| ||||||
Aimar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن ياقا يۇرتلاردا.......بۇ تىمىنى ئۇيغۇرۇم007 : شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-09-26)
ئىچىم پۇشۇپ، دەردىم تېشىپ تۇرغان مۇشۇ يېقىندا قەلەمنى قولغا ئېلىپ بىر نەچچە مىسرا يازغىم كەلدى.
مەن شائىر ئەمەسمەن،لېكىن پىكىرلىرىمدىن چاقنىغان بۇ ئۇچقۇنلارنى ئىختىيارسىز قەلەمگە ئىلتىجا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.مەنچە بۇ يەر سەھنە ئەمەس بەلكى ئەڭ نازۇك ھەم چىن قۇرلارنى خاتىرىلەيدىغان توپلىما! ئەلۋىدا! يۇرتتىن جۇدا! قەدەملىرىم بۇ ناتونۇش يۇرتتا. ئوڭۇممۇ بۇ؟ چۈشۈممۇ ياكى؟ ھىچ بىلمىدىم سوراپ ئۆزۈمدىن تاكى، ئېيتىڭە خۇدا! تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز، ئۆز ماكانىنى ساقلىماق پەرىز ئىدى ھەركىمگە. ناھايەت مەن بۇ ياقلاردا، تۇپرىقىم قالدى مەندىن كۆپ يىراقلاردا... قورسىقىم توق،كىيىمىم پۈتۈن، ئەمما تۇرۇپ روھىم چۈشكۈن، سورىدىم نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە يۇرت ئىكەن ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن............. ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-25
| ||||
---|---|---|---|---|---|
qiman21 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى يىزىپسز ،خۇددى مىنىڭ كۇڭۇمدىكىنى تاپقاندەكلام ،مەنمۇ شۇ ياققا يۇرتتا ،بەكمۇ غىرىپ ۋە مىسكىن ،يەي دىسەم بار كىيەي دىسەم بار خەجلەيدىسەم بار لېكىن بىرلام ئۆز ۋەتەن ئەمەس .بۇلسا يەنە كۇپىرەك يىزىپ تۇرىغايسز ،مەن ياقتۇرۇدۇم شىئىرىڭىزنى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | يېزىپ تۇرۇڭ،بۇ شېىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ.ھېسىيات چىن ئىپىدىلىنىپتۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
818sabda | ۋەتەن ئىسىڭلاردا بولسىلا ۋەتەندىكىلەر سىلەرنى ئەسلەيمىز ھەم سىلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
1212adiba دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كىشى يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ABD123 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى چىقىپتۇ رەھمەت سىزگە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | كۆڭلۈمدىكىنىلا ئىپادىلەپسىز،،،،،،،،،قەيەردە بولۇڭ،ئامان بولۇڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
200888maxal | ئىنتايىن ياخشى يېزىپسىز ،مەنمۇ شۇنداق مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkhon | ۋەتىنىڭدىن ئايرىلغان كۈنى،
قۇياش كۆلۈپ ساڭا باقمايدۇ... قۇياش چىقار شەرقتىن ئوخشاش، قۇياشمۇ ھەم ساڭا ياقمايدۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
otyak | چىن يۇرەكتىن چىققان ئوتلۇق مىسرا...ھەقىقى سىغىنىش ...
كونىلاردا:<< كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول>> دەيدىغان گەپ بار. | ||||
---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | شېىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|