مەن
ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا مەسچىت سالاتتىم.
ئۇستام
مەن تېخى ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن تاپمىدىم،تاپقاندا بىرگەپ بولسۇن
ناھىيمىزدىكى يۈزگە قارا سۈركەپ تىلەمچىلىك قىلدىغان ياش
تىلەمچى
ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا بانكىدا قۇيۇپ قۇيۇپ تىلەمچىلىك قىلار ئىدىم<<ئالاجوقۇ سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئويلىغىنىم بۇيچە يېزىپ قويدۇم
ناھىيمىزدىكى تاللا دۇكىنىنىڭ خۇجايىنى
ئىككى يۈرمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا دۇكىنىمنى كەڭەيتەتتىم
ناھىيمىزدىكى مەمۇرى باشقۇرۇش خادىم
ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا تىجارەتچىلەردىن پارا تەلەپ قىلمايتتىم .
ناھىيمىزدىكى سودىگەر
ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا داچا سالاتتىم
ناھىيمىزدىكى تازلىق ئىشچىسى
ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا شۇنى دەسمى قىلىپ چوڭراق تىجارەت قىلغان بۇلاتتىم.خۇدايىم بىرىپ بېيپ قالسام يىتىم يىسىرلارنىڭ ئۇقۇش پۇلىغا ياردەم قىلاتتىم خۇدايىم تېخىمۇ بىرىپ قالسا ھەقسىز مەكتەپ قۇراتتىم .
تۇل خۇتۇن
ئىككى يۈزمىڭ پۇلۇم بولغان بولسا ئىككى بالامنىڭ ياخشى ئۇقۇشىغا ئىشلىتەتتىم
دىھقان بۇۋاي
مىنىڭ ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن تېپىشىمغا كۈزۈم ئىلمايدۇ، ئەگەردە ئىكى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بوپ قالغان بولسا ئېتىزلىققا چىقىپ ئىشلىمەي ئوڭدا يېتىپ يىگەن بۇلاتتىم .
ئىمام
مىنىڭ ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا قىشنىڭ كۈنى سۇغۇق ئازابى تارتىۋاتقان نامراتلارنى كۆمۈر بىلەن تەمنىلەيتتىم
دادام
ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلۇم بولغان بولسا بانكىدا قويۇپ ئۆسىمنى خىراجەت قىلاتتىم .
[ يوللىغانkokyakotتەرىپىدىن2008-09-26 22:51قايتا تەھ ]