| ||||||
mazargojam | قاراڭ، قايسى خىل ئانا لەۋلىرىگە قىستۇرۇلغان تاماكىدىن چىققان ئاچچىق ئىسنى ئاسمانغا پۈۋلىگىنىچە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قېشىدىكى تۆت ياشلىق سەبىي قىزچاق ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىغا ئەجەپلىنىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
_ئاپا، يەۋاتقىنىڭىز نىمە؟ئوتى باركەنغۇ؟ _ تاماكا،_پەرۋاسىز جاۋاپ بەردى ئانا. _ئۇنىڭدىن چىققىنى قانداق نەرسە؟ _تاماكىنىڭ ئىسى. _ئاپا،ئىسنى يېسىڭىز ئىچىڭىز كۆيمەمدۇ؟ _ياق كۆيمەيدۇ،دەرتنى ئالىدۇ. ھەي، مۇشۇمۇ ئانا-ھە!لەنەت...لەنەت.... * * * * * _ئاپا،ئاۋۇ ئويۇنچۇقنى ئالايلىچۇ؟ _قىزىم،مەن سىزگە جىق ئويۇنچۇقلارنىڭ رەسىمى بار كىتاب ئېلىپ بېرەي بولامدۇ؟ _كىتابنى نىمە قىلىمەن؟ _ئوقۇيسىز. _ئوقۇپ نىمە قىلىمەن؟ _ئوقۇپ بىلىم ئالىسىز. _بىلىم دېگەن نىمە؟ _ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى. _ھە بىلدىم،كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن.بىلىم ئېلىپ ھاياتنى ئاچىمەن شۇنداقمۇ؟ _شۇنداق قىزىم. مانا بۇ تۆت ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ئانا. نىمە دېگەن ئەقىللىق ئانا،پاساھەتلىك تەربىيە.ئاپىرىن......ئاپىرىن....! * * * * ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتتى.تاماكا ئىسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان قىز بۆگۈنكى كۈندە تاماكىغا <<ئاق ئالۋاستى>>نى قوشۇپ سۈمۈرۈپ،ئۇمۇ يەتمىگەندەك گاھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ۋاقىتلىق ھوزۇرىنى سۈرسە،گاھى ئىت كەبى خارۇ-زار بولۇپ يۈرەتتى.قولۇم-قوشنىلار ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى.ئانا بولسا زار-زار ياش تۆكۈپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزىغا يالۋۇراتتى. _جېنىم قىزىم، مۇشۇ كۈنلەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرىۋاتىسەن.... _دەردىمنى چىقىرىۋاتىمەن،_ۋاقىردى قىز ئانىسىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا. _دەرتلىرىڭنى ماڭا ئېيتقىن قىزىم،مەن سېنىڭ ئاپاڭغۇ؟دەرتلىرىڭگە دەرمان بولاي،ئۇ نېجىس ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن. _سەنمۇ دەردلىرىم دەپ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغانغۇ؟ مەن دەردلىرىمنى تۆكەرگە ئادەم تاپالماي قالغاندا ،قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرگەندە سەن نەدە ئىدىڭ؟ئارتۇق گەپ قىلماي ماڭا پۇل تېپىپ بەر!..... _يۈرەكنى تىلغىغان بۇ گەپلەردىن بىچارە ئانا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى.ھەي.... ئۆرتىنىش،....ئۆرتىنىش....بۇلبۇللارمۇ ناۋا قىلماي خۇرسىنىشلار ئىچىدە ئېغىر تىنماقتا. * * * * * _ئاپا،قانداقراق تۇردىڭىز؟بۆگۈن ئىشتىن كەچ يانغان،سىزدىن بەك ئەنسىردىم.كۆڭلىڭىز نىمە تارتىدۇ؟مەن ئېتىپ بېرەي....... _ۋاي جېنىم قىزىم،مەندىن ئەنسىرمەي خاتىرجەم خىزمىتىڭىزنى قىلىڭ،سىز ياخشى كۆرىدىغان قاتلىما پۇشۇرۇپ قويدۇم.تېز يەۋېلىڭ. _ۋاي جېنىم ئاپا،تاماق ئەتمەي ياخشى ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ؟رەھمەت سېزگە،كېلىڭ بىللە يەيلى. _ماقۇل قىزىم،بىللە يەيلى.قىزىم،سىز ئوقۇتقۇچى،ۋەزىپىڭىز ئېغىر،قۇۋۋەتلىك يېمىسىڭىز بولمايدۇ،شۇڭا كۆپىراق يەڭ. _رەھمەت ئاپا. نىمىدېگەن گۈزەل ھايات،مەنىلىك تۇرمۇش...... ئاپتۇر :ئىسلام ئابدۇللا مەنبە:<<شىنجاڭ ئاياللىرى>>ژورنىلى 2008-9-سان ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aminem دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى ئەسەركەن. رەخمەت سىزگە. بىزدەك ياش ئانىلار ئۈچۈن ياخشى تەربىيەكەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuksaki دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەزىلەر كىچىك بالا نېمىنى بىلىدۇ دەپ قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدىكەن، مېنىڭچىمۇ بولغاندا كىچىك بالىلار چوڭلارغا قارىغاندا ھەممە ئىشتا خېلىلا سەزگۈرمىكىن دەيمەن. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدىغۇ.
بۇ ئەسەر سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى ئوبدان چۈشۈندۈرۈلۈپتۇ، ھەربىر ئانا بولغۇچى كۆرۈپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hoxbala دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خەي ، بۇ دۇنيانىڭ ئشلىرىغا بىر نىمە دىمەك تەس جۇمۇ؟ توۋا دەيلى قىرىنداشلار...........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kun^kiz | مەن ئەشۇنداق ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكدىغان ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئالدىدا شەرمى -ھايانى قايرىپ قويدىغان جەمىيتىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم روھى ئەما ئانلاردىن تولمۇ نەپتەرلىنمەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aynare دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۈنسىز تەربىيە يەنى ئۆز ئەمىلىيىتىمىزدىن سىڭىدىغان تەربىيە بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ،ئۇ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئىش ھەركىتىمىزدىن بىز ئويلاپمۇ باقمىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالايدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
samawe007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەزىلەر كىچىك بالا نېمىنى بىلىدۇ دەپ قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدىكەن، مېنىڭچىمۇ بولغاندا كىچىك بالىلار چوڭلارغا قارىغاندا ھەممە ئىشتا خېلىلا سەزگۈرمىكىن دەيمەن. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدىغۇ.
بۇ ئەسەر سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى ئوبدان چۈشۈندۈرۈلۈپتۇ، ھەربىر ئانا بولغۇچى كۆرۈپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kapitan818 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى ئەسەركەن ~!
رەھمەت سىز گە~~~! داۋاملىق ياخشى تىما يوللاپ تۇرشىڭىزغا تىلەك داشمەن~! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyhan22 | شۇنداق مىنىڭ ئاكامنىڭ قىزغا كىچىكىدىن باشقىلار تاماكا چەككىنى كۆرۇپ سۇرىسا ، ئۇ دىگەن كاپىرنىڭ ئىشى دەپ ئۆگەتكەن ، كىين ئۆيگە مىھمان كىلىپ تاماكا چەكسە ، سىڭلىم كىلىپ سىز كاپىرما دەپ سۇرماسمۇ؟؟
شۇنداق بالىلار راستلا ئاق قەغەز سىز ئۇنىڭغا نىمە يازسىڭىز شۇنى كۆرىسىز ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rana112 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن نۇرغۇنلىغان ھارەككەش ئاتىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەشۇ ئاتىلاردىنمۇ ئۆتە ھاراق ئىچىپ كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرگىنىنى كۆرىۋاتىمەن ، ئانىلىرىنى زار قاخشىتىپ،ئۇلار بەك ھورۇن ھەم لايغەزەل كېلىدىكەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
marip دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى يېزىپسىز،ھەقىقەتەن ئويلىنش قىممتى بار ئىكەن. بەك تەسىرلەندىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بەك ياخشى ئەسەركەن. رەخمەت سىزگە......................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
huljayoli دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەخمەت سىزگە بۇنى ئانا كىشىلا ئۈگەن مەي بىز ئاتا كىشىمۇ ئۈگۈنىشىمىز كېرەك.
_ئاپا،ئاۋۇ ئويۇنچۇقنى ئالايلىچۇ؟ _قىزىم،مەن سىزگە جىق ئويۇنچۇقلارنىڭ رەسىمى بار كىتاب ئېلىپ بېرەي بولامدۇ؟ _كىتابنى نىمە قىلىمەن؟ _ئوقۇيسىز. _ئوقۇپ نىمە قىلىمەن؟ _ئوقۇپ بىلىم ئالىسىز. _بىلىم دېگەن نىمە؟ _ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى. _ھە بىلدىم،كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن.بىلىم ئېلىپ ھاياتنى ئاچىمەن شۇنداقمۇ؟ _شۇنداق قىزىم. مانا بۇ تۆت ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ئانا. نىمە دېگەن ئەقىللىق ئانا،پاساھەتلىك تەربىيە.ئاپىرىن......ئاپىرىن....! | ||||
---|---|---|---|---|---|
sahar413 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بارلىق ئانىلار كۈرۈشكە تىگىشلىك تىما ئىكەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
luckygirl دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناھايتى ياخشى سېلىشتۇرما بوپتۇ بۇ .دىمىسىمۇ جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق ئىشلار ناھايتى نۇرغۇن ،يەنىلا دىققەت قىلىپ ھەممە ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى ئويلاپ قويغان ياخشى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|