| ||||||
guzaltarim دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شايار پىچىقى ماركىلىشىشقا قاراپ يۇزلەندىشايار پىچىقى ماركىلىشىشقا قاراپ يۇزلەندى
ئاپتونوم رايونىمىزدا بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، شايارنىڭ قولدا ئىشلەنگەن كىچىك پىچىقى ، كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە . نۆۋەتتە ، يەرلىك دېھقانلار قولىدىكى گۈلدەك ھۆنىرىنى ئىشقا سېلىپ ، پىچاق ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى . پىچاق ياساش شايار ناھىيىسىنىڭ كۆلەملەشكەن ، ماركىلىشىشقا قاراپ ماڭغان بېيىش ئىگىلىكنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . شايار ناھىيىسى يېڭى مەھەللە بازىرى ئاق دۆڭ كەنتى نامى چىققان ‹‹كىچىك پىچاق يۇرتى›› دۇر ، كەنتتىكى %60 كە يېقىن ئائىلە پىچاق ياساش بىلەن شوغۇللىنىدۇ ، پۈتۈن كەنتتە پىچاق ياسايدىغان ئاھالىدىن 500 ى بار . شايار ناھىيىسىنىڭ نامى چىققان ‹‹ئۈچ يۇلتۇز››،‹‹ئىگەرچى››،‹‹لوقمان››ۋە‹‹تاشخان››قاتارلىق ماركىلىق پىچاقلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كەنتنىڭ مەھسۇلاتلىرى . شايار ناھىيىسىنىڭ توققۇز ماركىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، بىرلىكتە ‹‹شايار پىچىقى›› ماركىسىنى ياسىدى . لوقمان مەنسۇر مۇنداق دېدى : ھازىر ، ‹‹ لوقمان››ماركىلىق پىچاقنى 20 گە يېقىن ئادەم ئىشلەيدۇ ، مەن پىچاق سېتىش ۋە پىچاق ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەسئۇل ، قالغان ئادەملەر پىچاق ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل . ھازىر مۇشۇنداقلا ئىشلىسەك يىلىغا ھەر بىر ئادەم 7000يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەن . كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەمكارلاشساق ، ئۆزىمىزنىڭ ماركىسىنى تۈزەپلا قالماي ، پىچاقدىن كىرگەن كىرىمىنىمۇ ، بىر ئائىلە يىللىق كىرىمىنىڭ يېرىمىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ . نۆۋەتتە ، شايار پىچىقى شايار ناھىيىسىنىڭ نۇقتىلىق ئىشلەپ چىقىرىش نىشانى بولۇپ قالدى ، پىچاق شايار ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىغا زور پايدا ئېلىپ كەلدى ، شايار ناھىيىسىدىكى دېھقانلار ، شايار پىچىقىدىن يىلىغا 1مىليون يۈەن كىرىم قىلىدۇ . نۆۋەتتە ، شايار ناھىيىسىدە پىچاقچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇلدى ، بىز ئاق دۆڭ كەنتىنىڭ پىچاق ھۈنىرىنى تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەنبە ؛ ئۇيغۇر cms تورى ___ باشقۇرغۇچى : musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bugrahan0908 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاڭلىماپتىكەنمەن ،ئۇقىۋالدىم...
رەھمەت سىزگە!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyux دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناھايىتى ياخشى بوپتۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muzapaer دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ‹‹ئۈچ يۇلتۇز››،‹‹ئىگەرچى››،‹‹لوقمان››ۋە‹‹تاشخان››قاتارلىق ماركىلىق پىچاقلىرىنىڭ ھەممىسى يۇرتىمزنىڭ داڭلىق مەھسۇلتى، ناھايىتتى نەپس پىچاق بۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KINO123.COM دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يېڭىسار پىچاقلىرى بىلەن قانداق پەرقى باردۇر؟ بۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلار بولسا ئازراق توختىلىپ ئۆتسە..
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئاتا تۈرك ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!! | ھازىر 30ئەرنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىسىڭىز بىرسىدىن پىچاق(قەلەمتىراچ) چىقامدۇ-يوق؟
شۇڭىمۇ مەن يېنىمدا «نوچى»دىن بىرنى ئايرىماي ئېسىپ يۈرۈۋاتىمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sahar413 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن كىچىكىمدە چوڭ ئانامدىن «زامان ئاخرى بولاي دىگەندە 100ئەرنىڭ بىرسىدىن پىچاق چىقمايدۇ »دەپ .ئاڭلىغان،ھازىر شۇنداق بۇلۇپ قالغىلىۋاتىدۇ.
يۇرتىمىزنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. | ||||
---|---|---|---|---|---|
aron دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھازىرقى ۋەزىيەتتە پىچاق تىرورلۇق قورالىمىز دوپپىمىزدىنى ئونسۇر قىلىپ كۆرۈنىۋاتقاندا ..............
ياخشى باشلىنىش پاتىنىت ھۇقۇقىنى بىزمۇ ئالايلى ئۆزىمىزنىڭ بولغانكىن باشقىلار ئېلىپ بولغاندا قاقشىغاننىڭمۇ پايدىسى يوق~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulpar10 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاق دۆڭ ئەمەس :ئاچىدۆڭ كەنتى ئەممازە بۇپىچاقلار نىڭ پاتنىتى خەنلەر نىنڭ قولىدا مەسىلەن ‹‹ئىگەرچى»دىگەن ماركا خەنلەردىغۇدەيمەن دوسلا ر سىلەر ‹‹ئىگەرچى»پولوسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ،بۇمۇخەنلەردە،لوقمانمۇ ئاشۇلارغا ئوتكۇزىدىغۇ دەيمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulpar10 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىشەنمىسەڭلەر بېرىپ كۇرۇپ بېقىڭلار ‹‹ئىگەرچى»پولوسى ھەممە شەھەردە بار ساپلا خەنلەر پىچاق ساتىدىغانمۇ شۇ ئۇستاملا نەچچىنى دىسە شۇنچىنى ياسايدۇ ،ئارتۇق ياسىيالمايدۇ بازاردا كۆتۇرۇپ ساتقىنى سۇپەتسىز لىرى ئۇلار سۇپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىدۇ،خەنلەرگەيارىمىغىننى بىزگەساتىدۇ مەخسۇس سېتىش نوختىسىدىن ئالسىىڭىز نەچچە ھەسسە قىممەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|