| ||||||
nur65 | غىيرىپ مىسكىنلىك (نۇر)گۆدەك تۇرۇپ مەن دادامدىن ئايرىلدىم، شۇندىن بېرى چۈشتى باشقا مىسكىن كۈن. غېرىپلىقنىڭ دەردى ئەزدى يۈرەكنى، يازمۇ قىشتەك، ھاتتا كۈندۈز ماڭا تۈن. ھېيت ئايەمدە مىسكىن بېسىپ دىلىمنى، ياد ئېتىمەن، ياش تۆكىمەن قەبرىگە. زار زار يىغلاپ كېچە كۈندۈز ياش تۆكتۈم، قېيىن كەلگەچ تەن بېرىشكە تەقدىرگە. چۈشسە باشقا ئېغىر كۈنلەر نە ئامال، دەرتكە دەرمان بولىدىغان ئادەم يوق. بۇ دۇنيادا يىتىم قېلىپ تۆكسەم ياش، كۆز ياشىمنى سۈرتىدىغان ئادەم يوق. تولا يىغلاپ كۆز يېشىممۇ قۇرىدى، ئەپسۇس بەخت ئۆزلىكىدىن كەلمىدى. ھال ئېيتساممۇ ئۆزگىلەرنىڭ كارى يوق، ھىچكىمدىنمۇ ماڭا خۇۋلۇق كەلمىدى. شۇنداق قىلدىم ئۆز ئۆزۈمگە بىر خىتاپ: بولدى قىلغىن ئەمدى يەنە تۆكمە ياش! سەنمۇ يىگىت، سەنمۇ ئوغلان قەيسەر بول، مۈشكۈل جاپا كۈنگە ھەرگىز ئەگمە باش. [ يوللىغانnur65تەرىپىدىن2008-10-04 10:49قايتا تەھرىر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
罗马王子 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىيجىڭدا بايرام ئۆتكىزەلمەي يەنە مىسكىن بولىدىغان بولدۇمدە بۇنى ئاڭلاپ
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sardar69 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاجايىپ تەسىرلىك ياخشى تىما بوپتۇ، شىىرمۇ شۇنداق ياخشىكەن .ئۇلۇغ ئايەم كۇنىدە كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە < دادەي> دىگەن مۇزىكىسىچۇ تېخى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
layli0323 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:مىسكىنلىككەتكەنلەرغۇ قايتىپ كەلمەيدۇ،
يىغلاپ- يىغلاپ كۈنۈپ كىتىمىز. تىرىك يىتىملەر بەخت كۆرمەيدۇ، بۇنىڭ قەدىرىگە قاچان يىتىمىز. | ||||
---|---|---|---|---|---|
nawatgul0991 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت سىزگە ،
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن ~! | ||||
---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | مۇشۇ ئۇلۇغ ئايەمدە رەھمەتلىك ئانامنى ئەسلەپ كۆڭلۈم پاراكەندە!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
otyak | يۈرەكنىڭ تارىسىنى مۇڭغا سالدىڭىز. بەك ياخشى يېزىپسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niha دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سەنمۇ يىگىت، سەنمۇ ئوغلان قەيسەر بول،
مۈشكۈل جاپا كۈنگە ھەرگىز ئەگمە باش. مۇشۇ مىسرالارنى بەك ياقتۇردۇم،رەھمەت!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
saadat قار~لەيلىسى | ھېيت-ئايەم كۈنلەردە قانداق كىشىلەرنىڭ(غېرىپ-مىسكىن)بولىدىغىنىنى دادامدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى تۇنجى ھېيتتا ھىس قىلىۋاتىمەن........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
خۇشچاقچاق | ماڭا بۇ مۇزىكا بەك ياقتى......
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇۋۋاق | مۇزىكا بىلەن تازا ماس كەپتۇ دىسە...
كۆڭلى يىرىملار پاڭڭىدە قىلىپ يىغلىۋەتمىسۇن............. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تېما چولپىنى | تولا يىغلاپ كۆز يېشىممۇ قۇرىدى،
ئەپسۇس بەخت ئۆزلىكىدىن كەلمىدى. ھال ئېيتساممۇ ئۆزگىلەرنىڭ كارى يوق، ھىچكىمدىنمۇ ماڭا خۇۋلۇق كەلمىدى. شۇنداق قىلدىم ئۆز ئۆزۈمگە بىر خىتاپ: بولدى قىلغىن ئەمدى يەنە تۆكمە ياش! سەنمۇ يىگىت، سەنمۇ ئوغلان قەيسەر بول، مۈشكۈل جاپا كۈنگە ھەرگىز ئەگمە باش. بەك ياىشى يېزىپسىز .ھەممە ئادەم بەختىنى ئۆزى يارتىدۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
Nazuk-qiman تۈگىمەس كارۋان | مېھرىبان ئاتىڭىزنى ئەسلەپ شەنىگە يازغان بۇ شېئىرىڭىز مۇزىكا بىلەن ماسلىشىپ كىشىنىڭ يۇرەك تارىسىنى تىترەتكۇدەك چىقىپتۇ ، راس ، كەتلەنلەر قايتىپ كەلمەيدۇ ! ئۇلۇغ ئايەم كۈنلىرىدە بىر ئۇلۇغ اللە سىزگە سەبرى بەرسون ! چۇنكى قايغۇرىۋەرسىڭىزمۇ ئاتىڭىزنىڭ روھىمۇ قورۇنۇپ قالىدۇ ، سەبرى قىلىڭ !!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pinhaninsan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇنداق قىلدىم ئۆز ئۆزۈمگە بىر خىتاپ:
بولدى قىلغىن ئەمدى يەنە تۆكمە ياش! سەنمۇ يىگىت، سەنمۇ ئوغلان قەيسەر بول، مۈشكۈل جاپا كۈنگە ھەرگىز ئەگمە باش. بەك ياخشى چىقىپتۇ!بەك تەسىرلەندىم.....رەھمەت سىزگە! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SirlihSayram دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تولا يىغلاپ كۆز يېشىممۇ قۇرىدى،
ئەپسۇس بەخت ئۆزلىكىدىن كەلمىدى. ھال ئېيتساممۇ ئۆزگىلەرنىڭ كارى يوق، ھىچكىمدىنمۇ ماڭا خۇۋلۇق كەلمىدى. سىز بىلەن كىمنىڭ كارى بولمىدى ؟ كۇلدىرۋېتەي مەيۇسلەنمەڭ ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|