شىئەن قاتىناش ئونۋىرسىتى دوختۇرخانىسىدا 8 نەپەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈلۈپ كەتتى
شىنخۇا تورىنىڭ 2008 – يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىئەندىن بەرگەن تىلگىرامما خەۋىرى: مۇخبىر ياڭ يى مىياۋ نىڭ شەنشى ئۆلكىلىك تەشۋىقات بۈلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 8- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ16 -كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ، شىئەن قاتىناش ئونۋىرسىتى دوختۇرخانىسى 1 - شۆبە دوختۇرخانىسى يېڭى تۇغۇلغان باللار بۈلۈمى بانىسىتقا ئېلىپ داۋالاۋاتقان 94 نەپەر يېڭى تۇغۇلغان بىمار بوۋاق ئىچىدىن ، 8 نەپەر بوۋاق 9- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئۈلۈپ كەتتى . ئۈلۈش سەۋەبى ئىھتىمال دوختۇرخانا ئىچىدىكى يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇش مومكىن .
9- ئاينىڭ 23 – كۈنى سەھىيە مىنستىرلىكى شەنشى ئۆلىكىلىك پارتىكۇم ، ئۆلىكلىك ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ، سەھيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنستىرى ،چېن جۇ، پارتىيە گۇرۇپىسىنىڭ شۈجىسى گاۋ چاڭ ، ئۆلكىلىك پارتىكۇم شۈجىسى ۋە ئۆلكە باشلىقى قاتارلىقلارجىددى يوليۇرۇق بىرىپ ، جددى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللۇنۇپ ، بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشىنى تەلەپ قىلىدى . سەھىيە مىنستىرلىكى ۋە شەنشى ئۆلكىلىك سەھيە نازارىتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى ، 23 – چىسلا مەزكۈر دوختۇرخانىغا كىلىپ ، بوۋاقلارنىڭ ئۈلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان . دەسلەپتىكى تەكشۈرۈشىتىن مەلۇم بۇلىشىچە ، بوۋاقلارنىڭ ئۈلۈش سەۋەبى دوختۇرخانا ئىچىدىكى يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتىلىك بۇلۇشى مومكىن .
مەنبە :
http://news.sina.com.cnدىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى.