تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 1123ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: سۆزنەك-ئەرلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
birzat
مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 37114
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 129
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە129دانە
شۆھرەت: 141 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 67015 سوم
تۆھپە: 127 نۇمۇر
ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :380(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-01
ئاخىرقى :2008-10-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 سۆزنەك-ئەرلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكى


مەنبە: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى http://blog.78.la/u/123horunmuxuk



سۆزنەك - تارقىلىش دائىرىسى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن، يۇقۇش سۈرئىتى تېز يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ يۇقۇردىكى ئىستاستىكىدا ئېيتىلىشىچە پۈتۈن دۇنيادىكى سۆزنەك باكتىريىسى بىلەن يۇقۇملانغان كېشىلەرنىڭ سانى 1999-يىلى 62 مىليون بولغان. 2005-يىللىق يەنە بىر ئىستاستىكىدا 270 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.



يۇقۇردا كۆرسىتىلگەن جەدۋەلدىكىسى سۆزنەك بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ يېشى ئىستاستىكا قىلىنغان بولۇپ 15 ياشتىن يۇقۇرى 19 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بۇ خىل باكتىريە بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك تەرجىمانى 0999 يۇرت ئەپەندى بۇندىن كىيىن بلوگىمىزنى جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەققىدە يازمىلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

سۆزنەك



سۆزنەك _ سۆزنەك شارچە باكتېريىسى(淋球菌 )قوزغايدىغان سۈيدۈك ئاجىرتىش -كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشى بولۇپ ، ئاساسلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق سۈيدۈك يوللىرى ، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى ، تۈز ئۈچۈي ، مەقئەت ئەتراپى ، كۆز ، يۇتقۇنچاق يۇقۇملىنىدۇ ھەمدە يەرلىك ياللۇغنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
ئېتىئولوگىيىسى :
سۆزنەك شارچە باكتېريىسى نەيسى باكتېريە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولغان گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېريىسى ، سۆزنەك شارچە باكتېريىسىنىڭ قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز ، ئىسسىققا ، قۇرغاققا ۋە ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقىغا نىسپەتەن سەزگۇر بولۇپ 55 سىلسىيە گىرادۇستا بەش مىنىۇتتىلا ئۆلىدۇ . قۇرغاق موھىتتا 1-2 سائەتلا ياشىيالايدۇ .
يۇقۇش مەنبەسى :
بىمار ۋە كېسەل ئالامىتى بولىمىغان باكتېريە ئېلىپ يۈرگۈچىلەر .
تارقىلىش يولى :
ئاساسلىق جىنسىي يول ئارقىلىق يەنى يات جىنىسلار ، ئوخشاش جىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي ھەركەتلەردىن يۇقىدۇ . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىنىڭ تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ ؛ ئاز قىسىمدىكىلەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى ئۇچۇرشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ ، مەسىلەن : سۆزنەك شارچە باكتېريىسى بىلەن بىلەن بۇلغانغان كالتە ئىشتان ، لۆڭگە ۋە مۇنچا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋاستىلىك يۇقۇملىدۇ .
تارقىلىش ئالاھىدىلىكى :
قۇرامىغا يەتكەن جىنسى ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەرنى ئاساس قىلىدۇ ، ئەرلەردە ئاياللاردىن كۆپرەك بولىدۇ .
كلىنكىلىق ئىپادىلىرى :
1. ئەگەشمە كېسەللىك بولمىغان سۆزنەك ( نوقۇل سۆزنەك ):
(1) ئەرلەردىكى سۆزنەك شارچە باكتېريەلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى - ئادەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن 2-5 كۈندە پەيدا بولىدۇ . سۈيدۈك يولى ئېغىزى قىزىرىپ ئىشىشىپ ، سىيەگەندە ئاغرىپ ، سېرىق شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ئېقىپ چىقىدۇ . ئاجراتمىنى گىرام بويىقىدا بوياپ مىكرۇسكۇپتا كۆزەتكەندە ، كۆپ شاكىلدىكى يادرۇلۇق ئاق قان ھۈجەيرىسى ئىچىدە تىپىك ھالەتتىكى گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېرىيىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
(2) ئاياللار سۈيدۈك كۆپىيىش يوللىرىنىڭ سۆزنەك شارچە باكتېريىسىدىن يۇقۇملىنىشى :
سۆزنەك شارچە باكتېريەلىك بالياتقۇ بوينى ( سۈيدۈك يولى ) ياللۇغى : يۇقۇملىنىپ 10 كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ . جىنسى يول ئاجراتمىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ياكى غەيرىيلىشىشى ، يىرىڭلىق ئاق خۇن كۆپىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . بەزى بىمارلاردا سۈيدۈك قايتا- قايتا كېلىدۇ . سىيگەندە ئاغرىيدۇ . سۈيدۈك يولى ئاغزى قىزىرىپ ئىششىيدۇ . سۈيدۈك يولىنى سىققاندا يىرىڭلىق ئاجراتمىلار چىقىدۇ . ھەتتا دەھلىز چوڭ بېزى قاتارلىقلارنىمۇ ياللۇغلاندۇرىدۇ . بەدەن تەكشۇرۇتكەندە ، بالياتقۇ بوينىغا قان ئۇيۇپ قىزىرىپ ئىششىپ ، تەگكەندە ئاغرىيدۇ . بالياتقۇ بوينى ئېغىزىدىن قان سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق ئاجراتما ماددا ئېقىپ چىقىدۇ .
گۆدەك قىزلاردىكى سۆزنەك : سىرتقى جىنسى ئەزاسى قىزىرىپ ، ئىششىپ ، كۆيۈپ ئاغرىيدۇ .سىيگەندە ئاغرىپ ، سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق قىنسى يول ئاقراتمىلىرى پەيدا بولىدۇ .
سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك بىرىكتۇرگۇچى پەردە ياللۇغى : كۆپۈنچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلۈپ ، كۆز بىرىكتۇرگۈچى پەردىسىگە قان ئۇيۇش ، سۇلۇق ئىشىشىش بىلەن ئىپادىلىنىپ ، يىرىڭلىق ئاجراتما ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ . ۋاختىدا داۋالاتمىغاندا مۈڭگۈزسىمان پەردىدە تۆشۈكچە پەيدا بولۇپ ، قارغۇ قىلىپ قويىدۇ .
سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى : ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، يۇتقۇنچاق يىنىك ئاغرىپ ، قىزىرىپ ، قان تولۇپ ۋە ئاجراتما ماددىلار كۆپىيىدۇ .
سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك تۈز ئۈچەي ياللۇغى : ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئىچىدىكى ئەرلەردە دائىم كۆرۈلدۈ . كۆپ ساندىكىلەردە روشەن بولمىغان يېنىك كېسەل ئىپادىلىرى بولىدۇ . ئاز ساندىكىلەردە مەقئەت يېنىك قىچىشىش ۋە كۆيۈش سېزىمى ، شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ماددا ، تۈز ئۈچەي قاناش قاتارلىقلار ئىپادىلىندۇ. ئېغىر بولغانلاردا تۈز ئۈچەي ئاغرىش ، قۇرۇق ئىنجىق كېلىش ، قان - يىرىڭلىق تەرەت قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدۇ .
ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولغان سۆزنەك :
(1) سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللغى : ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەەەشمە كېسەللىك . بۇنىڭدا يەككە تەرەپتىكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئىششىپ ئاغرىيدۇ . شۇ تەرەپتىكى چات ئارلىقى ۋە تۆۋەن قورساق قىسمى تۇتقاندا رېفلېكىلىق ئاغرىيدۇ . بەدەن تەكشۇرۇتكەندە بىر تەرەپتىكى ئۇرۇقدان خالتىسى ئىششىپ ، تۇتقاندا قوشۇنچە ئۇرۇقدان چوڭايغانلىقى بىلىنىدۇ ، ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ .
(2) سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك تۇخۇم توشۇش يەنچە ياللۇغى : ئەڭ كۆپ كۆرۈلدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ ، بۇنىڭدا قورساقنىڭ تۆۋىنى ئاغرىش ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىش ، جىنسىي يول ئاجراتما ماددىسى نورمالسىزلىنىش كۆرۈلدۇ . بەدەن تەكشۈرۈشتە بالياتقۇ بوينىنى كۆتەرگەندە كۈچلۈك ئاغرىش ، قوشۇمچە ئەزالىرى تۇتقاندا ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلدۇ .
(3) سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك دەھلىز چوڭ بەز ياللۇغى : بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلدۇ . بىر تەرەپتىكى بەز ئىششىپ ، ئاغرىيدۇ ، تۇتقاندا ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ . بەز ئېغىزىنىڭ ئېچىلغان يېرىدىن يىرىڭلىق ئاجرالما ماددىلار چىقىدۇ .
لابوراتۇرىيلىك تەكشۈرۈش:
بىۋاستە مىكرۇسكۇپتا كۆزىتىش : سۈيدۈك يولى ( بالياتقۇ بوينى ) ئاجرالما ماددىلىرىنى سۇۋالما ياساپ ۋە بوياپ مىكرۇسكۇپتا كۆزىتىلدۇ . كۆپ شەكىللىك يادرۇلۇق ئاق قان ھۈجەيرە ئىچىدە گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېريىسى مۇسبەت بولۇپ كۆرۈلدۇ .
دىئاگنوز ئاساسلىرى :
1. جىنسى مۇناسىۋەت تارىخى بولۇشى ، جۆرىسىدە يۇقۇملىنىش تارىخى بولۇشى ، ئۆسمۈر بىمارلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى بالا باققۇچىلاردا يۇقۇملىنىش تارىخى بولۇشى كېرەك .
2. ئەرلەر سىيگەندە ئاغرىش ھەمدە سۈيدۈك يولىدىن يىرىڭ ئاققان بولۇشى : ئاياللاردا جىنسىي يولى ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش ۋە نورمالسىزلىنىش ، ئاق خۇن كېلىش تارىخى بولۇشى ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆز مۈڭگۈزسىمان پەردە يىرىڭلىق ياللۇغى بولۇشى كېرەك .
3. لابۇراتۇرىيىلىك تەكشۈرۈش سۆزنەككە دىئاگنوز قويۇشتىكى زۆرۈر ئاساس بولىدۇ .
ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگنلەش :
1. ساغلاملىق تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ ، نېكاھتىن سىرتقى جىنسى ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ، بىخەتەر قاپچۇقنى توغرا ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىش كېرەك .
2. بىمارلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاشنى تاماملاش ، داۋالاش جەيرانىدا جىنسى تۇرمۇشتىن ساقلىنىشقا رىغبەتلەندۇرۇش كېرەك .
3. جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھىغا قارىتا بىرلا ۋاقىتتا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش كېرەك .
4. ھامىلدار ئاياللارغا جنسىي كېسەللىكلەرنى تەكشۇرۇپ داۋالىتىشتا ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئالدىنى ئېلىش خارەكتىرلىك كۆزگە دورا تېمىتىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش لازىم .
5. بىمارلار : تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ( مەسىلەن لۆڭگە ، ۋاننا ، كىيىم -كېچەك ) دېزىنفېكسىيە قىلىش ھەمدە باشقىلاردىن ئايرىپ تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك .

سۆزنەك كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ئۇسسۇلى : مەنبە: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى http://blog.78.la/u/123horunmuxuk دا تەييارلىنىدۇ.

ھەقىقىي مىسۋاك
كىرەك 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇككىنى
قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپ يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 09986462787- 13565662787
تور بەت ئادرىسى: http://blog.78.la/u/123horunmuxuk بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى
| ۋاقتى : 2008-10-02 15:52 [باش يازما]
atlan365

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60567
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە86دانە
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-30
ئاخىرقى :2008-10-03

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تور بەت ئادرىسى: http://blog.78.la/u/123horunmuxuk                  رەخمەت
| ۋاقتى : 2008-10-02 23:47 1 -قەۋەت
turkman01

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 25872
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 313
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە313دانە
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :746(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-19
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئىلمى ،كىلىنىك ئەھمىتى ۋە پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىغى ئۈچۈن بىر زات ئەپەندىنىڭ بارلىق تېمىلىرىغائىنكاس يازىمەن .
كىلىنكا خادىملىرى ۋە يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگەياخشى دەرىسلىك بولالايدۇ .
تېمىڭىزنى داۋاملىق ياقتۇرۇپ كۆرىمەن .رەخمەت.
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-10-03 21:13 2 -قەۋەت
@DIL@

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 16550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 784
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە784دانە
شۆھرەت: 815 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7840 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :354(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-29
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قىزلار . ئوغۇللار ھىچ نەرسىدىن قورقىمساڭلار كىسەلدىنغۇ قورقاسىلەر ، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىلىۋلىشنى ئۇنۇتماڭلار .       (بۇ گەپ سىرىتلاردا ناشايان ھەركەت قىلدىغانلارغا ئىيتىلغان - ھە )
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-04 08:08 3 -قەۋەت
tughrul
ئانا تىلنى  قوغداش شەرەپ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2168
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2168دانە
شۆھرەت: 2169 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :466(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-15
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناشايان ئىشلاردىن نېرى بۇلۇڭلار !
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-04 20:05 4 -قەۋەت
mutaham

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 44941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە199دانە
شۆھرەت: 200 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1784 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :278(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-05
ئاخىرقى :2008-10-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
بۇ يازما3قەۋەتتىكى@DIL@نىڭ2008-10-04 08:08يوللىغان  :
قىزلار . ئوغۇللار ھىچ نەرسىدىن قورقىمساڭلار كىسەلدىنغۇ قورقاسىلەر ، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىلىۋلىشنى ئۇنۇتماڭلار .       (بۇ گەپ سىرىتلاردا ناشايان ھەركەت قىلدىغانلارغا ئىيتىلغان - ھە )

بۇ گەپنى دەپ قاپسىز ،، قىزلاردىن ئۇنداق نەرسىلەر ئابايام چىقىدۇ ،،،،ھازىر تېخى ئەرلىك دورىلىرىمۇ چىقىدۇ تېخى
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-04 20:41 5 -قەۋەت
turkman01

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 25872
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 313
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە313دانە
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :746(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-19
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

3-4-5-قەۋەتلەردىكى تورداش
ئىنكاس يېزىش ۋەزىپەڭلار بامۇ ؟
نىمىشكە ئەستايىدىل كۆرمەيسىلەر بۇتېمىنى ؟
گاندون ئىشلەتسىلا يۇقمايدۇ دىمەپتۇغۇ ؟!؟!
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-10-04 20:53 6 -قەۋەت



Time now is:10-05 13:26, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质