| ||||||
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | ﺋــاﻧــا ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ شىنجاڭدىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردەﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﺴﯩﺰ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ - ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. جوڭگۇدا ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ،ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻏﻪﻡ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻣﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﻪﻣﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ئىچكىردە ﺳﻪﻧﻠﯘ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ،شىنجاڭدىمۇ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. شىنجاڭ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﻰ 1253ﻛﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺳﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ - ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ. شىنجاڭدا ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ، ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺸﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ، " ﺳﯜﺗﯜﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ، ﭘﯩﮕﻮﺭﺍﻡ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻫﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯛﺭﻣﻪﻱ، ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻛﻰ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﻤﯘﻧﯩﺖ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ %100 ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﺍﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﯨﺮﺟﯩﻨﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ. ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻫﻪﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯜﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺷﯘﯕﺎ ﺷﻪﺭﺕ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻤﯘﻧﯩﺖ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ، ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ ﻫﻪﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻟﻘﯩﻨﯩﺪﯗﺭ. مەنبە:تۈركىيە خەۋەرلىرى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arzul01 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئىلمىي جەھەتتىن ئىلىپ ئىيتقاندا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە بۇۋاقلار ئۈچۈن زۆرۈر ھەم پايدىلىق نۇرغۇن ماددىلار بار، بۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق نەرسە تولدۇرالمايدۇ. دىنىي جەھەتتىن ئىيتقاندىمۇ، بۇۋاقلارغا ئۆزىنىڭ قەرزىنى تولۇق بەرمىسە، ئاخىرەتتە سورىقى بار ئەمەسمۇ؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tograk002 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گەپنى يالىڭاچلا دىسەم بەزى ئاز ساندىكى ئانىلار ھېلىقى بىر نىمىسىنىڭ ساڭگىلاپ ، لوپۇلداپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىنى بىر ئايمۇ ئىمىتمەسمىش . خۇددى بىر نىمىسىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغاندەك . ئەسلى ئېچىپ دىگۈم يوق ئىدى . قىزلار كەچۈرۈڭلار .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
MNMNMN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ قىزلار كۆرىشكە تىگىشلىك تېمىكەن~~~
ھازىر كۆپىنچە ئانا)يېڭى توي قىلغان(بەدەن شەكلىم ئۆزگىرىپ كىتىدۇ دەپمۇ بالا ئىمىتمەس بۇلىۋالدى。 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھىقىقەتەن ئانا سۇتىنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق نەرسە تولدۇرالمايدۇ.شۇڭا ياش ئانىلار بۇۋاقلارنى ئانا سۇتى بىلەن بېقىشى كېرەك.
ئوز باللىرى ئۇچۇن بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە نىمۇ بوپۇ؟ ئۇلار قايتا توي قىلامتى يا ، ياكى بولمىسا مودىل بولامدۇ يا؟ ئۇيغۇرئاي تېمىڭىزغا كوپ رەخمەت !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | ئانا سۈتىنى ئەمگەن بالىلار ھەقىقەتەن بەختلىك..........
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aynur505 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى مەن قىزىمنى بىردىن ئاشقىچە ئۆزەمنىڭ سۈتننى بېرىپلا چوڭ قىپتىمەن بولمىسا چاتاق چىقىدىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ABD123 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئىككى يېرىم ياشقىچە ئېمىپتىكەنمەن ، ئۆزەممۇ خېلى بەسىتلىك بولمىسا،،،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | بالىسىنى ئەمدۈرمىگەن ئانا بالىسىنىڭ قەرزىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ، اللەنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان بولىدۇ~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ali021 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما2قەۋەتتىكىtograk002نىڭ2008-09-26 06:37يوللىغان : راس دەپسىز | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xehla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇيغۇرئاي بىز ئاياللار نىڭ ئويلىنىپ بىقىشىمىزغا تېگىشلىك ياخشى تىما يوللاپتۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|