| ||||||
roken دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟بىر نەچچە يىل بولدى،جەمئىيەتتە ۋە توردا ھازىرقى يېزىقىمىزنى ULY غا كۆچۈرۈش ياكى ئالماشتۇرۇش ھېچ بولمىغاندا تەڭ قوللىنىش توغرىلىق پىكىرلەر بولۇۋاتقىلى! بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارمۇ ، قوللىغۇچىلارمۇ بولدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار،
بىر نەچچە كۈن بولدى بىر پىكىر تۇيۇقسىز كاللامنى غىدىقلاۋاتقىلى ، بىلمەيمەن تۇيۇقسىز بۇ ئىش كاللامغا كىرىپلىۋالدى،بولمىسا ئويلاپمۇ باقمىغانتىم ،ھېچ كاللامدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ئەمەس ، ئاخىرى يېزىش خىيالىغا كەلدىم،بۇ يەردە تەپسىلى يېزىپمۇ ئولتۇرمايمەن،پەقەت ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمىدتە( ئەسكەرتىش : مەن بۇ نى يەنە قەستەن كۆتۈرۈپ چىقىپ بىر مەيدان ئۇرۇش،تالاش-تارتىش قوزغىماقچى ئەمەس ! ) بىز تارىختىن بۇيان 26خىل يېزىق قوللىنىپ كەلگەن، بەزىدە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپمۇ قويىمىز ! ( بۇنى يەنىمۇ ئويلاپ كۆرسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ !) بەلكىم بۇ گېن بىزگە تا ھازىرغىچە مىراس بوپ كەلگەن ئوخشايدۇ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىچىدىلا 3 قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىپ بولدۇق، تىل -يېزىق بىر مىللەتنىڭ جېنى، مۇقەددەس نەرسىسى، مەيلى قانداق سەۋەپ كۆرسەتمەيلى، بىز تىل - يېزىقىمىزغا تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك،قىزىققانلىق،يەڭگىلتەكلىك بىلەن چاقچاق قىلدۇق ، بەزىلەر 4-قېتىم ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن تالاش- تارتىشلار يۈز بەردى ! مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئورخۇن - ئانا ساي ۋادىلىرىدىن مەڭگۈ تاشلارتېپىلغاندا دۇنيادا سىرلىق ئىگە - چاقىسىز يېزىق ھېساپلاندى،بىز بۇنىڭ ئىگىسى ئىدۇق، بىزنىڭ دىيەلمىدۇق ! دانىيە ئالىمى تومسون شەرقچە ئىگەللىۋېلىش پوزىتسىيىسى بىلەن ئەمەس، غەرپچە ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن يېشىپ ئوقۇپ بۇ يېزىق ئۇيغۇرنىڭ! دىدى. تومسون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھاياتتۇر ! ئىدىقۇت، كەڭسۇ زىمىنلىرىدىن يەنە بىر بۆلەك سىرلىق يېزىق بايقالدى، بۇمۇ بىزنىڭ ئىدى ،ئەپسۇس،يەنە بىزنىڭ دىيەلمىدۇق ! نىمە ئۈچۈن ؟ ئەجدادلىرىمىز تولا يېزىق ئۆزگەرتىپ ئەجدادلىرىغا ئىزچىل مىراس قالدۇرمىغانلىقى ، ئەۋلاتلارنىڭ بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن،يېزىقتىكى ئىزچىللىقنىڭ ساقلانمىغانلىق سەۋەبىدىن ! بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا تارىختىن بۇيان قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلسا ئېتىقادى بەك كۈچلۈكلۈكى ئاخىرى بېرىپ دىنى ئەسەبىلىك ، تەلۋىلىك دەرىجىسىگەئۆزگىرىپ بۇرۇنقى بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى،يېزىقىنى تاشلىۋېتىدىغان بىر خىل ئۇدۇم بار ئوخشايدۇ، دىن ئالماشتۇرسىلا يېزىقىنىمۇ تەڭ ئالماشتۇرىدىغان، شۈكرى تىلىمىزنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەنلىكىگە! سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاڭ....... شامان دىنىدىن بۇددا دىنىغا ئالماشقاندا، بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەندە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئۆز قولىمىز تەرىپىدىن قانداق يوقىتىلمىدى ؟ بىزگە نىمىشقا ئىككى خىل يېزىق قوللىنىش شۇنچە زۆرۈر بوپ قالدى ؟ ھازىرقى زامانغا ---- كومپىيۇتېرغا ماسلاشمىدى دەپمۇ؟ ئەمدى يەنە يېزىق ئالماشتۇرۇلىدىغان بولسا ( ئالماشتۇرۇلماي تەڭ قوللىنىلسا بۇ كىمنىڭ يېزىقى دەيدىغان ياكى يېزىق قالايمىقانچىلىقى چىقىدۇ) ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى 1000نەچچە يۈز يىللىق مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز دا ئۈزۈكچىلىك يۈز بېرىدۇ، ئەۋلاتلىرىمىز بۇنى ئوقۇپ كۆرەلمەيدۇ( ئاز ساندىكى قەدىمقى يېزىقشۇناسلاردىن باشقىلار)،غايەت زور مىقداردىكى كىتاپلارنى،مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئەۋلاتلىرىمىز خەۋەرسىز قالىدۇ،بەلكىم بۇلارمۇ ئەرەپ ياكى پارسلارغا تەۋە بوپ كېتەر ! سىز ئەۋلاتلارغا بولغان مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن چىقىپ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ باقتىڭىزمۇ؟ مېنىڭ يېزىق ئالماشتۇرىدىغان گەپ چىقسا بىراقلا ئورخۇ ن يېزىقىغا كۆچكۈم بار ، بىراق بۇ شەخسى ھىسيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىش ئەمەس، شۇڭا مۇشۇ ھازىرقى يېزىقىمىزنى ئىشلىتىۋېرەيلى، مۇشۇ يېزىقىمىز تەرەققىياتقا،زامانغا،كومپىيۇتېرغا ماسلاشمىدى دىگەنلەر بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز، يېزىقتا - تىلدا گۇناھ يوق ، گۇناھ بىزدەك يارامسىزلاردا ...............ئاتالماس ئوقىدىن،چىچالماس پوقىدىن دىگەندەك بارچە گۇنانى بىز ئۈچۈن 1000يىللار خىزمەت قىلغان يېزىقىمىزدىن كۆرمەيلى !!!!!!!!! داۋامىنى كېيىن يەنە يازىمەن ......... ___ باشقۇرغۇچى : bilgar تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-25
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟مىنىڭچىمۇ مۇشۇ يىزىقىمىزنى ساقلاپ قالغىنىمىز ياخشى ......!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟ئانا تىلىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەكتە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ali021 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟يىزىق ئۆزگەردى دىگەنلىك مىللەت چىكىندى دىگەنلىك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟يېزىقنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ !!!! لىكىن ULY نىمۇ قۇشۇمچە پايدىلانساق بۇلىدۇ.
[ يوللىغانtughrulتەرىپىدىن2008-09-25 23:50قايتا تەھر ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
arkhon | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟ئۆز تىلىمىزنى ئۆز يېزىقىمىزنى قەدىرلەيلى www.oztil.com
| ||||
---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟ئانا تىلىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
saadat قار~لەيلىسى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟مۇشۇ گەپنى ئاڭلىساملا نېرۋام ئۆرلەيدۇ مىنىڭ ئالدىنقى قېتىم 5 كۈن دەم ئالماي تۇتۇشقىنىمنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلمايمەن......باشتا پەقەت زۆرۈر بولغان ئورۇن ۋە شارائىتتا قۇشۇمچە ئىشلىتىمىز،دىگەن چىرايلىق رومالنى ئارتىپ ئوتتۇرىغا ئەچىققىنى بىلەن ئاقىۋىتىنى كىم(قوش تىللىق مائارىپ)تەك بولمايدۇ دەپ ھۆددە قىلالايدۇ؟ھازىر قايسى قوش تىللىق مەكتەپتە ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتىۋاتىدۇ؟قوش تىل دىگىنى ئىنگىلىز تىلى بىلەن خەنزۇچىغا ئايلىنىپ كەتتىغۇ؟ئەجىبا ئۇيغۇر كونا يىزىقى ئىشلەنمىگەن جايلارغا شۇ يىزىقنى تۇنۇتۇش ئۈستىدە ئۇ ل ي غا كۈچىگەنچىلىك كۈچىسەك بولماسما؟زادى نەگە شۇنچىۋالا پۇتلىشىۋاتىدۇ ئۇيغۇر كونا يىزىقى؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aron دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟بىر ئوبدان بېسىققان تېما يەنە چىققىلى تۇرۇپتىغۇ~~ئىشلەتمىسڭز ئىشلەتمەڭ ئىشلتىدىغانلار ئىشلەتسۇن ئىشلەتمەيدىغانلار ئىشلەتمىسۇن گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن~~~~ھىق تويۇپ كەتتىم بۇنداق تېمىدىن~!~~~~~~!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ahi. دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟كىم ئۆزگەرتىمىز دېدى،ئۇرىمەن جۇمۇ ئەمدى...بۇرۇن دىيارىم مۇنبىرىدە 'ئاتا'دەپ بىر تورداش بولىدىغان،پىكىرلىرى خېى ئىلغار،بىر چاغدا شۇمۇ يېزىق ئۆزگەرتسەك دەپتىكەن،ھەيران قالغانتىم،مۇشۇنداق ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرمۇ مۇشۇنداق دەۋاتسا بۇ ئىش نىمە بوپ كەتتى دەپ،يەنە چىقتىمۇ بۇ گەپ!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SUKUT315 باش سۈرىتىم قېنى؟ | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟«يېزىق ئۆزگەرتىش»----- ئۈزى بەش بۇغۇملۇق سۆز بولغىنى بىلەن ،ئۇنىڭ ۋەزىنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ سۆزلەيلى!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
مۇزارت دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟مەن قەتئىي قارشى.قۇشۇمچە لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئىشمۇ قەتئىي قاملاشمىغان ئىش. دۇنيادا يالغۇز بىزنىڭ يېزىقىمىزدا بۇ خىل مەسىلە مەۋجۇتمىكەن. باشقىلارمۇ قاخشىماي، ئىشلىتىپ كېلىۋاتمامدۇ. ھەم بۇ مەسىلە يىلدىن-يىلغا بىر-بىرلەپ ھەل بولۇۋاتمامدۇ. مانا ھازىر دۇنيانىڭ خالىغان يىرىدە تۇرۇپ، شەبنەمنى كۆرۈپ ئولتۇرمامدۇق؟ يەنە نېمە قاخشاش بۇ؟ ئەمدى كىم قاخشىسا، ئاغزىغا «پوق».
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ALMALIG دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟چاپىقىنى ئالىمەن دەپ ، قارغۇ قىلىپ بىراقلا يىزىقىمىزدىن ئايرىلىپ ، يىزىقى يوق مىللەتلەردىن بولۇپ قالمايلى يەنە ! باشقىلار .ئاران تۇرغاندا ،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
qimbulak ئاپا _ سەن ئەڭ ئۇلۇغ | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىچىدىلا 3 قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىپ بولدۇق،
ئۇنداق ئەمەستۇ ، بۇ ئەسىر كىرگىنىگە 10 يىل بولماي تۇرۇپ ... ئالدىنقى ئەسىر دىمەكچىدۇ سىز ؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
xarih دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:بىزنىمىشقا ULY ئىشلەتكۈدەكمىز ؟كونا تىما ...
بۇنىڭغائەينى ۋاقىتتا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرىلگەن، سىز يەنە كۆتۈرۈپ چىققىنىڭىز نىمىسى ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|