ئىنسانى ياردىمىڭلارغا مۇھتاجمىز
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار: ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر؟
بۇ تېمىنى يېرىم يىل بۇرۇن يوللىغان ئىدىم،ھچقانداق ئىنكاس قايتمىغان ، بۇ ئائىلە بەك ئېغىر كۈنگە قالغاچقا يەنە يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم.
سىچۈەندىكى قىرىنداشلىرىمىز بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بۇلۇشۇپ ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى . 8مىليۇن نۇپۇسىمىز بار تۇرۇپ بىر قىرىندىشىمىزنى قۇتۇلدۇرالماسمىزمۇ؟
تۇرمۇشنىڭ ئاچىقىمۇ، تاتلىقىمۇ بار.. دەل مۇشۇ ئاچىقىنىىڭ ئېغىرىنى كۆرىۋاتقان بىر ئائىلىك بىزلەرنىىڭ ھەم سىلەرنىڭ ياردىمىغا تولىمۇ مۇھتاج..
قەشقەر شەھىرى يېڭشەھەر ناھىيە خانئېرىق بازىرى نوغۇت ئوماندىكى بىر ئائىلىك ئېغىر كۇنگە قالدى ، ئۇ بولسىمۇ ئابدۇشۇكۇر ئاكا ئائىلسى.. ئابدۇشۇكۇر ئاكا(51 ياش) بويۇن ئوسمىسى كېسىلى بىلەن ئۇرۇمچى شەھىرىگە 2007-11 -ئايدا كەلگەن ، ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولسۇمۇ ئىقتىساتنىڭ يېتىشمەسلىگى تۇپەيلى داۋالاش توختاپ قالغان. كىيىنكى تەكشۇرۇشتا بۇ ئاكىنىڭ سول بۆرەك تەرەپ ئۇستىغان چاك كەتكەن تۇپەيلى قەرىز ئېلىش ئۆي جابدۇقنى سېتىش ئارقىلىق ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان .لىكىن پېشكەلچىلىك بۇلارغىلا كەلگەندەك ئوپىراتسىيە قىلغان ئورۇنىڭ ئىچكى قىسمى يىرىڭداپ تۆۋەنگە يۇرۇشۋاتقان ،يەنىلا ئىقتىسات تۇپەيلى دوختۇرخانىدىن ئامالسىز كىيىنكى خەتەرگە تەۋۋەكۈل قىلىپ چىققان.
بۇ ئائىلدە 6 جان بولۇپ ئەڭ چوڭ ئوغۇل ئىمام جان بىلەن ئۇچىنجى ئوغۇل مەردان ئايرىم -ئايرىم تاۋۇز سېتىش ،ئاياق مايلاش
ئارقىلىق كۇندىلىك تاماق ، ئۆي ئىجارىسىنى قامداپ كېتىۋاتقان ، ئىككىنجى ئوغۇل ياقۇپجان شامىن ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان.
ئەڭ كىچىگى (مەرھابا) ئۆز يۇرتىدا تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان.
بۇ ئىشلانى دوختۇخانىغا كېسەل يوقلىغاچ قايتاشىمدا دوختۇرخاننىىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاياق مايلاپ ئولتۇرغان 3-ئوغۇل مەرداندىن ئىگىلىگەن.كىيىن ئۆيلىرىگە كىرىپ تېخىمۇ يەپسىلى چۇشەنچىگە ئىگە بولۇپ بۇ ياردەمگە تۇتۇش قىلىشىم.
ئۇلارنىڭ باشقا كىرىم مەنبەسىمۇ يوق. پەقەت بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق. خۇدايىم بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ ئەقلىگە ئەقىل قوشسۇن!!!!!!
ئابدۇشۇكۇر ئاكىنىڭ كېسىىلىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇچۇن 80مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن بۇ پۇل بۇلار ئۇچۇن خېلى گەپ
شۇڭا بۇلارغا خاتىرجەملىك ئاسايىشلىق يارتىپ بېرىش ئۇچۇن مۇنۇ مۇراجەتنامىنى يازدىم ...
قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۇمۇد قىلىمەن!!!
ھازىر توردا ئالدامچىلىق ئىنتايىن ئەۋج ئېلىپ كەتتى . شۇڭا گۇمان نەزىرىدە بولغۇچىلارغا خاتىرجەملىك يارتىش ئۇچۇن ئالاقىلىشىش نومۇرىمىزنى قالدۇردۇق.
مەن شۇ مۇنبەر ئەزاسى:ئەكرەم
. تۇرۇشلۇق ئورنۇم :شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فاكۇلتىتى.TEL:13639903324
مىنىڭ ناۋادا ئۇلانماي قالسا مىنى نومۇرغا ئۇرساڭلار بولىدۇ:ھەسەن :15999454145دىلنۇر:13609908855
سۈرەتلىك ماتىريال توۋەندە:
ئابدۇشۇكۇر ئاكا . بويۇندىكى ئوسمە باشنى يانغا قارىتىپ قويماقتا،
http://static16.photo.sina.com.cn/middle/4ddf9ac844e60e4374cbf&000
ئايالى تۇخانگۇل ھەدە بىلەن مايلامچىلىق قىلىۋاتقان ۋاپادار ئوغۇل مەردان

ياردەم قىلىدىغانلار مۇشۇ كارتا ئارقىلىق كۆڭلۈڭلارنى بىلدۇرسەڭلار
http://static12.photo.sina.com.cn/middle/4ddf9ac844e60e4377d3b&000
كارتا ئېلىنغان كىملىك (伊马木。阿卜社许库尔)

ھازىر توردا ئالدامچىلىق ئىنتايىن ئەۋج ئېلىپ كەتتى . شۇڭا گۇمان نەزىرىدە بولغۇچىلار راست ياردەم قىلىش نىيتىدە بولساڭلار بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار نەق مەيدانغا ئاپىرىش ئارقىلىق ئۆز كۆزىڭلار ئارقىلىق ئەھۋلدىن تۇلۇق خەۋەردار قىلىمىز.
ئاللا ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن..
قالدى گەپ بولسا ئىنكاس سۇپىتىدە قالدۇرساڭلار بولىدۇ،،،،
باشقۇرغۇچىلار بولسا بۇ تېمىنى باش بەتتە ئۇزۇنراق تۇرىدىغان قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنى ئاغرىق-سىلاقتىن نېرى قىلار.
شەبنەم ئەپەندى بىلەن بىر كۆرۈشسەم بۇلاتتى.