| ||||||
~friedrich~ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تور بەت ياسىغۇچىلارغا...(پۇل تاپمىغىنىڭىزنى بىر كۆرەي!)ھۆرمەتلىك تور بەت ياسىغۇچىلار ياخشىمۇسىلەر!؟ مەن شەبنەم مۇنبىرىگە كىرىپ سەرخىل تىمىدىكى ئەسەرلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن .ئۇيغۇرلارنىڭ تور بىكەتلىرى ھازىر كۈندىن كۈنگە سەرخىللىشىپ مىڭىۋاتىدۇ.بۇرۇنلاردا مەن ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە كىرسەم ساپلا م پ 3ناخشىلىرىنى چۈشۈرىدىغان ياكى كىنو كۆرىدىغان تور بىكەتلەر بار ئىدى. لىكىن ھازىر بۇلۇپمۇ يىقىندىن بىرى مەن ئۇيغۇرلىرىمنىڭ نۇرغۇنلىغان يىڭى يۆلىنىشتىكى تورلارنى قۇرغانلىقىنى كۆردۈم .ھەم بىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ مىڭىۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم .لىكىن بىزدە يەنىلا شۇ بەزى بوشلۇقلار مەۋجۇت .تۆۋەندە مەن شۇ بوشلۇقلاردىن ئۆزۈم بايقىغان بىر قانچىسىنى سىلەرگە دەپ بەرسەم كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ باقساڭلار.
1.بىزدە مۇكەممەل خەت ساندۇقى (ئىلخەت)تور بىكەتلىرى يوق دىيەرلىك ياكى مۇكەممەل ئەمەس .كۆپىنچىسى ئۇيغۇرچە يىزىق بىلەن مەشخۇلات قىلالمايدۇ.ئۆز-ئارا ياكى چەت ئەلدىكى قىرىنداشلار بىلەن لاتىن يىزىقىدا ،خەنزۇ يىزىقىدا،سەۋىيە يۇقىرىلار ئېنگىلىزچە ئالاقە ئىلىپ بارىمىز.شۇڭا ئۇيغۇر يىزىقىدا ئالاقە ئىلىپ بارىدىغان مۇكەممەل بىر ئېلخەت تور بىكىتىنى بارلىققا كەلتۈرسەڭلار~ 2.ئەنە تىمىنىمۇ كۆردۈڭلار ئۆزتىل يانفۇنلىرىمىز بازارغا سىلىنىپ شىنجاڭ بازىرىدا خىلى سالماقنى ئىگىلەپتۇ ،ھىچقايسىڭلار ھىس قىلمىغان بولساڭلار كىرەك .كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ يانفۇندا تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بار .لىكىن ھەممىسى دىگىدەك خەنزۇچە تور بىكەتلەر قىسمەن ئۆزۈمنى ئالسام مەن يانفۇندا كۈنىدە بىر قانچە سائەت تورغا چىقىمەن .ئۇيغۇرچە تور بىكەتنىمۇ ئىزدەپ باقتىم بىراق تاپالمىدىم.ھازىر ئەمدى پۇرسەت پىشىپ يىتىلدىغۇ دەيمەن.بۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن... 3.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن قۇرغان بىرەر مۇكەممەل تور بىكەتلىرى ھازىرغىچە يوق دىيەرلىك (يوق دىسەممۇ بولىدۇ)يەنى يىشىل تور بىكەتلەر.بولسا بىز شۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىلىرى ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان بىر (بىر ئەمەس بولسا بىر قانچە چوڭ)تور بىكەتلەرنى قۇرۇپ بەرسەك تور بەت ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى چەت ئەللەردىكى ئۆسمۈرلەرگە پايدىلىق ئۆسمۈرلەرگە ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسەك ،ھەرخىل ياپونىيە ،غەرپلەرنىڭ ئېسىل ،تەربىيىۋىي ئەھمىيتى زور كارتۇن فىلىملەرنى سۇنساق ،ئاتا ئانىلارمۇ جەمىئىيەتمۇ شۇلاردىن رازى بولىغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئاخىرىدا شۇ تور بەت قۇرغۇچىلار ،شەبنەم ئەھلى،قىرىنداشلىرىمنىڭ روزى ھىېيتىنى مۇبارەكلەيمەن.... ___ باشقۇرغۇچى : bilgar تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-01
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sapra121 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن قوللايمەن !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
qintumur0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 1-خىل تور بېكەتنى قۇرغۇلى بولماسلىقىدىكى سەۋەپ:ئېلخەتلەر ئۇيغۇرچە يوللانغان بىلەنمۇ تاپشۇرۋالغان كومپىيوتېردا شۇ خىل خەت نۇسقىسى بولمىسا ئۇيغۇچە خەت ئېنىق كۈرۈنمەيدۇ
1-خىل تور بېكەتنى قۇرغۇلى بولماسلىقىدىكى سەۋەپ:بۇ تور بېكەتى قۇرۇش ئۈچۈن تېلگىراف شىركېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ بىراق تېلگىراف شىېركىتى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە ئاسانلىقچە تەستىق بەرمەيدۇ 3-خىل تور بېكەتنى قۇرغۇلى بولماسلىقىدىكى سەۋەپ:ھازىر ئۇيغۇر ئائىلىرى ئانچە باي ئەمەس جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە كومپىيوتېر يوق يەنە كېلىپ دۆلەت قانۇنىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا چىقىشى چەكلەنگەن شۇڭا بۇنداق تور بەتنى قۇرغان بىلەنمۇ كىرىدىغان ئادەم كۆپ بولمايدۇ دە تور بېكەت ئۇزۇنغا بارمايلا تاقىلىپ قالىدۇ سىلەر شۇنى بىلىپ قۇيۇڭلاركى بۇنداق تور بېكەتنىڭ بولماسلىقى ھەرگىز بىز بېكەت باشلىقلىرىدىكى سەۋەپ ئەمەس بىزگىمۇ ئامال يوق | ||||
---|---|---|---|---|---|
atlan365 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى تىما ئىكەن ، رەخمەت سىزگە !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amanturk دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەي بۇ ياىشى تېما ئىكەن.بالىلارغا ھىچ نەرسە يوق.ئۇلار مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئېلانلار ئارىسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ ئويۇن ئوينايدۇ.بىزدىكى مەلۇم بىر ئويۇن تور بېكىتىنى ئوغلۇمغا دەپ بېرىپ ئارقىدىن قاراپ باقسام ھەي......
تىرىشىپ باقساڭلارا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qintumur0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىز بېكەت باشلىقلىرىمۇ تىرىشايلى سىلەر كۆرگۈچىلەرمۇ ئۇيغۇر توربېكەتلىرىگە كىرگەندە ئېلان چىكىشنى ئۇنۇتماڭلار بۇلانى قىلىش ئۈچۈن بىزگە غايەت زور مەبلەغ كېتىدۇ سىلەر ئېلاننى كۆپرەك چەكسەڭلا بىز مەبلەغ جۇغلىيالايمىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بذغرا دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پىكىرڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ،قوللايمىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MIMANAK دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتىدە مانا ..ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىشلاكەن بۇ ... ئەقلىڭىزڭە بارىكاللا !!! رەخمەت.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
anjilina دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يەنە بىر مەسلىھەت :
مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تاپقىلى بولىدىغان ،تەرقىمە قىلىنغان بولسىمۇ مەيلى ~~~دەرسلىككە ئائىت توربەتلەرنى ياسىغان بولسانەلار پايدىلىنىش قىممىتىمۇ يۇقىرى بولاتتى ~~~چۈىكى شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن مەكتەپلەرتورلاشقان ئوقۇتقۇچىلارغا كومپىيوتور سەپلەپ بېرىلگەن ~~دەرسلىكلەرمۇ يېڭىدىن تۈزۈلگەن ~~~چوقۇم ئۈنۈمى ياخشى بولاتتى `~~ ئۆزۈم تولوق ئوتتورا ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا مۇشۇ خىل تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم ~~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bilimlar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دوستلا بۇ ئالامەت ياخشى گەپكەن . مەن 1- ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن سىناقلارنى قىلدىم ، ئەپسۇس مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدىم ، مەن ھەتتا bbs نىڭ قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئىختىدارىنى ئۆزگەرتىپ مىكەممەل بىر bbs شەكلىكى ئىلخەت ياساشنى ئويلاشتىم ، ئەپسۇس ئويلاپ باقسام بۇنىڭ ئۇچۈن چۇقۇم شۇ توردىن نۇمۇر ئېلىشى ، شۇ توربەتتىن نۇمۇر ئالغانلالا ئۆزئارا ئۇچۇر يوللىشالايدىغانلىقىنى بىلىپ سەل ۋاس كىچىپ قالدىم . ئەگەر ياساشنى خالايدىغانلار بولسا بىز بىرلىكتە تىرىشىپ باقساق .
ئەمدى 3- گە كالسەك ، مەن دەل شۇ مەقسەتتە بىلىملەر تورىنى قۇرغان ئەپسۇس qintumur0997 ئەپەندى دىگەندەك توربەتنى زىيارەق قىلىدىغانلار ئاز بۇلۇش تۇپەيلى توربەت توختاپلا كەتتى ، ئەگەر خالايدىغانلار بولسا بىلىملەر تورىنى بىرلىكتە ياساپ باقساق ، چۇقۇم مەقسىدىمىزگە يىتەلەيمىز . http://www.bilimlar.cn | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sumruh1031 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | كوت كوت نىڭ ئۇيغۇرچە ئىلخەت بىتى بارغۇ دەيمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
50cent دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كەسپىڭ كومپىۇتىر بولغاندىكىن ئوزۈڭ قىلىپ باقساڭ بولمامتى؟؟؟؟
ئاخمايدىغانلىقىنى بىلگەندىكىن باشقىلارنى ئاۋارە قىلما !!!! بىكا ھەممىنى دىۋىتىمەن! ماندا تېمىلانى ئەمدى يوللىما جۇما!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | پىكىرڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ،قوللايمىز.ياخشى تىما ئىكەن ، رەخمەت سىزگە !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
NURESLAM دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | رەھمەت ياخشى يوللاپسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sahar413 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناھايتى ياخشى پىكىرلەر ئىكەن،ئۆز تىل يانفۇنىدا ئويغۇرچە ئۇچۇر يوللىغىلى بولغان بىلەن ئادەتتە ئىستانىسا ئۇچۇرلىرى يەنىلا خەنزۇچە ،شۇنى تەرجىمە قىلغىلى بولامدۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا خەنزۇچە ئۇقمايدىغان نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىلىق ئىش بولاتتى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|