ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك كومپىيوتېر ئۇستىلىرى،سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان «شۇم خەۋەر» سىلەرگە بىر ئاز جاپا سالىدىغان «خەۋەر»، يەنە مېنىڭ نەچچە ئون پارچە شئېرلىرىم بار ئىدى،بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر پارچە ئېلكىتاب ياساپ بەرگەن بولساڭلار!
شئېرلار تۆۋەندىكىچە:
تۇغۇلدى
ئۆ.س.ياشلىق
پەسكەشنى سۆيدۈم،نەپرەت تۇغۇلدى.
جۈرئەتكە كۆيدۈم،ھىممەت تۇغۇلدى.
ۋاراقلاپ تارىخنى كۆردۈم،مىڭ ئەپسۇس...
ئۆلۈش ھەم ئۆلتۈرۈش...دۆلەت تۇغۇلدى.
لەۋزىمىز ھەق ئۈچۈن سۆزلەيدۇ ئەمما-
ھەقنى يەر مەنپەئەت،قىسمەت تۇغۇلدى.
قىينايدۇ كۆز كورلۇق،قىسمىتىم شورلۇق...
خىزىرنى ئۇچراتتىم شەپقەت تۇغۇلدى.
مەيخانە تۇپرىقى ھەييامغا قەبرە،
مەي ئۈچۈن ئۆلدى ئۇ -ھۆرمەت تۇغۇلدى.
كىبىردىن ساقلىغىن،ئەي ئۇلۇغ تەڭرىم،
شۇ سەۋەب شەيتانغا «لەنەت» تۇغۇلدى.
ئۇپۇقتىن ئىزدەيمەن ھەقنىڭ نۇرىنى-
سۈبھىدە كۆرۈنگەي...ئەلۋەت،تۇغۇلدى.
2008-يىل15-سېنتەبىر
مۇجەسسەم
ئۆ.س.ياشلىق
راھەتنىڭ لېۋىگە كۈلپەت مۇجەسسەم،
جاناننىڭ چېھرىگە سۈلكەت مۇجەسسەم.
يىللارنى ئۆتكۈزدۈم ئاھ،ئارمان ئۈچۈن،
شۇ يىللار مېھرىگە تاقەت مۇجەسسەم.
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا كۆيمىدى كىملەر،
بۇ ئىشىق دەردىگە شۆھرەت مۇجەسسەم.
شەپقەت قىلما ھەسرىتىم زىنھار،
ئۇيغۇرلىقىمغا ھېكمەت مۇجەسسەم.
2008-يىل17سېنتەبىر
كۆردۈم
ئۆ.س.ياشلىق
ھېكمەتلەرگە تويۇنغان ئالەم،
كۆكتە يانغان گۈلخاننى كۆردۈم.
بايلىق ئۈچۈن يارالدى ھەممە،
ئۆلۈۋالغان ۋىجداننى كۆردۈم.
تالان-تاراج بولدى ھېسسىيات،
ئىبلىس قۇرغان ئايۋاننى كۆردۈم.
سۆڭەكلەردىن ياسالغان ئۇلى،
شېھىت بولغان ئىماننى كۆردۈم.
يار،كۆزلىرىڭ شۇ قەدەر خىرە،
ئۆچۈۋاتقان ئارماننى كۆردۈم.
كۆز ياشلىرىڭ ئاجىزلىق ئەمەس،
كۆيۈۋاتقان تۇغياننى كۆردۈم.
قوللىرى قان،ئۈستى-باش ئالتۇن-
يالتىرىغان خاقاننى كۆردۈم.
ئاھ،كۆزۈمنىڭ ئىچىدە ئۆچتى،
ئاداققى رەت چولپاننى كۆردۈم.
2008-يىل21-سېنتەبىر
تامام سۆيگۈ قىسسىسى يالغان
ئۆ.س.ياشلىق
پەرھاد-شىرىن قىسىسسى يالغان،
تاھىر ئاشىق ئەمەس زۆھرەگە.
كىم كۆرۈپتۇ ۋامىق-ئوزرانى،
نە پايدا بار مەجنۇن ئۆلگەنگە؟
سۆيگۈ ئۈچۈن داستان يازارمىش،
چىن سۆيگۈنى كۆرمىگەن شائىر.
قەغەز-قەلەم دەردتە يىغلارمىش،
قايسى ئەلدە چىن سۆيگۈ ھازىر؟
كاككۇك قاچان قايتىپ كەلگەن بار،
زەينەپ سايراپ ئارماندا ئۆلسە.
پەرھاد بېشى كېسىلگەي،خىسراۋ-
قوللىرىدا مىسرانى كۈلسە...
«سۆيگۈ ئۈچۈن يارالغان دۇنيا»،
...سۆزلىشىدۇ داستانلىرىمىز.
مىيىقىمدا كۈلۈپ قويىمەن،
ھەر نېمە دەر شەيتانلىرىمىز!
تامام سۆيگۈ قىسسىسى يالغان،
قايسى بابتا ۋىسال تاپقان بار.
سۆيگۈ ئۆزى ــ ئۆلۈۋېلىشمۇ؟
نەدە شۇنداق ئەخمەق جانان بار؟؟؟
تامام سۆيگۈ قىسىسىسى يالغان،
چۆچەك بۇلۇپ ئەلگە تارالغان.
2008-يىل22-سېنتەبىر
تىلەك
ئۆ.س.ياشلىق
گادايلىقتا سۆيگۈ ئارمانىم،
زاھىتلىقتا خىلۋەت ماكانىم.
جەڭگە ئەمەس،ئىشرەتكە ماڭدىم،
ئارمان بىلەن ئۆلدى سۇلتانىم.
تاڭ ۋەسلىگە ئىنتىلەر يۈرەك،
ئاھ،ئۆچمىسۇن يۇلتۇز چولپانىم!
كۆزلىرىمدە ئەگىيدۇ كۆز ياش،
يار كەينىدىن كەتتى پالۋانىم.
مۇساپىرلىق قىينىغاي جاننى،
ئۆز ۋەتەندە يىغلار سەرسانىم.
تا ھەققە جان تەسلىم قىلارمەن،
ئايرىلمىغاي مەن ئىمانىم!
2008-يىل24-سېنتەبىر
يىغلار
ئۆ.س.ياشلىق
جايناماز ئۈستىدە تۇرسام،تېنىم ئىچرە كى جان يىغلار.
مۇشەققەت دەشتىدە يۈرسەم،خۇرجۇنۇم ئىچرە نان يىغلار.
جامالى ھەقنى ئىزدەرمەن،تېنىم تۇپراقىدا تەنھا،
«رىيازەت تارتقىنىڭ نە چۈن؟»دېبان بىر ئاھ،نادان يىغلار.
تەپەككۇر شولىسى بىرلە سالارمەن كۆككە نۇر ــ كۆۋرۈك،
يىگانە ھالدا كەزسەم چۆل،قانايدۇ پۇت-تاپان يىغلار.
نەۋائىي نەزمىلەر پۈتتى،شاھ مەشرەپ دەردتە كۆز يۇمدى،
«دىۋان مەشرەپ» قەيەردە سەن،يەنە «خەمسە دىۋان»يىغلار.
تالاي يىل كۈتتۈم دىلدارنى،بۇلۇرلەر تاقىتىم بەرباد،
كۆزۈم يۇمماققا تەييارمەن،كېتەر چاغدا جانان يىغلار.
2008-يىل30-سېنتەبىر
ئۇرسۇن
ئۆ.س.ياشلىق
بالاغەت قىلدى ۋىجدانسىز مېنى ، قاقشاشلىرىڭ ئۇرسۇن .
سۇمبۇل چاچىڭدا باغلاپ ئال ، قىياقتەك قاشلىرىڭ ئۇرسۇن .
ئەزەك داستانىدا پۈتمىش : « ۋاپاغا مىڭ جاپا باردۇر » ،
بۈگۈن مەھشەردىمەن ، دىلدار ، قەھىر چامداشلىرىڭ ئۇرسۇن .
« تۇزى كورلۇقتا كىم يەككە؟ »،ئۆزۈم ئىقرارى بۇ گەپكە ،
غەزەپ كۈلكەڭدە بۇيرۇق قىل ، ياران - يانداشلىرىڭ ئۇرسۇن .
ئۇراي باشىمنى مەن ھەققە ، گۇناھىم ھەققىدە مىڭ - مىڭ ،
خۇدا بەرگىن نىجاتلىقنى ، نىگار چىمداشلىرىڭ ئۇرسۇن .
مېنىڭدەك ئەسلى تۇزكورغا نىچۈككى ، يار كۆڭۈل بەردىڭ ،
دىلىمدا قىلچە « ئەپسۇس... » يوق ، قىيان كۆز ياشلىرىڭ ئۇرسۇن .
2008-يىل1-ئۆكتەبىر
قەلبىم
ئۆ.س.ياشلىق
نىگارسىز تۈندە مىسكىن دىل ، ۋىسالغا ئىنتىزار قەلبىم .
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەچ ، بۇلۇرلەر شەرمىسار قەلبىم .
قىزىلگۈل بەرسە پاسىقلار ، نىگارغا ئاھ ، (مېنىڭ دەردىم... ) ،
ئەلەمدە ئۆرتىنەر ، ئەمما قاچانمۇ ئويغىنار قەلبىم .
ۋۇجۇد سەھراسىدا تەنھا ، تەپەككۇر ھەمراھىم بولسا ،
تامام دۇردانىلەر سۈزسەم ، مىسلى ئوت بوپ يانار قەلبىم .
دىۋانە قىلدى ئىشقىڭ ، يار مېنى دۈشمەنلىرىم ئىچرە ،
كېتىپ چۆللەرگە مەجنۇندەك ، كۆكتە يۇلتۇز سانار قەلبىم .
مېنىڭ زاھىتلىقىم يالغان تەپەككۇر باغىدا ، ئەمما ــ
سۆيگۈ خارابىسى ئىچرە زاھىتقا ئايلىنار قەلبىم .
مېنى « مەردانە » ئېيتقانلار - گۆرۈم كولاشقا تەيياردۇر ،
« ھەقىقەت » تونىغا كىرگەن بۇزۇقلارنى ئۇرار قەلبىم .
بولدى بەس ، سۆزلىمە ياشلىق قەلەم بورانلىرى بىرلە ،
ھۆكۈم سۈرگەي دەۋرلەر ھەق ، جاكارلا: « ئويلىنار قەلبىم ! » .
2008-يىل ، 2 - ئۆكتەبىر
داۋامى ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىدۇ...