| ||||||
kibirkurbani دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن قانداق قىلسام توي قىلالايمەن؟ھورمەتلىك تورداشلار:
ماڭا مەسلىھەت بەرساڭلار، مەن يۇرگەن قىز بىلەن ياخشى ئوتىمەن،بىزگە2يىل بولدى. تىخى توي خىتىمۇ ئىلىپ بولغان. مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئاتا -ئانام قارشى چىقتى. بولۇپمۇ ئانام، داداممۇ ئىككىڭلار نىڭ قايسىىڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايمەن دەپ ،ماڭا بىسىم قىلىپ ئاناڭنىڭ گىپىنى ئاڭلا، ياكى ئاناڭغا تۇر ياكى شۇ قىزغا تۇر دەپ ماڭا يول قويمىدى.ئەگەر زادى توي قىلىمەن دىسەم ئاتا-ئانامدىن كىچىشىم كىرەك ئىكەن. قىچىپلا قۇتۇلايلى دىسەم قىز ئۇنىمايدۇ،داۋاملىق يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ ،بەكلا تۇگۇشۇپ كەتتى. مەن ئالدىمغا قارىسام تىخى،كەينىمگە قارىسام تىخى،قانداق قىلىشنى پەقەت بىلەلمىدىم. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئوزىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماي بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن. ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-23
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | ئوي دىكىلىرىڭىزنىڭ ئۇنىماسلىقىدىكى سەۋەپ نىمە ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
مۇراد دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاتا-ئانىغا ئۇختاماي تويخىتى ئالغاندىكىن توقال ئوخشىمامدۇ؟ تويخىتىنى قانداق ئالغان بولسىڭىز چاندۇرماي يەنە شۇنداق قايتۇرۋىتىڭ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@DIL@ | ئۇ قىز سىزنڭ تۇرمىگە كىر دىگىنىڭىز توغرىسىدا ئاتا - ئانىڭىزغا تەھدىت سالسا بولغىدەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
مامكاپ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قورقماڭ ،پەقەت بولمىغاندا توي قېلمىسىام ئۈلۈپ بېرىمەن دەپ ئۇلارنى قورقۇتۇڭ،ئۆيدىن چىقىپ كېتىڭ،ئۇنىمىسا قايتىپ كەلمەڭ،يەنە ئۇنىمىسا تۇيۇڭلارنىڭ كۈنىنى تۇختۇتۇپ قېلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار ،شۇ چاغدا ئاتا -ئانىڭىز چۇقۇم قۇشۇلىدۇ.ئاغزىدا بىزدىن كەچ دەپ چىڭ تۇرغىنى بىلەن
ئەمەلىيەتتە سىز كىچىمەن دىسىڭىزمۇ ئۇلار ئۆزلىرى چىدىمايدۇ،ئۇلار پەقەت سىزنى قۇرقۇتۇپ قويماقچى،شۇڭا چىڭ تۇرۇڭ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograk002 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نىمە سەۋەبتىن قۇشۇلمىدى . شۇنىڭغا ئاساسەن ئانىڭىزغا خىزمەت ئىشلەڭ. بەك بولمىسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ (791287889 ) بۇ يەردە دىگىلى بولمايدىغان بىر گەپ بار . ( مۇنبەرگە كىچىكلەرمۇ كىرىدۇ ) .دىمەكچى بولغىنىمنى سىزمۇ بەلكىم چۈشۈنۈپ بولدىڭىز .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
karkidan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاتا -ئانا رازىلىقىنى ئالماي بولمايدۇ.
سەۋەپنى ئالدىرماي ئولتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تۇگۇننى يەشكۇلۇك | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ئاتا ئانىڭىزنىڭ رازىلىقىنى ئېلىڭ . جەننەت ئاتا- ئانىڭىزنىڭ تاپىنىنىڭ ئاستىدا !
ئۇ قىزمۇ بەختىنى تاپىدۇ . سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
huma78 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | چوقۇم ئاتا ئانىڭىزنىڭ بەلگىلىك سەۋەبىر بار، ئاۋال سەۋەبنى ئويلىشىپ، ئاندىن پىكىر بەرگەن تۈزۈك، چۈنكى ئاتا ئانىلارمۇ جىق ئىش كۆرگەن، مىنىڭچە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئويلىشىپ كۆرگەن تۈزۈك، ئەگەر ئاتا ئانىڭىزنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسى جىڭ باسمىسا، ئاندىن ئۆز پىكرىڭىزدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇ قىز بىلەن قانداقلا بولمىسۇن توي قىلىڭ. شۇنىمۇ ئېسىڭىزە بولسۇن، ئاتا ئانا رازى بولماي توي قىلسىڭىز، سىز ئۇ قىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرگەن بىلەن ئۇ قىز بەرىبىر سىلەرنىڭ ئۆيدە خارلىنىپ قالىدۇ، خالاتمايمەن دىسىڭىز، پەقەت ئاتا ئانىڭىزدىن كەچسىڭىز بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشى ئاتا ئانىنى قايىل قىلىش بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان سەۋەبى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Biperwa ئاپلا !يەنە بىپەرۋالىق قىپتىمە | ئاتا-ئانا رازى بولمىسا توي خىتى ئالغان بىلەنمۇ بىكار ،ئەڭ ياخشىسى ئوبدان ئويلىنىپ ئويدىكىلەرگە ياخشى چۇشەندۇرۇڭ ،خەۋەرسىز توي خىتى ئالغىنىڭىز ئەسلا بولماپتۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
818sabda | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىBiperwaنىڭ2008-09-24 09:46يوللىغان : قوللايمەن ،ئاتا ئانا قۇشۇلمىغان توي سىزنى بەخىتلىك قىلمايدۇ ھەم خوشاللىقمۇ سىزگە قاراپ كۇلمەيدۇ،مۇھاببەت رېشتىڭلار چىڭ بولسىلا موھىمى ئاللا خالىسىلا ئىشىڭىز ئوڭ بولغۇسى،شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى بەندىنىڭ قۇلىدىن ئىش كەلمەيدۇ ،بارلىق ھوكۇم ئاللا تەرپىدىن. | ||||
---|---|---|---|---|---|
axin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىزغا دەڭ سەۋىرچان بۇلۇپ ساقلىسۇن، ئۇزىنىڭ سەمىيمىىكى ،ئاق كۆڭۇللىكى ،ئىشچانلىقى ئارقىلىق (شۇنداق بولمىسا يالغاندىن بولسىمۇ شۇنداق قىلسۇن) ئاتا ئانىڭىزنى تەسىرلەندۇرسۇن، ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئاچچىقى يېنىپ ،ئىدىيسىدىن ئۆتكىچە سىزمۇ گەپ قىلماڭ، قىزمۇ داۋراڭ سالمۇسۇن، تىنىچ سىڭىپ كىرىش يىلىسىنى ئىشلىتىڭ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kok~lam دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كەچۇرۇڭ ~ مەن سىزگە مەسلىھەت بىرەلمەيدىكەنمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
caRтǒǒη دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئويلىغىنى باردۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇنماسلىق سەۋەبىنى ئوبدان ئويلاپ كۆرۈڭ!ئەگەر ئورۇنسىز بولسا....يۇقۇردا دىيىلگەندەك...بۇلاپ توي قىلامسىز...مەخپىي توي قىلامسىز ئاندىن ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ..ئەگەردە ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئۇنى دىيىشىدە مەلۇم سەۋەپ توغرا بولىدىكەن..! ئۇنداقتا سىز...ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىڭ..!
مەن سىزنىڭ كاللىڭىزنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقىغا بەك ئىچىندىم،ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىپ كەتسۇن ئاتا ئانىدىن كىچىش بۇ بىر ئەڭ ئەخمىقانە بىر ئىش..بۇنىمۇ ئويلىشىش كىتەمدۇ،،!مەن سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىزدىن كىچىپ،ئەپ قىچىپ توي قىلىشىڭىز غا قارشى..ئاتا ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئالماي تۇرۇپ ئەپ قىچىپ توي قىلسىڭىزمۇ...سىز ھەرگىز پەرھات..ئۇ شېرىن بۇلالمايدۇ....! ئاۋال سىز..ئۇ قىزنىڭ سىزگە ماتىرىيال بولالامدۇ يوق شۇنى ئوبدان ئويلىنىڭ توي دىگەن ئۈمۈرلۈك ئىش...سىز ئۇقىزنى ئۆزىڭىزگە ھەقىقى ماس كىلىدۇ دەپ ئويلىسڭىز ....ئىككىڭىزلەر ئاتا ئانىڭىزنى قايىل قىلىڭىزلە....! ئۇلۇق ئاللادىن ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rana112 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاتا-ئانىنىڭ رۇخسىتىسىز قىلىنغان توي پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، سىزمۇ يۈرۈۋاتقان قىزىڭىزمۇ ساۋىرچان بولۇپ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ رازىلىغىنى ئالغىچە تىرىشىڭلار، ئالدىراپ ئەخمىقانىلىق قىلماڭلار، ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزگە سەۋر تاقەت، چىدام غەيرەت ئاتا قىلسۇن، سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|