| ||||||
manggutax مەڭگۈتاش | [مەڭگۈتاش] سەھىھ ھەدىسلەردىن ئۈزۈندىلەرسەھىھ ھەدىسلەردىن ئۈزۈندىلەر قۇرئاننى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن يىرقلىشىپ كەتمەڭلار، ئۇنىڭ مەنىسىگە چوڭقۇر مەنا بىرىمەن، دەپ خاتا ۋە مۇبالىغە قىلىشقا بېرىلىپ كەتمەڭلار، ئۇنى تېرىكچىلىك ۋاستىسى قىلىپ، مال-دۇنيا تېپىشقا ئىشلەتماڭلار! ﷲھ بەلگىلەپ قويغان جازالارنى تۇغغاقغىمۇ، ياتقىمۇ ئوخشاش جارى قىلىڭلار. ﷲھ يولىدىكى ھەممە ئىشىڭلاردا مالامەتچىلەرنىڭ مالامىتى سىلەرنى توسۇپ قالالمىسۇن! گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭى-ﷲھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۇندىن قالسا ناھەق قان تۆكۈش، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بىرىشتۇر. ئېمان جەھەتتىن مۆمىنلەرنىڭ كامىلراقى--- خۇلقى ياخشى بولغىنى ۋە خوتۇنلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىدۇر. ئالدى بىلەن ئاناڭغا، يەنە ئاناڭغا، ۋە يەنە ئاناڭغا، ئاندىن كېيىن ئاتاڭغا ياخشىلىق قىل! قايسى ئايالنىڭ ئۈچ پەرزەنتى ياش ۋاقتىدا ئالەمدىن ئۆتسە، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا دوزاخنى توسۇپ تۇرغۇچى پەردە بولىدۇ. سەۋرىچانلىق، بەرداشلىق--- ﷲھدىن، ئالدىراڭغۇلۇق--- شەيتاندىندۇر. ئىمان بىلەن ئەمەل بىر-بىرىگە ناھايىتى يېقىندىندۇر. گۇناھىدىن توۋا قىلغۇچى كىشى گۇناھسىز ئادەم بىلەن بارۋەردۇر. بەندە قىلغان گۇناھىدىن نادامەت چېكىپ، قاتتىق ئەپسۇسلانسىلا، ئۇ ئىستىغپار ئېيتمىسىمۇ ﷲھ ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئادەم بالىسى ئۈچۈن ناماز، مۇرەسسەچىلىك ۋە خۇش مۇئاملىلىك بولۇشتىن ئەۋزەلرەك ئىش يوقتۇر. ﷲھنىڭ نەزىرىدە، توغرا سۆزدىن ئارتۇقراق سەدىقە يوقتۇر. كىمكى دۇئالىرىم ئىجابەت بولسۇن، تەشۋىشلىرىم بېشىمدىن كەتسۇن دېسە، كەمبەغەللەرنىڭ ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئالسۇن! داستىخانغا تۆكۈلگەن تائام ۋە ئۇۋاقلارنى تېرىپ يەيدىغان ئادەمنىڭ گۇناھلىرى تۆكۈلىدۇ. ئادەملەردىن ھېچبىر نەرسىنى تىلەپ سورىما، ھەتتا ئات ئۈستىدىن قولۇڭدىكى قامچاڭ چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۆزۈڭ چۈشۈپ ئال. مۇئمىن كىشى ساددا دىل، سېخىي بولىدۇ، پاسىق ئادەم ھىلىيگەر، مەككار ۋە بېخىل بولىدۇ. قېرىنداشلىرى بىلەن بىر يىل ئارازلىشىپ يۈرۈش، ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش بىلەن باراۋەر. كىمكى باشقىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىسا، ئۇنىڭغىمۇ ھېچكىم رەھم-شەپقەت قىلمايدۇ. كىمكى ئۈچ قىز پەرزەنتىنى ئۆستۈرۈپ، تەربىيلەپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ مۇناسىپ جايلارغا ئۇزاتسا ئۇنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر. دىلغا ئازار بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى--- دوزاخقا مەھكۇمدۇر! مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «سەھىھ ھەدىسلەر» دىگەن كىتابتىن مەڭگۈتاش تەييارلىدى. | ||||
---|---|---|---|---|---|
DILMHRI دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BaY_WaQQi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن~!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Biperwa ئاپلا !يەنە بىپەرۋالىق قىپتىمە | مەڭگۇ تاش ئەپەندىنىڭ مۇنۇ ھەدىسلەرنى يوللىغىنىغا شۇنداق سۆيۇندۇم ، باركاللا .
مەڭگۇ تاش كىتابخانسىندىكى كىتابلاردىن يازدىڭىزمۇ ؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aynigaralim دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ھەدىسلەر ھەقىقىەتەن ئوبدان يىزىلپتۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manggutax مەڭگۈتاش | Quote:بۇ يازما3قەۋەتتىكىBiperwaنىڭ2008-09-25 19:37يوللىغان : ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم. نەق شۇنداق. | ||||
---|---|---|---|---|---|
arkhon | ئاللاھ سىزنى ئەزىز پەزىلەتلىك قىلسۇن بۇرادەر...
| ||||
---|---|---|---|---|---|