالىرى، پەتىۋالىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ھەنەپىي ئۆلىمالىرىدىن مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ھەفسىل بەستى مۇنداق دەيدۇ: « كىمىكى كاپىرلارنىڭ بايرىمىنى قوتلۇقلاپ ، مۇشرىكلەرگە تۇخۇم كەبى بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا، ئاللاھقا كۈپۈرلۇق قىلغان بولىدۇ.» 11- مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەم ھاياتىدا قانچە خوتۇنلۇق بولغان؟ (ئىسىملىرىنى ساناپ بىرەلەمسىز؟) پەيغەمبىرىمىز 11 خوتۇنلۇق بولغان. ئۇلار: خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھىجرەتتىن 28يىل ئىگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ياتلىق بولغان، مىلادىيە 620-يىلى يەنە ھىجرەتتىن 3 يىل ئىلگىرى 65 يىشىدا مەككە مۇكەررىمىدە ۋاپات بولغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھەزرىتى خەدىچە ۋاپات بولغان يىلى پەيغەمبىرىمىزگە ياتلىق بولۇپ، 2 يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان. مىلادىيە 670-يىلى، يەنە بىر قاراشتا 678-يىلى رامىزان ئىيىدا مەدىنە مۇنەۋۋەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ھەزرىتى زەينەپ: «ئۇممۇل مەساكىن» (يوقسۇللارنىڭ ئانىسى) نامى بىلەن تونۇلغان ھەزرىتى زەينەپ ھىجرەتنىڭ 3-يىلى پەيغەمبىرىمىزگە نىكاھلانغاندىن كىيىن، پەقەت 2-3 ئايلا ياشىغان. ھەزرىتى سەۋدە بىنتى زەمئە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ 11-يىلى نىكاھلانغان. ھەزرىتى ھەفسە: ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ھىجرەتنىڭ 3-يىلى نىكاھلانغان. ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە: ھىجرەتنىڭ 4-يىلى نىكاھلانغان. جۈۋەيرىيە: بەنى مۇستەلىك قەبىلىسى ئاقساقىلىنىڭ قىزى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 5-يىلى نىكاھلانغان. ھەزرىتى زەينەپ بىنتى جەھش: قۇرەيشلەردىن بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 5-يىلى نىكاھلانغان. ھەزرىتى ئۇممۇ ھەبىبە: ئەبۇ سوفياننىڭ قىزى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 6-يىلى نىكاھلانغان. ھەزرىتى مەيمۇنە: ھىجرەتنىڭ 7-يىلى نىكاھلانغان. ھەزرىتى سەفىيە: خەيبەر ئاقساقىلىنىڭ قىزى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 7-يىلى نىكاھلانغان. (مەنبە: «ھەزرىتى ئائىشە» ناملىق كىتاپ) 12- پەيغەمبىرىمىز «ئەھلى جەننەت ئاياللىرىنىڭ خانىشى» دەپ تەرىپلىگەن كىشى كىم؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قىزى فاتىمەنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دىگەنىدى:«فاتىمە ئەھلى جەننەت ئاياللىرىنىڭ خانىشى» 13- ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلىللاھنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە قايسى 10 تۈرلۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان؟ ھەزرىتى ئائىشە ئۆزىنىڭ نىكاھى ھەققىدە مۇنداق دىگەن: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە 10 تۈرلۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىندىم: ئاياللار ئىچىدە مەن پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ يىقىن ئايالى ئىدىم. ئەرلەر ئارىسىدا دادام پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ سىرداش دوستى، سەبدىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھ مەندىن باشقا قىز ئىلىپ باقمىدى. ماڭا چاپلانغان بۆھتاننى اللە ئۆزى ئايەت نازىل قىلىپ ئاقلاپ، پاكلىقىمنى ئىسپاتلىدى. رەسۇلۇللاھ ئاغرىق چېغىدا مىنىڭ قىشىمدا تۇردى (باشقا ئاياللارنىڭ ھەممىسى رازىلىق بەردى) مىنىڭ ئاغزىمدىكى لوقما پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى تائامى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىنىڭ مىسۋاكىم بىلەن چىش يۇدى. مىنىڭ ھۇجرامدا جان بەردى. مىنىڭ ھۇجرامغا دەپىن قىلىندى». 14- ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ قايسىلار؟ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ: 1- ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ، ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﻮﺭﯗﻧﯩﺸﻰ. 2- ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ. 3- ﺷﻪﺭﯨﺌﻰ ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﺋﻪﺧﻼﻗﻼﺭﻏﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ. 4- ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺯﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ. (ﻟﯘﺟﻨﻪﺗﯘﺗﺪﺍﺋﯩﻢ) 15-ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻗﯘﯞﯗﺭﻏﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ نىمە؟ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻗﯘﯞﯗﺭﻏﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ: ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﮔﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﯞﯗﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺭﯗﺳﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺭﯗﺳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. (ﻟﯘﺟﻨﻪﺗﯘﺗﺪﺍﺋﯩﻢ) 16- ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ قايسىلار؟ 1. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ. 2. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﻪﺵ. 3. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ. 4. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ. 5. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﭘﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﻠﻪ- ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﻪ- ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ. (ﺷﻪﻳﯩﺦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯘﺳﻪﻳﻤﯩﻦ) 17- مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى قايسىلار؟ اللەتەئەلانىڭ بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى ھەققى نىمە؟ يىڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىكى ھەققى نىمە؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر : سالامنى ئىلىك ئېلىش ،كېسەل بولسا يوقلاش ، جىنازىسىنى ئۇزىتىپ قەبىرىستانلىققا بېرىش ,چاقىرغان يەرگە بېرىش ، چۈشكۈرگۈچى ئەلھەمدۇلىللا دىسە يېنىدىكى يەرھەكۇمۇللا دىيىش » دىگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: «بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە(بۇ جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت)بىر قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرۇشى ئاللانىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر». چىرايلىق ۋە ياخشى ئىسىم قويۇش يىڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. 18- «ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﯖﺪﯗﺭ» بۇ قۇرئان كەرىمدىكى قايسى سۈرىنىڭ قانچىنچى ئايىتى؟ (60- ﺳﯜﺭﻩ ﻣﯘﻣﺘﻪﻫﯩﻨﻪ 4- ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ) 19- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: ئاللا تائالا ئېيتتىكى، ئۈچ تۈرلۈك ئادەم قىيامەت كۈنى مېنىڭ دشمىنىم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرىنچى خىلى_مەن بىلەن قەسەم قىلىپ ۋەدەبېرىپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ئادەم، ئىككىنچى خىلى_ھۆر ئادەمنى سېتىپ پۇلىنى يىگەن ئادەم. سۇئال: ئۈچىنچى خىلىچۇ؟ ئۈچىنچى خىلى_بىر ئادەمنى ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئادەم. 20- «پەتۋا بىرىش» دىگەن نىمە؟ پەتۋا بىرىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟ پەتىۋا بېرىش بىر مەسىلىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكىمىنى بايان قىلىپ بېرىش دىگەنلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ سالاھىيىتى توشىشى لازىم.پەتىۋا بېرىشنىڭ شەرتلىرى:مۇسۇلمان بولۇش، ئەقىللىق بولۇش،فىقىھ(يۇقىرى چۈشەنچىگە ئىگە)بولۇش، مۇجتەھىد بولۇش ۋە ئادىل بولۇشتۇر. (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: ./read.php?tid-52018-fpage-4.html) مەن باشتىلا بۇ قىتىمقى «سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى»گە 100،000 مۇنبەر پۇلى ئاجراتقىنىمنى، جاۋاپ بەرگەن ھەر بىر تورداشقا مەلۇم مىقداردا مۇكاپات بىرىدىغانلىقىمنى ئىيتقان. شۇ بويىچە تۆۋەندىكى ئەزالارغا مۇنبەر بانكىسى ئارقىلىق مۇنبەر پۇلى يۆتكەلدى، ۋاقىپ بوپ قالغايسىلەر. [color=#0000FF] toghrol ۋە alkud قېرىندىشىمىزنىڭ ھەر بىرىگە 15،000 مۇنبەر پۇلى مۇراد ، kumbah، isimsiz قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر بىرىگە 10،000 مۇنبەر پۇلى yusuf، hitman-x، فۇرقان قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر بىرىگە 7،000 مۇنبەر پۇلى NURLUKMAXAL، ~salahidin ،oguz888، sapra121 قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر بىرىگە 2،000 مۇنبەر پۇلى بانكا مۇلازىمەت ھەققىگە 8،900 مۇنبەر پۇلى كەتتى، يەنە 2،100 مۇنبەر پۇلى ئىشىپ قالدى. مۇكاپات سوممىسىغا رازى بولمىغانلار قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. جاۋاپقا نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولغان تورداشلارمۇ مەن بىلەن قىسقا ئۇچۇردا ئالاقىلىشىڭ. ھىيتىڭلارنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە، سىلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن. [ يوللىغانhomaتەرىپىدىن2008-10-04 07:36قايتا تەھرىرل ] ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-04
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئاتا تۈرك ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!! | بۇ تېمىنى نادىر تېما قىلىدىغانلار چىقامدۇ-يوق؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | توغرا جاۋاپ بىرىپ مۇكاپاتلانغانلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sapra121 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | رەخمەت سىزگە \\\ سۇئال جاۋاپ پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىلىپ بىرىلدى \\\
| ||||
---|---|---|---|---|---|
knights622 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ماشائالا تولىمۇ ياخشى ئىش قىلىپسىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
hitman-x دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | .... بىزنى نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە قىلىشقا سەۋەبچى بولغىنىڭىزغا .... اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
sahar413 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت سىزگە.نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئېگە بولۋالدىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naway0999 | ئاللاھۇئەكبەر ئاللاھۇئەكبەر ئاللاھۇئەكبەر
ئاللا ئۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ ھەممىدىن پاك ھەممىدىن قۇدرەتلىك ۋە بايدۇر. يولباشچىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا مەڭگۈلۈك دۇئايى سالاملار بولسۇن. جانابى ئاللا بىزنى ئازغۇن بەندىلىرىڭ قاتارىدىن قىلىپ قويمىغىن، بىزدەك گۇناھكار بەندىلىرىڭنى ئەپۇ قىلغىن ،دىلىمىزنى ئىمان نۇرۇڭ بىلەن يورۇتقىن، قەيسەرلىك ،كۆيۈمچان ۋە مەرتلىكنى بىزگە يار قىلغىن ،بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن غالىب قىلغىن،قىلىچلىرىمىزدا ئۇلارنىڭ قانلىرىنى چىچىشىمىزغا مەدەتلەر بەرگىن......................ئامىن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kokyakot دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | 10.ساننىڭ سايىپخانى كىم بولغىيتتى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | Quote:بۇ يازما8قەۋەتتىكىkokyakotنىڭ2008-10-04 20:16يوللىغان : مۇراد ئەپەندىمتى~~ يوقاپ كەتتىغۇ؟~~ بىرەر يەرگە پەتىلەپ كەتكەن چېغىۋا~~ ئەتىلەرگىچە تىما يوللىنىپ قالار~~ | ||||
---|---|---|---|---|---|
naxtari | ئەجىرڭىزگە رەھمەت سىڭلىم.ئاللا ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kokyakot دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىئاتا تۈركنىڭ2008-10-04 09:16يوللىغان : ھۇقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قوققان چېغى با بۇ بالا باققۇچى مىھرىبان باشقۇرغۇچىلارنىڭ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alkud دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سۇئال-جاۋاپلار ئارقىلىق قىرىنداشلىرىمىزنى ئىزدىنىشكە دەۋەت قىلىپ، بىزلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان بىلىمگە ئىگە بولۇشىمىزغا سەۋەبچى بولغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت،
مىھرىبان ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي! | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | Quote:بۇ يازما11قەۋەتتىكىkokyakotنىڭ2008-10-04 21:02يوللىغان : بولدى~~ باقىينى پانىيدىن چوڭ بىلمەيلى~~ اللە سەۋر ئاتا قىلغاي~~ | ||||
---|---|---|---|---|---|
hitman-x دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يەنە بىر يەردە بولغان بولسا ... بۇچاققا نادىرلىنىپ بولاتتى ...
| ||||
---|---|---|---|---|---|