| ||||||
fizika دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىككى ئادەم ئالەم بوشلۇقىدا روزا تۇتىدۇئىككى مالايسىيالىق ئالەم ئۇچقۇچىسى روسىيە ئالەم بوشلۇقى سىناق پۇنكىتىدا مەشىق ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ، ئۇلار 10-ئاينىڭ بىشىدا ئالەم بوشلۇقىغا يىتىپ بارىدۇ.شۇڭا ئۇلار ئالەم ئايرۇپىلانىدا رامىزان ئىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ روزى ھېيتنى كۈتىۋالىدۇ. ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدا 11كۈن ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇپ ۋەزىپە ئۆتەشتەك ئىشلار بولغان ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلەم بوشلۇقىدا ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ رامىزان ئىيىغا توغرا كىلىپ قىلىشى تېخى تۈنجى ئىش.
مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى مۇسۇلماننىڭ ئالەم بوشلۇقىدا روزى تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ئىشلىرىغا ئېتىبار بىرىپ، بۇ مەسىلىلەردە ئىسلام ئالىملىرىدىن مەسلىھەت سورىدى شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەققىدە مەخسۇس خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئالەم ئايرۇپىلانى مۇتەخخەسىسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئاساسى پىرىنسىپ بەلگىلىدى. مۇھاكىمە يىغىنىدىن كىيىن مالايسىيا ئىسلام تەشكىلاتى بىر پروگرامما تۈزۈپ، ئالەم بوشلۇقىدىكى دىنى پائالىيەتنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى يەنى ناماز ئوقۇغاندا قايسى تەرەپكە قاراش، قۇتبەنىڭ ئورنىنى قانداق بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بېكىتتى. بۇ ئىككى مۇسۇلماننىڭ ئالەم بوشلۇقىدا روزى تۇتۇش تەجرىبىسى ئىنتايىن موھىم ئىكەن،چۈنكى بۇنداق ئىش ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان،مالايسىيا 2020-يىلى ئۆزى ياسىغان ئالەم ئايرۇپىلانىنى قويۇپ بىرىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى مۇسۇلماننىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى دىنى پائالىيەتلىرى كېيىنكى مۇسۇلمان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۈچۈن تەجرىبە بولۇپ قالىدۇ. مالايسىيا ئىسلام تەرەققىيات بۆلىمىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد مۇنداق دىدى: ئالەم بوشلۇقىنىڭ موھىتى يەر يۈزىگە قەتئى ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئادەم بەدەن ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ ئۆرە تۇرالمايدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا نامازنى قانداق ئوقۇش كىرەك؟ ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسانلار ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلالمايدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا قۇرئان كەرىمنى قانداق ئوقۇش كېرەك؟ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تەكلىۋى: ئېتىقاد سەمىمى بولسا ئەھۋالغا قاراپ شەكىلدە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىپ، ئاللاھنىڭ كەچۈرىشىنى تېلەش كېرەك. مەنبە:ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرىhttp://www.ufizika.cn/bbs ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xamali دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياشاپ كەت ~!~! بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگىنى ناھايىتتى ياخشى بوپتۇ ~!~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kapitan818 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللا رەھمەت قىلسۇن~!!
ياخشى تىمكەن~! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
feride دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئېتىقاد سەمىمى بولسا ئەھۋالغا قاراپ شەكىلدە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىپ، ئاللاھنىڭ كەچۈرىشىنى تېلەش كېرەك.
بۇ گەپ ماڭا بەك يارىدى.ھەممىدىن مۇھىمى ئېتقادنىڭ سەمىمىي بۇلىشى.ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن. | ||||
---|---|---|---|---|---|
aday دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەقىقەتەن ئەتىراپلىق ئويلاپتۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
فۇرقان دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسقۇ دەيمەن. سەئۇدىنىڭ ھازىرقى پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىلگىرى شاھزادە ۋاقتىدىلا مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. روزىنى ئۈزمەي تۇتقان، ئاينى تۇنجى كۆرگەچكە، يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيىتىنى ئەڭ بۇرۇن تەبرىكلىگەن. قىبلە مەسىلىسىنى قانداق قىلىش ئۈچۈن ئۆلىمالاردىن پەتىۋا سورىغان. 15 مىنۇتتا بىر تاڭ ئاتقاچقا، نامازنى قانداق قىلىش توغرۇلۇقمۇ پەتىۋا سورىغان.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurana9 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاللا رەھمەت قىلسۇن~!!
بۇ تېمىنى ئوقۇپ بەك سويۇندۇم . رەخمەت تېمىڭىزغا | ||||
---|---|---|---|---|---|
nazar2007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللاھ ھەممىمىزگە«يەريۈزى»دىمۇ ئاسانلىق ئاتا قىلسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BAHARGUL دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مۇسۇلمان دىگەن قايسى جايدا بولىشىدىن قەتتىنەزەر ناماز ئوقۇشى ،رامىزەننى تۇلۇق تۇتۇش كىرەكلىگىنى ئۇختۇرۇپ قۇيۇپتۇ، تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sapra121 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاللا رەخمەت قىلسۇن !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
BAHARGUL دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاللا ئۇلارنىڭ سەپىرىنى ئوڭۇشلىق قىلسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SirlihSayram دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مالايسىيا ھۆكۇمىتى ۋە تېما يوللۇغۇچىغا رەخمەت! بۇ ئىسلامىيەتتىكى تۇنجى ئىشكەن .ئالەم بوشلۇقىدا كۇن پاتقاننى قانداق بىلدىغاندۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BaSaR دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر .............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
¤yalguz¤ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تىمىنى مەن بۇرۇن بىر قىتىم كۆرۇپ بولغان شۇنداق بولسىمۇ يەنە بىر قىتىم بىر باشتىن ئوقۇپ چىقتىم !!!
تىما يوللۇغچىغا رەخمەت ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pilanit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | اللا رەھمەت قىلسۇن ، ھەممىگە قادىر اللا ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|