![]() |
| |||||
yaqi
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى |
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusuf
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەممىدىن بەك زىيان تارتىدىغىنى ئوقۇتقۇچىلا بولماستىن بەلكى كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان ئوقۇقۇغۇچې ئېكەنلىكىنى ئويلىسام بەك غەزىپىم تاشىدۇ.ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز،رەھمەت سېزگە!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
يوللذق
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۈزۈپ چىقساق ئوخشىتىپ بىر سائةتلىك دةرس پىلان،
ساختا ئارخىپ ئىشلةيمىز تاشلاپ قويۇپ شۇ ھامان، ئىش ئۈستىگة پىش قوشۇپ ئۈستةل بولار زور خامان، ئايرىماق تةس نة ئوقۇش قايسى قةغةز ۋة سامان، ئىلىم گۇلزار باغىغا يانتاق تىككةن مۇپةتتىش. باشلىق كةلسة پىكاپتا مۇدىر كۈلةر پۈكلىنىپ، تۇتامى يوق جىق ئىشلار يېڭىباشتىن يۈكلىنىپ، تۆت كۈنلۈككة ۋةزىيةت قالار ئاستا ئوڭلىنىپ، ئېشةك ئۆتسة كۆۋرۈكتىن يىغلار سىنىپ مۇڭلىنىپ، گۈلدۇرى چوڭ، يامغۇرى يوق قۇرۇق شامال مۇپةتتىش. نېمە دېگەن كۈچلۈك پاش قىلىش !قەلەم ساھىبى ئەپچىل مۇخەممەس شەكلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ھەقەيقىي تەسۋىرلەيدۇ.شەلكىلۋازلىق___ قاچانمۇ تۈگەر ؟ ![]() | ||||
---|---|---|---|---|---|
kumbah
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇنداق ئىشلارغا نىمە دىگلۇك ئەمدى.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
otyak
| بىر كۇن كېلەر يىڭىچە، ئەتە كېلەر ئۆزگىچە،
قەغەز كەتتى بىر پاتمان، ئۇنى تىخى تۇزگىچە ، كىچە-كۇندۇز ئىشلەيدۇ، پۇتمەي تىخى كۇزگىچە، قىيىن ئىكەن ئىشلىرى، سان-سىپىرنى ئۇزگىچە، ساختىلىقنى ئۇگەتكەن، تۇگىمەيدۇ مۇپەتتىش . ئوقۇشتىنمۇ بەك مۇھىم، ئىككى ئاساسەن ئىشى، مەبلەغ كەتتى ئۇنىڭغا، باي بولىدۇ بىر كىشى، تازىم قىلىپ تۇرىمىز، يۇقۇرىغا ھەم بېشى ، بەزەن تىخى كاللا يوق، يىغلاپ تۇرار نە يېشى ، يالۋۇرۇپلا ئۆتىمىز، يورغىلايدۇ مۇپەتتىش . ساختىلىقنى بىلىپمۇ تەكشۇرۇپمۇ ئۆتىمىز، ھەيۋە قىلىپ بەزىدە، ئىدارىدىن كېتىمىز، بۇ ئىشلارغا ئامال يوق، دەردىمىزدە يۇتىمىز، يەنە كەلسە قوش قوللاپ، رىستۇراندا كۇتىمىز، رىياللىققا بوي بەرمەي،سوكۇلدايدۇ مۇپەشتىش. يوق بالىنى بار قىلىپ، كۆچۇرىمىز ھەر يىلى، ساۋاتسىزلىق ئىلكىدە، گاچا بولدى ھەم تىلى ، تاپالمايمىز تىخىچە، ئىسىم نامى ھەم قېنى ؟ شۇڭا چىقتى ماڭدامدا، يالغانچىلىق ھەم يېلى، باشلىق كەلسە تۇرىدۇ بەك يىغلايدۇ ، مۇپەتتىش. [ يوللىغانotyakتەرىپىدىن2008-09-26 14:32قايتا تەھرىر ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
tughrul
| ئوقۇتقۇچىلارغۇ دەم ئېلىشنى قۇربان قىلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان بالىلارنىڭ يۇقاتقىنى قايتا كىلەمدۇ!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
tograh0997
| نەق تۇرمۇشىڭ ئۆزى، ساتىرا مۇشۇنداق بۇلىشى كېرەك
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
musallas
مۇسەللەس
| مائارىپ نازارىتىدىكىلەر كۇرەمدىغاندۇ ھە بۇ تىمىنى .......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
1212adiba
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يېزىلغان شېر ئىكەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
adixim
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتنى راستتىنلا ھەقىقىي ئېچىپ بېرىپسىز ، سىزگە ئاپىرىن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mihman910
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تەتىل، بايرام، ئارام كۈن، شەنبىسىمۇ كېلەمىش،
تەلىيىمىز كەپ قالسا يەكشەنبىنى بىرەمىش. سادىر قىلغان سەۋەنلىك، كۆرگۈلۈكنى كۆرەمىش، بىگىز قولنى تاڭلايغا، كۆزىمىزگە تىرەمىش . سىز پومىششىك بىز مالاي بولۇپ قالدۇق مۇپەتتىش | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
mihman910
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تېما ئىگىسىگە سۇئال:
ئەسەرنى قايسى كىرگۈزگۈچتە يازغان؟ساقلىۋالاي دېسەم خەت نۇسخىسى نورمال ئەمەس. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
yaqiwak
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ukk دە يازغان، ھەممە خەت نۇسخىسىنى تۇنۇيدىغان خەت نۇسخىللرى توپلىمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tilsimat0997
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ساتىرانىڭ ئاپتۇرى كۆمۈلۈپ قالغان تالانت ئىگىسىدةك قىلىدۇ، شۇنداقلا مةكتةپنى خېلى تةتقىق قىلغان ئةۋلاتلار تةقدىرى ئۈستىدة ئويلىنىدىغان پىشقان مائارىپچى ئوخشايدۇ. مةكتةپ قورۇسى ئىچىدىكى ئىشلارنى ئةينةكتة ئةينةن كۈزىتىپ تۇرغاندةك ھةقىقى راستىچىللىق بىلةن سۈرةتلةپتۇ. ئاپرىن مىنىڭمۇ دةردىم چىقىپ قالدى.
بۇنىڭدا بىر قسىم جاھىل مۇتةسسىپ ئةمةلدارلارنىڭ ئوقۇتۇشنى قىلچة چۈشةنمةي قارغۇلارچة بۇيرۇق چۈشىرىدىغان پىداگوگىكا قانۇنيىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ كةسپ خاركتىرىنى خۇنۇكلاشتۇرۇىدىغان چاكىنا قىلمىشى مۇپةتتىشكة باغلىنىپ ئوبىرازلىق سۈرةت، ئۆتكۈر، جانلىق تىل ئارقىلىق پاش قىلىنىپتۇ. راسىت شۇنداق بىچارة ئوقۇتقۇچى مةكتةپتة بىر كۈنلۈك خىزمةتنى نورمال خاتىرجةم قىلسىمۇ يىتىپ ئاشقىدةك چارچايدۇ. ئۆلمةك ئۈستىگة تةپمةك قىلغاندةك ئوقۇغۇچى تۇلۇقلاش، تام تۇرۇس تازىلاش، تازىلىق قىلىش، پارتا-ئورۇندۇق رىمۇنىت قىلىش ئىشلىرىنى قىلىشتىن تاشقىرى يةنة تاغدةك دۆۋىلىنىپ كةتكةن ئارخىپ ماتىرىياللارنى يالغاندىن ياساپ ئوقۇغۇچىلارغا ساختا گةپ ئۈگىتىپ ھارمايدۇ. ھار ئالسىمۇ خورلۇقنى ئىچىگة يۈتىدۇ. تةتىل، ھېيىت بايرام مةزگىللىردة ئىشچى ھةرىدةك ئىشلةپ تۇرۇپمۇ قىلچة ماختاشقا تۇلۇقلىما ياردةمگة ئىرىشةلمةيدۇ. بۇ ساتىرادا ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈرةك ساداسىنى ياڭرىتىپ ئۇلارنىڭ دةرد ئةلةملىرى، جةۋرى جاپاسى، نادان ئاتا-ئانىلارنىڭ كةمسىتىشى، ئوقۇشنىڭ قةدىرنى بىلمةيدىغان كةپسىز، بةڭۋاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يالۋۇرتىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈرىگىنى لةختة قىلىدىغان ئېغىر ھادىسة. ئةڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نادان، ساۋاتسىز، يارىماس بولۇپ قېلىشى ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئةڭ زور پاجىئة. بۇ ساتىرا ئةنة شۇ شةرةپ تاختىسىدىكى جاپاكةش بىجارة ھوقۇقسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يارىلانغان يۈرىكىگة شىپالىق مةلھةم بولۇپتۇ. مۆھتىرةم قةلةم ئىگىسى سىزنىڭ بۇ شىرىڭىزنى ئوقۇپ سىزگة بولغان ھۆرمىتىم ھةسىلةپ ئاشتى. بۇنىڭدىن كىينمۇ سىزنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئةسةرلةرنى يېزىپ تۇرۇشىڭىزنى تةقةززارلىق بىلةن كۈتىمىز. قولىڭىزغا دةرد كةلمىسۇن. بولسا تېلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ئالاقىلىشىپ تۇرساق. سىزگة ئامةت يار بولسۇن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kardan
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقنى ھەق دەپ ئۈگەنگەن تىلىمىز ۋە دىلىمىز،
ساختىلىقنى ئۈگەتتى بىزگە ئاشۇ مۇپەتتىش. « ئىككى ئاساسەن » ئەسلى ماھىيىتىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پەن ـ مەدەنىيەت ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كاتتا قۇرۇلۇش...... لېكىن، نۇرغۇن ئىشلار ۋاقتىدا، جايىدا ئىشلىنىپ مېڭىلمىغاچقا بىزگە ۋە سىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ....چىدىدۇق،يەنە چىدايمىز. چىدىمىساق زىياننىڭ چوڭىنى تاربىيىلىنىۋاتقانلار تارتسا بولمايدۇ- دە! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|