| ||||||
parmanalip دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | قايسىنى تاللايسىز لەۋلىرىگە قىستۇرۇلغان تاماكىدىن چىققان ئاچچىق ئىسنى ئاسمانغا پۈۋلىگىنىچە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قېشىدىكى تۆت ياشلىق سەبىي قىزچاق ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىغا ئەجەپلىنىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
_ئاپا، يەۋاتقىنىڭىز نىمە؟ئوتى باركەنغۇ؟ _ تاماكا،_پەرۋاسىز جاۋاپ بەردى ئانا. _ئۇنىڭدىن چىققىنى قانداق نەرسە؟ _تاماكىنىڭ ئىسى. _ئاپا،ئىسنى يېسىڭىز ئىچىڭىز كۆيمەمدۇ؟ _ياق كۆيمەيدۇ،دەرتنى ئالىدۇ. ھەي، مۇشۇمۇ ئانا-ھە!لەنەت...لەنەت.... * * * * * _ئاپا،ئاۋۇ ئويۇنچۇقنى ئالايلىچۇ؟ _قىزىم،مەن سىزگە جىق ئويۇنچۇقلارنىڭ رەسىمى بار كىتاب ئېلىپ بېرەي بولامدۇ؟ _كىتابنى نىمە قىلىمەن؟ _ئوقۇيسىز. _ئوقۇپ نىمە قىلىمەن؟ _ئوقۇپ بىلىم ئالىسىز. _بىلىم دېگەن نىمە؟ _ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى. _ھە بىلدىم،كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن.بىلىم ئېلىپ ھاياتنى ئاچىمەن شۇنداقمۇ؟ _شۇنداق قىزىم. مانا بۇ تۆت ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ئانا. نىمە دېگەن ئەقىللىق ئانا،پاساھەتلىك تەربىيە.ئاپىرىن......ئاپىرىن....! * * * * ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتتى.تاماكا ئىسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان قىز بۆگۈنكى كۈندە تاماكىغا <<ئاق ئالۋاستى>>نى قوشۇپ سۈمۈرۈپ،ئۇمۇ يەتمىگەندەك گاھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ۋاقىتلىق ھوزۇرىنى سۈرسە،گاھى ئىت كەبى خارۇ-زار بولۇپ يۈرەتتى.قولۇم-قوشنىلار ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى.ئانا بولسا زار-زار ياش تۆكۈپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزىغا يالۋۇراتتى. _جېنىم قىزىم، مۇشۇ كۈنلەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرىۋاتىسەن.... _دەردىمنى چىقىرىۋاتىمەن،_ۋاقىردى قىز ئانىسىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا. _دەرتلىرىڭنى ماڭا ئېيتقىن قىزىم،مەن سېنىڭ ئاپاڭغۇ؟دەرتلىرىڭگە دەرمان بولاي،ئۇ نېجىس ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن. _سەنمۇ دەردلىرىم دەپ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغانغۇ؟ مەن دەردلىرىمنى تۆكەرگە ئادەم تاپالماي قالغاندا ،قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرگەندە سەن نەدە ئىدىڭ؟ئارتۇق گەپ قىلماي ماڭا پۇل تېپىپ بەر!..... _يۈرەكنى تىلغىغان بۇ گەپلەردىن بىچارە ئانا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى.ھەي.... ئۆرتىنىش،....ئۆرتىنىش....بۇلبۇللارمۇ ناۋا قىلماي خۇرسىنىشلار ئىچىدە ئېغىر تىنماقتا. * * * * * _ئاپا،قانداقراق تۇردىڭىز؟بۆگۈن ئىشتىن كەچ يانغان،سىزدىن بەك ئەنسىردىم.كۆڭلىڭىز نىمە تارتىدۇ؟مەن ئېتىپ بېرەي....... _ۋاي جېنىم قىزىم،مەندىن ئەنسىرمەي خاتىرجەم خىزمىتىڭىزنى قىلىڭ،سىز ياخشى كۆرىدىغان قاتلىما پۇشۇرۇپ قويدۇم.تېز يەۋېلىڭ. _ۋاي جېنىم ئاپا،تاماق ئەتمەي ياخشى ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ؟رەھمەت سېزگە،كېلىڭ بىللە يەيلى. _ماقۇل قىزىم،بىللە يەيلى.قىزىم،سىز ئوقۇتقۇچى،ۋەزىپىڭىز ئېغىر،قۇۋۋەتلىك يېمىسىڭىز بولمايدۇ،شۇڭا كۆپىراق يەڭ. _رەھمەت ئاپا. نىمىدېگەن گۈزەل ھايات،مەنىلىك تۇرمۇش...... ئاپتۇر :ئىسلام ئابدۇللا مەنبە:<<شىنجاڭ ئاياللىرى>>ژورنىلى 2008-9-سان ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-25
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusuf دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تىمىنىڭ ئېسمىنى ئۆزگەرتىپلا قايتا يوللاپتىغۇ،قايسى كۈنى بېر قىتىم يوللانغان تىما بۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
0991sumruh دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بالىلارنىڭ قەلبى ئاق قەغەز، نىمە يازسىڭىز شۇ چىقىدۇ!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Sahra-ogli دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مانا بۇ بىر ھەقىقەت ،،،،،،،،،،،،،،،،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | ئۇف~~ شەبنەمدىلا 3 - قىتىم كۆرۈشۈم ما تىمىنى~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hitman-x دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭ تۇنجى كۆرشۈم ....
دائىم دەيمەنغۇ ... ئائىلە تەربىيسى .. ئەڭ مۇھىم دەپ .. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mukaram دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:dfتاللايسىزياخشى ئانىلار يەنىلا كۆپ ...
ئىشقىلىپ ئەۋلادلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشىغا كۆزۈم يېتىدۇ.....\\\\ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MNMNMN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭ تۇنجى كۆرىشىم~~~ياخشى تېما ئىكەن!
ئانىلار دۇنيانىڭ ئانىسى,ئەتىنىڭ ئانىسى,مىللەتنىڭ ئانىسى! ئانىلارنىڭ,ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاچا-سىڭىللىرمنىڭ كۆڭلىگە اللاھ ئۆزىڭىز ئىنساپ بىرەرسىز! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arzul01 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئالدىدا كېتىۋاتقان بالىسىغا قاراپ. كەينىدە كېلىۋاتقان ئانىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى، بالا بىر ئەينەك، ئۇ سىزنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مىنىڭ تۇنجى كۆرشۈم .... ياخشى تېما ئىكەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zumrat129 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى تىمىكەن ،تىما ئىگىسىگە رەھمەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
oygur0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېما ئىكەن . رەھمەت سىزگە .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gvlara دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى تىمىكەن،ئككى خىل تەربىيە ئالغان ئىككى خىل قىز رەخمەت داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز مۇشۇنداق تىمىلارنى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MAHMUTJAN110 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بالىلارنىڭ قەلبى ئاق قەغەز، نىمە يازسىڭىز شۇ چىقىدۇ
توغىرا دەيسىز مەن تېخى تۇنجى قېتىم كۆرشۈم بۇنداق ياخشى تېمما ھەپتىدە بىر قايتىلانسىمۇ پايدىلىق تەرپى بار ھەرگىز زىيىنى يوق | ||||
---|---|---|---|---|---|
EFTALIT دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مانا بۇ ئانىنڭ دۇنيانى بىر قولىدا چۆرىشى !!!! بارلىق ئانىلار پەرزەتىڭلارنى ياخشى تەبىيەڭلا ر !! سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا مىللەت خاراپ بولمىسۇن !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|