| ||||||
Alpamish | [ئالپامىش]روزا ھېيىتتا قانداق پىلانىڭىز بار؟ بۈگۈن تۇيۇقسىز شەبنەمدىكى دوستلارنىڭ كىلىش ئالدىدىكى روزا ھېيت پىلانلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدىدە،ھاپىلا-شاپىلا بۇ تېمىنى ئالدىراپ يوللاپ باقتىم.يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى،جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى روزى ھېيىت كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.نەۋرۇزدىن باشقا،بۇ ئۇلۇغ بايرام ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان بايرامنىڭ بىرى.ئۇ ئىسلام دىنىدا ھەر يىلى رامىزان ئىيى ( ھىجىريە 9- ئاي ) دا 30 كۈن روزا تۇتۇپ،شەۋۋەل ئېيى( ھىجىرىيە 10 - ئاي ) نىڭ بىرىنچى كۈنى ئېغىز ئىچىپ،ھېيىت نامىزى ئوقۇلغاندىن كىيىن ئۆتكۈزۈلدىغان بايرامدۇر.روزا ھېيىت كۈنى چوڭ-كىچىك ئەرلەر سەھەردە مەسچىتكە بېرىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ.نامازغا كېلىشتە ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە يەتتە جايدا توختاپ تەكبىر ئىيتىپ مەسچىتكە كىرىدۇ.قۇربان ۋە روزا ھېيىتنىڭ ئوخشاش بىر ئالاھىدىلىكى ھېيىت كۈنى ياكى ھېيىتنىڭ ھارپا كۈنى تۇپراق بېشىنى يوقلاشتۇر.شۇنىڭدەك پەرىزلەر ئادا قېلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن چېرايلىق پاكىزە كېيىنىپ،ئۇرۇق - تۇققانلار ئۆز-ئارا پەتىلىشىش،چوڭلارنى يوقلاش،ھال-ئەھۋال سوراش،كىچىكلەرگە ھېيىتلىق سوۋغا بېرىش،( ئاڭلىسام نىجات ئەپەندىم شەبنەم پۇقرالىرىغا ھېيىتلىق مۇنبەر پۇلى بەرگۈدەكمىش )دوست-بۇرادەرلەر جەم بولۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر باشلىنىدۇ.بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى...
شۇنىڭدەك شەبنەم مۇنبىرىدىكى دوست-بۇرادەرلەرنىڭمۇ ئۆزگىچە ھېيىت ئۆتكۈزۈش پېلانلىرى باردۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىلقى روزا ھېيىت بەك ياخشى پەيىتتە كەلدى،دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ساق يەتتە كۈن ئارام ئالغۇدەك،ھاۋامۇ يامان ئەمەستەك قىلىدۇ،بۇنداق ياخشى چاغدا كەلگەن ئۇلۇغ روزا ھېيىتنى سىز قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتىسىز؟ ياكى ھەر جايلاردا تۇرۇشلۇق شەبنەم پۇقرالىرى توپلۇشۇپ قىلىدىغان پائالىيەتلىرى بارمىدۇ؟ قېنى ئۆزگىچە ھېيىتلىق پىلانلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقمامسىز؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kosanlik دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك ياخشى گەپ قىپسىز ..ئەسلىدە بۇ ھېيىتنى شۇنداق خوشال ئوتكۈزگۈم بار بىراق يېقىندىن بېرى ھېيىت كەگىچە چاغان كەسىچۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان بوپ قالدىم ،چۇنكى چاغاندا ھوكۈمەت توخۇ سۈتىدىن بىلەك ھەممە نەرسىنى تارقىتىدۇ .ھەتتا بىزنىڭ يىمەسلىگىمىزدىن قورقۇپ قالمايدۇ. پۇلمۇ شۇچاغدا بار .لېكىن بىزدەك گىپى ئوتمەيدىغان مۇاۋىن مىللەتلەرنىڭ بايرىمى تىپ -تىنىچ خۇددى بىز مەۋجۇت ئەمەستەكلا .شۇنداق بولسىمۇ بىر يىلدا بىر كەلگەن بۇ ئۇلۇغ بايرىمىمىزنى چۇقۇم ياخشى ئوتكۈزىمىز.يۇقۇردىكى ئويغۇرباشلىقلىرىغا ھېيتلىق بەزگەك كېسلى تەكەن ئوخشايدۇ.بۇنداق چاغلادا ھەممىسنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالىدۇ .
مىنىڭ پىلانىم ئەگەر قەرىز تاپالىساملا كىلەر ئايدا تولەيدىغان قىلىپ بولسىمۇ بۇ مۇبارەك ھېيتنى پۇتۇن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن چىرايلىق ئوتكۈزۈش. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkhon | ئاللاھ خالىسا بىر ھەپتە ھېيىت ئۆتكۈزىمەن كۆڭلۈم تارتقان جايغا ساياھەتكە بارىمەن ياخشى ئارام ئالىمەن تامام.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
jundulla777 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىز دەم ئالغان بىلەن دەم ئالمىغاننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق،كۈندە بىر قېتىم ئىشخانىنى يوقلاپ، كۈندىلىك ئەھۋالدىن يۇقىرىغا دوكلات يوللىمىساق بولمايدىغان تۇرسا. نەدىمۇ تۇرسۇن ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئويناپ كېلىش.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sahar413 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گەرچە بۇ ھېيتتا ئارام ئالماي ئىشلىساممۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئالدى بىلەن چوڭلارنى يوقلايمەن،خوشنا-خولۇملىرىمنى ھېيتلىتىمەن.بالامنى ئوينىتىمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مۇمكىن بولسا پۈتۈن شەبنەم ئەھلىگە ھېيىتلىق داستىخان سالسام ...
خالىساڭلا ئادرىسىمنى دەپ بىرىمەن... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
PAYKAR ※ياخشى بالا※ | مەن شۇ< بىكار> .ھېيتتا تامغا يۆلىنىپ ئاپتاپقا <قاقلىنايمىكىن >دەيمەن ....
ھەممىڭلارنىڭ ھېيتى مەندەك ئۆتۇپ كەتمىسۇن جۇمۇ قېرىنداشلىرىم!ئاھ ،بىكارچىلىق ~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arzul01 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ھىيتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي بېشىم قېتىپ ئولتۇرىۋاتىمەن. ماشىنا ئادەمدەك ئىشلەپ كۈنۈپ قاپتىمەنكەن. ئاران بەرگەن بىر ھەپتىلىك دەم ئىلىشنىمۇ ئوڭشاپمۇ بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولدۇم دېسە......
| ||||
---|---|---|---|---|---|
39143291 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كۈنلەر يەنە شۇ ۋاڭبادا ئۆتە ھەقاچان~~~~~~~~~~~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
koldoma112 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزنى ھېيت كۈنىدىن باشلىغاندا ئاران تۆت كۈن قويۇپ بەردى ..مۇشۇنىڭغىمۇ شۈكرى!..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۆتمۈش دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھېيىتلېق سوغىنىمۇ مۇشۇ يەرگە يوللاشنى لايىق كۆردۈم.كۆرۈپ بېقىڭلا:
تېما: ساتقىنلارغا بايراملىق http://uetmux.blogbus.com/logs/29729587.html | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arman8888 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاللا خالېسا 3 كۇنلام ئۇينايمېز !!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاللاھ خالىسا ھېيىتلىق ۋە بايراملىق دەم ئېلىش كۇنرىلىدە ئاپامغا ياخشى ھەمرا بولىمەن ،چۇنكى بىر يىلدىن بۇيان خىزمەت ئالدىراش تۇپەيلى ئولتۇرۇپ قېنىپقىنە مۇڭدىشىشقىمۇ پۇرسەت يوق،شۇڭا بىر ھەپتە ھېچ يەرگە بارماي ئاپامغا ھەمرا بولىمەن ،مۇڭدىشىمەن ،مانا مۇشۇنىڭ ئوزى مەن ئۇچۇن ساياھەت ،ھېيت ،ياخشى ئارام ئېلىش .!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
halpambag دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ كەلگۈسى رۇزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بىزنىڭ يۇرتقا كەلسەڭلار قولۇم كۆسىمدە، مەنمۇ داستىخان سالالايمەن.
مېنىڭ بۇ ھېيتلىق پىلانىم، ھەممىدىن ئاۋال يېزىدىكى ئانامنى يوقلاش، ئاتا- بوۋىلارنىڭ، ئورۇق تۇققانلارنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاش، قالغان ۋاقىتتى ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلارمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hursan. خۇرسەن بوۋاي | مەن بۇ ھېيت موناسىۋتى بىلەن بارلىق تورداشلارنى ئۆيگە بىر مېھمانغا چاقىرۋالايمىكىن دەيمەن . قېنى تورداشلار قانداق قارايسىلەر ؟ ھى ھى ھى ھى ھى .............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|