![]() |
| |||||
duxmen
|
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
PAHTAKIZ615
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەجەپ ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن .رەخمەت سىزگە ،داۋامىغا تەشنامەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sahar413
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاخىرىسىغا تەشنامەن.سىزمۇ.............؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Atlan326
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاخىرىنى تېزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن.ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن بۇ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
duxmen
| (3)
10-ئايدىكى قىسقا تەتىلدە دىلنۇر مېھرىئاي بىلەن فاتىمەنى يوقلاپ، ئۇلار ئوقۇۋاتقان شەھەرگە كەلدى. كۈندۈزى ئۇ يەر بۇيەرلەرنى ساياھەت قىلىپ، كەچتە ياخشى سۆھبەتلەردە بولۇپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدى، تەتىل توشۇشقا يەنە تۆت كۈن ۋاقىت بار ئىدى. --بۇ يەرگە بىزنى يوقلاپ كېلىپ بىزنى بەل خوش قىلىۋەتتىڭىز. شۇغىنىسى ئەمدى مەن ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم. ھەمشىرەم، بېرىپ سىڭلىمنى يوقلىشىپ كېرەك، سىڭلىمنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. --سىڭلىڭىزغا نېمە بولدى؟ --دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن،--مېھرىئاي گېپىنى باشلىدى،--قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقان چېغىمىزدا ئۆيدىكىلەر بىزنىڭ ناماز ئوقۇشىمىز ۋە ئورۇنۇپ يۈرۈشىمىزگە بەكلا قارشى تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا سىڭلىم بىر نەچچە قېتىم تاياقمۇ يېدى، ھەي ئىشقىلىپ ئادەم ئويلىسا ئىچى بىر خىللا بولۇپ قالىدىكەن. ئاخىرى ئاپام تولا يىغلاپ ئىككىمىز بېشىمىزغا پوسما كىيىپ، بوينىمىزغا شارپا ئوراپ دېگەندەك ئۆيدىن ئارانلا چىقىپ مەكتەپكە كېلىۋالدۇق. بىر مەۋسۈم گەرچە دادام تېلىفون قىلساق ئالماي، بىزگە قوپال تېگىپ ئۆتكەن بولسىمۇ خېلى خاتىرجەم ئىدۇق. 5-ئايلاردا دادامنىڭ بىر دوستى سىڭلىم ئوقۇۋاتقان شەھەرگە خىزمەت ئىشى بىلەن كەلگەن ئىكەن، سىڭلىمنى يوقلاپتۇ. قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادام دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان بىر سورۇندا سىڭلىمنىڭ گېپىنى قىپتۇ. نېمىلەرنى دېدى بىلمىدىم، دادام ئۇدا ئۈچ كۈنگىچە تۈزۈك ئۇخلىيالماپتۇ. كېيىن بىر كۈنى سىڭلىمغا تېلىفون قىلىپ «يا بېشىڭدىن ياغلىقىڭنى ئالىسەن، يا بۇندىن كېيىن بۇ ئۆيگە قەدەم باسمايسەن، سەندەك قىزىم يوق» دەپتۇ. شۇندىن بېرى مەن تېلىفون قىلساممۇ دادام- ئاپام ئىككىلىسى تېلىفوننى ئالمايدۇ. --ئاتا-ئانىلارمۇ بەلكىم ئەنسىرىگەنلىكىدىندۇ، ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇنداق يۈرۈشىمىزنى خالىمايدىكەن، لېكىن خەقنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئۇلارغا تېخىمۇ بەكرەك تەسىر قىلىدىكەن. بىز ئۇيغۇر خەقنىڭ قىلىدىغان چوڭ ئىشلىرىمىز بولمىغاندىكىن، قولىمىزدىن بىرەر ئىش كەلمىگەندىكىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىنى قويۇپ خەقنىڭ ئۆيىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدىكەنمىز. --شۇنى دېمەمسىز، بىزنى ناماز ئوقۇپ ياغلىق چىگىپ يۈرۈپتۇ، دېگەن گەپ بىردەمدىلا ھەممە يەرگە پۇر كەتكەن چېغى، كىملا ئۇچرىسا ئاپامغا «بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى، بۇ بالىلار نېمانداق غەرەز ئۇقمايدىغاندۇ» دېيىشكۈدەك. تېخى ھەتتا بەزىلىرى« قىزلارغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ بىرەرى بوزەك قىپتىمۇ؟ كاللىسىغا نېمە ئىش شۇنچە تەسىر قىلىپ كەتكەندۇ؟» دېگۈدەك. بۇ گەپنىمۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ تېلىفون قىلغان ھاممامدىن ئاڭلىدىم. قاراڭە، ياقىلار ئېتەك بولدى، ئېتەكلەر ياقا بولدى، دېگەن شۇدە. كېيىن يازلىق تەتىل بولدى، سىڭلىم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تۇرۇۋېدى، ئەزەلدىن چوڭراق ئاغرىپ باقمىغان ئادەم شۇ تەتىلدە ئاغرىپ قالسا بولىدۇ. ئۆيدىكىلەر ئىقتىسادىمىزنىمۇ ئۈزۈۋەتكەچكە مەن تەتىل ۋاقتىدا پايدىلىنىپ مەكتەپتە ئىشلەپ ئىككىمىزنىڭ قورسىقىنى بېقىۋاتاتتىم. بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ ياتاققا كىرسەم سىڭلىم يەردىلا ئولتۇرۇۋاپتۇ، قارىسام يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. نېمە بولدىڭىز، دېسەم پۇتىنى كۆرسەتتى، پۇتى ئىششىپ پۇتبولدەك بولۇپ كەتكەنىكەن، قورقۇپ كەتتىم. نېمە بولدىڭىز، بىر يەرگە ئۇرۇۋالدىڭىزمۇ، دېسەم ياق، بىلمەيمەن، تۈنۈگۈندىن باشلاپ پۇتۇم ئازراق ئاغرىغان ئىدى، نېمە بولدىكىن، دەپ ئويلىدىميۇ، لېكىن يەنە ئوڭشىلىپ قالار، دەپ كارىمنى قىلماي يۈرۈۋېرىپتىمەن. بايا بەك ئاغرىپ كەتتى، ئاندىن بىردەمدىلا مۇشۇنداق ئىششىپ كەتتى، دەيدۇ. قانداق قىلىمەن، مەكتەپ سىرتىدا جۇڭيى دوختۇرخانىسى بار ئىدى، يېنىمدا بار پۇلنى تۆلەپ دوختۇرغا كۆرسەتتىم. دوختۇر كۆرۈپلا ياتاققا ئالمىساق بولمايدىكەن، دېدى. بىچارە سىڭلىم پۇتىنىڭ ئاغرىقىدىن كېچىلىرىمۇ ئۇخلىيالمايتتى... --نېمە كېسەلكەن؟--ئالدىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى دىلنۇر. --ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر كېسەلكەن، قان تونۇر ياللۇغلىنىپتۇ، دەيدۇ. پۇتىنى تۆۋن قىلسىلا پۇتى تېخىمۇ ئىششىپ كېتەتتى، قانچىلىك قىينالغىنىنى ئۆزى بىلىدۇ. لېكىن ناماز ۋاقتى بولسا نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى. «ئۆرە تۇرالايمەنغۇ، ھەدە! ئولتۇرۇۋالسام بولارمۇ؟» دەيتتى، ئۇنىڭغا قارىسام كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلاتتى. دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن ياتقاندىن كېيىن ياتىقىمغا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالماقچى بولدۇم، پۇل تۆلەي دەپ بارسام دوختۇر سىڭلىڭنىڭ ياتاق پۇلىنى بىرى تۆلىۋەتتى، دەيدۇ. كىملىكىنى زادى بىلەلمىدىم. سېستىرادىن سورىسام، ياغلىق چىگىۋالغان بىر خۇيزۇ ئايال، دەيدۇ. سىڭلىم ياتاقتا ياتقاندا بۇ يەردە بىز ياخشى ئۆتىدىغان بىر نەچچە خۇيزۇ ھەدىلەر فاتىمەدىن ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگەنىكەن، شۇلاردىن بىرى ئوخشايدۇ. لېكىن سورىسام ھېچقايسىسى دېگىلى ئۇنىمىدى. --ماشائاللاھ!! مەيلى كىملا بولسۇن ئاللاھ شۇ قېرىندىشىمىزغا چەكسىز ئەجىر بەرسۇن! ئامىن! ئاللاھنىڭ بەندىسىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىنى مانا بۈگۈن يەنە بىر قېتىم كۆردۈم. پەقەت بىز ئاللاھ يولىدا چىڭ تۇرساق ئاللاھ ھامان بىزدىن ياردىمىنى ئايىمايدىكەن. سىڭلىڭىزنىڭ بەك كۆڭلى يېرىمدۇ ھە؟ --كۆڭلى يېرىمدۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھىي تەييارلىقى بار ئىدى. فاتىمەنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ دائىم بەلكىم بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ شۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالار ھەدە، تەييارلىنىپ تۇرايلى، دەپلا تۇراتتى. --فاتىمە ئۆيىدىكىلەر بىلەن ھازىر قانداقراق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ --ھەي، بولدىلا، بۇنى ئۆزىدىنلا سوراڭ. سىڭلىمنىڭ پۇتى تېخى پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن ئىدى. جىق يول ماڭسا پۇتى يەنە ئازراق ئىششىپ قالىدىكەن. شۇڭا مېنىڭچە بۇ دەم ئېلىشتىمۇ ياتىقىدىن سىرتقا چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بېرىپ سىڭلىمغا ئىككى كۈن بولسىمۇ ھەمراھ بولۇپ كېلەي. --ئەسلى مەنمۇ بىللە بېرىپ سىڭلىڭىزنى يوقلىسام ياخشى بولاتتى. لېكىن ھەممىمىز ئوقۇغۇچى، مەن بارسام تۇرىدىغان جاي تاپالماي قىينىلىپ قالارمىز ھەقىچان. --سىز مېنىڭ ياتىقىمدا تۇرۇۋېرىڭ. فاتىمەنىڭ باشقا ئىشلىرى يوق، سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوينىتىدۇ. تەييالىقتا بىللە ئوقۇغان باشقا قىزلارمۇ سىزنى ئوينىتىمىز، دەپ يۈرگەن. --بۇنى سىڭلىڭىزغا بېرىڭ، ئالدىمىزدا رامىزان كېلىۋاتىدۇ، لازىم قىلار،--دىلنۇر شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن 400 يۇەن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى. --ياق، ئۇنداق قىلماڭ.... --ئېلىڭ، مېنىڭ ئازراق كۆڭلۈم. يا سىڭلىڭىزغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەرسىز. كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ھە راست، ھازىر پۇلنى قانداق قىلىۋاتىسىلەر؟ --ئىككىلىمىزنىڭ يىغىپ قويغان پۇلىمىز بار ئىدى، بىر مەزگىل شۇنى ئىشلەتكەن. ئۆتكەندە ھاممام 1000يۇەن پۇل ئەۋەتىپتىكەن، ئۇ تۈگىسە ئاللاھ يەنە بېرەر،--مېھرىئاينىڭ كۆز چاناقلىرى ۋە بۇرنىنىڭ ئۇچى قىزىرىپ قالغانىدى. --ئەنسىرىمەڭ، ئاللاھ خالىسا پۇلنىڭ ئامالى بولىدۇ. ئەگەر مېنى يات كۆرمىسىڭىز، مەن پۇل بېرەي، شۇنى خەجلەپ تۇرۇڭلار... --ياق، سىزمۇ ئوقۇغۇچى... --مېنىڭ ئەمەس، ئاكامنىڭ پۇلى. ئەگەر ئاكامغا دەيدىغان بولسام ئاكام ناھايىتى خوشال بولۇپ قوشۇلىدۇ. ئاكام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئورگىنىدا خىزمەت قىلىشنى خالىماي سودىگەرچىلىك قىلغان ئىدى. ھازىر كىچىكرەك بىر شىركەت قۇرۇۋالدى، پايدىسى ياخشى ئوخشايدۇ، ھازىر ئەھۋالى خېلى ياخشى. تاپقان پۇلىنى مۇشۇنداق يەرگە ئىشلەتمەي نەگە ئىشلىتىدۇ؟ دىلنۇر مېھرىئاينىڭ سومكىسىنى يىغىشتۇرۇشىغا قارىغاچ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى: تەييارلىقنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدە ئۇمۇ، فاتىمە بىلەن بىللە ئۆيىگە قايتقانىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغىنىغا شۇنچىلىك قارشى ئىدى. ئۇنىڭ ئورانغانلىقىنى كۆرۈپ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. ئۇ ئاپتوبۇستىن چۈشىشىگە نېرىقى تەرەپتە ماشىنا بىلەن ساقلاپ تۇرغان دادىسىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپلا كەتتى، ۋە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى. ئاپىسى ئۇنى كۆرۈپ«بالام، بۇ نېمە ئىش؟!» دەپ تۇرۇپلا قالدى. پەقەت ئاكىسىلا خوشاللىقىدىن سىڭلىسىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تەتىل بويى ئۇنىڭغا ئارامچىلىق بولمىدى. كۈندە دېگۈدەك ئاتا-ئانىسىنىڭ تاپا-تەنىسىگە ئۇچراپ تۇراتتى. لېكىن بۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ كۆرۈۋاتقانلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا قەلبى يورۇپ، روھى كۆتۈرۈلۈپلا قالاتتى. لېكىن كىچىدىن ئۆزىگە شۇنداق ئامراق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. ئۆيگە خوشنىلار كىرسىمۇ باشقا ئۆيلەرگە مۆكۈپ، ھېچكىمگە كۆرۈنمەي يۈرۈپ، بىر يېرىم ئاي تەتىلنى تەسلىكتە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خوشمۇ دېمەي تەتۈر قاراپ ئولتۇرۇشى بىلەن مەكتىپىگە قايتتى. مەكتەپتە بىر مەۋسۈم تولىمۇ خاتىرجەم ئۆتتى. قىشلىق تەتىل كېلىشى بىلەن دادىسى تېلىفون قىلىپ ئۇنى ئۆيىگە تېز قايتىشقا بۇيرىدى. بۇ قېتىم دادىسى ئۇنى ئاپتوبۇس بېكىتىدە كۈتۈۋالدى، قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماستىن ئۇنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئاپىسى ئۇنى قۇچاقلاپمۇ قويمىدى، قولىدىن سومكىسىنى ئالمىدى، بۇرۇنقىدەك ئاش كۆكى پۇراپ تۇرغان مېزىلىك چۆچۈرە، ھېچبولمىغاندا بىر پىيالە ئىسسىق چايمۇ قويمىدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تېخى يۈزلىرىنىمۇ يۇيماستىن دادىسى ئۇنى چاقىردى: --بۇ ياققا چىق! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار!—ئۇ دادىسىنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇمسىراپ تاشقارقى ئۆيگە چىقتى. --ساڭا بىر پۇرسەت بەردىم، ئۆزەڭنى بىلمىدىڭ، ئەمدى گېپىڭنى ئوچۇق قىل. يا ياغلىقنى بېشىڭدىن ئالىسەن، بۇرۇنقى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەيمەن، يا ياغلىق چىگىدىغان بولىسەن، پۇت-قولۇڭنى چېقىۋېتىپ، ساڭا نان تاشلاپ بېرىپ باقىمەن. --دادا، نېمە بولدىڭىز؟ مەن ئۆيگە تېخى بۈگۈن كەلدىمغۇ؟--ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى. -- ئەل-جامائەت نېمە دەۋاتىدۇ، بىلەمسەن؟ مېنىڭ يۇرتتا يۈزۈمنىمۇ تۆكۈپ بولدۇڭ. تېخى ئالدىنقى كۈنى ۋالىي ئاتايىتەن چاقىرتىپ سېنىڭ گېپىڭنى قىلىۋاتىدۇ. ئاپاڭ ئىككىمىزنىڭ خىزمىتىمىزنىمۇ يوق قىلىدىغان ئوخشايسەن. سەندەك بالىنى باققۇچە ئىتنىڭ كۈچۈكىنى باققان بولسام بىر ئىشقا ياراپ قالار ئىدى. --دادا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ خۇدايىڭىزدىن قورقىسىز، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئىگەمدىن قورقىمەن. نېمە دېسىڭىزمۇ مەن بۇ ئىشتا سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى قىلالمايمەن. ئەگەر يۈزىڭىزنى بەك تۆكۈۋەتكەن بولسام مېنى بولدى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىڭ. --ھە ماقۇل، بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ سەندەك قىزىم يوق. ئۆلەمسەن، تىرىلەمسەن كارىم يوق، ماڭ ئۆيدىن چىق!—دادىسى شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ ئىتتىرگىنىچە ئۆيدىن چىقاردى ۋە ئىشىكنى زەرب بىلەن ياپتى. ئۇ سەندۈرۈلگىنىچە بېرىپ ئۇتتۇردىكى ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئۇرۇلدى. --دادا، چاپىنىم! چاپىنىمنى ئېلىۋالاي! ياغلىقىمنى ئېلىۋالاي، دادا!!—ئۇ سىرتتا توۋلايتتى، ئىشىكنى ئۇراتتى. مۇشلايتتى، ئۆينىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپ تالىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. يانۋارنىڭ سوغۇقى ئۇنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. كۆزىدىن ياشلار قۇيۇلاتتى. ئاخىرى ئاۋازلىرىمۇ بوغۇلۇپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇدۇلدىكى ئۆيدە تۇرىدىغان خوشنىسى سىرتتىن قايتىپ كېلىپ قالدى. --ۋاي دىلنۇر، قىزىم، نېمە بولدىڭىز؟ دىنۇر ئۇنى كۆرۈشى بىلەنلا ياشلىرى قايتىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى. ئۇ نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ ئاتا-ئانىسىنى خەققە يامانلاپ بەرسۇنمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار دېگەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا مېھىر بېرىپ ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىسى-دە! خوشنا ئايال ئۇنىڭ ئۈنسىز يىغلاۋاتقان تۇرقىغا قاراپ باغرى ئېزىلدى بولغاي، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. --ھەدە، ئاكامغا تېلىفون بېرىۋالسام بوپتىكەن،--دېدى دىلنۇر بىر ئازدىن كېيىن، سەل ئەسلىگە كېلىپ. --ئەنە تېلىفون، ئىشلىتىۋېرىڭ قىزىم. --ۋەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! --ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ مەن، ئاكا! --ۋاي جېنىم سىڭلىم، شىركەتتە ئازراق ئىش بولۇپ قېلىپ پەقەت نېرى بولالمىدىم. كەچتە ئۆيگە سېنى كۆرگىلى بارىمەن. قەتئىي خاپا بولمىغىن. --ئاكا، دەرھال كېلىپ مېنى ئەكەتكىن.—ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقاتتى. توختىماي ئېسەدەپ تۇراتتى. --سەن نەدە؟ بۇ ئۆينىڭ نومۇرى ئەمەسقۇ؟ --قانچىلىك ۋاقىتتا كېلىپ بولالايسەن؟ مەن بىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇراي. --ئون مىنۇتتىلا بارىمەن. ئەمىسە ساقلاپ تۇر. يىغلىمىغىن، ئاڭلىدىڭمۇ؟ بىزگە ئىگە بولىدىغان رەببىمىز بار. قانداق ئىش يۈز بەرسىمۇ كۆڭلۈڭنى توق تۇتقىن. ئاكىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى بىردەمدىلا خاتىرجەم بولۇپ قالدى. راست ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان رەببى تۇرسا، ئۇ نېمىدىن ئەنسىرەيدۇ؟ ئاتا-ئانىسىمۇ ئاللاھ خالىس ھامان بىر كۈنى ھەقنى چۈشىنىدۇ. ھامان بىر كۈنى قىزىنى چۈشىنىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورايدۇ.... --ھەدە، رەنجىمەي ماڭا بىر ياغلىق بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز،--دېدى ئۇ ئۆي ئىگىسىگە ئايالغا. --ھە مانا، ماۋۇ بولامدىكەن؟ مەندە چوڭ ياغلىقمۇ يوقكەن،--دېدى قىزىرىپ، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،--قىزىم، ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىز. مېنىڭمۇ سىزدەك قىزىم بولغان بولسا ناھايىتى پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. لېكىن بىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ، ئاتا-ئانىڭىزنىمۇ توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك. مۇسۇلمان دېگەن چوقۇم بېشىغا ياغلىق چىگىش كېرەك، دېگەن گەپ يوقتۇ؟ بولمىسا بىزلەر مۇسۇلمان بولماي قالارمىزمۇ؟ نامىزىڭىزنى ئوقۇپ ، قالغىنىنى دىلىڭىزدا بىلىپ يۈرۈۋەرسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ ھەممىدىن نىيەت ئەلا دەپتىكەن، كۆڭلىمىزدىكىنى خۇدايىم بىلەتتى.... ئۇنىڭ بۇ ئايال بىلەن چۈشەندۈرۈپ، گەپ تالىشىپ ئولتۇرغۇسى كەلمىدى. --ھەدە، ئاكامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. مەن پەسكە چۈشۈپ قاراپ باقايمىكىن. --ماقۇل قىزىم، ئەمىسە خوش، ئاللاغا ئامانەت. سوغۇق شامال ئۇنىڭ يۈزىگە ۋىشىلداپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئادەتتە قىشلىق چاپاننىڭ ئىچىگە كىيىۋالىدىغان نېپىز كۆينىكى شامالدا لەپىلدەيتتى. چىرايى سوغۇق دەستىدىن كۆكىرىپ كەتكەنىدى. «ئەگەر مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كەتسەم ھە» دەپ ئويلىدى ئۇ «بەلكىم شەھىتلەر قاتارىدا بولار ئىدىم».... شۇ چاغدا ئاكىسىنىڭ ماشىنىسى ھويلا ئىچىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماشىنىنى كۆرۈپلا ئاكىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى ۋە ئۆزىنى ئاكىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى. مۇشۇ تاپتا ئۇ مۇشۇنداقلا بىر قۇچاقلاپ قويۇشقا نەقەدەر موھتاج ئىدى، مەيلى ئاكىسى بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىسىمۇ، ئۇنى مۇشۇنداق قۇچاقلاپلا تۇرسا... ئۇ ئاكىسىنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى. ئۇ شۇنچە يىراق سەپەردىن تېخى بۈگۈنلا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئەسلى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىللىق باغرىنى، دادىسىنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنى، ئاپىسىنىڭ مېزىلىك تاماقلىرىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئۇ نەدىن بىلەتتى؟ شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن بالكونىدىن قاراپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنى ئۇلار ئىككىلىسى كۆرمىدى. ماشىنا قورو ھويلىسىدىن ئەگىپ چىقىپ قارىسى كۆرۈنمەي قالغاندا بۇ بىر جۈپ كۆز نەملىشىپ قالغانىدى.... [ يوللىغانduxmenتەرىپىدىن2008-10-04 02:16قايتا تەھرى ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
Atlan326
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۆز قىزىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق يۈرگىنىدىن نېمىشقا خوشال بولمايدىغاندۇ بۇ ئاتا-ئانىلار؟ئاخىرىغا تەشنامىز!~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |