![]() |
| |||||
818sabda
|
| ||||
---|---|---|---|---|---|
dilpak
| مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا زاھىر بورھاننىڭ ھەي بالىلار دىگەن ناخشىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن !
www.anayurut.biz | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
Juda
| .............
ھېيت بولسا شۇنچىلىك خوش بولۇپ كېتەتتۇق ، چوڭلار نامازدىن كەلگۈچە يېڭى كىيىملىرىمىزنى كىيىپ ھېيتلىق ئېلىشقا ئالدىرايتتۇق . ئۇ چاغدا ھىيت ياز كۈنلىرى كېلەتتى ، شۇ ۋەجىدىنمىكىن ھېيت شۇنچىلىك ئىللىق تۇيۇلاتتى . ئاتاملار قوينى سويۇپ قازانغا سېلىپ بولغۇچە ، ئاناملار ئۆپكە-ھېسىپنى راستلاپ بولغۇچە ، تاقىتىمىز تاق بولاتتى . مەھەللىدىكى بالىلار بىرلىشىپ ئۆي-ئۆيلەرگە ئۆزىمىزچە ھېيتلىشىپ كىرىپ كېتەتتۇق ، يىراقنى يىراق دىمەي يول بېسىپ مۇئەللىملىرىمىزنى يوقلايتتۇق . چوڭلار ھايات ئىدى ، چوڭ ئاپام چوڭ داداملار بىزنى قۇچاقلىرىغا ئالغانچە ئەركىلىتەتتى ... يوغان تاۋزۇلارنى باراڭنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ ، تاۋۇز پىشقاندا سويۇپ يەيمىز دىيىشەتتى . ھەممە جەم بولاتتى ، ئۇرۇق-تۇققانلار ئۆم ئىناق مۇبارەك ھېيت شادلىقىغا چۆمەتتۇق ... ھەي .... مانا ھازىرغا قاراپ ئېچىنىمەن ! ھېيتمۇ ياكى بايراممۇ ھېچ قىزغىنلىق يوق ، ھەممە شۇنداق ھارغىن ، مەڭگۈ خىزمەت ، تۇرمۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ . مۇئاشلار بۇرۇنقى نەچچە يۈز كويدىن نەچچە مىڭغا ئۆرلىگەندەك قىلسىمۇ ئۇلار مەڭگۈ يەتكۈزۈپ بولالمايدىغاندەك ، كۆڭلى مەڭگۈ توق ئەمەستەك ھېس قىلىمەن . شۇ بالىلىقنى قانماي ئەسلەيمەن ! زادى جاھان ئۆزگەردىمۇ ياكى ئادەملەرمۇ ، دەيمەن ئۆز ئىچىمدە ... | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
818sabda
|
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ
قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
| ................... تۈنجى قىتىم ئانا مەكتىپىمگە قەدەم قويغان ۋاقتىم ھىلىمۇ ئىسىمدىن ھىقمايدۇ . ئۇ كۈنى ئاپام مىنى يىتىلگىنىچە مەكتەپكە بېرىپ تىزمغا ئالدۇرۇپ قۇيۇپلا كىتىپ قالدى . مەن يىڭىدىن تۇنۇشقان دوسىرلىرىم بىلەن ئويناشقا كىرىشىپ كەتكەنىدۇق . بىزنىڭ ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى يىقىن بولغاچقا ئاپام مىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇيۇپلا كىرىپ كەتكەنىدى . ئۆيگە قايتقاندا ئاپام مەندىن « بۈگۈن مەكتەپتە نىمە قىلدىڭلار ؟» دەپ سورىدى . مەن ئالدىراپلا « بىز بۈگۈن بىر كۈن مەكتەپتە يىڭىدىن تۇنۇشقان دوسىتلىرىم بىلەن ئوينىدۇق » دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم . لىكىن ئاپام مىنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپلا ماڭا « نىمىشقا مەكتەپتىن قۇيۇپ بەرگەندىن كىينلا ئۆيگە قايتىپ كەلمىدىڭ ؟» دەپ شۇنداق كۆپ تەربىيە بەردى . كىچىكلىكىم ئۇخشايدۇ مەنمۇ يا « بىزنى مۇئەللىم قۇيۇپ بەرمىگەن تۇرسا » دەپمۇ جاۋاب بەرمەپتىمەن ... كەچتە ئاپام چوڭ ئانامغا بۇ ئىشنى ئېيتقانىدى ، چوڭ ئاناممۇ نۇرغۇن تەربىيەلەرنى قىلغانىدى . بۇ گەرچە ئۇنچە بەك چوڭ ئىشمۇ ئەمەس لىكىن تا بۈگۈنگىچە ئاشۇ كۈندىكى ئىشنى ھەرگىز ئىسىمدىن چىقىرىپ قويغىنىم يوق ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ququl
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۈنجى قىتىم ئانا مەكتىپىمگە قەدەم قويغان ۋاقتىم ھىلىمۇ ئىسىمدىن چقمايدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|