1.بىر قانچە خىزمەت دەپتىرىنى تەڭ ئېچىپ سىلىشتۇرۇش
ئالدى بىلەن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان Excel خىزمەت دەپتىرىنى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «كۆزنەك- تۈز شەكلىدە تىزىپ تەكشۈرۈش» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، (ئەگەر ئىككىلا خىزمەت دەپتىرى ئېچىلغان بولسا، كۆزنەك تىزىملىكى ئاستىدا« xxx ھۆججىتى بىلەن تۈز تىزىپ سىلىشتۇرۇش» دىگەن بۇيرۇق كۆرۈنىدۇ.) بىر كۆزنەك ئېچىلىپ، بۇنىڭدىن قايسى خىزمەت دەپتىرى بىلەن سىلىشتۇرىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. بىز ئۆزىمىز سىلىشتۇرماقچى بولغان خىزمەت دەپتىرىنى كۆرسىتىپ بەرسەك. ئىككى خىزمەت دەپتىرىنى ئاستى- ئۈستى شەكىلدە ئېچىپ، بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
2.رەت نومۇرى قاتارىدىكى ھەرپلەرنى سانغا ئالماشتۇرۇش
ئادەتتە Excel دا قۇرلار سان بىلەن مەسىلەن : 1،2،3، ، رەتلەر ھەرپ بىلەن مەسىلەن: A,B,C دىگەندەك رەت نومۇرى قويۇلغان بولىدۇ. رەتلەرگە قويۇلغان ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرىنى سانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز. يەنى تېزىملىكتىن «قورال – تەڭشەك» نى بېسىش ئارقىلىق تەڭشەك كۆزنىكىنى ئېچىپ، كۆزنەكتىن «دائىملىق» (常规) تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى« R1C1 يۆتكەش شەكلى (R1C1引用样式)» تۈر ئالدىغا قويۇلغان بەلگىنى ئېلىۋەتسەكلا ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرى سان بىلەن يېزىلغان رەت نومۇرىغا ئايلىنىدۇ.
3.رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرىنى بېسېپ چىقىرىش
بەزىدە سىلىشتۇرۇشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن Excel ئۆزىدىكى رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرنى بېسىپ چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. يەنى تىزىملىكتىن « ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى چەكسەك، بەت يۈزىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «خىزمەت جەدىۋىلى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى «قۇر نومۇرى رەت بەلگىسى» (行号列标) دىگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويساقلا ئىش پۈتىدۇ.ئەمدى « بېسىشنى كۆرۈپ بېقىش» دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆرۈپ باقساق، قۇر نومۇرى بىلەن رەت بەلگىسى(نومۇرى)نىڭ بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىمىز بىلەن بىللە « بېسىپ چىقىرىشنى كۆرۈش »كۆزنىكىدە كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
داۋامىنى تۆۋەندىكى بەتتىن كۆرۈڭ
http://ilkitap.blogbus.com/logs/29609109.html