| ||||||
مىللىتىم دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىقاراخانصيلار خانلصقصنصڭ قۇرغۇچصسص بصلگة كۆل قادصرخاننصڭ قصسقصچة تةرجصمھالص بىلگە كۆل قادىرخان ياغما قەبىلىسىنىڭ باشلىقى. بۇ قەبىلە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناھايىتى زور رول ئوينىغان بولۇپ ، ياغما قەبىلىسى مىلادىيە 840-يىلى پانتېكىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە تەركىبىدە سىر ۋە تالاس دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلغان قارلۇقلار رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ يۈكسەك جەڭگىۋارلىقى بىلەن قارلۇق خانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قاتار ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشكەن.مىلادىيە 870-يىلى ياغما قەبىلىسى تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، قارلۇق خانلىقىغا يېقىندىن ماسلاشقان ھالدا غەربتىكى سامانىيلار خانلىقى (875~999) قارشى نۇرغۇن جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان.ئارقىدىنلا يەنە تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ،قەشقەر رايونى ۋە پامىر تاغلىرى ئەتراپىغا ئىچكىرلەپ كىرگەن . نەتىجىدە ، قارلۇق خانلىقى بارا-بارا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، ياغما قەبىلىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. مىلادىيە 880-يىلىغا كەلگەندە ياغما قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بىلگە كۆل قادىرخان بالاساغۇن شەھىرىنى ئىشخال قىلىپ، قارلۇق خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى كونترول قىلغان ھەمدە چوڭ ئوغلى بازىر تېكىنگە << ئارسلانخان>> دىگەن نامنى بىرىپ بالاساغۇن شەھىرىنى باشقۇرۇشقا؛كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق تېكىنگە <بۇغراخان> دىگەن نامنى بىرىپ تالاس شەھىرىنى باشقۇرۇشقا قويغان.بۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاساسىي رەسمىي ھالدا تۇرغۇزۇلۇپ، بالاساغۇن شەھىرى خانلىقنىڭ پايتەختى قىلىنغان.ئۇزاق ئۆتمەي بىلگە كۆل قادىرخان ۋاپات بولغان. مەنبە_ قەشقەر سىفەن شۆيۇەن ئىلمىي زورنىلى ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-26
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
arkhon | Re:بصلگة كۆل قادصرخاننصڭ قصسقصچة تةرجصمھالصسەلتەنەت ساھىبى بولمىش ئاتا بوۋىلىرىمىزغا سالاملار بولسۇن
| ||||
---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | Re:بصلگة كۆل قادصرخاننصڭ قصسقصچة تةرجصمھالصبۇ ئاەمنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن خەۋەرلەندۇرگىنىڭىزگە رەخمەت ،،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kvkyakut دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بصلگة كۆل قادصرخان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسىكەندە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
holy5 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت سىزگە
ساقلۋالدىم | ||||
---|---|---|---|---|---|
akidaakida دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تارىختىن بىر بەت ۋاراقلىغىنىڭىز بەكمۇ ياخشى بولدى.......ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تارىىخىنى بىلمىسە بولمايدۇ.رەھمەت
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇ ئادەمنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ،رەھمەت سىزگە بىلۋالدىم.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
فۇرقان دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مۇشۇ كۆل بىلگە قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، يەنى بازىر تېكىن-ئارسىلانخاننىڭ ئوغلى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
halpambag دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تېمىڭىزگە رەھمەت! بىلىۋالدىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul | ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
oqmasumut دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
---------------------------------------------------------------------------------- ئەپسۇسكى بۇ بوۋىمىز تېخى ئىسلامغا كىرىشكە ئۈلگۈرمەپتىكەن ، ... ئەجدادىمدىن پەخىرلىنىمەن . | ||||
---|---|---|---|---|---|
مىللىتىم دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ قارىخانىيلارنىڭ دۆلەت بايرىقى......... مىنىڭ مۇنبەر باش سۇرۇتۇم شۇ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bilga0992 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىلگە كۆل قادىرخان ياغما قەبىلىسىدىنمۇ ؟
بىلگە قادىرخان ياغلاقار قەبىلىسىدىندۇر . 840 - يىلى پان تېگىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە غەرپكە كۆچۈپ ، ئۇدۇل قارىشەھەر ئەتىراپىغا ئورۇنلىشىدۇ . 848 - يىلى كەڭسۇدا ئۆزىنى توققۇز ئۇيغۇر خانى دەپ جاكارلىغان ئۆگۈ تېكىن ئۆلگەندىن كېيىن پان تېگىن ئۆزىنى خاقان دەپ جاكارلايدۇ . كۇچانى پايتەخىت قىلىدۇ . 856 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر خانلىقىدىكى كاتتا باي ( ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ . كەچۈرۈڭلار ) ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ، توققۇز ئۇيغۇر خانلىقىنى( خەنزۇ يىلنامىلىرىدە ئەنشى ئۇيغۇر خانلىقى دەپ ئاتالغان . يېڭى تاڭنامىگە قارىساڭلار بولىدۇ . ) ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، پايتەخىتنى ئىدىقۇتقا تۇرپانغا يۆتكەپ ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىدۇ . پان تېكىن قۇرغان توققۇز ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زىمىنى ناھايتى كەڭ بولۇپ ، شەرىقتە كەڭسۇدىن تارتىپ غەرپتە سامانىليلار زىمىنىغىچە بولغان بارلىق زىمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . قارلۇقلارمۇ ئۇلارغا قارام ئەل ئىدى . بىلگە كۆل قادىرخان بولسا بالاساغۇن قاتارلىق خانلىقنىڭ غەربىنى باشقۇغۇچى خان بولغاچقا خانلىق پارچىلانغاندا ئۇلار باشقا ئۇرۇقتىن بولغان ئىدىقۇت خانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان . ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن خانلىق ياغلاقار ئۇرقىدىن چىقاتتى . باشقا ئۇرۇقتىن خاقان بولۇش ناھايتى ئاز ئۇچىرايدىغان ھادىسە . ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەخىتنى كۆچۈرۈشى ، قاراخانىيلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تىركىشىپ تۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگە قادىرخاننى ياغلاقار ئۇرۇقىدىن دېيىشكە بولىدۇ . ياغمىلارغا كەلسەك . ياغما قەبىلىسى ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 750 - يىللىرى ئەتىراپىدا قەشقەر ئەتىراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان . ئۇلار ھىچ قاچان پان تېگىن بىلەن كۆچكەن 15 قەبىلىنىڭ ئىچىدە بولمىغان . كىچىكىنە بۇغرا ئاتالمىسىغا قاراپلا قاراخانىيلارنى قۇرغۇچىلار ياغما قەبىلىسىدىن دەپ ئېيىتساق ئاقىلانىلىك بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراخانىيلارنىڭ دەسلەپكى پائالىيىتى قەشقەردە ئەمەس ، بالاساغۇندا ، چوڭ خاقان بالاساغۇندا تۇرغان . ياغمىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بولسا قەشقەر ئەتىراپى .... مۇشۇلارغا ئاساسەن قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ئۇيغۇرلاردىكى خاقان چىقىدىغان ئۇرۇق ياغلاقار ئۇرقىدىن دەپ ئاتاش بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپپىق . ياغما دەپ قاراش ھاجى نۇر ھاجى ئەپەندىمنىڭ كىتابىدىمۇ خاتىرلەنگەن . مېنىڭچە بۇخىل قاراش ئەينى دەۋر رىئاللىقىغا ھەم پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . كۆپچىلىكنىڭ يەنە ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمەن . | ||||
---|---|---|---|---|---|