| ||||||
818sabda | ئەزىزىم ،يۈرىكىمگە قۇلاق سال(818sabda)ئەزىزىم ،ئامانمۇسەن،نىمانچە نازۇكسەن،گەرچە نازۇكلىغىڭدىن رەنجىپ تۇرساممۇ سىنىڭ مىنى ئەڭ جەلىپ قىلۋاتقىنى يەنىلا سەندىكى نازۇكلۇك ئىكەنلىگىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمەن ئەلۋەتتە،
ھەر كۈنى ئوز -ئۇزەمنى ئەيىپلەيمەن،ئۇزەمگە ھايادىن ھالقىما دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىمەن ،لىكىن ................قەلبىم تىنىمسىز سېغىنىپ تۇرسا،يۇرىكىم ساڭا تەلپۇنۇپ تۇرسا كوزلىرىم سىنى ئىزدەپ تۇرسا قۇلاقلىرىم سىنىڭ ئاۋازىڭىغا تەشنا تۇرسا ئېيتە مەن قانداق قىلىمەن ،ھەر كۇنى مەۋھۇم دۇنيادىكى رەڭلىك سۆرىتىڭدىن سىنى يىنىمدا تۇرغاندەك مىنى كۈرۈپ تۇرغاندەك خاتىرجەم بولىمەن،لىكىن رەڭسىزلەشكەندە بولسا شۇ بىر كۇنلۈك خىزمىتىممۇ تاغدىن ئېغىر بېسىم ماڭا، بىلمىدىم ،لىكىن سەن ھەممىسى ساڭا ئايان دەپلا تۇرۋالىسەن،ھېلىمۇ كوپ ھالقىپ كەتتىم ئوز چىگرامدىن،سەن بۇنى مەن ئۇچۇن شۇنچە ئاسان دەمسەن،سەن تەرپىڭدىن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغانلىغىمغا ئەپسۇسلىنىپ تۇرساممۇ سىنى ئۇنتۇشقا ئامالسىزمەن،سىنى ئەزىزىم دەپ چاقىرغان چېغىمدىلا سەن ئۇچۇن كۇيۇپ بولغانمەن،كويگەندىمۇ سىنى ئەزىزلەپ سۇيۈشكە تەييار بولغانمەن، بىلمەپتىمەن،سىنىڭ مىنى بۇ يولدا ۋاقىتلىق ھەمرا قىلىۋالىدىغىنىڭنى ،خالىغاندا كوز قىسىپ بەزى تېخى ئەللەي ئىتىپ ،مىنى ئىشقىڭدا خارۇ زار ئېتىدىغىنىڭنى بىلمەپتىمەن،بىلسەممۇ قانداق قىلالايمەن،چۇنكى سەن سۇيۇلگۇچى مەن بولسان سۆيگۈچى تۇرسام . سىنى ئۇنتۇپ كەتكۈممۇ يوق،گەرچە ئازاپلىق بولسىمۇ سىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن،سىنى ئۇنتۇپ قالسام ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشۇ ھېسياتلىرىمغا يۈز كىلەلمەيمەن،چۇنكى چەكتىن ئاشسىمۇ ئۇ ساڭە بولغان بىر ئاشىقنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان نازى ئەمەسمۇ؟ ئويلاپ باقسام سەن بىلمەپسەن،مىنىڭ ساڭا بولغان پاك ھېسياتىمنى بىلمەپسەن،مىنى يول بۇيىدا سۇغا چىققان «ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگىدىغان» كورۇپسەن،ھايا چىگرىسىدىن بىر پۇتۇمنڭ ھالقىتقانلىغىم ئۇچۇن سەن ماڭا ئەرزىمەس باھالارنى بېرىپسەن، كەچۈرگىن،مەن يەنىلا مەن،سەن ساڭا بولغان سويگۇمنى رەت قىلىشقا ھەقلىقسەن ،لىكىن ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا يولسىزسەن، سىنى ئويلىماسلىقىم مۇمكىن ئەمەس،چۇنكى سىنىڭ قاراشلىرىڭ ،يۇرىكىمنى ئوغۇرلىغان پىچىرلاشلىرىڭ،قەلبىمگە موھۇر بۇلۇپ كەتتى ئەمەسمۇ ؟مەندىن ئاغرىما،مەن سىنى ئەنە شۇنداق روخسەتسىزلا سۇيۇپ كىلۋاتىمەن،يۈرىكىممۇ ماڭا دىدى: مەن خالايمەن،سەن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىكەنسەن سەن ئۇنى سويىۋەرگىن،مەن بۇ ئوتتا كۈيۈشكە رازىمەن. شۇڭا ئەزىزىم مەن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، [ يوللىغان818sabdaتەرىپىدىن2008-09-26 11:31قايتا تەھ ] ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-26
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ali021 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئىلگىرى پالانى پۇستانە قىزنىڭ ئىشقىدا ساراڭ بوپتۇ دەپ ئاڭلىغان ، ئەمما بىرەر قىزنى بىرەر يىگىتنىڭ ئىشقىدا ساراڭ بوپتۇ دەپ ئاڭلىمىغانتىم ، قارىغاندا ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىمۇ ئاڭلايدىغان ئوخشايمەن
[ يوللىغانali021تەرىپىدىن2008-09-26 18:01قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
200888maxal | ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،مەن بۇ تىمىنى مەلۇم بىر دوستۇمغا تەۋسىيە قىلىمەن ئۇمۇ كۈرۈپ باقسۇن،قېنى ئۇ نىمە دەيدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurana9 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:ئەزىزىم ،يۈرىكىمگە قۇلاق سال،ھەر كۇنى مەۋھۇم دۇنيادىكى رەڭلىك سۆرىتىڭدىن سىنى يىنىمدا تۇرغاندەك مىنى كۈرۈپ تۇرغاندەك خاتىرجەم بولىمەن،لىكىن رەڭسىزلەشكەندە بولسا شۇ بىر كۇنلۈك خىزمىتىممۇ تاغدىن ئېغىر بېسىم ماڭا،
توردا ياخشى كورۇپ قالغان يىگتمۇ ئۇ | ||||
---|---|---|---|---|---|
nurana9 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەسرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ،ئۇنى ئوقۇپ خىياللار قاينىمىغا كىرىپ كېتىپتىمەن.
رەخمەت . | ||||
---|---|---|---|---|---|
aziz-gul دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ،ھەر كۇنى مەۋھۇم دۇنيادىكى رەڭلىك سۆرىتىڭدىن سىنى يىنىمدا تۇرغاندەك مىنى كۈرۈپ تۇرغاندەك خاتىرجەم بولىمەن،لىكىن رەڭسىزلەشكەندە بولسا شۇ بىر كۇنلۈك خىزمىتىممۇ تاغدىن ئېغىر بېسىم ماڭا،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
padixa111 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سەبدە قىزنى نىمە ئۇچۇن شۇنداق مىسكىن دىسەم قەلبىدە ئوت باركەن ئەمەسمۇ؟
رەنجىمەڭ ھە،بەك ياخشى يېزىپسىز،قەلىمىڭىز ھارمىغاي | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | ما ئەسىرىڭىزنى «ساراڭ» كۆرۈپ قالمىسۇن جۇمۇ~~ «كىمنى ئەزىزەم دەۋاتىسىز» دەپ سىزگىمۇ بىر مۇنچە داۋلى سۆزلەيدۇ، «ئىشەنچ»كە دىگەن گەپلىرى ئىسىڭىزدىدۇ؟~~
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، لىكىن مىنىڭمۇ كاللامدىن ئانچە ئۆتمەيدۇ، ئوغۇل بالىنى «ئەزىزەم» دىسە سەل غەلىتە تۇرامدۇ قانداق؟~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munajat7 | مانا مۇشۇ سۆز ئىبارىلەرنى ھەقىقى سىزگە سادىق كىشىڭىزنىڭ قۇلغىغا پىچىرلاڭ.
ياخشى يىزىپسىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
818sabda | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىhomaنىڭ2008-09-26 13:48يوللىغان : ئەزىزىم ،بۇ ئەرلەرگە قارىتىلىدىغۇ؟ مەنمۇ «ساراڭ » دىن تىل ئىشىتمەي دەپ ئەزىزىم دەپ ئالغان،چۇنكى نۇرغۇن ماقالىلاردا ئەرلەر ئەزىز دىگەن تېمىلارنى كورۇپ تۇرىمىزغۇ ؟ پەقەت بولمىسا «ساراڭ» كەلگەندە سۈكۈتتە تۇرۋالاي ئەزىزەم بىلەن ئەزىزىم -----------------پەرقى باردۇ | ||||
---|---|---|---|---|---|
ئەسلىمە | مۇنبىرىمىزدە يۈرۈگىگە ئوت كەتكەنلەر ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
otyak | مۇھەببەت ئۆچمەيدۇ. ئۇ كەتسە، سەن كېتەلمەيسەن، بۇ شۇنداق جاھان...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
818sabda | Quote:بۇ يازما11قەۋەتتىكىotyakنىڭ2008-09-26 15:07يوللىغان : بۇ پىكرىڭىزنى قوللايمەن | ||||
---|---|---|---|---|---|
818sabda | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىali021نىڭ2008-09-26 11:26يوللىغان : ئەمىليەتتە ئاسانراق ساراڭ بولىدىغىنى قىزلار ،چۇنكى بىز بېرىلىپ سويىمىز،بۇگۇن شۇ سەل دادىلراق قەدەم ئېلىپ قويدۇم،ئەيىپكە بويرىمىغايلا؟كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئوزلىرىنى بىرەرىنىڭ ئوزلىرى ئۇچۇن ساراڭ بۇلۇپ قېلىشىنى ئۇمىت قىلىپ قالاملا تېخى | ||||
---|---|---|---|---|---|