تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 2218ـ ئوقۇرمىنى
...yasir

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 31302
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 266
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە266دانە
شۆھرەت: 364 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 500 سوم
تۆھپە: 38 نۇمۇر
ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-31
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 سابىق ئايال جاسۇس

  سابىق ئايال جاسۇس ئىسرائىلىيىنىڭ زۇڭلىسى بولدى




18 – سېنتەبىر ئىسرائىلىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا داڭلىق ئايال جاسۇس، ئىسرائىلىيىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە  ئالغا پارتىيىسىدىكى 2 – نومۇرلۇق شەخس، 1 – مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى توغرىسىدىكى خەۋەرنى باستى. 17 – سېنتەبىردىكى ئاۋاز بېرىشتە، ئۇ ئازراقلا ئۈستۈنلۈك بىلەن رىقابەتچىسىنى يېڭىپ، ئالغا پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چوڭقۇر پاتقان ئولمېرتنىڭ ئورنىغا چىقتى. ناۋادا ئۇ يېڭى ھۆكۈمەتنى ئوڭۇشلۇق تەشكىللىيەلىسە، مايۇر خانىمدىن كېيىنكى ئىسرائىلىيىنىڭ ئىككىنچى ئايال زۇڭلىسى بولۇپ قالىدۇ. تۆت يىل موسادنىڭ جاسۇسى بولغان بۇ ئايال دىپلوماتىيىدىكى تالانتى ۋە مۆتىدىل مەيدانى بىلەن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بىراق تەھلىلچىلەر: لىۋنى زۇڭلى مەھكىمىسىگە كىرىشتە يەنە مۈشكۈل جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ، دەپ قارىدى.

لىۋنى ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ‹‹زېمىن بەدىلىگە تىنچلىققا ئېرىشىش›› نى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش، كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ ئىران، خاماس ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، پاسىل تام توغرىسىدىكى مەيدانى قاتتىق بولدى. ئۇنىڭ دىپلوماتىيىدىكى تالانتى ۋە مۆتىدىل مەيدانى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ ئوبزورىدا: ‹‹لىۋنىنىڭ ئىسرائىلىيىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىن باشقا جەھەتلەردە ئىناۋىتى ئاساسلىق رىقابەتچىسىدىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆھبەتلىشىش مەسىلىسىدىكى مەيدانى ناھايىتى قاتتىق›› دېيىلدى. ‹‹ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى›› نىڭ 18 – سېنتەبىردىكى ماقالىسىدە: پەلەستىن رەھبەرلىرى لىۋنىنى ئىشىنىشكە بولىدىغان شەخس، دەپ قارايدۇ ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى رېسمۇ ئۇنىڭغا قايىل، دېيىلدى. بۇنىڭ ئەكسىچە  ئىسرائىلىيە دۆلەت ئاخبارات قانىلى تورى پونكىتى خەۋىرىدە، ئامېرىكا لىۋنىغا ئوخشاش تىنچلىق ھەمراھىغا موھتاج، دېيىلدى.

ئەلۋەتتە، لىۋنىنىڭ زۇڭلى مەھكىمىسىگە كىرىشى مۈشكۈل بىر جەريان. ئۇنىڭ ئالتە ھەپتە ئىچىدە ئىچكى كابىنېت تەشكىللىشى ئاسان ئەمەس، ئەگەر كابىنېت تەشكىللەش مەغلۇپ بولسا، كېلەر يىلى 3 – ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، زۇڭلى سايلىنىدۇ. ھازىر لىۋنى سۆھبەت ئارقىلىق باشقا تىنچلىق سۆھبىتى مەسىلىسىدە مەيدانى تېخىمۇ قاتتىق بولغان دىن ساھەسىدىكىلەر قاتارلىق گۇرۇھلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە موھتاج. ئەنگلىيە ‹‹تايمىس گېزىتى›› نىڭ 18 – سېنتەبىردىكى ئوبزورىدا: يېقىنقى نەچچە ئايدا، لىۋنى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ سابىق زۇڭلى ئولمېرتنىڭ قولىدىن قاتمۇقات زىددىيەت ۋە ھەر كىم ئۆز ئالدىغا چوت سوقىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، دېيىلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – سېنتەبىردىكى ماقالىسىدە تەھلىل قىلىنىپ: لىۋنى پەلەستىن بىلەن داۋاملىق تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يوشۇرۇن سىياسىي شېرىكلىرى بىلەنمۇ مۇرەككەپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، بىراق يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئاساسلىق پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پىلانى بولغاچقا، كابىنېت تەشكىللەش يولى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، دېيىلدى.
 


ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى




17 – سېنتەبىر، يەمەن پايتەختى سەنئادىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بىر ئاپتوموبىل ئەلچىخانا ئەتراپىدا پارتلىدى ھەم زەنجىرسىمان پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تېررورچىلار ئەلچىخانا بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل يەمەن ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تېررورچىلار يەنە راكىتا بومبا ئىشلەتكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئون ساقچى ۋە پۇقرا پارتلاشتا قازا قىلغان، ئالتە تېررورچى ئۆلگەن. ‹‹ئىسلام غازاتچىلىرى›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات بۇ ۋەقەگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

شۇ يەر ۋاقتى سائەت 9 دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تىپتىنچ ئىدى. تۇيۇقسىز لىق بومبا ۋە پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل ئەلچىخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك كېلىپ، ناھايىتى تېزلا ئەلچىخانىنىڭ ئېھتىيات سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتتى ھەم پارتلىدى، تېلېۋىزور ئېكرانىدىن قارىغاندا، بىردەمدىلا ئەتراپنى ئىس – تۈتەك قاپلاپ، ئوت ئۇچقۇنلىرى يامراپ كەتكەن.

ئارقىدىنلا، يەنە بىر ئاپتوموبىل ئەلچىخانا ئالدىغا ئۇچقاندەك يېتىپ كەلگەن، ئاپتوموبىلدا ساقچى فورمىسى كىيگەن، تولۇق قوراللانغان تېررورچىلار ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئەلچىخانىدىكى يەمەن ساقچىلىرىغا قارىتىپ غالجىرلارچە ئوق چىقارغان، ئىككى تەرەپ جىددىي ئېتىشقان. نەق مەيداندىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار راكىتا بومبا ۋە بەزى يېنىك قوراللارنى ئىشلەتكەن. ئېتىشىش تەخمىنەن 15 مىنۇت داۋاملاشقان، ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان، يولدىن ئۆتۈۋاتقان پۇقرالارمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغان.

تۇنجى ئاپتوموبىل پارتلىغاندىن كېيىن، ئېتىشىشقا ئەگىشىپ يەنە بىر قانچە قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى گىرېھا: پارتلاشتا ئەلچىخانىنىڭ دەرۋازىسى بۇزۇلدى، ئەمما ئىچىدىكى قۇرۇلۇشقا تەسىر يەتمىدى، دېدى. بۇ، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان 2 – قېتىملىق ھۇجۇم. بۇ يىل 3 – ئايدىكى 1 – قېتىملىق ھۇجۇمدا، قوراللىق كىشىلەر شۇ يەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى ۋە بىر ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، 19 ئادەم يارىلانغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ‹‹ئىسلام غازاتچىلىرى›› دەپ ئاتىلىدىغان يەمەن تارماق ئورگىنى بۇ ۋەقەگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەم يەمەن ھۆكۈمىتىدىن  تۈرمىدىكى ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىشنى، بولمىسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ تەشكىلات يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يەمەندىكى ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىمىز، دەپ جار سالغان.

ئاقساراي شۇ كۈنى تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەم يەمەندە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى. ئاقساراي باياناتچىسى گوردون: ‹‹ئامېرىكا بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدۇ، بۇ ۋەقە بىزگە دۆلەت ئىچى – سىرتىدا چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلارنىڭ تەھدىتىگە داۋاملىق ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى››، دېدى. بۇش ئامېرىكا بىلەن يەمەننىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، چېكىدىن ئاشقان ئۇنسۇرلارغا توختىماي زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار خېلى بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىن لادىن گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا توغۇلغان بولسىمۇ، ئۇزاقتىن بويان يەمەننى ئاساسلىق پائالىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يەمەن تېررورلۇقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەمەندە باي – نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشى، ئىسلام ئەسەبىلىرىنىڭ دىننى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىشى قاتارلىق ئامىللار ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ۋە ھەر خىل تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى، بۇ، ئۇ يەردىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۈشكۈل ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.



روسىيە رېسنىڭ ‹‹تۆمۈر پەردە نۇتقى››غا رەددىيە بەردى




ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى رېس 18 – سېنتەبىردىكى  نۇتقىدا روسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدا گرۇزىيىگە قىلغان ‹‹تاجاۋۇز››ىنى قاتتىق سۆكۈپ، روسىيىنى ‹‹ئىچكى جەھەتتە مۇستەبىتلىك، تاشقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىق قىلدى››، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ئۇنىڭ روسىيە – گرۇزىيە توقۇنۇشىدىن بۇيان روسىيىنى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلىشى بولۇپ، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى ئامېرىكىنىڭ روسىيىگە قاراتقان سىياسىتىدىكى ‹‹تۆمۈر پەردە نۇتۇق›› دېدى. بۇنىڭغا قارىتا، روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ رەددىيە بېرىپ: بۇ ئىشنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ روسىيە فېدېراتسىيىسىگە زۇڭتۇڭ تاللاپ بېرىشكىچە تەرەققىي قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

رېس: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىغا چىقىپ روسىيىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك، دېدى. ئۇ نۇتقىدا: ئامېرىكىنىڭ روسىيىگە قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك نىشانى بارلىق ‹‹مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە روسىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، روسىيىنى ھەرىكەت شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش››، دەپ ئېنىق ئېيتتى. ئۇ: روسىيىنىڭ ھازىرقى خەلقئارا نوپۇزى 1991 – يىلىدىن بۇيانقى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن چۈشۈپ كەتتى، بۇ خىل ئۆزىنى ئۆزى يېتىم قالدۇرۇشنىڭ بەدىلى بەك زور، دېدى.

بۇ قاتتىق ئىبارىلىك ئەيىبلەشكە روسىيە دەرھال رەددىيە بەردى. روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ 19 – سېنتەبىر كرېمىل سارىيىدا بىر بىرەسمىي تەشكىلاتنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا: غەرب دۆلەتلىرى روسىيىنى يېڭى ‹‹تۆمۈر پەردە››دەۋرىگە قايتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتمۈشكە قايتىشىمىزنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، بىز ئۆز يولىمىزنى تاللاپ بولدۇق.

روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن رېسنىڭ قاتتىق ئىبارىلىك سۆزىگە قارىتا: روسىيە غەرب بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلمايدۇ، دېدى. ئۇ سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: روسىيە دۇنيا ئىقتىسادىغا يەنىمۇ سىڭىپ كىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، روسىيىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە قايتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق غەرەز روسىيىنىڭ ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ.

روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 19 – سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا مۇناسىۋەت ھازىر بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇ ئامېرىكا – روسىيە مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز بۇ توغرىلىق ئورۇنسىز يەكۈن چىقارماقچى ئەمەس. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ۋائىزلىق قىلىش بىلەن بىللە، دۇنيا بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىنىمۇ خالىمايمىز. بىلىشىمىزچە، بۇنداق ھوقۇققا ۋاشىنگتوننىڭلا ئەمەس، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ  سالاھىيىتى توشمايدۇ. موسكۋا دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە، بىز ئامېرىكا – روسىيە مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا – روسىيە خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنىمۇ خالىمايمىز.

بۇ ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› غا قارىتا ئامېرىكا – كانادا تەتقىقات ئورنى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇتكىن 19 – سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ۋاشىنگتوننىڭ روسىيىگە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ھېچقانچە دەسمايىسى يوق... ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن ئاغزىغا كەلگىنىچە ئەيىبلەشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى. روسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ۋەكىلى ماركوۋ مۇنداق دېدى: رېس ھازىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمىدى، بەلكى چېنى باشچىلىقىدىكى روسىيىگە قارشى گۇرۇھنىڭ مەيدانىدا تۇردى، بۇ ‹‹بازا›› تەشكىلاتىدىن قالسا دۇنيانىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر كۈچ. سىياسىيون دۇدىن: رېسنىڭ بۇ نۇتقى ئەسەبىيلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس، دەپ قارىدى.




پاكىستان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى




پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى ماررىئوت مېھمانسارىيى 20 – سېنتەبىر كۈچلۈك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى: تېررورچىلار ‹‹ئاز دېگەندىمۇ بىر توننا كېلىدىغان›› بومبا بىلەن بۇ داڭلىق مېھمانساراينى پارتلىتىۋەتتى. پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، 53 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى دەلىللەنگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن چەت ئەللىك بولۇپ، چېخنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 266 كىشى يارىلانغان. پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر تېررورچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ بەزىلىرى: بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى ‹‹ئامېرىكىغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمەسلىك›› كە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان، دېسە، يەنە بەزى تەھلىلچىلەر، بۇ ‹‹كاپىتالىزمنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى سېلىنما نىشانىغا بېرىلگەن ئېغىر زەربە›› دېدى. كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئالدىدا، بىر قىسىم كىشىلەر ‹‹بىخەتەر مۇشەررەف دەۋرى›› ىنى سېغىندى.

شۇ يەر ۋاقتى 20 – سېنتەبىر سائەت 20 دە، پاكىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، پارلامېنت بىناسىغا يېقىن جايدىكى ئىسلامئاباد ماررىئوت مېھمانسارىيىنىڭ چىراغلىرى يورۇق بولۇپ، ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ مۇخبىرى ئايالى بىلەن بىللە بۇ مېھمانساراينىڭ ياپونچە تاماقخانىسىدا بىر مېھماننى كۈتۈۋاتاتتى. ئەمدىلا تاماقتىن ئىلگىرىكى كاۋاپقا ئېغىز تېگىلىپ، باشقا تاماقلار تارتىلاي دېگەندە، ‹‹گۈم›› قىلغان دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۈستەلدىكى قاچا – قۇچىلار ھەريان چېچىلدى، ئارقىدىنلا پۈتكۈل مېھمانساراي قاراڭغۇلۇقتا قالدى، كىشىلەر ئۆرە – تۆپە بولۇشۇپ، قىيا – چىيا جاھاننى بىر ئالدى. پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 21 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان سىنئالغۇ لېنتىسىدىن قارىغاندا، بىر تېررورچى لىق پارتلاتقۇچ قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ مېھماساراينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان، نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئاپتوموبىلدىكى پارتلاتقۇچ پۈتكۈل مېھمانساراينى خانىۋەيران قىلغان.

مېھمانساراينىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يورۇتۇش قۇرۇلمىسى تېزلا يورۇتۇلغان، مۇخبىر شۇ چاغدىلا كىشىلەرنىڭ پارتلاش زەربىسىدىن چۇل – چۇل بولغان ئەينەكلەر بىلەن يارىلانغانلىقىنى، پۈتكۈل تاماقخانىنىڭ توپا – چاڭغا تولغانلىقىنى كۆرگەن. مۇخبىر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كىشىلەرگە ئەگىشىپ، يەرگە چېچىلغان ئەينەك پارچىلىرىنى دەسسەپ ئۆتۈپ مېھمانساراينىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار ھويلىسىغا چىققان، مېھمانسارايدىن ئوت يالقۇنى كۆككە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، مېھمانساراينىڭ چوڭ ئىشىكى پارتلاشتا ۋەيران بولغان، تايلاندچە تاماقخانا، جۇڭگوچە تاماقخانا، چوڭ زال پۈتۈنلەي تۈگەشكەن، ھەممىلا يەر پارتلاشتا ئۆرۈلگەن لىملار بىلەن تولغان بولۇپ، مېھمانساراينىڭ ئەينەكلىرى پارتلاش زەربىسىدىن چۇل – چۇل بولۇپ كەتكەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېھمانساراي ئاساسىي بىناسىنىڭ ئالدىدا ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئازگال پەيدا بولغان. ساقچى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى گارداچىنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاتقۇچ تەخمىنەن 1 توننا كېلىدىكەن. پارتلاشتا يەنە مېھمانساراينىڭ گاز تۇرۇبىسى يېرىلىپ، پۈتكۈل مېھمانسارايغا ئوت كېتىپ، نۇرغۇن مېھمان كۆيۈپ ئۆلگەن.

مۇخبىرنىڭ كېيىن خەۋەر تېپىشىچە، شۇ چاغدا پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى قىيانى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى زۇڭلى جىلانىنىڭ قەسرىدە كەچلىك تاماقلىنىۋاتقانىكەن. پاكىستاندا چىقىدىغان ‹‹خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ 21 – سېنتەبىردىكى سانىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يەر قاتتىق قوغدىلىدىغان بولۇپ، ئاسانلىقچە قول سالغىلى بولمىغاچقا، تېررورچىلار پارتلاتقۇچ قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ماررىئوت مېھمانسارىيىغا ھۇجۇم قىلغان. ماررىئوت مېھمانسارىيى ئامېرىكا ماررىئوت مېھمانسارىيى گۇرۇھىغا تەۋە بولۇپ، پاكىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت مېھمانلىرى بۇ يەرگە چۈشىدۇ. بۇ يەردە يەنە پاكىستان يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كۇلۇبى بولۇپ، خەلقئارالىق نۇرغۇن مۇھىم يىغىنلارمۇ بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى پارتلاشتا چېخنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قازا قىلغان، دانىيىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئىز – دېرىكى يوق. يارىدارلارنى داۋالاۋاتقان ئىككى دوختۇرخانىنىڭ دەسلەپكى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يارىلانغانلار ئارىسىدا نۇرغۇن چەت ئەللىك بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئەنگلىيىلىك، تۆت گېرمانىيىلىك ۋە بىر ئامېرىكىلىق، بىر دانيىلىك، بىر سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق، بىر ماراكەشلىك، بىر لىۋىيىلىك، بىر لىۋانلىق ۋە بىر ئافغانىستانلىق بارلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى راھمان مالىك شۇ يەر ۋاقتى 21 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: پاكىستان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشىنى رەت قىلدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بەزىلەر بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق قىسىمى زەربىدارلار ئەترىتىنى ئەۋەتىپ پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېدى، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى››.

پاكىستاندىكى ئىنگلىز تىلىدىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 21 – سېنتەبىر ‹‹پاكىستاندىكى 11 -سېنتەبىر››، ‹‹ۋەتەننىڭ يۈرىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى››، ‹‹پايتەختنى تېررورلۇق ۋە كۆز يېشى قاپلىدى››، ‹‹پاكىستاندىكى كۈرەش›› قاتارلىق ماۋزۇلار ئارقىلىق 20 – سېنتەبىر كەچتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سۈپەتلىدى.

پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى 21 – سېنتەبىر سەھەردە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئېكسترىمىزمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىپ، پاكىستاندا تېررورچىلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. زەردارى پارتلاش ۋەقەسىدىن نەچچە سائەت ئىلگىرىلا پارلامېنت ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسەت باياناتىنى ئېلان قىلىپ، تېررورچىلار بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 21 – سېنتەبىر، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى پاكىستان – ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىغا يوشۇرۇنغان ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنى بۇ پارتلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ ئەيىبلىدى.

ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ۋە ئامېرىكا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگلىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى 21 – سېنتەبىر پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۈرەشكە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



جەنۇبىي ئافرىقا مبېكى دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇردى



جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە  ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ تەلىپى بىلەن، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى مبېكى 21 – سېنتەبىر مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بارېتا مبېتقا ئىستېپانامە سۇنۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، 2009 –  يىلى 4 – ئايدا ئاخىرلىشىدىغان زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتىنى بالدۇرلا ئاخىرلاشتۇردى. 

جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى 20 – سېنتەبىر قارار ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ مبېكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى بىردەك تەلەپ قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسىنىڭ باش شۇجىسى مانتاشې ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت پارتىيە ئىچىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە رەھبەرلىك كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

مبېكى پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ: جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسى مەملىكەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى ۋە مىللىي مەجلىسىنىڭ ئۇ مۇئاۋىن زۇڭلى ۋە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 14 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسىنىڭ توساتتىن مبېكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى جەنۇبىي ئافرىقا جەمئىيىتىدە كۈچلۈك بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دېكلىرىك: ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشمىغان زۇڭتۇڭنى مەجبۇرىي تەختتىن چۈشۈرۈش ناھايىتى كۆڭۈلسىز ئىش، دېدى. ئۇ يەنە مبېكىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مبېكىنىڭ كۆپلىگەن قوللىغۇچىلىرى مۇنداق قارىدى: ئەگەر زۇڭتۇڭدا خاتالىق بولسا، قانۇنغا ئاساسەن ئەيىبلەنسە بولىدۇ،جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسىنىڭ قارار چىقىرىش شەكلى بىلەن مبېكىنى مەجبۇرىي تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىشى ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال.

تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: سىياسىي نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مبېكىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. جەنۇبىي ئافرىقىدا گەرچە ئۆتكەن نەچچە يىلدا ئىقتىساد ئۇدا مۇقىم ئاشقان بولسىمۇ، مبېكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولمىدى، ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاغرىنىشلىرى بەك كۆپ بولدى.

يەنە بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ‹‹مبېكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى جەنۇبىي ئافرىقا پېتىرمارىتىسبۇرگ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ 12 –  سېنتەبىر زۇمانىڭ چېرىكلىشىش دېلوسىغا چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك››. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر سودىيە 12 – سېنتەبىر جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسىنىڭ داھىيسى، سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ زۇما ئۈستىدىن چىقىرىلغان چىرىكلىشىش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ‹‹بۇ دېلو سىياسىينىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىدى، زۇما خاتا ئەيىبلەندى، ئۇ بىر مەيدان سىياسىي سۈيقەستنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى›› دېدى. ئارقىدىن مبېكى زۇما دېلوسىغا قول تىقتى، دەپ ئەيىبلەندى. 2005 – يىلى مبېكى مالىيە مەسلىھەتچىسىنىڭ قورال – ياراغ سودىسى پارىخورلۇق دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن زۇمانى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانىدى.

بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى زۇما كېلەر يىلى 4 – ئايدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇشى مۇمكىن.



ئەسلى مەنزىل : يەر شارى ۋاقىت گېزىتى

ھازىرقى مەنزىل : شىنجاڭ گېزىتى
ھەقىقىي مىسۋاك
ئەگەردە كەلسە شۇنداق بىر كۈنلەر ،
ئۈزۈمنى كۆرسىتەرمەن پۈتۈن دۇنياغا .
| ۋاقتى : 2008-10-02 19:07 [باش يازما]
kaxkarlek

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 57522
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
شۆھرەت: 45 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 385 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :134(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-18
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت....
http://www.zj50.cn/R.aspx?%=ABDU
| ۋاقتى : 2008-10-02 19:17 1 -قەۋەت
tughrul
ئانا تىلنى  قوغداش شەرەپ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2173
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2173دانە
شۆھرەت: 2189 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 390 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :468(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-15
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولدۇم رەھنەت.
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-10-02 21:02 2 -قەۋەت
Ana-makan

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60333
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-27
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولدۇم رەھنەت
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-02 22:23 3 -قەۋەت
atlan365

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60567
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە86دانە
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-30
ئاخىرقى :2008-10-03

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولدۇم رەھنەت
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-02 23:45 4 -قەۋەت
xehla

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 58624
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە194دانە
شۆھرەت: 195 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1940 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :143(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-03
ئاخىرقى :2008-10-03

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-10-03 12:10 5 -قەۋەت
ismailkari

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60549
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-30
ئاخىرقى :2008-10-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

bak paqat hawar ikan jumu      
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-03 12:24 6 -قەۋەت
dilpara0903

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 1272
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 185
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە185دانە
شۆھرەت: 185 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1832 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-02-02
ئاخىرقى :2008-10-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

جاسوس ئايال نېمە دېگەن ھەيۋەتلىك ئىبارە ....    
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
دىلپارە...
ھەممىمىز ياۋا كەپتەر!!
| ۋاقتى : 2008-10-03 12:25 7 -قەۋەت
temurqin

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7180
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 618
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە618دانە
شۆھرەت: 630 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6058 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :492(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-08-06
ئاخىرقى :2008-10-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاڭلىسام روسىيدىكى پارىخورلۇق دېلولىرى دۆلىمىزگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى ئىكەن .
izlax.com
پەقەت ساراڭلارنىڭلار ئۆز تىل - يېزىقى بولمايدۇ .
| ۋاقتى : 2008-10-04 22:59 8 -قەۋەت
muzat2008

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58999
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :50(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-08
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئىسرالىيىنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭلىسى مايۇر خانىم ئەمەس ، مېلىر خانىم .
| ۋاقتى : 2008-10-05 02:51 9 -قەۋەت
رازىيە

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 14278
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 686
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە686دانە
شۆھرەت: 687 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6689 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :117(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-10
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ۋاي ۋۇي كۈزى يۇق قۇلىقى يۇق كىشلەر ياشايدىغان دۆلەتمۇ ئو؟
قاراپ تۇرۇپ سايلامدا بىلەت تاشلاپ يۈرگىننى !
ھەقىقىي مىسۋاك
گۈزەللىك سەندە
| ۋاقتى : 2008-10-05 12:04 10 -قەۋەت



Time now is:10-05 16:20, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质