| ||||||
...yasir | مۇنچىخانا خوجايىنى شەھەر باشلىقى بولماقچىكەنتايلانتىكى بەدەن ئۇۋلاش مۇنچىخانىسىنىڭ خوجايىنى شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قاتنىشىپ «ناتوغرا ساھە» نى تەرتىپكە سالماقچى بولۇۋاتىدۇ تايلاند پايتەختى بانكوكنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر باشلىقى سايلىمى 5 - ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتىدۇ . شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغان تايلاند «بەدەن ئۇۋلاش مۇنچىخانىسى شاھى» چوۋىت كامولۋېست (Chuwit Kamolvisit) ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تايىنىپ بىر قېسىم بانكوك شەھەر ئاھالىسىنىڭ رايىنى ئۆزىگە قاراتتى . چوۋىت كامولۋېست بايانات ئىلان قىلىپ : ئەگەر سايلىنىپ قالسا بانكوكتىكى «ناتوغرا ساھە» نى ئۈزۈل كىسىل تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ ساھە بىلەن ئۆمۈرۋايەت خوشلىشىدىغانلىقىنى ئىيتتى . بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن چوۋىت كامولۋېست تايلاند «بەدەن ئۇۋلاش مۇنچىخانىسى شاھى» دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بانكوكتىكى 6 ئورۇندا چوڭ تىپتىكى بەدەن ئۇۋلاش مۇنچىخانىسى بار . مۇنچىخانىدا دائىم قانۇنسىز تىجارەت ئىلىپ بىرىلغاچقا ساقچىلار دائىم كىلىپ «ئاختۇرغان» . 2004 - يىلى چوۋىت كامولۋېست ساقچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قاقتى - سوقتى قىلىشىغا چىداپ تۇرالماي ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بىر نەچچە يىلدىن بىرى يىغىپ كەلگەن ماتىرياللارلىرىنى ئاخبارات ۋاستلىرىغا ئاشكارىلاپ خەلقنىڭ ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا قارىتا نارازى بولۇش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . چوۋىت كامولۋېست شۇنىڭدىن ئىتىبارەن چىرىكلىككە قارشى ئاۋانگارت دەپ قارالغان . بىراق تايلاندتىكى ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، بانكوك شەھەر ئاھالىلىرى گەرچە چوۋىت كامولۋېستنىڭ مىجەزىنى ياقتۇرسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بانكوك شەھەر باشلىقى بولۇشىنى خالاپ كەتمەيدىكەن . چوۋىت كامولۋېستنىڭ نۆۋەتتىكى قوللاش نىسپىتى 2 - ئورۇندا بولۇپ ، 1 - ئورۇندىكى رىقابەتچىسىدىن %30 تۆۋەن ئىكەن . http://news.sina.com.cn/w/2008-10-03/014016390710.shtml | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
HALKQIL | توۋۋا بۇ ئادەم پارتىيە ئەزاسىمىدۇ؟ شەھەر باشلىقى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم كومۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولىشى كېرەكلىكى بۇ، كىچىك بالىلارمۇ بىلىدىغان ئاددى ساۋاتقۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaxkarlek دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | توۋا ،بىزلا قالدۇقمۇ نىمە؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
381666988 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | bu nima ix bulup katta
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MIMANAK دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خېلى يامانكەن-ھە~~~ چىرايىدىن پۈتۈن شەھەرنى مۇنچىخانا قىلىۋىتىدىغان چىراي ~~
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بىرىنىجى بولۇپ ئۆزنى تەرتىپكە سالدىكەندە؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
pilanit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇنچىسى بىلەن شەھەرنى تازلىماقچىمۇ نىمە بۇ ئاداش.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | بار ئەسكى ئىشلارنى ئۈزى قىلىپ يەنە تەلتۈكۈس تازىلايمەن دەپتۇ دە! ئۈزىدىن باشلىسا بۇلىدىكەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nol دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | باشلىق بولغىچە ئۇنداق ياساپ مۇنداق تازلايمەن دەپ سايلىغۇچىلارغا نىمە گەپ خوش ياقسا شۇنى دەيدۇ . بۇلۇپ بولغاندا ئاندىن ھە قاندىغىڭ غىڭ قىلىپ باقە قىنى دەپ كىلەركى سايلامغىچە بىلگىنىنى قىلىدۇ . تايلاند دىگەن بۇزۇق ئىشنىڭ ھەممىسى تىپىلىدىغان دولەت ، بۇ خەقمۇ شۇنداق باشلىقلارغا ئامراق بەلكىم . ئەمما زە بىزمۇ چاغلىق ، غىڭ قىلالماي سىلىنىڭ راس دەپ نەدىكى موزدۇزنى سايلاپ قويسىمۇ ئىككى كۇندە ۋاي شىجاڭ دەپ بىشىمىزغا چىقىرۋالىمىز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xamxar17 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ۋوججۇن،..«باي بولمىغان باي بولسا ئات ئورنىغا تاي مىنەر»دەپ،بۇنداق گۇيلار شەھەر باشلىقى بولسا ،نەدىكى چىرايلىق قىزلارنى مەجبۇرى مۇنچىخانىسىغا ئەكەلدۈرۈپ، جىق پۇل توپلىغاندىن كىيىن زۇڭتۇڭ بولىمەن دەپ داۋراڭ سالىدۇ. چۈنكى «چۈجە يەپ كۆنگەن ئىتنىڭ پۇتلىرىنى سۇندۇرۋەتسىمۇ يەنىلا يۇمۇلىنىپ بىرىپ بولسىمۇ چۈجە يەيدۇ» ئەمەسما! بۇنداقلارنىڭ خۇيىنى ئۆزگەرتمەك تەس. بىلىۋىلىڭلار تايلاندلىق مەزلۇملار.........................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بۇ ئاداش ئۇۋلاش مۇنچىسىدا تاپقان پۇلنىڭ كارامىتى بىلەن شەھەر باشلىقى بۇلاي دەپتۇدە ،،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
NURESLAM دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MAHMUTJAN110 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەن جۆيلىمەي بۇلدىلا قارسامغۇ شۇ مۇنچىخانىنىڭ ئۇۋىلاشچىسىدەك قىلدۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|