| ||||||
munbarhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە چەك قويدىتۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە چەك قويدى ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى قارا دېڭىزدا جىددىي تىركىشىۋاتقاندا، بىر دۆلەت ئامېرىكا بىلەن روسىيىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلەشتى، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە. ئامېرىكا ‹‹مۇداپىئە ئاخباراتى›› ژۇرنىلىنىڭ 1 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، قارا دېڭىزغا كىرىدىغان بىردىن بىر يولنى كونترول قىلىۋاتقان تۈركىيە ئۆزىنىڭ بۇ ھوقۇقى تۈپەيلىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئامېرىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلىرى قارا دېڭىزغا كىرەلمىدى ‹‹مۇداپىئە ئاخباراتى›› ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: روسىيىنىڭ گرۇزىيىگە تاجاۋۇز قىلىشىدىن پەيدا بولغان كرىزىس تۈركىيىنى ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا تەڭقىسلىقتا قالدۇردى. ئامېرىكا تۈركىيىنىڭ غەربتىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى، روسىيە بولسا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە يېڭى دوستى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە ش ئا ئە ت نىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېگرىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغداپ كەلگەنىدى. ئەمما 1991 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە روسىيە بىلەن زىچ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 50 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، روسىيە – گرۇزىيە توقۇنۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە ئامېرىكا ياقتۇرمايدىغان بەزى قارارلارنى چىقارغان. تۈركىيە ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە روسىيىنى ياكى موسكۋانىڭ ‹‹تاجاۋۇزچى››لىقىنى ئاشكارا ئەيىبلىمىگەن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە روسىيىگە قاتتىق ۋاسىتە قوللىنىشقا قارشى تۇردى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ غەزىپىنى كەلتۈرگىنى، روسىيە – گرۇزىيە تۇقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەشيالىرى قاچىلانغان ئىككى چوڭ ھەربىي داۋالاش پاراخوتىنى گرۇزىيىگە ياردەمگە ئەۋەتىش ئۈچۈن، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق قارا دېڭىزغا كىرىشنى تەلەپ قىلغانىدى، تۈركىيە بۇ ئىككى پاراخوتنىڭ ئومۇمىي تونناژى 69 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا كىچىكرەك ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى ھەم ‹‹ماكفور›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوت، 6 – فلوتنىڭ ‹‹ۋېتنى تېغى›› ناملىق بايراقچى ئۇرۇش پاراخوتى ھەم ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ ‹‹داللاس›› ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتىنى قارا دېڭىزغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدى. تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مۇنداق دېدى: بىز ئەلۋەتتە ش ئا ئە ت غا سادىق، ئەمما يەنە ئىنتايىن ھوشيار تۇرمىساق بولمايدۇ، چۈنكى بىز تولىمۇ مۇھىم ۋە سەزگۈر ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز. ‹‹بالا – قازا››نىڭ ھەممىسىنى تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى كەلتۈرۈپ چىقاردى تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى يەنە قارا دېڭىز بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىن قارا دېڭىزغا كىرىدىغان بىردىن بىر دېڭىز يولى، ئۇ بوسپۇرۇس بوغۇزى، مارمارا دېڭىزى، داردانېل بوغۇزىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى ھەم ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ چېگرىسى، ھەم تۈركىيىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دېڭىز بوغۇزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئەمما ئۇرۇش پاراخوتىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى تۈركىيىدە بولۇپ، ئۇنىڭ دېگىنى ھېساب، بۇنىڭدا تۈركىيە 1936 – يىلى ئىمزالانغان ‹‹مونترېۋكس ئەھدىنامىسى›› پرىنسىپىغا ئاساسلىنىدۇ. بۇ ئەھدىنامىدە مۇنداق بەلگىلەنگەن: بۇ دېڭىز بويىدا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ قارا دېڭىزدا توختايدىغان ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئومۇمىي تونناژى ئادەتتىكى ئەھۋالدا 30 مىڭ توننىدىن، ئالاھىدە ئەھۋالدا 45 مىڭ توننىدىن، توختاش ۋاقتى 21 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ دېڭىز قىرغىقىدا بولمىغان ھەر قانداق بىر دۆلەت فلوتىنىڭ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە بولىدىغان پاراخوت سانى توققۇزدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەمما قارا دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى ئادەتتە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قارا دېڭىزدىكى ھەربىي ئىشلار مەۋجۇتلۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ‹‹مونترېۋكس ئەھدىنامىسى››گە ئاساسەن، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تۈركىيە بوغۇزى ئارقىلىق قارا دېڭىزغا كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بىر يادرو ئېنېرگىيىسى پاراخوتىنىڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارىلا 100 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پۇت – قولىنى زور دەرىجىدە چۈشەپ قويىدۇ. روسىيە دېڭىز ئۇرۇشى فلوتى بولسا قارا دېڭىزدا ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى تەمىنلەيدۇ. ش ئا ئە ت غا ئەزا كۆپ دۆلەتلەرنىڭ فلوتلىرى قارا دېڭىزغا ئايرىم – ئايرىم كىرىپ، ئاندىن بىر تۇتاش قوماندانلىقنى قوبۇل قىلىشتا بىردەكلىككە كېلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن روسىيىنىڭ قارا دېڭىزدىكى فلوتىغا نىسبەتەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى رولى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەنمەسلىكى كېرەك گەرچە ھازىرقى ئۇرۇش بولمىغان ئەھۋالدا، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈش پرىنسىپى ش ئا ئە ت نىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى قارا دېڭىزغا كىرىشتە ناھايىتى چوڭ چەكلىمىگە ئۇچراتسىمۇ، ئەمما ئۇرۇش پارتلىسا، ئەھۋال باشقىچە بولۇشى مۇمكىن. تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەگەر ھازىر قارا دېڭىزدىكى جىددىي تىركىشىش راستىنلا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا ئايلانسا، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىنىڭ رولىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەشكە بولمايدىكەن. مەيلى ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا، ياكى ش ئا ئە ت بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسۇن، چېتىلىش دائىرىسى پەقەت قارا دېڭىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ زور تۈركۈمدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىدىن بەس – بەستە قارا دېڭىزغا كىرىپ ‹‹دوئىلغا چىقىش›› مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە زامانىۋى دېڭىز ئۇرۇشى ‹‹مونترېۋكس ئەھدىنامىسى›› ئىمزالانغان 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ چاغلار ‹‹چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى، غايەت زور زەمبىرەك›› دەۋرى ئىدى، كىمنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى كۆپ، تونناژى ئېغىر بولسا، شۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى، ھازىر دېڭىز ئۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ كونترول قىلىش ھوقۇقىدا. روسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىرغاقتىكى ئاساسىي ئاۋىئاتسىيە قىسىمى ئارقىلىق زەربە بېرەلەيدۇ، باشقا فلوتلىرىدىن ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ ش ئا ئە ت كونتروللۇقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ قارا دېڭىزغا كىرىپ، ش ئا ئە ت نىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن ئېتىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يادروسى بولغان ئاۋىئاماتكا توپىمۇ تىنچ ئوكيان ياكى ئاتلانتىك ئوكياندىكى دېڭىز ئۇرۇشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان دېڭىز تەۋەسىدە ئۇرۇش قىلىشقا پۈتۈنلەي پۇرسەت تاپالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. مەنبە شىنجاڭ گېزىتى تەڭرى تاغ خەۋەر تورى [ يوللىغانmunbarhumarتەرىپىدىن2008-09-25 17:18قايتا ] ___ باشقۇرغۇچى : Nazuk-qiman تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-25
| ||||
---|---|---|---|---|---|
200888maxal | تۈركىيەنىڭ ئامىرىكا پاراخوتنىڭ ئومۇمىي تونناژى 69 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى بۇ بىر ياسالمىلىق ھەر ئىككى تەرەپكە ياسالمىسىلىق قىلمىسا زىيان تارتىپ قېلىشنى خالىمايدۇ بەرىبىر ئامىرىكا پاراخوتلىرىنى ئۆتكۈزىۋېتىدۇ .خۇددى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېيتقېنىدەك<<بىز ئەلۋەتتە ش ئا ئە ت غا سادىق، ئەمما يەنە ئىنتايىن ھوشيار تۇرمىساق بولمايدۇ، چۈنكى بىز تولىمۇ مۇھىم ۋە سەزگۈر ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز>> ئېھتىيات قىلمىسا ئامىرىكا - روسىيە ئوتتۇرىسىدا تەڭقىسلىقتا قالىدۇ دە .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BaSaR دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۈركىيە ئامرىكىنىڭ تەلپىنى رەت قىپتۇ،، ئوغولبالا ئەكەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munbarhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما2قەۋەتتىكىBaSaRنىڭ2008-09-25 16:52يوللىغان : بۇ ھەرگىز ئۇغۇلبالا ياكى ئەركەكچىلىك ئەمەس . | ||||
---|---|---|---|---|---|
00123 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۇركىيە ھەر ئھتىمالغا قارشى روسىيەنى نارازى قىلىشنى خالىمايدۇ .يەنە ئامرىكىنڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرېنى ئوتكۇزمىگىنى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى خالاس تۈركىيە ئككى ئوتۇردىن مەلۇم مەنپەتكە .ئېرىشمەكچى ئاندىن
تۈركىيە روسىيەنى خاتىرجەم قىلىپ ئامرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى توسۋىلىش ئارقىلىق ياۋرۇپا ئتپپقىنى ئوتىرىغا چۈشۈرۈشئاقىلىق ياۋرۇپا ئتپپاقىغا ئەزە بولىدۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munbarhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۈركىيە ئامرىكا .ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە روسىيەگە سۋلىشتۇرساق ئىقتىسادى ئارقىدا نامرات ھىسابلىنىدۇ.يۇىارقىلار تەرەققى قىلغان دۆلەت تۈركىيە بولسا تەرەققى قىلۋاتقان دۆلەت
| ||||
---|---|---|---|---|---|
knights622 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىياسى سەھنىدە مەڭگۇلۇك دوستمۇ ھەم مەڭگۇلۇك دۇشمەنىمۇ يوق ،پەقەت مەنپەت سوزىلا مەۋجۇت
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | نىمە قىلسا قىلمامدۇئ...................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kahrizat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۆلگۈر رۇسللار بىچارە كىچىك دۆلەتلەرگىلا تاجاۋۇز قىلىدۇ چوڭى بىلەن كارى يوق
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ekran دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۈركىيەنىڭ غەرپكىمۇ شەرققىمۇ تەۋە بولمىغان بۇ خىل ئارىسالدى دۆلەت بولۇشىنى ئۇنىڭ ئىسلام تۈزۈمىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بەلگىلىگەن(سايمىل خانتىڭتوننىڭ <مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى >ناملىق كىتابىدىن.)
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AtTiLA تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىekranنىڭ2008-09-25 18:43يوللىغان : ئىسلامدىن ۋاس كەچمىدى ، دىنى سىياسىدىن ئايرىشنى ئەمدى ئويلىشىۋاتىدۇ ، تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى تەرەقىيەتىغا كۆز يۇمساق بولمايدۇ ، بىرق مەن يەنىلا ئامىرىكىنى ياخشى كۆرىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul | بۇمۇ بىر ھىساپتا توغرا بوپتۇ ، بولمىسا تۇقۇنۇش كەڭ-كۈلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتسە چاتاق بۇلىدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | تۈركىيە ئامىرىكىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان بۇلۇپ كەتتىغۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|