2008 - يىللىق نوبىل مۇكاپاتى كىلەر ھەپتە ئىلان قىلىنىدۇ
كىلەر ھەپتە دۈشەنبىدىن باشلاپ 2008 - يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ 6 چوڭ تۈرلۈك مۇكاپاتى ئىلان قىلىنىشقا باشلايدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ بىر قەدەر دىققەت ئىتىبارىنى قوزغاۋاتقىنى كىلەر ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئىلان قلىنىدىغان نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولماقتا . مۇكاپاتنى تارقىتىشقا بىر ھەپتە ۋاقىت قالغان مۇشۇ كۈنلەردە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشقا مەسئۇل بولغان ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى باھالىغۇچىلار بولغان شېۋىتسىيە ئىنىستېتۇتىنىڭ ئۆمۈرلۈك كاتىپى ھىراس ئاندىر بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك كىتاپ مۇكاپاتى فوندىنىڭ باش نازارەتچىسى ھارود ئوگىدبۇرۇم ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئىختىلاپلار كۆرۈلمەكتە . شىۋېتسىيىلىك بۇ باھالىغۇچى بۇ يىل ئامېرىكىدا نامزات چىققۇدەك ئەسەر ۋە ئەدىپ يوق دەپ قارايدىكەن . ئامېرىكىلىك بۇ باھالىغۇچى بۇ يىل ياۋرۇپا قىتئەسىدە نامزات چىققۇدەك ئەسەر ۋە ئەدىپ يوق دەپ قارايدىكەن .
ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن ، 2008 - يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇكاپاتى كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئىلان قىلىنىدىكەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە نوبىل بىئولوگىيە ، مىدىتسىنا مۇكاپاتى ھەممىدىن بۇرۇن دۈشەنبە كۈنى ئىلان قىلىنىدىكەن . ئارقىدىنلا نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ، خىمىيە مۇكاپاتى ، تېنىچلىق مۇكاپاتى ۋە ئىقتىساد مۇكاپاتى ئىلان قىلىندىكەن . ناۋادا مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى مۇۋەپىقىيەتلىك ئىلان قىلىنسا تەرتىپ بويىچە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى پەيشەنبە كۈنى ئىلان قلىنىدىكەن . بىراق باھالىغۇچىلار بۇ يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ كىچىكتۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى . 2008 - يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ «قىززىق نوقتا» بولۇۋاتقان نامزاتلىرى :
فىلىپ لوس
يوھان ئىپىدۇس
http://news.sina.com.cn/w/2008-10-02/085916389458.shtml