9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ، 2008/09 - يىللىق ئىنگىلانىد بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسىنىڭ 3 - ئايلانمىسى ئوينالدى ، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۆز مەيدانىدا 3 تە 1 نەتىجە بىلەن مىدىلسبۇرگ كۇماندىسىنى ئۇتتى . ئەمدىلا ساقايغان رونالدو بۇ پەسىلدىكى 1 - توپىنى كىرگۈزدى ، ئارقىدىن مىدىلسبۇرگ كۇماندىسىدىن ئادام - يوھانسون بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، بىراق گىگىس بىلەن نانى قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ بىردىن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقۇملاشتۇردى .(ئۈستىدىكى كۆرىنىش)
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئارسنال كۇماندىسى 6 دە 0 نەتىجە بىلەن دۆلىتىمىز توپچىسى سۈن جى خەي توپ تىپىۋاتقان شېففىرىد بىرلەشمە كۇماندىسىنى ئۇتتى . دانىيە ھۇجۇمچىسى بىنتىنا 2 توپ ، 19 ياشلىق مىكسىكا توپچىسى بېللا 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويۇنى ئوينىدى ، سول يان ھۇجۇمچى ۋېلشىېر مۇ بىر توپ ئۇردى .(ئاستىدىكى كۆرىنىش)