| ||||||
dihan5291 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئىشلىرى يەرشارىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتەدۇنيا خەۋەرلىرى
ھىندىستاننىڭ ھەربي ئىشلىرى يەر شارىلىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ھىندىستان يىراق مۇساپىلىق ھەربى ھازىرلىقلارنى سېتىۋالدى ۋە بىر ئاۋىئاماتكا فلوتىنى قۇردى . ھىندىستان زۇڭلىسى مەنمۇخەن.سىنگ 22-سىنتەبىر ئامېرىكا بىلەن فرانسىينى زىيارەت قىلشقا باشلىدى. مەنمۇخەن.سىنگنىڭ بۇ 10كۈنلۈك زىيارىتىدە،ئۇ ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە فرانسىيە بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشىلتىدىغان يادرو ئىنىرگىيەدە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدى. ھىندىستاننىڭ خەلىقئارا يادرو سودا سەھنىسىگە قايتىپ كىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتى يەرشارىلىشىش باسقۇچىغا كىرىپ بولدى. مەيلى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا كىچىك تىپتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى قورسۇن،ياكى يىراق مۇساپىلىق ھەربى ھازىرلىقلارنى كۆپلەپ سېتىۋالسۇن،ھىندىستان دۇنيانىڭ تېخىمۇ يىراق يەرلىرىگە قول سوزۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن سېتىۋالغان ھەربىي ھازىرلىقلىرى ئىچىدە،كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغىنى يىراق مۇساپىلىق ئۇرۇشقا ئىشىلتىلىدىغان ھەربىي قوراللار،ئۇلارنىڭ كۈچ دائىرسى ھىندىستاننىڭ چىگرىسىدىن ھالقىپ كىتىدۇ.ھىندىستان ھەربىي تەرەپ يېقىندا 6دانە 78–ئېل تىپلىق بوشلۇقتا ماي قاچىلاش ئايرۇپىلاننى سېتىۋالدى.بۇ خىل ئايرۇپىلان بىرلاۋاقىتتا بوشلۇقتا 3ئايرۇپىلانغا ماي قاچىلىيالايدىغان بۇلۇپ،ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئايرۇپىلانىنىڭ ھىندىستاندىن ئامېرىكىنىڭ ئالىياسكا شىتاتىغا ھىچقانداق يەردە توختىماي بارالىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيسى ھازىر 3دانە ئاۋىئاماتكىسى بولغان ھەربى فىلوتنى ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇپ بولدى.بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئاۋىئاماتكىنى ھىندىستان ھازىر خېلى بۇرۇنلاياساشقا باشلىغان بۇلۇپ ، پىلان بويچە 2010-يىلى پۈتىدىكەن.3-ئاۋىئاماتكىنى روسىيەدىن سېتىۋالماقچى.بۇلار پۈتسىلا ،ھىندىستاننىڭ بۇ دېڭىز ئارمىيە فلوتى ئەنگىلىيە بىلەن ئوخشاش ساندىكى ئاۋىئاماتكىسى بار بولغان فلوتقا ئايلىنىدىكەن. ھىندىستاننىڭ يېقىندا سېتىۋالغان ياكى ئەمدى تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا تۇرغان ھەربىي ئەسلىھەلىرى ئىچىدە،يەنە نۇرغۇن قوغلىغۇچى پاراخوت ، يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ۋەC-130J تىپلىق ترانسپورت ئايرۇپلانى بار. بۇ ھەربىي ھازىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يىراق مۇساپىلىق قوراللىق توقۇنۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشى كىشىگە ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈنسىرى جانلىنىپ كېتىۋاتقان دېڭىز سودىسىنى ئەسلىتىدۇ.ھىندىستان دۇنيادىكى 5-چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلىش دۆلىتى بولۇشىغا قارىماي ، تۆتدىن ئۈچ قىسىم نېفىتنى چەتئەلدىن ئىمپورت قلىدىغان بولۇپ ،بۇ نېفىتلارنىڭ زور كۆپ قىسمى دېڭىز يولى بىلەن توشۇپ كېلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ،ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ كۆپلەپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىپ تۇرۇپ قېلىشىمۇ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھەربىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇ. مەنبە:دۇنيا خەۋەرلىرى( گېزىت خەۋىرى ) مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: http://news.xinhuanet.com/world/2008-09/23/content_10094456.htm ___ باشقۇرغۇچى : musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bugrahan0908 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھىندىستاندىمۇ خېلى ئىلگىرلەش بارغۇ؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ھىندىستاندىمۇ يادرو سۇ ئاستى كىمىسى باما ؟؟؟ ئۇ بولغان يەردە يادرو بومبىسى ئەلۋەتتە بولىدۇ ؟ شۇنداقمۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KINO123.COM دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نوپۇس كۆپ بولسا ياخشىمۇ نىمە... ئېلىمىزمۇ نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ھەربىي ئىشلاردا خېلى ئىلگىرلىدى،ھىندىستانمۇ بوش تۇرماپتۇ.. ئىنسانلار يەرشارىنى ئۆزى ۋەيران قىلىدۇ دىسە ئىشەنمەپتىمەن.. راستتەك قىلىدۇ جۇمۇ..
ئەگەر پايدا مەنپەئەتتە ئۆزئارا يول قويۇپ،بىر-بىرىگە ياردەم قىلىپ،ھەربىي ئىشلارغا سالغان ئاشۇ غايەت زور مەبلەغلەرنى مائارىپقا ۋە پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن بولسا،بۇ چاغدا بىز فانتازىيىلىك كىنولاردا كۆرۈۋاتقان ئالىي تۇرمۇشتا ياشىغان بولاتتۇق..ھەي... | ||||
---|---|---|---|---|---|
0998sardar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نىمە گەپلەربۇ ئەمدى يانا ئىش بارمۇ نىمە !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|