دولان ئۇيغۇرلىرى ناخشا _ ئۇسۇلغا ھىرىس ، مەشرەپخۇمار كىلىدۇ . يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئەر _ ئايال ھەممىسى ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ . دولانلىقلار نەچچە ئون كۈنلەپ ئېغىر ئەمگەك قىلىپ بىرەر قېتىم مەشرەپ ئوينىۋالسىلا ھاردۇقى چىقىپ كىتىدۇ . شۇڭا مەشرەپ دىسە تاس قالىدۇ جېنىنى بەرگىلى ، مەشرەپنى ھەممە ئۇيۇندىن ئەۋزەل كۈرىدۇ ، مەشرەپسىز توي _ تۆكۈن ، ھېيىت _ بايرام ، تۈرلۈك داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.
دولان مەشرىپى _ كۆپ ھاللاردا ئاخشىمى باشلىنىپ تۈن تەڭگىچە ۋە بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشىدۇ ، چۈنكى كىچىسى خەلق ئاممىسى ئىشتىن ئارىسالدى بۇلىدىغان مەزگىل ،بىر كۈنلۈك ئېغىر ئەمگەكتىن ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان مەشرەپخانىلاردا ياكى كەڭ دالا ، سەينا _ مەيدانلاردا گۇلخان يېقىلىپ مۇقامچىلارنىڭ مۇقام باشلىشى بىلەن مەشرەپنى باشلايدۇ . كىچىسى مەشرەپ ئويناش دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان تەركسىز ئادىتىدۇر ، دولان مەشرىپىدە دولان مۇقامى ئورۇندىلىشى شەرت. مەشرەپ بىلەن مۇقام بىر _ بىرىگە قان بىلەن گوشتەك زىچ باغلانغان بۇلۇپ ، مەشرەپسىز مۇقام ، مۇقامسىز مەشرەپ بولمايدۇ .دولان مەشرەپ _مۇقامى 9 يۈرۈش مەشرەپ _ مۇقام بار. بۇلار _ <<باش باياۋان>> ، <<زىل باياۋان>> ، <<چۆل باياۋان>> ، <<ئۆتەڭ باياۋان>> ، <<بوم باياۋان>> ، <<سىم باياۋان>> ، <<جۇلا>> ، <<خۇدەك باياۋان>> ، <<دۇگامەت>> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دولان مەشرەپ _ مۇقامى سەنئەتكە خاس سىھرىي كۈچى بىلەن ئەلمىساقتىن بۇيان دولان خەلقىنىڭ روھى دۇنياسىغا ، ئۆمرى روھىغا ، پىسخولوگىيىلىك سەنئەت مىجەزى ئۆزلەشكەن دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەممە ئىنىق ھەركەتلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ جەمىيەت كىشىلىرىنى ئىجتىمائى ھەققىنىيەت ، پاك مۇھاببەت ، ھالال تۇرمۇش ، گۈزەل غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتەك خاسىيەت ئالاھىدىلىكى ، جەمىيەتكە ئەدەپ_ ئەخلاق ئۈگۈتىدىغان ، خەلقنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى بىيىتىدىغان مەنىۋى قۇدىرىتى بىلەن قەدىمدىن تا ھازىرغىچە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاراسەت ھەم ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىپ ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئالەمگە مەشھۇر <<مۇقام _مەشرەپ دىيارى>> ، <<ناخشا_ ئۇسۇل ماكانى>> غا كىلاسسىك كامالەت ۋە شان _ شۆھرەت قۇشۇپ كەلدى ھەم داۋاملىق كەلگۈسى.
مەنبە :ئۈزەم
[ يوللىغانtughrulتەرىپىدىن2008-10-04 10:58قايتا تەھر ]