تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 8001ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ بەتتىكى تېما: جۇدۇندا ئىچىلغان ئــاق لالــە(پوۋېست) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ئۇيغۇرئاي
دىــــل ئازار،خۇدا بىزار

ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1477
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1477دانە
شۆھرەت: 1612 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14890 سوم
تۆھپە: 378 نۇمۇر
ياخشى باھا: 282 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :607(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-26
ئاخىرقى :2008-09-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 جۇدۇندا ئىچىلغان ئــاق لالــە(پوۋېست)

بۇ تىمىنى Nazuk-qiman نادىرلىدى(2008-09-26)

 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:تىمىنىڭ ھەجىمىدىنلا قانچىلىك ئەجىر قىلغانلىقىمنى بىلەلەيسىلەر،شۇڭا رۇخسىتىمسىز باشقا يەرگە يۆتكىمەڭ




جۇدۇندا ئىچىلغان ئاق لالە
ئاپتۇرى:جانان(ئۇيغۇرئاي)
پوۋېسىت


كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،
كىملەرگە خار بولماپتۇ؟  (خەلـق)






ئاللاھۇ ئەكبەر،،،،،،،،،،،،ئاللاھۇئەكبەر
سوزۇپ ئىيتىلىۋاتقان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى،تاڭ ئەلچىسى بولغان خورازلارنىڭ ئاندا-ساندا چىللاشلىرى،ئىگىسىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك بەس-بەستە قاۋىشىۋاتقان ئىتلار. يەنە نىمىلەرنىڭدۇر ئاۋازلىرى،گىرىمسىمەن تۇيغۇغا چۆمگەن بۇ خىلۋەت يېزىغا يېڭى بىر تاڭنىڭ ئاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تاتلىق ئۇخلاۋاتقان دىھقانلارغا <ئىتىزىڭغا چىق!> دىگەندەك مەنالارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. تىنىمسىز ھەسەل ھەرىسىدەك،ئىغىر ئەمگەك ئاستىدا مىجىقى چىققان دېھقانلار ئىلاجىسىز ھارغىن چىرايلىرى بىلەن بىسمىللاھ دەپ ئورۇنلىردىن تۇرۇشۇپ ،يېڭى بىر تاڭنى كۈتىۋالىدۇ.
بۇ شۇنداق جاھانكەن،تۇغۇلغان ئىكەنسىز ھەر بىر كۈننى ھەر خىل ئۇسۇلدا كۈتىۋالدىكەنسىز.



1

كالىچىنىڭ سوڭغا دەسسەپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ بولغان ئاسىم،ئىغىر تىنغانچە ھويلىسىغا بۇرلۇپ قاردى.<ئوتتۇرا قولدەك> ئوغلۇم بار،چوڭ بولسا ماڭا ئەسقاتىدۇ دەپ نۇرغۇن خام خىياللارنى قىلىپ كىتىپتىمەن تىخى. 60 تىن ئاشقان قىرى دادىسى ،شۇنچە نەرسىلەرنى تاراقشىتىپ،ئايالىغا ۋارقىراپ تۇرۇپ ئىشلارنى جىكىلەپ ئېتىزغا ماڭسا، كۆزىنى قىيا ئىچىپ،يالغاندىن قاتتىق ئۇخلىغان قىياپەتتە چوشقىدەك خورۇلداپ ياتقىننى ئادەم بولمايدىغان ناكەسنىڭ. سېنى باققۇچە قازاقنىڭ قويىدىن ئوننى بىقىپ قويغان بولسام ،بۇ ۋاققا مىنى گۆش-ياغقا كۆمۈۋەتمەسمىدى.سەنمىغۇ ئوبدان كۆمدۈڭ،تىل -دەشنەمگە. ھەدەڭنىڭ پوقىنى يىسەڭچۇ كىسپۇرۇش، بالا ئەمەس<بالا> بولدۇڭ،،،،،،،،،

چاچ-ساقاللىرنى قاردەك ئاق قىراۋ قاپلىغان بۇ بۇۋاي ھەيرانلىقتا قەلىمىمنى چىشلەپ تۇرۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ ئاچچىق كۈلۈمسىردى:
_ھە،جىمىپ قاپتۇققۇ؟ ئاپتۇرگۈل. مانا كۆردىڭىزما؟ مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئانامنى سەل قاقشىتىپ قويغان،ئەمما بۇنىڭدەك ئەسكى ئەمەس ئىدىم. بىزدە <ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان ئىتەر> دىگەن ماقال بارغۇ، دەل شۇنداق بولىۋاتىدۇ...قاراپ تۇرسىزغۇ؟ قىنى ياش بولغاندىن كىيىن كەتمەننى كۆتۈرۈپ مېڭ! ئارتۇقچە باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، كەينىمدىن ھارماي ئەگەشسىڭىز قەلەم ئەمەس ئەلەم سىزگە بىر داستان پۈتۈپ بىرەلەيدۇ.
گۈس-گۈس دەسسەپ كىتىۋاتقان بۇ قاتمال بۇۋاينىڭ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن ،ئۆزەمچە ئەسەرگە رەڭ بىرىمەن دەپ ئىلىۋالغان بىر-بىردىن ئىغىر قوشۇمچە ماتىرياللارنى تاشلاپ،ئەسىرىمنىڭ باش پىرسۇناژنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم.
بىر ئۆمۈر جاپا تارىتقان،قىرغاندىمۇ ئوغلىنىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن ئاتا، <تويغۇزامسەن بالا باققانغا> دىگەن ناخشىنى توۋلىغاچ كەتمىننى يەرگە زەرىپ بىلەن چاپاتتى.

**********
_خوتۇن قىنىسەن؟ ھوي خوتۇن!
_ئاۋازىڭىز مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى بۇزۇق كانەيدىن قىلىشمايدىغان كىشىدە سىز،،،،
ئاسىم ئارقىدىلا چىقۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ ،ئىتتىك كەينىگە بۇرۇلدى. كىچىككىنە كۆكتاتلىقتا ئاش چامغۇر ئوتاۋاتقان خوتۇنى مايسىخان ،نىمە ئىش؟ دىگەن مەنادا ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.
_تولا كاسكىلىق قىلماي چىقە ماياققا! كۆرمەپتىمەن سېنى!
_ۋاي مانا،خۇدا ھەققىدە ئاستىراق ۋارقىرسىلا،ھىلىمۇ خەقلەر بۇلارنىڭ ئۆيىدە 365 كۈن غەۋغا ئۈزۈلمەيدۇ دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ،،،،،يۈزۈمنىمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلمەس بولدۇمغۇ،،،،،
_يوق يۈزۈڭنىڭ نەرىنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتىڭ،-دېدى ئاسىم توڭلۇق بىلەن. چاي ئىتە ماڭ! جۈمەگە كىچىكىپ قالىمەن بىكا. ئەرشىدىن دىگەن لالما نەگە كەتتى؟
_يەنە بىرەرسىنىڭ خوتۇنىغا چاقچاق قىلىپ تاياق يىگىلى يا كىمنىڭ توپتىن چۈپ قالغان توخۇ -غازلىرى باردۇر دەپ پايلاپ چىقىپ كەتكەندۇ، ئەتىگەنلىك چايدىن كىيىنلا يوقالغان،-دېدى مايسىخان كۆزلىرگە مۆللىدە ياش ئىلىپ.
_ئۇف،،ئوغۇل بالا دەپ باشقا ئىلىپ كۆتۈرگەننىڭ جازاسى،ھەممىنى قىلغان سەن. تىلىلساممۇ،ئۇرساممۇ ئارلىشىۋىلىپ مۇشۇ كۈنگە قويدۇڭ. ئەمدى كۆزۈڭنىڭ يۇندىسىنى ئىقىتقىنىڭنىڭ پايدىسى يوق،خۇدا ئىنساپ بەرمىسە تۈزەلمەيدۇ ئۇ. ئارتۇقچە ئويلىماي چاي بەر! ماۋۇ قورساق ناغرا چالغىلى خىلى بولدى. چاينى ئىچىپ بولغۇچە ئىسسىق سۇ تەييارلاپ قوي، يۇيۇنۋالاي!
خۇدايىم بەرگەن ئەسكى چىلەكنى مىسكىنلىك بىلەن كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقان مايسىخانغا قاراپ ئاسىمنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولدى




_مىنى كەچۈر جىنىم خوتۇن،،،تىلىمدا قوپاللىق قىلغىنىم بىلەن،سەن ئەڭ ياخشى ھەمرىيىم.








2



بۇ باشقىچە بىر دۇنيا. يېزىدىن خىلىلا يىراق بولغان. شاۋقۇن-سۈرەننىڭ دەستىدىن يىللاپ ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان. مىھرى-مۇھەببەت ئىزنالىرى ئاستا-ئاستا ئىگىزلەۋاتقان بىنالاردەك كىشلەر قەلبىدىن كۆتۈرلۈپ كىتىۋاتقان. كىشىلەر تاز خوتۇنغا چاچ كىيگۈزگەندەك ياخشى،ئاۋات،ۋاي ئاتا-ئانام ياشاپ باقمىغان،بىزگە كەلگەندە ئوڭچە قالغان دەپ پەخىرلىنىدىنغان <شەھەر>.
بۇ يەردىكى بەزى كىشىلەر ھەر تاڭدا ئەزاننىڭ،خورازنىڭ چىللاشلىرنى ئاڭلاپ ئويغىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ،لىكىن بۇ ئاۋازلار مەسجىد بىلەن كاتەكتىن ئەمەس،تامغا بەنىت قىلىپ قويۇلغان سائەتلەردىن چىقىدۇ.

_ئورنۇڭدىن تۇرە بالام ! 8 دىن ئىشىپ كىتىپتۇ
_ۋايجان ئاپا،دەم ئىلىش كۈنى بولغاندىن كىيىن بىردەم ياتقىلى قويساڭ بولمامتى ئادەمنى،بىر سائەت ئۇخلىۋالاي بولامدۇ؟
_سېنى خىزمەت بىلەن ئۇيقا جەننەتكە ئەكىرمەيدۇ. ئۆزەڭنى سوراپ ئورنۇڭدىن تۇر،ھىلىمۇ ئەتىگەننىڭ ياقى بەش قىتىم ئويغاتتىم.نامىزىڭنى ئوقۇپ بولۇپ كەچكىچە ئۇخلىساڭمۇ گىپىم يوق مېنىڭ.
ئاپىسىنىڭ قاتتىق تەلەپپۇزى ئەكرەمنى خىجىل قىلدى.
_ماقۇل ئاپا،خاپا بولمىغىن،كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ،ھازىرلا چىقىمەن.

جىممىدە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشۋاتقان بۇ بىر ئائىلە كىشلىرنىڭ جىمجىتلىقىنى ئەكرەم بۇزدى:
_ دادا،رەيھاننى ئاخىرى كۆندۈردۈم. تويدىن كىيىنلا چىلانلىق يىزىسىغا چىقىپ بىللە ئىشلەيدىغان بولدۇق.
_يېزىغا كۆنەرمۇ ئۇ قىز؟ ئويلىشىپ ئىش قىلساڭ بولاتتى بالام. مەنغۇ ھەرگىز قارشى ئەمەس بۇ پىكىرىڭگە . ئەمما كىلىن قىز ياخشى تۇرمۇشتىن بىردىنلا ئۇ يەردىكى ئاددىي يېزا مۇھىتىغا كۆنەرمۇ شۇنى ئويلىشىڭ كېرەك.  ئۇ يەردە يىغلاپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ.
_كۆنۈپ كىتىدۇ دادا.
خىيالغا چۆكۈپ چوكىنى ئويناپ ئولتۇرغان ئەكرەمگە قاراپ، گۈلسۈم ھەدە بىلەن سەمەت ئاكا مەمنۇنىيەت ئىچىدە بىر-بىرگە بىقىشىۋالدى.
دەل شۇ ۋاقىتتا رەيھاننىڭ ئۆيىدىمۇ چاي ئۈستىدە ئوخشاش بىر سۆھبەت داۋاملىشىۋاتاتتى:
_بەكلا تاۋىڭىز نازۇك قىزىم. كىچىككىنە ئىشلارغا خاپا بولىدىغان ئەسكى مىجەزىڭىز بار. ئەگەر يېزىغا چىقىپ ئۆزى قوپال،لىكىن ئاق كۆڭۈل دېھقانلار تورۇڭ-تورۇڭ گەپلەرنى قىلىپ قويسا ئۇششۇقلۇق قىلىپ ھەممە يەرنى بىشىڭىزغا كىيەرسىزمۇ،_دېدى زىننەت ھەدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان رەيھانغا قاراپ.
_ئۇنداق دىمەڭلا ئانىسى. چىقىپ كۆرۈپ باقسۇن قىنى. شۇ چاغدا بىر گەپ بولار. سىلىنىڭ قىزىڭلاردىمۇ نوزۇگۇمىڭكىدەك،رىزۋانگۈلنىڭكىدەك قول-پۇت ،كاللا بار. ئاشۇ سەھراغا ئاران قۇرۇلغان خالىس ياردەم قىلىدىغان دوختۇرخاننىڭ بولۇشى ئاسان ئەمەس. خەقلەر جىنىدا جەڭ مەيدانىدا كۈرەش قىلىدۇ. بولسا قىزىڭلىغا مەدەت تىلەڭلا......مانداق
رەيھان ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ سۆزلىرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سىلىپ ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز كەلگەن تىلىفۇن ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈپ قويدى. تىلىفۇننىڭ ئەكرەمدىن كىلىپ قىلىشىنى ئويلىغان رەيھان دەرھال ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ تىلىفۇننى ئالدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىر قوزام يۈتۈپ كەتكەن ئىدى. سېلەر تەرەپكە ئۆتمىگەندۇ ھە؟
_كەچۈرۈڭ،تېلىفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپسىز، خوش ئەمسە،،،،،،،،
قارشى تەرەپتىن پىخىلداپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
_ھەي سىزنىزە،،
_سېنى ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدىكى ئابرال مارۇژنىخانىسىدا ساقلاۋاتىمەن. بەش مېنۇتقىچە چىقىپ بولساڭ بولدۇڭ، بولمىسا؟
_ھە نىمە؟ قانىتىم بولمسىا يە مىنىڭكى، 15 منىۇتقىچە چىقىپ بولىمەن، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۋالاي،،،،،،
***
_ئاستىراق يەڭ ھەي،<تاغلىق كۈيئوغۇل>دېكى بولۇمسىزدىنمۇ ئاشۇرۋەتكىلى تۇردىڭىزغۇ؟،_دېدى رەيھان،ئىشتىياق بىلەن ماروژنى يەۋاتقان ئەكرەمگە قاراپ.



_سەنمۇ شۇنداق يىمەمسەن خوتۇن؟ نازلىنىپ ئولتۇرماي، گىلىغا تۈرۈپ قالدىغاندەك،،
_كىم سېزنىڭ خوتۇنىڭىزكەن؟
_رەيھان تاز،قارۋاي، منىڭ خوتۇنۇم شۇ،ھى ھى ھى
_سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز باشقا رەيھان ئوخشايدۇ جۇمۇ ئەمسە،_دېدى قىز كۈلۈپ تۇرۇپ. تۈنۈگۈنلا كۆرۈشكەنتۇققۇ؟ يەنە قانداق جىددىي ئىش بار ئىدى؟ ئادەم قولىنى تۆت قىلالمايۋاتقان ۋاقىتتا.
_ھەي ماڭا قارا،_دېدى ئەكرەم كۈلۈمسىرەپ. مەن ساڭا خۇددى ئاققا خۇمار بولغاندەكلا خۇمار بولۇپ قاپتىمەن، كۈندە كۆرۈپ تۇرمىسام ماۋۇ گۆش يۈرەك قەپىزىگە پاتمايدۇ دەيمەن.
جىنىم رەيھان ئا دادەي،
ئوتۇڭدا كۆيدۈم كۈل بولۇپ دىگەندەكچۇ،ھى ھى ھى
_بوپلىۋالدىڭىزدە مۇشۇ كۈنلەردە،،،،،قىنى دىمەمسىز نىمە ئىش بارتى؟
_ ماڭا قارا! بايا ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقان ئىدىم. توينى تىزراق قىلايلى تاتلىقىم. رامبۇدەك ھەركىتىمىزنى تىزدىن داۋاملاشتۇرمىساق بولمايدۇ. يېزىغا ،اۋۇ ئەتيازنىڭ باناسىدا چىقىۋالمىساق ،قىش كىرگۈچە ماۋۇ مىنىڭ ئۇۋامكەن دەپ باش تىققۇدەك بىر ماكاننى جايلاشتۇرۇپ بولالمايمىز. شۇڭا ئۆيۈڭدىكىلەرگە دىسەڭ،توينىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرىتكەن بولساق؟
_ماقۇل،مەن ئۆيدىكىلەرگە دەي،-دېدى قىز ،قىزلارغا خاس نۇمۇسچانلىق بىلەن قىزارغىنىچە.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تويى ھىچقانداق ھەشەمەتسىز،تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى. قىز تەرەپنىڭ ۋە ئوغۇل تەرەپنىڭ ئورتاق مەسلىھەتى بىلەن ،تويلۇققا ئاتالغان پۇللارنىڭ خىلى كۆپ قىسىمى ،ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتىملارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغاندا يۈزلىگەن قوللار بۇ ئىككى ياشنىڭ بەختىنى تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. ئەنە قاراڭ، ھەقىقى توي خوشاللىقى ئالتۇن،توي كۆينەڭ.ئىسىل ماشىنا ئەمەس،بەلكى ئەلنىڭ دۇئاسىنى ئىلىش. ئەل دۇئاسى ئىنساننى كۆكلىتىدۇ ئەمەسمۇ.
********
يۈك-تاقلىرنى يىغىشتۇرۇپ ،كەينىگە قىيالماسلىق بىلەن ئاخىرقى قىتىم قارۋەتكەن بۇ بىر جۈپلەر قاش بىر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە چىلانلىق يېزىسىغا قاراپ يول ئالدى.





3



_ۋۇ مۇناپىق ئوغرى،كۆزۈڭ چۈشمىگەن ئاشۇ بىر تال قىرى مىكيىنىم قالغانما؟ ئۆلە گۇي ھارام تاماق

_ۋايجان ئادەم ئۆلدى،قۇتقۇزۇڭلار!
يىرىمى توخۇ كاتىكىنىڭ ئىچىدە، بەلنىڭ تۆۋىنىگە قارسىلداپ چۈشۈۋاتقان تىپىكتىن چىدىماي قالغان ئەرشىدىن  ئىغىز بۇرۇنلىرنى توخۇ پوقىغا مىلىگىنىچە ئۆزىمۇ بىر كاللەك پوقتەك شۈمشىيىپ ياتاتتى.
_توۋا قىلدىم ھىي گۇي. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ شۇنداق ياخشى خەقلەر بولمىسا؟ ئاتاڭنىڭ ئەڭ پاسكىنا قىنىدىن تۆرەلگەن گىزەندە ئوخشايسەن،،،،،،ئۆلە، مانا تازا،،،،يەنە كىرەمسەن،،،،،،،،،،،
ئۈستى ئۈستىلەپ چۈشكەن قاتتىق تاياقتىن ئەرشىدىننىڭ زۇۋانى ئۆچتى. ئۇرۇپ ھاردى بولغاي غىنى مولدۇز سىرىتقا چىقىپ بىرەرسىنى باشلاپ كىرىش ئۈچۈن دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈردى.
ما ئىشنى كۆرۈڭ ،ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپلا غەمكىن ھالدا ئۇياق-بۇياققا قاراپ كىلىۋاتقان ئاسىمنى كۆرۈپ قالدى:
_ئاسىم قارى! ئوغرى شۇملىرنى ئىزلەۋاتاملا؟ بىزنىڭ كاتەككە كىرسىلە،ئۇ قارى-قۇرئان شۇ يەردە جۈمە نامىزىنى ئۆتەۋاتىدۇ. كىرسىلە ،بىكا بوغۇپ قويىمەن ئۇ لالمىنى،،،،،،،،-دېدى قوپاللىق بىلەن.
ئۈمىتسىز چىرايىنى قاتتىق خىجىللىق قاپلىغان ئاسىم ئوشۇق بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلالماي،كاتەكتىكى ئوغلىنى تەستە تارتىپ چىقىرىپ ،ئاران يۆلەشتۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
_ ئۆزىگە ئاز،ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئەرزىيدۇ بۇ لالمىنى ،_دېدى ئاسىم مىشىلداپ يىغلاپ ئورۇن ھازىرلاۋاتقان  مايسىخانغا قاراپ. لىكىن تاياقنىڭ زەربىسىدىن ھالى خاراپلاشقان ئەرشىدىننى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارماي بولمىدى

_سۆڭەك سۇنماپتۇ. لىكىن ئەتلىرى تىتىلىپ كىتىپتۇ. مەن دورىلاپ ياخشى تىڭىپ قوياي،قايىتقاندا داڭا، دورىلارنى ئىلۋىلىپ ئۆيدە قايتا تاڭساڭلارمۇ تەس ئەمەس ئاكا،_دېدى ئەكرەم ئالدىدىكى مىسكىن ئولتۇرغان بۇۋايغا قاراپ.
_شۇنداق قىلايلى بالام ، ياخشىراق داۋالاپ قويارسىز. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بىرەر
_ئەنسىرمەڭ تاغا، بۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم.

**********
_ۋوي سىز ھىلىقى بالامنى داۋالىغان ئەكرەم دوختۇرغۇ،_دېدى ئاسىم ھاڭۋاقتىلاردەك ئۇياق-بۇياققا قاراپ كىتىپ بارغان ياش بالىغا قاراپ. بۇ ياققا ئۆتۈپ قاپسىزغۇ ئۇكام.
_ھەئە تاغا، _دېدى ئەكرەم تونۇشىنى تىپىۋالغاندەك خوشاللىق بىلەن. يىزلىق دوختۇرخاننىڭ بىر ئىغىز ئۆيىدە تۇرۇپ ئەر-ئايال ئىككىمىز قىينىلىپ قالدۇق. شۇڭا مۇشۇ ئەتراپتا بىرەرسىنىڭ ئىجارا بىردىغان ياكى قوشنا ئولتۇردىغان ئۆيى بولسا ئىجارا ئالاي دەپ شۇ ،ئەمما بۇ يەردىكىلەرنى ياخشى تونىمىغاچقا مۇشۇنداق چۆرگىلەپ يۈردۈم دەڭە .ۋاقتىڭىز يەتسە ياردەم قىلارسىزمۇ ؟

_ۋاي بولمامدىغان، چۈش بولۇپ قاپتۇ، ھازىر بىر يەرگە ماڭغان ئىدىم، ماڭا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى بىرىڭ. مەن ئەتىگىچە سىزگە خەۋىرنى بىرىمەن
_بولسا شۇنداق قىلىڭە تاغا، خوش ئەمسە،،،،،،،،

كۆڭلىدە بىر پىلاننى تۈزگەن ئاسىم ،ئەكرەم بىلەن خوشلىشىپ ،ئۇچىرشىدىغان ئىشنىمۇ تاشلاپ ئۇدۇل ئۆيىگە ماڭدى. ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا ئايالىنى ھىلىقىندەك بوم ئاۋازىدا چاقىرىشقا باشلىدى.
_ھـــــــــــــــــــە مانا مەن. نىمە ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوشال بوپكەتلە؟
_ئالتۇندىممۇ چوڭىنى تىپىۋالدىم دىگىنە خوتۇن،ئۇسساپ كەتتىم ئاۋال بىر چىنە مۇزدەك سۇ بەر،،ھەي توختا،ئاخشام سالغان قىتىق بولسا دوغاپ قىلىپ شۇنىلا ئىلىپ چىقە!
بىر چىنە دوغاپنى ئىچىپ،ئۇسسىغان يەرلىرىگە بارغاندىن كىيىن ئاسىم سۆزىنى باشلىدى.
_قايسى كۈنى ئاۋۇ لامزەللىنى داۋالىغان بىر دوختۇر بالىنىڭ گىپىنى قىلغانتىم ئەمەسمۇ؟
_ھە ،ئىسىمدە
_بايا ئالدىمغا ئۇچىراپ قالدى. ئىجارە ئالدىغان ئۆي بولسا دىرىكىنى قىلىپ باقاي دەپ چىقتىم دەيدۇ.تەييار كەلگەن ئامەتنى قاچۇرۋەتكىم كەلمىدى دىگىنە خوتۇن. لالما بالىمىزنى ئۆيلەپ قويارمىز دەپ ئاۋۇ لاپاس تەرەپكە سالغان ئىككى ئىغىز ئۆي تىخىچە يىتىمسىراپ تۇرىدۇ. بالاڭغا خوتۇن چىققاندا چىقتى دىمىسە،ھىچكىم قىزنى بەرمەيدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بىكار تۇرسىمۇ تۇردۇ. شۇلارغا ئىجارە بىرەيلى دەۋاتىمەن. چاي-تۇزنىڭ بولسىمۇ پۇلىنى كۆتۈرۈپ قالار.
يولدىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان مايسىخان ئىغىر ئۇھ تارىتقانچە بىر ئىغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.
_بۇنداق جىممىدە ئولتۇرۋىلىپ قورسىقىمدىكىنى تاپ دىمە خوتۇن! _دېدى ئاسىممۇ ئۇف تارتىپ. ياغاچ قۇلاق ئوغلۇڭنىڭ بىرەر ئىش تىرىپ قويىشىدىن ئەنسىرەيسەن ھە قاچان . بىر ھەپتە بولدى. ئۆيگە كىرمىگىلى ئۈرۈمچىدە ئوقەت قىلىمەن دەپ يۈرەرمىش خەققە. قارغاندا ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ خىلى ئۇزۇنغىچە،مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئاسان توخۇ بەرمەيدۇ ئەمدى. ئەكرەم دوختۇرنىڭ ئايالىغا كۆز قىزارتىدىغان ئادەممۇ يوق ئەمدى. ئەنسىرمە،،،
ئـــــــــــــــــــــــــا ،سېنىزە، مىشىلدىماي تاماقنى ۋاچ-ۋاچ تەييارلا، نادىرەگە تىلىفۇن قىلىپ قويغىن ،ئىشتىن چۈشۈپ مۇشۇ يەرگە كەلسۇن، كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئادەم ئولتۇرغىدەك قىلىپ تازلاپ قويۇڭلار. مەن ئىشىمنى قىلىپ كىلەي ئەمسە،،،،،،،
گۈرسۈلدەپ دەسسەپ چىقىپ كىتىۋاتقان يولدىشىغا قاراپ قالغان مايسىخان پىچىرلىدى:
_ ئوغلۇم ھامان بىر ئىش تىرىپ قويىدۇ.




بۇ ئادىرىستىن كېرىپ ئاۋازلىقىنى چۈشۈرۋېلىڭ؟!!!

./read.php?tid-74354.html
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+11(uyghurjan)
  • تۆھپە:+20(musallas) نادىر ئەسەر
  • تۆھپە:+20(Naikon.x) نادىر ئەسەر
  • تۆھپە:+20(bilgar)



  •                 ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    | ۋاقتى : 2008-09-22 13:38 [باش يازما]
    ئۇيغۇرئاي
    دىــــل ئازار،خۇدا بىزار

    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1477
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1477دانە
    شۆھرەت: 1612 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14890 سوم
    تۆھپە: 378 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 282 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :607(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-26
    ئاخىرقى :2008-09-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     



    4



    _ماڭا قارغىنە تاتلىق! جىمىپ كەتتىڭغۇ؟
    تەنلەرنى يايرىتىدىغان ئۆستەڭ سۈيىگە پۇتىنى چىلاپ ،قولىدا بىر تال مامكاپ گۈلىنى ئويناپ ئولتۇرغان رەيھان ،يولدىشىغا قاراپ ئوماققىنە جىلمىيىپ قويدى.
    _گەپ قىلمامسەن؟ ھـــــــــــە مانا، سۇغا كۆتۈرۈپلا تاشلىۋىتىمەن سېنى.
    بىلىنىڭ بوش قاماللىنىشىدىن قاتتىق غىدىقى كەلگەن رەيھان گەپ قىلماسلىققا باشقا چارە تاپالماي قالدى.
    _ھەي قويىۋىتىڭ دەيمەن! كۈپكۈندۈزدە خىجىل بولمايدىغان، سەت ئەمەسمۇ؟ بىردەم خىيال قىلغىلىمۇ بولمامدا ئەمدى،_دېدى ئۇ ئاچچىقلانغان قىياپەتتە.




    _ بۇ يەرگە چىقىپ ئىشلەشكە بەكمۇ تەستە قوشۇلدۇڭ ھە خوتۇن؟
    _ ئۇغۇ شۇ، لىكىن ھازىر كۆنۈپ قالدىم،نىمىدىگەن ئاقكۆڭۈل بۇ دېھقان خەق،
    _شەھەردە ئۆسكەن <پارنىڭ گۈلى> ھەقىقى ئاپتاپنى كۆرۋالدىغان بولدىدە، ھى ھىھى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ساۋاپنىڭ چوڭىنى ئالىسەن دىگىنە،،،،،،،
    _ۋاي تولا دەپ كەتتىڭىز بۇ گەپلەرنى. بىلىمەن،بىلىمەن. بىردەك سىزگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيال قىلۋالاي، جىم ئولتۇرڭە!
    _مىنىڭ يىنىمدا ئولتۇرۇپ باشقا بىرنى خىيال قىلۋاتمايدىغانسەن ھە؟ دېدى ئەكرەم كۈلۈپ تۇرۇپ
    _ئـــــــــوش،قالايمىقان گەپ قىلماڭە.ئالى مەكتەپتىكى كۈنلىرىمىزنى ئەسلەۋاتىمەن.ئىسىڭىزدىمۇ؟ بىر كۈنى كەچلىكى مەكتەپتىكى كۆل بويىدا سىز خۇددى مۇشۇنداق چاقچاق قىلغان ئىدىڭىز سۇغا تاشلايمەن دەپ،لىكىن سىز ئىسىلىپ بولغۇچە سىزنى سۇغا ئىتتىرۋەتكەنتىم. شۇ كۈنى ھاۋانىڭ سوغۇقىدا ،شۈمشىيىپ مۈشۈكتەكلا بولۇپ قاپسىزكەن. تىخى مىنىڭ سەۋەبىمدىن بىر ھەپتە دەرىسكە چىقالمىدىڭىز.
    دوستلىرىم:
    _ھەي باغرى تاش،قانداق قىز دوست سەن،بىرەر قىتىم بولسىمۇ يوقلاپ،تاماق ئەكىرىپ بەر دىگەندە،قەتئى ئۇنمىغانتىم. مەن ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ دەپ،ھا ھا ھا
    چۈنكى ئۇ چاغلاردا سىزنى ئانچە ياخشى كۆرمەيىتتىم. كىلىشكەن،كاللىسى ئىشلىگىنى بىلەن پۇلى يوق دەپ،بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا مۇھەببەتنى ئاددىي كاللامدا پەقەت پۇل بىلەنلا ئۆلچەپ ،يىنىدا پۇلدار يىگىتلىرنى ئىلىپ يۈرگەن قىزلارغا قاتتىق ھەۋەس قىلدىغان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك.

    ھە يەنىچۇ؟ داۋاملاشتۇر خوتۇن
    سىز ماڭا تەلەپ قويۇشنىڭ ئالدىدىكى كۈنىلا سىنىپمىزدىكى قاھار سىرىقمۇ تەلەپ قويۇپ خەت يىزىپتىكەن. ئۇنىڭ خىتى تىخىمۇ ئالاھىدە دەڭا،يالقۇنلۇق ئىبارىلەر بىلەن تولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاھارغا خىلى قىزىقاتتىم. ئەمما خەتنى بىرىپلا قولۇمنى تۇتۇشقا ئۇرۇنۋاتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تازا تىللاپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋىلىپ قايتىپ كىردىم.
    ئەتىسىلا سىزنىڭ خىتىڭىزنى ئالدىم، بۇ باللارغا نىمە ئىش بولغاندۇ،ھەرىدەك ئۇۋسى چۇۋۇلۇپلا كىتىپتىغۇ دىگەنلەرنى ئويلىدىم. قارسام سىزگە مەيلىم بار ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن سىزگە ماقۇل بولماي قاراشماي يۈرسەك، دەرىسلىرىمگە كىم ياردەم قىلاتتى دەيسىز ،شۇڭا سزنى قولدىن چىقارغۇم كەلمىدى،ھى ھى ھى
    _ھەي دۆت! بۇ سىنىڭ ماڭا ماقۇل بولۇشتىكى سەۋەبىڭما؟-دېدى ئەكرەم ئايالىنى يىنىك نوقۇپ
    دەسلىۋىدە ئۆزەممۇ شۇنداق ئويلىغان. ئەمما يۈركىمگە قولۇمنى ياخشى بىر سىلىپ باقسام سىزنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن كىيىنكى مەزگىللەردە. ھى ھى ھى
    _سەت كۈلۈشىنى بۇنىڭ،_دېدى ئەكرەم ئايالنىڭ ئوماق كۈلكىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ. بىلەمسەن مەن سىنىپقا تۇنجى كىرگەن كۈنى نىمىگە كۆۈم چۈشكەنلىكىنى؟
    _ماڭىما؟
    _شۇنداق ،خوتۇن. ئالدىمدىكىلا پارتىدا تىنماي ئۇششاق ھەركەت قىلىپ تۇرغان ساڭا كۆزۈم چۈشتى. چېچىنى ئىككى تال قىلىپ بوغىۋالغان. قوللىرى قەلەمنىڭ سىياھىدا كۆپكۈك بولۇپ كەتكەن بىر قىز. چىرايىنى كىرگەن ۋاقىتتا بەكمۇ ئىنىق كۆرمىگەن بولساممۇ ئاپئاق بويۇنلىردىن گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى كۆرنۈپ تۇردىغان بىر قىز
    ئۇ سەن ئىدىڭ رەيھان. ئىككىنچى سائەتلىك دەرىستىلا قەلىمىڭنىڭ سىياسى چىقماي بىشىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ سىلكىشكە باشلىدىڭ. شوخلۇقۇڭمۇ ياكى بەكلا بولۇمسىزلىقىڭمۇ ئەيتاۋۇر قەلەمنى بىشىڭدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ بىرلا سىلكىپ تىخى ئالدىنقى كۈنى يېپيىڭى پىتى كىيگەن ئاپام ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ بەرگەن كانۋاي كۆينىكىمنىڭ ئالدىنى سىياھ قىلىۋەتتىك.
    كۆزۈم كۆينەك ئالدىدىكى ئۇششاق سىياھ ئىزلىرغا چۈشكەندە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، بايىقى سىنچىلاپ قاراشلار ئۇنتۇلۇپ سېنى تىللاشقا ئۆتتۈم.
    _قانداق قىزسىز،ئىھتىيات قىلسىڭىز بولمامتى؟ بولۇمسىز!
    _نىمە؟
    تۇمشۇقلىرىڭنى ئۇچلىغانچە ئارقاڭغا بۇرۇلدۇڭ رەيھان. ئەنە شۇ چاغدىلا سېنى تىخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئاپئاق يۈزۈڭگە يارشىپ تۇرغان تال-تال كىرپىكلەر ئوراپ تۇرغان خۇما كۆزلىرىڭ، مەن دائىم چىمدىپ ئوينايدىغان ئىقىپ چۈشكەندەك بۇرنۇڭ،يەنە تىخى ماۋۇ تولا ئۇچۇق چىقىپ قالدىغان ئوماق لەۋلىرىڭ مىنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. بەلكىم سەن مەن شۇ يىشىمغىچە ئۇچىراتقان ئەڭ چىرايلىق قىز بولساڭ كىرەك. ئەجەپمۇ چىرايلىق قىزكىنا دەپ سىياھ ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ ساڭا قاراپلا قاپتىمەن.
    _خاپا بولماڭا ۋاي، قەستەن قىلدىمما؟ ناھايتى بىر كۆينەككەنغۇ،يۇيۋەتسىمۇ چىقىپ كىتىدۇ ئۇنى،،،،،،،،دېدىڭ خۇددى خاتالىقنى مەن ئۆتكۈزگەندەك.
    -ئىسمىڭىز لالەما؟
    _ھا ھا ھا ، ساراڭمۇ ماۋۇ بالا، ۋۇ ساراڭ،،،،،،،،،،،،،
    نىمىشقا شۇنداق دىگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. تىزلا ئالدىڭغا بۇرلۇپ ئولتۇرۋالدىڭ. بايىقى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كۆرلىرىڭ شۇ يەردىلا مىنى ئەسىرگە ئالدى. شۇ كۈنى يەنە بىرەر ئىشنى بانا قىلىپ ساڭا گەپ قىلماقچىمۇ بولدۇم، يەنە بىر قىتىم قەلىمىنڭنىڭ سىياھسىنى چىچىرتىۋىتىشىڭنى ئارزۇ قىلاتتىم. لىكىن سەن ئۇنداق قىلمىدىڭ. شۇ چاغدا قەلىمىڭنىڭلا ئەمەس، قەلبىڭنىڭ سىياھسىنىمۇ بىرگە چىچىرتىۋەتكەن چىغىڭ.  كەچلىك سىنىپ يىغىنىدا ئىسمىڭنى ئاخىرى بىلدىم، رەيھان.
    ھەر ھالدا يىقىنلىشىپتىمەنغۇ، خوش بولدۇم،،
    _لالە-رەيھان
    بارلىق قىلىقلىرىڭ، ئۇششۇقلىقىڭ، لەۋلىرىڭنى چىرايلىق ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ كىچىك بالىدەك ياردەم تەلەپ قىلىشىڭ، مىنى شۇنداق خوش قىلاتتى،چۈنكى سېنى تۇنجى كۆرگەندىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم . باشقىلارغا قىلمىغان ياردەمنى سەندىن ئاياپ باقمىدىم. ماڭا سۆيگۈ ئوتىنى تۇتاشتۇرغان تۇنجى ھەم ئاخىرقى قىزنىڭ پەقەتلا سەن بولۇشۇڭنى كىچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.

    _بۈگۈن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدىغان كۈنمۇ نىمە؟ قىنى سۆزلەۋىرىڭ،شۇ ۋاققا قايىتقاندەك بولىۋاتىمەن دېدى رەيھان ئەكرەمگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ.
    بىر يەكشەنبە كۈنى سېنى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا ئاران توختىتىۋالدىم. تولىمۇ تەستلىكتە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ،كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلغاچ ،تىترەپ تۇرغان قوللىرىمدا خەتنى تۇتقۇزغىنىمدا چىرايىڭدا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ھەيرانلىق ئەكىس ئەتتى. خەتنى قولۇمدىن يۇلۇپ ئىلىپ دىگۈدەك يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتكىنىڭدە كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش سەۋەپسىزلا ئىقىپ چۈشتى. بۇ ياشنىڭ نىمە سەۋەپتىن،قانداقلارچە ئىقىپ چىققىننى بىلمەي قالدىم.، مۇھەببەت ئۈچۈن يىغلىغان ئوغۇللارنى غورۇرى يوق دەپ مەسخىرە قىلاتتىم، لىكىن مۇھەببەتنىڭ ھەر قانداق غورۇرنى يەرگە ئۇرۋىتىدىغانلىقىنى شۇ كۈنىلا ھىس قىلدىم. ھىلىمۇ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقكەن،بولمىسا بىرەرى كۆرۈپ چاقماق تىزلىكىدە ھەممىسىگە يىيىۋىتەتتى.
    ئەزەلدىن نامىزىمنى تۈزۈك ئوقۇمايدىغان ئادەم شۇ كۈنى چالا تاھارەت ئىلىپ كارۋاتتا موكىدەك ئولتۇرۇپ ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كەتتىم. ئاشۇ <لالەم> نى ماڭا بۇيرۇپ بەر ئاللاھ دەپ،،،،، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقداشلىرىمنى بىئارام قىلىپ ئۇزۇنغىچە ئۆرلۈپ-چۆرلۈپ تولا ئۇف تارتىپ ئۇخلىيالمىدىم. كۆز ئالدىمغا سىنىڭ خىتىمنى ئوقۇپ بىردەم خوشال بولغان بىردەم قاتتىق ئاچچىقلانغان تۇرقۇڭ كىلەتتى. ئەتىسى سىنىپتا سەن بىلەن ئۇچىراشقاندا قانداق ئىشلارنىڭ بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلاتتىم. قىلدەك تولغىنىپ تولا ئۆرۈلگەن بولساممۇ شۇ بىر كىچە يەنىلا ئۆتۈپ كەتتى.
    ئەتىسى سىنىپقا ئىھتىيات بىلەن كىرىپ كەلدىم. سەن دوستۇڭ گۈلمىھرە بىلەن تازا قىزغىن پاراڭلىشىۋىتىپتىكەنسەن. مىنى كۆرۈپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇرىۋەردىڭ. توۋا بۇ مىنى پەقەتلا ياراتمايدىكەندە دىگەنلەرنى ئويلاپ لاسسىدە بوشاشقانچە ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. كاللامغا ھىچ دەرىس چۈشەر ئەمەس. شۇ كۈنى ساۋاقداشلىرىمنى ھەيران قالدۇرۇپ تۇنجى قىتىم مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلىدىم،لىكىن بۇمۇ كار قىلمىدى.
    ئاخىرى مەن كۈتكەن مىنۇتلار يىتىپ كەلگەن چىغى، 5_سائەتلىك دەرىستىن كىيىن ئارقاڭغا بۇرۇلمايلا ،دەپتەر قىتىغا قىستۇرۇلغان بىر ۋاراقنى ماڭا سۇندۇڭ.
    _خەتنى ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم. ناھايتىمۇ سەت قىلىپ <مىنى>سېزىپ سەن ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن؟ بىلسەڭ دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن ئىيتىپ بەر دەپ يىزىپ قويۇپسەن،،،، كىچىك باللاردەك سورالغان بۇ سوئالىڭمۇ ماۇا ناھايتى سۆيۈملۈك تۇيۇلغان ئىدى.قەلبىمدە ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى پارلىدى. سەن بىلەن قايتا پاراڭلاشقاندا كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ تۇرۇپ ،ساڭا چوقۇم بىلدۈرمەن،سۆيۈشنىڭ ،ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىنىلىكىنى ئىپادىلەپ بىرمەن دىگەندە تولىمۇ تاتلىق قىزىرىپ كەتتىڭ. مىنىمۇ ياخشى كۆردىغان چىغىڭ ھە؟ شۇنداق قىلىپ سەن ئاخىرى مىنىڭ بولدۇڭ. نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى خاتىرە قالدۇردۇق ھەم قالدۇرۋاتىمىز، ھامان بىر كۈنى ھالال جۈپتۇم بولدىغىنىڭنى ئويلىغان ھەر بىر مىنۇتتا ئۆزەمنى ئەڭ،ئەڭ بەخىتلىك يىگىت ھىس قىلدىم جىنىم. ساڭا ئىرىشىشم ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ بىرى
    ئـــــــــــۇف، كەينىمگە قارسام ئۆزەمنى خۇددى بىر ئەسىر ياشىغاندەك ھىچ قىلىپ قالدىكەنمەن.

    شۇ ۋاقىتتا خىتىڭىزنى كۆرۈپ راستىنلا ھەيران بولغان ئىدىم -دېدى رەيھان. چۈنكى سىزنىڭ دەرىسكە قالتىس ئىشلەيدىغان كاللىڭىزدە قىزلارغا ئورۇن يوق دەپ ئويلايىتتىم. نۇرغۇن قىزلار سىزگە قىزىقاتتى. شۇنچە قىزلار ئىچىدىن مىنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە بىر تەرەپتىن خوشال بولسام بىر تەرەپتىن ئۆزەمدىكى يوغانچىلىق بۇنى ئاشكارلاشقا يول قويمىدى.
    ئۇنى قىلىپ،بۇنى قىلىپقۇ ئاخىرى مىنى ئۆزىڭىزگە مەھكەم باغلاپ ئالدىڭىز. ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرغىچە مۇشۇنداق گۈزەل تۇيغۇلاردا ياشاپ ئۆتۈشكە نىسىپ قىلغاي ئاللاھ********




    بىر-بىرگە تاغدەك يۆلەنچۈك بولۇپ ئولتۇرغان بۇ بىر جۈپ مۇھەببەت ئىگىلىرى ئاستا-ئاستا پىتىۋاتقان قۇياشقا قاراپ،كەچكى شەپەقنىڭ گۈزەل نۇرلىردىن ھۇزۇرلانغانچە ،ئەسلىمىلىرنى داۋاملاشتۇرغاچ قەلىمىم ئىچىدىن ئاستا ھالقىپ چىقىپ قىزغۇچ  نۇرلارغا سىڭىپ كەتتى




    5



    _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكرەم دوختۇرمۇ؟
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،سىز؟
    _ھە ،مەن ھىلىقى سىز تۈنۈگۈن كۆرۈشكەن ئاسىم ئاكىڭىز،سىزگە ئۆينىڭ خەۋىرىنى بىرەي دەپ.
    _ئادەمنى ئەجەپ خوش قىلدىڭىز
    _شۇنداق ئەسلى تۈنۈگۈنلا خەۋىرنى بەرمەكچىدىم. قارسام كەچ بولۇپ كىتىپتۇ،ئاۋارە قىلىپ يۈرمەي دەپ ھازىر تېلىفۇن قىلىشىم ئىدى. بىزنىڭ قورادا بىر نەچچە يىل سىلىپ قويغان،ئىككى ئىغىز ئۆي بار ئىدى،تىخى بىرەسى ئوتۇرغىدەكمۇ بولمىدى.ھويلا-ئاراملار كەڭ-تاشا،مۇۋاپىق كۆرسىڭىز كىلىپ كۆرۈپ بىقىڭ!
    _ئۆيىڭىز قەيەردىرەككىن ئاكا؟
    _ئىشتىن قاي ۋاقتىراق چۈشىسىز؟
    _5_كىچە بىكار بولىمەن.
    _ئەمسە ، 5 تىن 15 مېنۇت ئۆتكەندە بىز تۈنۈگۈن ئۇچىرشىپ قالغان يەردە ساقلاپ تۇراي،شۇ يەرگە كىلىڭ
    _سىزنى ئاۋارە قىلدۇق ئاكا،دەل ۋاقىتىدا ئۈلگۈرۈپ بارىمىز، خۇداغا ئامانەت
    شۇنداق بولسۇن ئۇكام،،،،،

    ئىلىڭلار،بىقىڭلار بىلەن چوڭ ھويلىغا جايلاشقان چايخانىدا بىر ئالدىدىكى مەززىلىك پۇراپ تۇرغان پىننە سالغان سۇيقاشقا،بىر قورادىكى رەت-رەت مېۋە كۆچەتلىرىگە قاراپ ئولتۇرغان ياشقىنە ئەر_ئاياللار ساھىپخانلارنىڭۇ ئالسىلا_باقسىلا دىگەن تەكەللۇپلىردىن كىيىن تاماققا تۇتۇش قىلدى.
    _كەمبەغەلنىڭ ئىشى چىشقا دورا دەپتىكەن خىنىم،قىنى چوڭ-چوڭ ئالسىلا،_دېدى مايسىخان مىھماندوستلۇق بىلەن.
    ئاش بۆلەكچىلا تىتىپ كەتكەچكىمۇ،رەيھان بىلەن ئەكرەم ئارتۇقچە تەكەللۇپنى قايرىپ قويۇپ ھۇزۇرلىنىپ ئاش ئىچىشكە باشلىدى. تاماق ئىچىلىپ دۇئادىن كىيىن ئاسىم بىلەن مايسىخان تەييارلاپ قويغان ئۆينى كۆرسەتتى.
    _بىز ئويلىغاندىنمۇ پاكىزە ئىكەن،دەم ئىلىش كۈنى كۆچۋالايلى دىيىشنى ئۇلار خوشاللىق بىلەن.

    _نېمە ئوغلىڭىزنىڭ گىپىنى چىقارسام ئالىيىپ،ھەر قىسما قىلىقلارنى قىلىپ ئۇنىڭ گىپىنى قىلىشىمغا يول قويمايسىز،_دېدى ئاسىمنىڭ كەينىدىن مىھمانلارنى ئۇزىتىپ كىرگەن مايسىخان غەزەپ بىلەن.
    _ھەي ئەقلى كالتە خوتۇن،ئۇنىڭ گىپىنى قىلساڭ ئولتۇرامتى بۇلار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلەندەرنىڭ ئىشىكىدەك يۈردىغان ئەتۋارلىقىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدە،خوشنىنىڭ بالىسىدىن ئاڭلىسام بىر نەچچىسى بىلەن بىرلىشىپ سودىغا تۇتۇش قىلىپتىمىش، ئاخىرى خەيرىلىك بولسىلا بولاتتىغۇ. ماڭا قۇرۇق گەپ قىلماي تاھارەتكە سۇ تەييارلا! ناماز شام ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ.
    گۈلسۈمخان ئىغىر ئۇف تارىتتى. چۈنكى ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ ئەسكى مىجەزى بەش قولدەك ئايان، بىرىنچى يىللىقتا<يەتتە> يىل ئوقۇغان بۇ بالىسى مەھەللىدىكى ھەممە كىشىدىن دەشنەم ئىشتىپ چىققان دىسە لاپ كەتمەيدۇ، ئۆزىغۇ خىلى كىلىشكەن،لىكىن كاللىسى يوق،نەچچە قاماقتا يىتىپ چىققان بولسىمۇ،بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەقلەرنىڭ توخۇ كاتىكىدىن تاياق يەپ چىققانغا ئوخشاشلا ئاددىي بىر ئىش بولۇپ قالدى.<ئۈگەنگەن خۇي ئۆلگىچە قالماپتۇ>دىگەندەك يەنىلا قىلغۇلۇقىنى قىلىپ يۈرۋاتىدۇ. يا ھاياسى يوق، يا ئاتا-ئانىغا كۆيۈم دىگەن نەرسە يوق.ئالدىغا تاماقنى تەييار قىلىپ ئەكەپ بەرسە ،زادى قەيەردىن كىلىۋاتىدۇ بۇ تاماق دىمەي گۆشىيىپ ئولتۇرۇپ يىيىشنىلا بىلىدۇ،مانا ئەمدى ئۈرۈمچىگە چىقىپ كىتىپتۇ،شۇ يەردە كىملەرنى قاقشىتىپ يۈرگەندۇ ،ئۆلگەندە قۇتۇلدىغان ئوخشايمەن بۇ دەرىتلەردىن،،،،،،،،،
    *******
    _ھەي ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ دەيمەن! نەۋاق تاڭ ئاتقىلى ،تۇرىڭە! بۈگۈن ئۆي كۆچىدىغان ئادەم مۇشۇنداق ياتامدا؟
    يوتقانغا چىڭ پۈركىنىپ يىتىۋالغان ئەكرەم ،ئايالىنىڭ گىپىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن ،بىشىنى يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىپ يىتىۋالدى.
    _تۇرۇڭ دەيمەن ھوشۇر،ھەي ھــــــــوشۇر !
    _ئــــــــــــــــــــــا ،بىردەم ئۇخلىۋالاي،چىقىپ چاينى تەييار قىلغىنە،بىشىمدا دۇمباق چىلىۋەرمەي،_دېدى ئەكرەم نارازلىق ئارلاش.
    _ئاپام يوق بوپ بەردى ھە سىزگە؟ خىجىل بولمايدىغان كۈن چاشكىدا قوپۇپ يۈزىنى يۇيۇپلا ئىشىنى قىلىدۇ.ئۇخلاۋىرىڭ ئەمسە،سەل تۇرۇپ ،جىنىم خوتۇن ،ئۆي كۆچىلى ،ياردەم قىل دىسىڭىز سىزگە ياردەم قىلدىغان ھىچكىم يوق جۇمۇ.
    _بولدى،بولدى،تولا جىجىۋىللىق قىلىۋەرمە خوتۇن! تۇرسدام بولدىغۇ
    _ھى ھى ھى يەنە مەغلۇپ قىلدىم
    _سەت كۈلۈشىنى ھۇ شەيتان قىز
    ئەر-ئاياللار بىردەم كۈلۈشۈپ،بىردەم قاپاق تۈرشۈپ ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلغاندىن كىيىن ئەكرەم كوچىغا چىقىپ كىراكەشتىن بىرنى تىپىپ كىردىغان،رەيھان ئۇششاق-چۈششەكلەرنى رەتلەپ تۇردىغان بولۇپ كىلىشتى.
    دەرۋازا ئالدىدا موخۇركىسىنى كۈچەپ تارتىۋاتقان ئاسىم يىنىغىلا كىلىپ قالغان يېڭى قوشنىلىرنى كۆرۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە ماڭغان مايسىخاننى دەرۋازا تۈۋىدىلا توختىتىۋالدى.
    _قارا خوتۇن،يېڭى قوشنىلار كىلىۋاتىدۇ. ھازىرچە نادىرەنىڭ ئۆيىگە بارماي تۇرغىن، نەرسە-كېرەكلىرنى رەتلەپ بولغۇچە كەچ كىرىپ ھىرىپمۇ قالىدۇ ھە قاچان،ئوخشىتىپ بىر تەخسىدىن لەغمەن ئەتكىنە،مەن ئىغىر نەرسىلىرنى چۈشۈرۈشىگە ياردەم قىلاي
    _ماي ماقۇل غوجام ،_دېدى مايسىخان،ئاران قويغان ئوسمىلىرنى قوشنىلىرغا داڭلىيالمايدىغانلىقىدىن كۆڭلى يىرىم بولۇپ.

    ئانچە يېڭى بولمىسىمۇ ،ئازادە ئىككى ئىغىز ئۆيگە كۆچۈۋالغان بۇ بىر جۈپلەر بەكلا خوشال ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرگە قوشنا بولۇپ كەلگەنلىكىنى مايسىىخان دوقمۇشتا شىمىشكە چىقىپ ئولتۇرۇپ جاھاننىڭ پارىڭىنى قىلىدىغان قوشنىلىرغا يەتكۈزۈپ بولدى.
    _شەھەرلىك بولغاچقا ھالى چوڭدۇر ھە قاچان،_دېدى مايسىخاننىڭ ئوڭ بىقىنىدا ئولتۇرۇپ قارسىلدىتىپ شىمىشكە چىقىۋاتقان تۇرغۇناي باخشى.
    _يەنە سەندەك،بىزدەك،ئۈستىگە تاغار ئارتىۋالغاندەك يۈرمەيدۇ،دېگىنە قىرى باخشى،ھى ھى ھى ،كۈلدى بىر كۆزى سەل ئالغاي قۇربانەم.
    _نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىلەر خوشنام،_دېدى مايسىخان ھاياجانلىنىپ. قولۇمغا قول بولىۋاتىدۇ دەڭلارا كىلەر،كەلمەيلا. شۇنداق سەھەر تۇردىكەن .ھويلا-ئارام دىگەننى چىنىدەك پاكىزە تازلىۋىتىدۇ.بىزنىڭ يالغۇزلۇقىمىزنى پەقەتلا چاندۇرمايۋاتىدۇ دەڭلارا. ئۇنىڭ ئۈستىگەتاماققىمۇ شۇنداق ئۇستىكەن. بىز ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان كاتلىت دەمدۇ ئىشقىلىپ شۇنداق بىر خىل تاماقلارنى ئوخشىتىپ ئىتىدىكەن. تولا ۋاقىتلاردا ئىشتىن كەچ كىلىدۇ،شۇڭا تاماققا چاقىرىمەن. قاچىنى ھەرگىز ماڭا تاشلاپ قويمايدۇ دەڭلارا، ھى ھى ئۆزىمۇ تۇمۇچۇقتەكلا بىر ئۇز خىنىم،قايسى كۈنى يۈز-قوللىرىمنىڭ يىرىكلىشىپ كەتكىننى كۆرۈپ كىچىك قۇتىدا بىر پۇراقلىق ماي بەرگەن ئىدى، سۈركىسەم ئوڭشىلىپلا كەتتى قاراڭلار.
    _ۋىييەي،قىرغاندا ساڭا نىمە ئەڭلىك ئۇ،ماڭا بەر،مەن ئىشلىتىپ باقاي،_دېدى گەپكە قۇلاق سىلىپ ئولتۇرغان تۇرسۇناي جالداق.
    _ئوش،سەن جالداققا نەنىڭ مىيىكەن.ئاۋۇ ئىرىڭ دىگەن تاز ئىلىپ بەرسۇن،نىمىگە تەگكەن ئۇنىڭغا ھى ھى ھى
    مايسىخاننىڭ شۇ گىپىدىن كىيىن ئاياللار كونا ئادىتى بويچە <مەھەللە قىسقا خەۋەرلىرنى>بىر_بىرگە يەتكۈزۈشكە باشلىدى.
    بۇ بىر كىچىك مەھەللە،كىمنىڭ ئۆيىدە چىڭراق يۆتەلسە شۇ زامانلا ھەممە بىلىپ كىتىدىغان ،كۈلكىمۇ،يىغىمۇ بولۇپ تۇردىغان بىر مەھەللە.ئەمما شىمىشكە چىقىپ،ۋاتىلداپ ئولتۇرغان بۇ بىر نەچچە ئاياللار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى قوشنىدارچىلىقىنىڭ يېزىلاردا بولسىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ



    ھەقىقىي مىسۋاك



                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    | ۋاقتى : 2008-09-22 13:41 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرئاي
    دىــــل ئازار،خۇدا بىزار

    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1477
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1477دانە
    شۆھرەت: 1612 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14890 سوم
    تۆھپە: 378 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 282 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :607(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-26
    ئاخىرقى :2008-09-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     



    6





    ۋايجــــــــــان،،،،،،
    قاتتىق زەربە بىلەن ئۇرۇلغان بىر كاچات ئىمىن ئورۇق ئىسىملىك ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن بۇ بالىنى ئارقىسىغا ئۇچۇرۋەتتى.
    _ھەي ھارامدىن بولغان شۇم، كىمىڭنى ئاخماق قىلىسەن؟ قاراپ تۇرسام بەش يۈەننى ئايرىم تىقىۋاتىسەنا؟ تاپقان پۇلنى تولۇق تاپشۇرماي ئاناڭنىڭ قىشىغا ئاپىرامتىڭ؟ ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ئىتنىڭ بالىسى؟
    شۇنچىلىك ئوماق ،ئۇيغۇر پەرزەنتىنى بوزەك قىلىۋاتقان كىمدۇر دەپ ھەيرانلىق بىلەن بۇ ۋەھشى ئىنساغا سەپسىلىپ قارىدىم. بۇ ئەسلى كۆزلىرىدىن ياۋۇزلۇق چقىپ تۇرغان، يامان قىلىقلىرى بىلەن ھەر بىر كىشىگە سەلبىي تەسىر بىرىپ كىلىۋاتقان ئەرشىدىنكەن ئەمەسمۇ.
    ئۇ كىچىككىنە بالنى رەھىمسىزلەرچە ئۇراتتى. قولىدىكى تاماكىنى غالىپلارچە بالىنىڭ ئورۇق بەدىنىنىڭ ئۇيەر-بۇ يەرلىرگە ياقاتتى. مۇنۇ ئالدىدا قارات تىزىلىپ تۇرغان ئوننەچچە كىچىك بالا ئىمىنغا تەگكەن تاياقنى يەپ قالماسلىق ئۈچۈن بارلىق يانچۇقلىرنى تەتۈر ئۆرۈپ پۇلنىڭ ھەممىسىنى خوجايىنىغا تاپشۇردى.
    ئۈرۈمچىنىمۇ سىستىۋىتىپ،ئەتىراپىغا شايكا توپلاپ،بالا ئالداپ<سودا> يولىغا كىرگەن بۇ ھايۋان ھازىر خىلىلا ئەتلىنىپ قالغان.ئەمدىلىكتە شاڭخەي كوچىلىردا غالىپلىق مارشىنى ياڭرىتىۋاتقان ئىدى. نۇرغۇن ئاتا_ئانىلارنى زار قاقشىتىپ،مەكتەپتىنلا ئالداپ ئەكىلىۋالغان بۇ نارسىدىلەر ھازىر بۇنىڭ قۇللىرى، قىزلار خۇددى دىدەك ئىزۇرادەك،ئوغۇللار ئۇنىڭ ئاسالىق پۇللىرنىڭ ئىشلەپ تاپقۇچىسى ئىدى. كىچىككىنە نازۇك غۇنچىلارنى توڭگۇزلارنىڭ نەپسىنى قاندۇردىغان ئويۇنچۇق قىلىپ بەرگەن بۇ ھايۋان ھازىر <ئاكىلىق>تونىغۇ ئورۇنۇپ ،يۈزلىرگە ھارام قانلىرى يۈگرۈپ خىلى رەڭ تۈزەپ قالغاندى.
    _ھەي ئىمىن دىگەن ئىتنىڭ كۈچۈكى! بۇدا يەنە شۇنداق كۆزۈمنى غەلەت قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بولساڭ تىرەڭنى تەتۈر سويۇپ داپ كىرىمەن. بۈگۈن ساڭا تاماق يوق شۇم،كۆزۈمدىن يوقال،ھەممىڭ يوقۇلۇش.

    كىچىككىنە گۈندىخانىدا ،پاسكىنا ،زەي يەردە تىقىلىشىپ ياتقان بۇ سەبىيلەر ئۈستىدە قوغلاشماق ئويناۋاتقان چاشقانلارغىمۇ پەرۋا قىلشقۇدەك ھالى يوق، پەس ئاۋازدا بىر-بىرگە ئۆتكەن كۈنلىرنى سۆزلەپ بىرىشىدۇ. ئاپىسى ئىچ دەپ زورلىغان سۈتلەرنى چاندۇرماي تۆكىۋەتكەنلىرنى ،قۇۋۋەت بولىدۇ دەپ يانچۇقىغا سىلىپ قويغان ياڭاقنى ئۆيدىن چىقىپلا بىر_بىرگە ئىتىپ ئويناپ تاشلىۋەتكەنلىرنى تەكرار -تەكرار كۆز ياشلىرنى تۆكۈپ تۇرۇپ بىر-بىرگە دەپ بىرىدۇ. ئەڭ كىچىكى 8 ياش،چوڭى 14 ياشلىق بولغان بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى قۇرغۇچىلىرنىڭ ،ئۇيغۇرنىڭ ئۈمۈتلىرنىڭ ھازىر ئارتۇقچە ئارزۇسىمۇ قالمىغان،ئۇلار پەقەت خوجايىنىدىن تاياق يىمەسلىكنى،بار ھۈنىرى بىلەن پۇل تىپىپ چوشقىغا سىلىپ بەرسە كۆڭلى ئىلىشىدىغان بىر قاچا يۇندا تاماقنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشىدۇ.پۇل ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى سېتىۋىتىشتىن يانمايدىغان بۇ <ئۇيغۇر>خوجايىنلار شىنجاڭنى باشقا شەھەرلىكلەرگە <ئوغرى،قىزلىرى پاھىشىلىككە بەك يارايدۇ> دەپ تۇنۇشتۇردۇ. ئەگەر سىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىرىپ ياتاق ئىزلىسىڭىز ئىشىڭىز بەكمۇ تەس،چۈنكى سىز ئۇيغۇر. سىزنىڭ مىللەت كىملىكىڭىزنى بۇ يەردە ئاللىقاچان بىر كىملەر سېتىپ بولغان. ئۇلار سىزنىڭ ناھايتىمۇ مەدەنىيەتلىك ،ئالىملار كۆپلەپ چىقىپ،20 ئەسىرنىڭ ئاخىردىن باشلاپلا بۇزۇلۇپ كەتكەن مىللەت ئىكەنلىگىڭىزنى ئاندا-ساندا بىلىدۇ خالاس.ئوتتۇرا ئەسىرلەردە دۇنيانى سورىغان ئەمەس، ئوغۇرلۇق ،بۇزۇقچىلىقتا باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ بىرۋاتقان ئۇيغۇر دەپ قارايدۇ.
    _غەيرەت پالكۆزما؟
    _ھى ھى ئاكا مەن شۇ،-دېدى قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە بىر ئاۋاز قارشى تەرەپتىن.
    _ئۇكام مەن ئىككى كۈندىن كىيىن شىنجاڭغا بارماقچى ،ماۋۇ قول ئاستىمدىكى شۇملارنى ساڭا تاپشۇراي دەيمەن سېنىڭ بۇنداق ئىشلارغا خىلى ئىپىڭ بار. ئىش ھەققىڭ بۇرۇنقىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.
    _چاتاق يوق ،ئاكا ئەتىلا يىنىڭغا بارىمەن.
    _ok
    سىرلىق كۈلكىسى بىلەن تىلىفۇن تۇرۇپكىسىنى ئورنىغا قويغان ئەرشىدىن بۇ قىتىم ئالاھىدە پىلان تۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە خىلى كۆپ شېرىكلىرى بولۇپ،بۇ قىتىم بارغاندا ئەڭ چىرايلىق قىزلاردىن 25 نى تاللاپ،ئۇسسۇلچىلىق يولى بىلەن ئەكەلمەكچى . ئۇنىڭ مەقسىتى قىزلارنى پاھىشىلىككە سىلىپ،ھازىرقى پايدىسىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇل تىپىش، يەنە تىخى ئۇنى قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ ئەيىپلەيدىغان ئاتا-ئانىسىنىڭ يىنغا بىرىپ بىر كاللەك پۇلنى جاققىدە قويۇپ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئىدى.
    ئالاھىدە ياسانغا ئەرشىدىن بايۋەتچە يامغۇرلۇق بىر كېچىدە شىنجاڭغا يول ئالدى. ئۇ بارسا پەرىزاتتەك گۈزەل 25 ئۇيغۇر قىزىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخىتىگە ئولتۇردۇ. ئۇ بارسا مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرى بولغان 25 ئۇيغۇر قىزى ئۆز ئايىقى بىلەن ئازاپ يولىغا ماڭىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ كىچىك يوقىتىش ئەمەس، چۈنكى بىزدە <ئەرشىدىن> لەر بەك تولا.

    ئۇسۇلچى قوبۇل قىلىش ئىلانى
    شاڭخەي شەھەرلىك يېڭى دۇنيا ئۇسۇل ئۆمىكىگە ئۇسۇلچى قوبۇل قىلىمىز
    يىشى 16 ياشتىن 22 ياشقىچە
    بوي ئىگىزلىكى: 150 تىن 180 گىچە
    ئىغىرلىقى : 45-60 قىچە
    مەدەنىيەت سەۋىيەسى چەكلىمە يوق،لىكىن خەنزۇچىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولىشى كىرەك. <ئۇسۇلدا ھەقسىز تەربىيەلەنىدۇ> چىراي-تۇرقى كىلىشكەن.بەدىنىدە تارتۇق بولماسلىقى كىرەك.
    ئايلىق مائاشى 1800 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە،ياتاق،تاماق سىرتىدا.

    پاھ،ئىلان ئەتىراپىغا ئولىشىپ كەتكەن قىزلار بىردە بويىغا،بىردە بەدىنىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرگە قارماقتا.
    -ئەجەپ ۋاقتىدا كۆرۈپتىمەن. سەنئەت مەكتەپتە بىكار ئوقۇپتىمەن دەپ يۈرۈپتىمەن تىخى.ئايلىق مائاشى 3000 يۈەنگىچە ئىكەن تخىى رەناغا تىزراق خەۋەر قىلاي،سان توشۇپ كەتمىسۇن يەنە.

    _ئاشخانىدا ئايدا 250 كوي ئىلىپ ئىشلىگەندىن شۇ يەرگىلا بارمايمەنمۇ،ئالايتەن ئۈرۈمچىگىمۇ كەلدىم مانا،بىچارە ئاتا-ئانام ئازراق بولسىممۇ كۈننىڭ سىرىقىنى  كۆرۈپ قالار

    مانا پۇلنىڭ سانىنى كۆرۈپلا باشقىنى كۆرمىگەن بىر نەچچە قىزلار ھىچنىمىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۆز ئايىقى بىلەن <ئۇسۇلچى> بولۇشقا تاللاندى.

    *************
    ئۇف،چارچاپ ئۆلەيلا دېدىما.
    قولىدىكى ئىغىر سومكىلار سەۋەبىدىنمۇ ئىشىكنى ئارانلا ئىچىپ كىرگەن رەيھان رەيھان ئۆيىدە ئەكرەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ لاسسىدە بوشىشىپ قالدى. سومكىلارنى تاشلىدىدە،ئاپىسى سىلىپ بەرگەن تاتلىق-تۈرۈملەردىن ئازراق ئىلىپ مايسىخاننىڭ يىنىغا چىقتى.
    _ئەسسالام ئاچا
    _ۋەي قىزىم قايتىپ كەلدىڭىزما؟ قىنى يۇقۇرغا ئۆتۈڭ،_دېدى مايسىخان قىزغىنلىق بىلەن. قاچان قايتىپ كەلگەنتىڭىز؟
    _تىخى ھازىرلا كىلىشىم ئىدى، ئەكرەم سىرىتقا چىقىپ كەتكەن چىغى. ماۋۇ نەرسىلەرنى ئاپام بەرگەن،ئازراق بولسىمۇ تىتىپ بىقىڭ ئاچا،
    _بەكلا ئاۋارە بولۇپ كىتىپسىزغۇ قىزىم، جىندەك ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ،قىزىق چاي ئىچسىڭىز ھاردۇقىڭىز چىقىدۇ،_دېدى گۈلسۈمخان چاي دەملىگەچ.ئاپىلىرىڭىز ياخشى تۇرۇپتىمۇ؟
    _ھەئە،مىنى يوقاپ كەتمەي پات-پات كىلىپ تۇر دەيدۇ،ئەكرەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ يوقلاپ چىقتىم،ئەسلى كىلىن بولغانكى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلسام بولاتتى، لىكىن مۇشۇ يېزىدا ئىشلەپ قالدۇق.
    _خىزمىتىنى قىلىۋالدىغان ۋاقىت دىگەن ئۇزۇن قىزىم ،قانچە ياشقا كىردىڭىز بۇ يىل؟
    _24 كە
    _گۈلدەك چاغلىرىڭىزكەن ئەمەسمۇ ،سىزدەك چىرايلىق ،ھەممە يەرلىرى قاملاشقان چوكان ئاز جۇمۇ،چېچىڭىزنى كىسىپ سالماڭ جۇمۇ،سىزگە قارىسام ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىنى كۆرگەندەك بولىمەن، ئاۋۇ نادىرە ئۇنىمىغىنىمغا قويماي بىر ئوبدان چىچىنى بۈدرە قىلىۋاپتۇ قۇش چاڭگىسىدەك. ئەكرەم ئىككىڭلارغا بەكمۇ ھەۋىسىم كىلىدۇ،ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەن شۇدە، كۆز تەگمىسۇن بالام ھى ھىھ

    كونىراپ كەتكەن ياغاچ ئىشىكنىڭ غاچ قىلىپ ئىچىنىشلىق ئاۋازدا ئىچىلىشى بۇ ھەمداستىخانلارنىڭ پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى.
    بوسۇغىدا ھەيكەندەك قىتىپ تۇرغان،قارا كاستىيۇم -بۇرۇلكا،قارا كۆزەينەك،قولىدا قارا چامادان كۆتۈرگەن بۇ <قارا>ئىنساننى مايسىخان دەماللىققا ئىلغا قىلالمىدىيۇ. بىر نەچچە سىكىنۇتتىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشتاننىڭ پۇشقىقىغا پۇتلىشىپ يۈردىغان ئەتۋارلىق ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قۇچاقلىرنى كەڭ يىيىپ بالىغا يۈگۈردى.
    _جىنىم بالام بۇ سەنمۇ؟
    ئالدىغا يۈگرۈپ  كەلگەن ئانىنى سوغۇق قۇچاقلىرى بىلەن قارشى ئالغان بۇ ۋاپاسىزنىڭ كۆزلىرى تەمتىرەپ ،نىمە قىلارنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالغان رەيھانغا چۈشكەن ئىدى.  ئۆزىگە ئەسەبىيلەرچە تىكىلىپ تۇرغان جىرتاق كۆزلەرنى قارا كۆزەينەك ئارقىسىدىن رەيھان بايقىيالمىدى.

    سىلەرنى سىغىنىپ كەلدىم ئاپا، بۇ خىنىم كىم ئۆزى؟ بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىكەنمىنا؟
    ئاۋال قولۇڭدىكىنى قويۇپ يۇقۇرغا ئۆت بالام،_دېدى مايسىخان ئوغلىنىڭ بىزەڭلىكىدىن خىجىل بولۇپ. بۇياق يېزىلىق دوختۇرخاننىڭ دوختۇرى،ئەر-ئاياللار ھازىر بىزگە خوشنا ئولتۇردۇ.
    _ئەر-ئاياللار دىگىن،مەن تىخى، ھى ھى كۆزنىڭ يىغىنى يىگۈدەكلا چىرايلىق ئىكەنا،،،
    مايسىخان كىلە-كەلمەيلا باشلانغان قىلىقسىزلىقتىن بىر قىسما بولۇپ كەتتى. ئانا-بالا ئىككىسگە قاراپ نمە قىلارنى بىلمەي قالغان رەيھان تىزراق چىقىپ كىتىش ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈردى.<مايسىخان ئاچام بۇنداق ئوغلىنىڭ بارلىقىنى ئەجەپ ئىيىتماپتىكىنا> دېدى ئۇ دۇئا قىلغاچ.
    _كەچلىك تاماقنى مۇشۇ يەردە قىلايلى قىزىم،تاغىڭىز ئەتىگەن قوي سويغان، يېڭى گۆشتە ئوخشۇتۇپ بىر مانتا قىلايلى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇممۇ قايتىپ كەلدى.
    _چوڭ ئايالنىڭ گىپىنى يىرالمىغان رەيھان ماقۇل دەپ ئۆيىگە يىنىپ چىقتى.ئۇ تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ كىرىشىگىلا ئەكرەم ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلىشقا پۇرسەت بەرمەي سۆزلەپ كەتتى.
    _ئىككى كىچە سەن يوق،مىنى دەششەت قار بىسىپ كەتتى دىگىنە ،بۇنىڭدى كىيىن شەھەرگە كىرسەڭ قونماي يىنىپ چىڭ جۇمۇ جىنىم.
    _قويىڭە سىزنى ،ئەر كىشى تۇرۇپ قورقۇنچاقلىقىنى،يەۋەتسىچۇ چېشى جىنلاردىن بىرەرسى
    _ھى ھى سېنى سىغىندىم،نەگە كەتتىڭ سومكىلارنى تاشلاپ قويۇپ؟
    _مايسىىخان ئاچامغا ئاپام بەرگەن يىمىشلاردىن ئازراق بىرەي دەپ كىرگەن. بىردەم ئولتۇرسام يوچۇنلا بىرسى كىرىپ كەلدى،شۇنىڭ بىلەن يىنىپ چىقتىم. كەچتە بىرگە تاماق قىلايلى دەيدۇ،ماقۇل دەپ قويدۇم تخى. ھە راس ئاپاملار سىزگە دەپ بىر نەرسىلەرنى سىلىپ بىرىۋاتاتتى ئەتىۋارلىق كۈيئوغۇل،ئۆزىڭىز كۆرىڭە ئىلىپ، يەنە بىر گەپ سىز دىەەن كىتاپ تىخى كەلمەپتۇ كىلەرقى قىتىم كىرگەندە ئىلىپ قوياي دەيدۇ. بىردەم ئۇخلىۋالاي،ھىرىپ كەتتىم
    _ماقۇل خوتۇن ،بىردەم ئۇخلىۋال،،،،،

    رەيھان مانتىنىڭ قىيمىسىنى قىلغاچ ،چايخانىنىڭ بىر بۇلۇڭدا ئەكرەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسىمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۆزىگە تىكىلىپ قالغان كۆزلەر بىلەن كۆز بىقىشىپ قىلىپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. نىمانداق تەلەتى سەت بىر نىمىدۇر،ئادەمگە ئىش تىپىپ بەرمەس دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدىيۇ،بەك ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئىشىنى داۋاملاشتۇردى،لىكىن بۇ سىرلىق قاراشلار يەنە نەچچە قىتىم يۈز بەردى.

    _كاساپەت،بىر يۇتۇم سۇ بىلەن يۇتۇۋەتكۈدەكلا چىرايلىقكەنا. پاھ،پاھ،ئاپئاق بويۇنلىرى، تولغۇشۇپ تۇرغان چاچلىرى،ئادەمنى مەس،ئەلەس قىلىپ قويدىغان ئاۋۇ خۇمار كۆزلىرى يۈرەكلىرىمنى ئوينىتىپلاۋەتتىغۇ. ئۇف، بۇ تۇمۇچۇقنىڭ ۋىسالىغا يىتىدىغان بىرەر يولنى تاپمىسام بولمامدۇ نىمە،ماڭا نەدە داردىن قاچقان قىرى خوتۇنلار ئۇچىرايدۇ، مۇشۇنداقتىن بىرسى ئۇچىرسا 10 ياش ياشرىپ كەتمەسمىدىم، ۋاي يۈركىم
    كۆڭلىگە بىر دەمدە نەچچە خىل خىياللارنى پۈككەن ئەرشىدىن ئۇدۇلىدىكى ئۆينىڭ چىرىقى ئۆچكىچە قاراپ ئولتۇدى.
    خـــــــــــــــــــــــــەپ












    7




    _ھىلىقى بىر كەلگەنچە بۇ يەرگە قايتا كىلىپ باقماپتۇق ھە رەيھان،_دېدى ئەكرەم ئۆستەڭ قىرىدا سالقىن شامالدىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرغان ئايالىغا قاراپ.
    _شۇنى دەيمەن،خىزمەت قىلىمىز دەپ بىر يىلنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قاپتۇق. دىگەن بىلەن مايسىخان ئاچىنىڭ ھىلىقى بالىسى ئۇزاق تۇرمىدى بۇ يەردە،بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر مىنۇتمۇ ئولتۇرغۇم يوقتى.
    _قانداق دەيسەن خوتۇن؟
    _نىمىگە بولاتتى، ئۇ بىرنىمىنى كۆرسەملا بەدىدنىمگە تىتىرەك ئۇلىشىپ كىتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە كىلە ھەپتە بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭىسىز، سىز كەلگۈچە بىرەر ئىش بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم.خۇداغا شۈكرى ئۇ ئاۋال كەتتى،پاك مۇھەببەتنى ئاللاھ ئىگەم قوغدايدىكەن.
    _ئارتۇقچە خىياللاردا بولما خوتۇن،_دېدى ئەكرەم ئايالىغا.
    _ئۇغۇ شۇ،سىز كەلگۈچە تاقىتىم-تاق بولىدىغان بولدىدە،-دېدى قىز كۆزلىرگە ياش ئىلىپ
    _بارماي دىسەم يا ئۇنمايسەن،مەن كەلگۈچە شەھەردە ئىشلەپ تۇر دىسەم ئۇنىڭغىمۇ كۆنمەيسەن،سېنى بۇ يېزىدا تاشلاپ قويۇپ بىر كۆزۈم ئارقىدىلا كىتىدىغان بولدىدە ئەمدى.
    _مەنلا ئەمەس،سىزنى ساقلايدىغان يەنە بىرسى بار جۇمۇ،_دېدى رەيھان قىزارغىنىچە.
    _بىلىمەن جىنىم، ئۆزەڭگە قاتتىق دىققەت قىل، مەن قايتىپ كەلگۈچە ئىغىرلىشىپ كىتىسەن ھە قاچان،سېنى جاپاغا قويدۇم،بۇرۇن بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم.
    _ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، بىر ئوبدان تۇرمامدىمەن،بىر نەچچە ئايلاردىن كىيىن ئۆيۈمگە كىرىپ كىتىمەن ئەمەسمۇ،ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،جۈرىڭە ئۆيەگە قايتايلى،نەرسە-كىرەكلىرىڭىزنى تەييارلاپ بىرەي.
    _ماقۇل ئوماق شۇم

    ئەمما بارلىق كۆڭۈلسىزلىك،جۇدۇنلۇق كۈنلەرنىڭ ئەكرەم يېزىدىن ئايرىلىش بىلەنلا باشلىنىدىغانلىقىنى رەيھان خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.
    يولدىشىنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن تىخىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلغان رەيھان بىكا قالغان تولا ۋاقىتلارنى مايسىخان ئاچىنىڭ يىنىدا ئۆتكۈزدى.
    تولىمۇ ئاق كۆڭۈل،خۇددى ئاپىسىدەكلا مىھرىبانبۇ ئايال، قىزغا قانداق قىلسا ھامىلىنى ياخشى كۈتكىلى بولدىغانلىقىنى ئۈگىتەتتى.
    ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولغان ھامىلە رەيھاندا بەكمۇ ئۇلۇغ ئانىلىق مىھرىنى ئويغاتقاندى. دۇنيادىكى جىمى ئانا بولغۇچىلار بىشىدىن كەچۈردىغان بۇ ھامىلدارلىق مەزگىلى،ئانا بولغۇچى كىشىگە ئارزۇ-ئۈمۈت،پەرزەنت ئىشقىدىكى بەختىيار تىلەكلەرنى  ئاتا قىلىدىكەن. كىچىككىنە تۆرەلمىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئۆز قىنى بىلەن يۇغۇرۇپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ.......
    ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا بولدىغانلىقىنى بىلگەندە ئەكرەم ئايالىدىن ئۆتە خوشال بولغان ئىدى:
    _جىنىم رەيھان،مىنى تولىمۇ بەخىتلىك قىلىدىغان بولدۇڭ دەپ.
    _ئىككىمىز ئوخشاش
    _شۇنداق ئىككىمىز تەڭ بەخىتلىك تاتلىق.
    ئۇ ئايالىنى تىخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى،شۇ چاغدا رەيھان تولىمۇ سۆيۈنۈپ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايال ھىساپلىغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ يەنە ئەكرەم بىلەن بىر كىچە دىگۈدەك ئۇخلىماي پاراڭلىشىپ چىققان
    _بالىنىڭ ئىسمىنى نىمە قويىمىز رەيھان؟
    _سىزنىڭ خالىغىنىڭىزچە بولسۇن،_دېدى ئۇ بەختىيار كۈلكىسى بىلەن
    _ئاللاھ نىسىپ قىلىپ قىز تۇغساڭ ئىسمىنى لالە قويايلى،خۇددى سەندەك ئاپئاق،،خۇمار كۆزلۈك بىر قىز بولسۇن. ئوغۇل تۇغساڭ نۇرتاي قويايلى،نۇرتاي ھاجىمدەك ساخاۋەتلىك بولۇشقا ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن
    _ھى ھى ماقۇل

    بۇ سۆھبەتلەر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئەكرەم ئۇنىڭغا تاتلىق ئەسلىمىلەرنى ھەمراھ قىلىپ،پىشانىسىگە يىنىك سۆيگەنچە بۇ قەدىردان ئايالىدىن قىيالماسلىق ئىچىدە ئايرىلدى. رەيھان يولىدىشىدىن پات-پات كىلىپ تۇردىغان تىلىفۇن،يەنە ئۇلار قالدۇرغان گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگەچ ئالدىراش ئىشلەيىتتى.



    ******************

    _ئەجەپ ئىسىمدىن چىقمىدى ھىلىقى تۇمۇچۇق
    _كىمنى دەيسەن ۋا ئاكا؟
    _ئۆتكەندە ئۆيۈمگە بىرىپ كەلگىنىم ئىسىڭدىدۇر،_دېدى ئەرشىدىن ئالدىدىكى توخۇ پاچىقىنى يالماپ يۈتۈۋاتقان غەيرەت پالكۆزگە
    _شۇنداق
    _ھويلىدىكى بىكار قالغان ئۆينى،شەھەردىن خىزمەتكە چىققان ياش ئەر-ئاياللارغا ئىجارە بىرىپتۇ دىگىنە. ھىلىقى ئايالى كاساپەت ،كۆزنىڭ يىغىنى يىگۈدەك گۈزەلكەن ئەمەسما
    -ھەي ئاكا .ئەتراپىڭدا تىرناقتا توختىغۇدەك نى-نى قىزلار تۇرسا ئەمدى خەقتىن ئاشقان خوتۇنغا كۆزۈڭنى قىزارتىپ يۈردۈڭما،_دېدى ئۇ خوشامەت ئارلاش.
    _ماڭاۋا گۇي، ئاۋال كۆرۈپ باقە سەنمۇ،زۇۋانىڭ تۇتلۇپ قالىدۇ. مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭدەك ئوماق ،تەبىئىي گۈزەلنى كۆرۈپ باقمىغان، يۈركىمگە ئوتنى يىقىپلاۋەتتى،شۇنچە قارساممۇ ماڭا قارار كۆزى يوق، ئارانلا قايتىپ كەلدىم دىگىنە بۇ يەرگە.
    ھە راس ھىلىقى <ئۇسۇلچىلار>نى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانسەن ھە؟
    _ھى ھى ئورۇنلاشتۇرمامدىغان،تازا ئەپلىدىم دىگىنە،ئارلىقتا بىر قانجۇقنىڭ ئۆلىۋالغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغانلىرغا پىچاقنى بىلەپ بىرلا تەڭلىۋىدۇق زۇۋانى ئۆچتى، ھازىر سودىمىز بەك ياخشى دەيمەن،خىرىدارلار كۆپ، كىرۋاتقان كىرىمنى ئۇدۇللۇق بانكا ھىساۋىڭغا ئۇرۇپ تۇردۇم .
    _يارايسەن،بىر ئىش،،،،،،كىلە ھەپتە مەن يەنە شىنجاڭغا باراي دەيمەن،بۇ قىتىم ئازراق <تاماكا> ئىلىپ بارغاچ ھىلىقى خىنىمنى بىر كۆرۈپ كىلەي،،،ئاھ يۈركۈم، ھى ھى
    _ھازىر ۋاقتى ئەەمس دېدى پالكۆز جىددىي تەلەپپۇزدا، ساقچىلار قاتتىق ھەركەتتە ھازىر، بولسا بىر ئىككى ئايلاردىن كىيىن چىق،قىز تۇرماق بىشىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسەن بىكا،،،،
    _بۇمۇ توغرا مەسلىھەت،بولدى ئىشىڭغا ماڭ، مەن چىقىپ شۇمتەكلەر تاپقان پۇلنى ئۆتكۈزۋالاي
    بۇلارنىڭ ئىچكىردىكى بەخىتلىك ھايات كارتىنىسى مانا مۇشۇنچىلىك. پۇل،تاماكا،قىز ئۇلارنىڭ ھايات نىشانى،ئۇلاردا نە ۋەتەن، نە خەلقى يوق،،،،،،،،،،،،،ۋەتەن ،مىللەت دەپ قاقشىغانلار بۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت ئارتۇقچە ئاخماق كىشىلەر خالاس
    شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە ئاينى تولىمۇ تەسىتلىكتە ئۆتكۈزگەن ئەرشىدىن بۇرۇنقى خوجايىنىق سالاپىتى بىلەن مۇقەددەس ئانا ۋەتىنىگە ئىككىنچى قىتىم مەينەت ئايىقىنى باستى
    izlax.com



                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    | ۋاقتى : 2008-09-22 13:48 2 -قەۋەت
    ئۇيغۇرئاي
    دىــــل ئازار،خۇدا بىزار

    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1477
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1477دانە
    شۆھرەت: 1612 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14890 سوم
    تۆھپە: 378 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 282 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :607(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-26
    ئاخىرقى :2008-09-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     



    8





    ھەش-پەش دىگۈچە ئۇ كەتكەنگە ئىككى ئاي بولۇپ قاپتۇ ،_ئويلىدى رەيھان تەشتەكتىكى گۈللەرگە سۇ قۇيغاچ. بۇ ئۇنىڭ ئەكرەمگە ئەڭ مۇھتاج مەزگىللىرى بولۇپ،ئۇنىڭ قايتىپ كىلىدىغان ۋاقتىنى بىلسىمۇ ھەر كۈنى چىقىپ يولىغا قاراپ كىتەتتى. ھىجرانلىق كۈنلەرنى يولدىشىدىن ئاندا_ساندا كىلىپ تۇرغان تىلىفۇن بىلەن قانائەتلەندۈرەتتى.
    جىم يات،_دېدى رەيھان قورسىقىنى ئاستا سىيلاپ،خۇدا بۇيرىغان بىر كۈنى چوقۇم چىقىسەن بۇ دۇنياغا.
    _ھوي رەيھانگۈل،بارمۇ سىز خان؟
    مايسىخاننىڭ سوزۇپ چاقىرغان ئاۋازى ئۇنىڭ خىياللىرنى ئۈزۈپ قويدى.
    _ھە،مانا  ھازىر چىقىمەن ئاچا
    _ماڭا قاراڭە قىزىم ،-دېدى مايسىخان ھاسراپ تۇرۇپ،شۇنداق ئالدىراش كىردىم خوشنىنىڭ ئۆيىدىن، كىچىك قىزى قولىغا قايناقسۇ تۆكىۋاپتۇ، بىر قاراپ قويامسىز،بۈگۈن شەنبە دەپ دوختۇرخانىنىمۇ ئاچمايدۇ.
    _ماقۇل ھەدە جۈرۈڭ ئەمسە
    بىلىكىنىڭ تۆۋىنى شەلۋەرەپ كەتكەن قولنى كۆرۈپ،رەيھاننىڭ شۇنداق كۆڭلى ئىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋىلىپ چىرقىراپ يىغلاۋاتقان قىزنىڭ قولىنى كۆرۈشكە باشلىدى.
    مايسىخان ،رەيھاننى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ئوغلى ئەرشىدىن چامادىننى تاكسىدىن چۈشۈرۋاتاتتى. ۋاي جېنىم بالام ،كەلدىڭمۇ ،_دېدى مايسىخان خالار-خالىماس قۇچاق ئىچىپ كەلگەن بالىسىغا ئۆزىنى ئىتىپ. ئاپىسىغا ئەگىشىپ قوراغا كىرگەن ئەرشىدىننىڭ كۆزلىرى ئوغرى مۈشۈكتەك نىمىنىدۇر ئىزلەۋاتاتتى.
    _دادام قىنى ئاپا؟
    _ ئېتىزغا كەتكەن، سەل تۇرۇپ كىلىپ قالامىكىن.
    _ماۋۇ قوشنىلار كۆچۈپ كەتتىما؟
    _ياق
    ئۇف،سىرلىق كۈلدى ئەرشىدىن. ئەمدى ھىلىقى گۈزەلنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى قىلاي
    ھىرىپ-چارچاپ كىرگەن رەيھاننىڭ كۆزى ئەرشىدىنگە چۈشۈشى بىلەنلا ئەرۋاھى ئۇچتى.
    _سالام خان
    _ياخشىمۇ،ئۇ شۇنداق دەپلا كەينىگە قارماي ھۇجىرسىغا كىرىپ كەتتى.
    ھىم،كاساپەتنىڭ ھالى خىلى بار ئۆزىچە ،قىنى قاراپ تۇر،كەينىمدىن ئۆزەڭ يۈگىرەيدىغان بولىسەن، شۇنچە قاش ئاتسام قاراپمۇ قويمايدا مەندەك كىىشكەن يىگىتكە. ئەمدى ئىشىمنى باشلاي.

    _نىمانداق ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇتتەك قىتىپ تۇرۇپ كەتتىڭ؟_دېدى ئاسىم مۈرسىدىكى كەتمەننى يەرگە تاشلاپ.
    _ھى ھى كەلدىڭمۇ دادا
    _كۆرمەيۋاتامسەن،،،،،قاچان كەلدىڭ؟
    _ تىخى بايا كىلىشىم، سۆزىدىن بۇرۇن ھىجىيىپ كەتكەن ئەرشىدىننىڭ كۈلكىسى دادىسىغا تىخىمۇ ياسالما تۇيۇلدى. <يەنە نىمە شۇملۇقلارنى ئويلاپ كەلگەندۇر> بۇ دىگەنلەرنى تىزلىكتە خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. چۈنكى ئوغلىنىڭ مىجەزى ئاتىغا بەش قولدەك ئايان
    _جۈرە ،ئۆيگە كىرلى،ھازىرلا قايتىمايدىغانسەن،_دېدى
    _ھى ھى ،ياقەي بىرەر-ئىككى ھەپتە تۇرۇپ قالامەنمىكىن،دادا


    _نىمە ئۇ خانغا قاراپلا قالدىڭ،_دېدى ئاسىم بىزرىپ ئولتۇرغان ئوغلىغا ئاچچىق بىلەن
    _نەدە ئۇنىڭغا قارايمەن
    _مىنى بىلمەيدۇ دەپ قاپسەندە بالام،يىلاننىڭ كۆشىگىننى بىلىدىغان ئادەممەن،يولدىشى ئاز كۈندە قايتىپ كىلىدۇ،خەقنىڭ خوتۇنىغا كۆز قىزارتىپ يۈرمە، ماۋۇ يېزىدا بىزنىمۇ ياشىغىلى قوي بولامدا؟
    _ئەنسىرمە ،ۋا،،،، خەقنىڭ خوتۇنىغا چاقچاق قىلمىساممۇ ھازىر ئەتراپىمدا قىز دىگەن جىق<دادىسىغا يۈزسىزلەرچە ئىيتىلغان بۇ گەپنىڭ ئاستىدا،نۇرغۇن مەنالار بار ئىدى>.
    ئەرشىدىن ھىچ يەرگە بارماي ئەتىگەن-كەچتە رەيھاننى كۈزىتىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى.
    ئەنە رەيھان ئالدىراش ئۆيىدىن چىقتى،پەرىزاتقىلا ئوخشايدىغان زىلۋا،چېچەنلىك چىقىپ تۇردىغان ئويناق كۆزلىرى،تال-تال كىرپىكلەر بىلەن ئورالغان،خۇددى ئاللاھ بار گۈزەللىكنى شۇ قىزغا بەرگەندەك. ئىنچىكە قاشلار،،،،،،ئاۋۇ لەۋلىرچۇ تخى. ھەي بويىدا بارمۇ نىمە؟ تازا سەپسىلىپ قاراۋاتقان ئەرشىدىننىڭ كۆزلىرى قىزنىڭ بىلنەر-بىلىنمەس كۆتۈرۈلگەن قورسىقىغا چۈشتى.
    ھـــــــــــاراملىق
    ئۇ پۇرسەت كۈتۈۋاتاتتى،ئاتا-ئانىسى مۇشۇ قورادا بار ۋاقىتتا قىزغا يىقىنلىشىدىغان پۇرسەت ئۇنىڭغا نەدە تۇرۇپتۇ،رەيھاننىڭ قوپال مۇئامىلىسى ئۇنى تخىمۇ قىزىقتۇرۇپ بىرۋاتاتتى. لىكىن ئۇ تورنى تىخىمۇ كەڭ يېيىپ ئۆزىگە ئەڭ ئەپلىك،قولايلىق پۇرسەت ئىزلەپ،ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ ساخاۋەتچىسى بولۇشقا تەييارلاندى. ئۇ مەھەللىدىكى بىر نەچچە،ھاراق دىسە جىنىنى بىرىدىغان،تۇل خوتۇندىنمۇ ئۆتە ۋات-ۋات بىر نەچچە كىشىگە ئازراق بۇل بەردى ۋە ئۇلارغا ھىچكىمگە چاندۇرماسلىق شەرتى بىلەن ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى:
    _مىنىڭ دىگىنىمنى ياخشى ئورۇندىيالىساڭلارلا ئىش پۈتكەندىن كىيىن يەنە 200 يۈەندىن قوشۇپ بىرىمەن، چوڭ ئىشمۇ يوق ،بىزنىڭ ئۆيدە قوشنا ئولتۇرۋاتقان رەيھان دوختۇرنىڭ ئۈستدىن ئۆسەك سۆز تارقىتپ بىرىسىلەر،ئۇنى مەھەللىدىكى ھىزىمكامنىڭ يېڭى توي قىلغان بالىسى نەغمەت بىلەن قوناقلىقتا كۆرۈپ قالدۇق دەيسىلەر،ئامال بار خەق ئىشەنگۈدەك ئايماي ماھارىتىڭلارنى ئىشقا سېلىڭلار.
    _ھى ھى ھى بۇ ئاسان ئىش دىيىشتى بۇ بىر نەچچە ئەخمەق كىشى.
    _ھىلىقى رەيھان دىگەن دوختۇر بارغۇ؟ ئاسىمكاملارنىڭ ئۆيگە چىققان
    _ھە ،دېيىشتى ،كۆپچىلىك  ھاراقكەشلىكى چىرايىغا چىقپ كەتكەن بۇ بىر نەچچە ئادەمگە قاراپ.
    -مەھەللىنى بۇلغان بولدىغان بولدى،ئۇ بۇزۇق خوتۇن، بۇرۇنمۇ بىر نەچچە كۆرۈپ گەپ قىلمىغان ئىدۇق،ئاخشام يەنە،ھىزىمكامنىڭ يېڭى توي قىلغان ئوغلى نەغمەت بىلەن قوناقلىقتا دەل ئۈستىگىلا چۈشۈپتۇق دەڭلارا،،،،،،،،ياۋ پانا
    _چاقچاق قىلمايۋاتقانسىلەر؟ توپلىشىپ ئولتۇرغان بۇ كىشىلەر،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە دەمالىققا ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
    _ياق،يالغان بولسا ،بىزنى خۇدا ئۇرسۇن
    _ئۇلار يەنە خىلى كۆپ يالغان ياۋداقنى توقىۋەتكەندىن كىيىن ،ئەپسۇسلانغان قىياپەتتە كىشىلەر بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى. بۇ كىچىككىنە يېزىدا نىمىنى يوشۇرغىلى بولىدۇ دەيسىز، ئەرلەر ئۆيىگە كىرىپ ئاياللىرغا،ئاياللار ئاڭلىمىغان قوشنا-قولۇم،قىز_ئوغۇللىرغا ياقىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ بۇ ئىشنى تىخىمۇ رىۋايەتكە ئايلاندۇرۇپ سۆزلەشتى. بۇ گەپ بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا پۈتۈن يېزىغا پۇر كەتتى. دوختۇرخانىدىن قايتىپ كىلىۋاتقان رەيھان ، ئادىتى بويىنچە دوقمۇشتا ئولتۇرغان ۋات_ۋات خوتۇنلارغا سالام قىلدىيۇ،ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىق،يىرگىنىش،ئۆچمەنلىك،،،،،ۋەھاكازالار، ئۇنى بەكمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. ھەر كۈنى كۈلۈپ قارشى ئالىدىغان مايسىخاننىڭمۇ قارار تەلەتى يوق ئىدى. ئۇ رەيھاننى كۆرمىگەن قىياپەتتە قازان بىشىدا ئىشىنى داۋاملاشتۇردى
    _توۋا،خۇدايىم،نىمە بولغاندۇ بۇ خەقلەرگە؟ مىنى يەيدىغاندەكلا قاراپ كەتتىيا ھەممىسى. مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلمىغان بولمىسا. رەيھان قولىدىكى سومكىسىنى قويۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۆيىنىڭ ئىشىكى جالاقلاپ ئىچىلدى. قوللىرنى بەلگە تىرەپ،غەزەپ بىلەن كىرۋاتقان گۈسمايخان بىلەن نەغمەتنىڭ ئايالى رەئىسەنى كۆرۈپ ئۇلارغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرۇپلا قالدى:
    _ھەي بۇزۇق! سەن ئازادۇرمىغان مىنىڭ يولدىشىم قالغانما ئەمدى؟ ئۆزەڭچە مەن چىرايلىق دەپ ئېرىمنى ئارقاڭغا سىلىپ يۈردۈڭما؟ يولدىشىڭ يوق ئەر سىغىنىپ قاپتىكەنسەندە ۋۇ رەسۋا!
    _نىمە؟ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ _دېدى رەيھان قۇلاقلىرغا ئىشەنمەي
    _ھە مانا،ساراڭ بولدۇم،گۈسماي بىلەن رەئىسە ، رەيھاننىڭ ئۇزۇن چاچلىردىن تولغان تۇرۇپ بىقىنلىرغا تىپىشقا باشلىدى. قىزنىڭ چىرقىراپ ياردەم تەلەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان مايسىخان يۈگرەپ كىرگەن بولسىمۇ بىلەتسىز ئويۇن كۆرۋاتقاندەك ئىشىك يىنىدا ئىپادىسزلا تۇراتتى. رەيھان ۋارقىرايىتتى،ئۆزىنى قاتتىق ئازاپلاۋاتقان ئۇزۇن چاچلىرغا ئىسىلمىدى،چۈنكى ئۇ قوللىرى بىلەن قورسىقىنى قوغداۋاتاتتى.بۇ چىشى يولۋاسلار ئۇرۇپ ھارغان چىغى رەيھاننى يەنە تىللاشقا باشلىدى.
    _جېنىم رەئىسە،مەن ھەرگىز يولدىشىمغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئايال ئەمەس،ماڭا تۆھمەت قىلماڭلار قورسۇقۇمدىكى بالىنى بولسىمۇ ئاياپ قويۇڭلار ،_دېدى رەيھان ئۆكسۈپ تۇرۇپ
    _ۋۇ بۇزۇق، خۇدادىن قورقۇمسەن سەن؟ ئاخشام سۇ تۇتىمەن دەپ بىر كىچە ئۆيگە كىرمىگەن ھىلىقى لامزاەللە،ئەسلى سۇنى سەن بىلەن <تۇتۇپىتىكەندە> . تىخى ئۆيگە كەلمىدى،بولمىغان بولسا ئىككىڭنى بىر يەرگە ئەكىلىپ ،خەلقى ئالەم ئالدىدا ئوچۇق رەسۋا قىلاتتىم،ئاۋۇ قورسىقىڭدىكى شۇمنىڭ بولسىمۇ ھۈرمىتىنى قىلساڭ بولمامتى؟ كىم بىلىدۇ ئۇنىڭ دادىسى كىم. دوختۇرمىش تىخى ،ۋۇ ئالۋاستى.
    ئۇلار تازا تىللاۋاتقاننىڭ ئۈستىگە ئەرشىدىن سىرىتتىن ئوقتەك ئىتىلىپ كىردى.
    _ھەي نۇمۇس قىلمايدىغان قىرى پاخشەكلەر. بىكاردىن نىمە خەقنى بوزەك قىلىشىسەن دەيمەن، سەن ئىرىڭنى تۈز باشقۇرالماي بۇ قىزنى ئۇرۇپ يۈردۈڭما،_ئەمدى كۆزۈمدىن يوقالمىساڭ بوغۇزلىۋىتىمەن،دېدى ئۇ يېنىدىكى يوغان پىچاقنى چىقىرىپ.
    ئەرشىدىننىڭ ئەلپازىدىن چۆچىگەن ئىككى ئايال، رەيھانغا قاراپ تۈكۈرگەنچە چىقىپ كەتتى. ئوغلىنىڭ قاتتىق پىداكار بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئەقلى يەتمىگەن مايسىخان ،رەيھانغا قاراپ تەئەددىي بىلەن:
    _ئەتىلا بۇ ئۆيدىن يوقىلىڭ خىنىم،بۇ سىزدەك ئاياللار تۇردىغان ئۆي ئەمەس، بىكا بالا-قازا يىتىپ قالمىسۇن بىزگە،_دەپ چىقىپ كەتتى.
    تاياقتىن بەكرەك ،جىنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بۇ زەھەردەك گەپلەرنىڭ ئاخىرنى رەيھان پەقەت غۇۋا،چۈشتەك ئاڭلاپ قالدى
    ئەرشىدىن قىزنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا يۈگۈرگەن ۋاقىتتا نەغمەتنىڭ ئۆيىدىمۇ قاتتىق بوران كۆتۈرۈلگەن ئىدى. قورقۇمسىراپ بىر بۇلۇڭغا تىقىلىپ قالغان نەفىسە رەيھان يىگەندىنمۇ جىق تاياق يەۋالغان بولۇپ،يولدىشى ئىشىكتىن كىرەر-كىرمەيلا ياقىسىغا ئىسىلىپ قىلغان كۆكەمىلىكنىڭ ھازىر بىرسىمۇ قالمىغان،يۈزلىرى كۆكۈرۈپ ،مىشىلداپ ئولتۇراتتى.. .
    _نۇمۇس قىلمايدىغان شەرمەندە،بىكاردىنلا چىقىپ خەقنىڭ خوتۇننى ئۇردۇڭما؟ ئالدىنقى ئايدا ئۆلەي دەپ قالغان ۋاقىتتا يىرىم كىچىگىچە ساڭا ھەمراھ بولغان زادى كىم دەپ باقە ئىپلاس! خەق نىمىلا دىسە ئىشىنەمسەن ۋۇ كالۋا بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىكەنلەر.سەنچۇ ئاپا، قىرىغاندا ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر گەپ قىلىشساڭ بولمامتى،مىڭىشە ھازىرلا چىقىپ كەچۈرۈپ سوراش. بىشىنى تۆۋەن سىلىپ  چىقىپ كىتىۋاتقان ئايالى بىلەن ئاپىسىغا قاراپ تۇرغان نەغمەت چەكسىز خىجىللىق ئىچىدە قالدى.
    رەيھان ئەسلىگە كىلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ۋاقىتتا ئۇنى ئەيىپلىگەن قوشنىلىرى يەنە مايسىخان ئۆزرە سوراپ ئالدىغا كىردى. لكىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچان بۇ يېزىلىقلاردىن قالغان، ئىشنىڭ باش_ئاخىرنى سۈرۈشتۈرمەي نادانلارچە خەققە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغانلاردىن بىزار بولغاندى.



    _ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار، مىنى ئارامىمدا قويۇپ چىقىپ كىتىڭلار،_دېدى ئۇ سوغۇقلۇق بىلەن
    بۇ جەرياندا قاتتىق رول ئوينىغان ئەرشىدىن ھەر ھالدا قىزنىڭ ئەتىگەن-كەچتە بولسىمۇ ئىللىق سالىمىنى كۆردىغان بولدى،لىكىن ئۇ بۇ يول ئارقىلىقمۇ نىشانىغا يىتەلمەيدىغانلىقنى بىلدى
    ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈمۈدى كىلەر ھەپتە قوشنا يېزىغا تويغا بارىدىغان ئاتا ئانىسى بىلەن ئچكىردىن ئىلىپ چىققان ئازران خىرۇئىندا قالغان ئىدى.









    9

    بىر زامانلاردا ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بىپايان باغرىدا ئارغىماقلىرنىڭ تۇياقلىردىن ئوت چاچرىتىپ، سەييارىلەردەك ئەركىن ۋە بىمالال ياشاپ ئۆتكەن، كۆزنى قاماشتۇردىغان مەدەنىيەت مۆجىزىسى يارتىپ، مەرىپەت يۇلتۇزى چاقناتقان ئۇيغۇرلار < يىپەك يولىنىڭ >چۆلدەرىشى بىلەن كۆتۈرۈلگەن ئەسەبى دىنى خۇراپاتلق، نادانلىق، قۇلچىلىق، پۈتمەس_تۈگىمەس زۇلۇم_زالالەتنىڭ قۇيۇنلىرى ئىچىدە قارا تەقدىرنىڭ قۇچىقىغا يىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇستەھكەم بىر مىللى ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت گۇمران بولۇپ پۈتۈن تارىم ۋادىسى زۇلمەتكە غەرىق بولدى. تەڭرىتاغ ئانا غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتتى. دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى جاپاكەشلەرنىڭ ئاھۇ_زاردىن ئۈن_تىنسىز ئاقىدىغان بولۇپ قالدى.
    << مەڭگۈ تاشلار>> نىمە مەقسەتتە تىكلەنگەن؟ < تۈركى تىللار دىۋانى> نىمە مەقسەتتە يىزىلغان؟ < قۇتاتغۇبىلىكچۇ>؟
    قەلبىمىزنى چىرماپ كەتكەن نادانلىق، ساپاسىزلىق ۋەجىدىن مانا شۇنداق ئالەمشۇمۇل ئەڭگۈشتەرلىرىمىنزنىڭ ماھىيىتى بىلەن تونۇشۇش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىدۇق. تالاي شىر يۈرەك ئوغلانلىرىمىز بىلەن ئوت يۈرەك مۇتەپپەككۇرلىرىمىزنىڭ يالقۇن كەبى ئىستەكلىرى تارىخنىڭ بىپايان ئىتىكىدە قۇم_بورانغا كۆمۈلۈپ قىلىۋەردى. خۇددى كىروران گۈزىلىدەك.
    بىز بولساق بەلگىسى يوق يوللاردا ئىغىز_بۇرنىمىزنى قان قىلىپ كېتىۋەردۇق. كۆرمىگەن كۈنىمىز قالمىدى. بەگ بولىدىغان ئوغۇللار قۇل بولدى، خانىش بولدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى.
    كىشىلەر دائىم تەقدىرگە بويسۇنۇش كىرەك دىيشىدۇ،لىكىن ئىنسان ئۆز تەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسى،ئۇنى ئالتۇن ياكى ساپال قىلىپ تاۋلاپ چىقىدىغىنى دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزى،نىمىنىڭ ئىرادە،نىمىنىڭ خەلىقنى سۆيۈش ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىلا ،ئىلىم-پەننىڭ چوققىسىدا ھارماي ئىزدىنىدۇ.
    خۇدا! ماڭا غەيرەت-جاسارەت،تىخىمۇ زور ئەقىل ئاتا قىلغىن،يىراقتا قالغان ۋاپادارىمنى سالامەت قىلغىن.
    ئەكرەم يۇقارقى قۇرلارنى كۈندىلىك خاتىرسىگە يېزىۋىتىپ ،سۆيۈملۈك ئايالىنى سېغىندى. ئۇنىڭغا مۇھەببەتنىڭ نىمىىلىكىنى ھىس قىلدۇرغان،بۇ گۈزەل،ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسىمى،ياق ئەڭ مۇھىم ،بەلكى پۈتۈن قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. كۈنلىرنى ئىجتىھات بىلەن باش كۆتۈرمەي كىتاپ كۆرۈپ ئۆتكۈزۋاتقان بولسىمۇ ئايالىنىڭ يىنىغا ھەر مىنۇت قايتىپ كىتىشنى ئويلايىتتى.
    ئۇلارنىڭ تونۇشۇش ۋە مۇھەببەتلىشىش جەريانى ئۇنچىلىك مۇرەككەپ بولمىسىمۇ ،لىكىن تولىمۇ شېرىن ۋە ئۇنتۇلغۇسىز،شۇڭا ئەكرەم ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئەر ھىساپلايدۇ.



    ئاخشام كۆرگەن چۈش ئۇنى ئەنسىرتىپلا قويغان بولۇپ،دىققىتىنى يىغىپ ماتىريالغا قاراپمۇ كاللىسىغا ھىچنىمە چۈشمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەيھانغا نەچچە تىلىفۇن ئۇرۇپ ئالالمىدى.
    _ئاپا رەيھان سالامەت تۇرۋىتىپتىمۇ؟ _دېدى ئۇ قىيىن ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە تىلىفۇن قىلىپ
    _ياخشىكەن،مەن بايا سۆزلىشكەن تىخى،ئۆزىگە قىلماپسىزغۇ؟
    _ئىككى كۈن بولدى پەقەتلا ئۇلانماي قالدىغۇ تاڭ، سالامەت بولسىلا بولدىغۇ،مەن كەچلەردىن يەنە بىر قىلىپ باقارمەن، ماقۇل خۇداغا ئامانەت ئاپا.
    _خۇداغا ئامانەت.

    ئۇ ئايالىنىڭ سالامەت تۇرۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولسىمۇ ، چۈشىدە چىرايلىق رەيھاننى چوكۈرۈپ كىتىۋاتقان قان، رەيھاننىڭ ئالدىدا ھىجىيىپ ،ئەكرەمنى مەسخىرە قىلىۋاتقان تونۇشلا بىر چىراي،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ دەپ بارا-بارا يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان ئايالىنىڭ سۇس گەۋدىسى،،،،،،ئۇنى قاتتىق ئارامسىزلاندۇراتتى.
    دەل شۇ سائەتلەردە ئەكرەم تۇرغان بۇ شەھەردىن تولىمۇ يىراق بولغان چىلانلىق يېزىسىدا ئاسىم بىلەن مايسىخان قوشنا يېزىدىكى تويغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. كىيىنكى كۈنلەردە مايسىخان ،رەيھاننى خاتا ئەيىپلىگىنى ئۈچۈن قىزغا گەپ قىلالماي خىجالەت بولۇپ يۈردى. ئۇ ئۆي كۆچۈپ چىكىتىمەن دەپ ماڭغاندا يالۋۇۇرپ ،يىغلاپ ئاران ئىلىپ قالدى، مانا بۈگۈنمۇ قىزنىڭ يىنىغا كىرىپ باشقا يەرگە ماڭغانلىقىنى ئىيتىپ قويغان ۋاقىتتىمۇ بىر خىل خىجىللىق ھىس قىلدى.

    كۆڭلىدە ناھايتى شۇم پىلان تۈزگەن ئەرشىدىن ئالدىنقى كۈنىلا ئاتا-ئانىسىغا <بۈگۈن شەھەرگە كىرىمەن،بەلكىم بىر نەچچە كۈنلەر شۇ يەردە تۇرۇپ قىلىشىم مۇمكىن> دەپ،ئۇلارنىڭ يالغۇز قالغان رەيھاندىن ئەنسىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى.
    ئەرشىدىن ئاپا-دادىسى يىزىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتنى ئىنىق بىلگەچكە ئۇلار سەپەرگە چىقىشىغىلا ئۆيگە قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا رەيھانمۇ ئىشقا كەتكەن بولۇپ،ئۇ كىيىنكى قەدەمدە قىلىدىغان ئىشلارنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىۋاتاتتى.
    ئۇنىڭ ھىيلە-مىكرى نىمە دىگەن تولا. ئادەتتە يېزىلاردا ئاساسىي جەھەتتىن كىچىك-كۈندۈز تۇرۇبا سۈيى كىلىپ تۇردىغان ئىش يوق.
    كۈندە ئەتىگەنلىكى ئىككى سائەت قويۇپ بىرىلىدىغان تۇرۇبا سۈيىنى كۈپلەرگە يەنە تىخى جاۋۇرلارغا لىقلىۋىلىپ ئەتىسى شۇ ۋاقىتقىچە ئاۋايلاپ ئىشلىتىشىدۇ. نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى رەيھاننىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇلغان سۇ كۈپىگە قاراپ ئاجايىپ پىلاننى تۈزگەن ئەرشىدىن ،ئۆيىگە كىلىپلا ئەتراپقا ئوغرى مۈشۈكتەك تازا قارىۋەتكەندىن كىيىن قولىدىكى خىلىلا جىق ئۇيقۇ دورسىنى تۇڭغا تۆكۈپ تىزلىكتە ئارلاشتۇرۋەتتى. ئۇ رەيھاننىڭ تىزراق قايتىپ كىلىپ سۇنى ئىچىشىنى،شۇ سۇنى ئىشلىتىپ تاماق ئىتىپ،ھىچنىمىنى سەزمىگۈدەك ئۇخلاپ كىتىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشى كىرەك ئىدى. ساق يىرىم كۈن ساقلىغاندىن كىيىن رەيھاننىڭ كىلىدىغان ۋاقتى ئىسىگە كەلدى بولغاي، ھەممە نەرسىنى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويۇپ دەرۋازىغا قۇلۇپنى بىسىپ ئاستا سىرىتقا ماڭدى.
    ئۇ ئۆيىدىن ئازراق يىراق،ئادەم ئولتۇرمايدىغان بىر قورۇنىڭ ئالدىدىكى دوڭغاق سۆگەتنىڭ كەينىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرۇپ تاماكىسىنى چەككەچ،قىزنىڭ تىزراق كىلىپ ئۆيىگە كىرىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
    ئەنە قىز كەلدى، تەمكىن،چىرايلىق مىڭىشى بىلەن ئۇنىڭغا تونۇش بولغان قوراغا كىرىپ كەتتى،دەرۋازا يىپىلغاندىلا ئۇف دىگەن ئەرشىدىن قاراڭغۇ چۈشكىچە تازا بىر كەيىپ بولۋىلىشنى ئويلاپ مەھەللىنىڭ ئايىقىدىكى قىرى تەتەينىڭ قاۋاقخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
    خىزمەتدىشى ئالغاچ كەلگەن ئوخشىغا سامسىنى يىگەن رەيھان كەچتە يالغۇز جىنىغا تاماق ئىتىشنى ئىغىر كۆردىمۇ ،شەھەردىن ئالغاچ چىققان پىچىنىلەر بىلەن قورساقنى ئەستەرلىمەك بولۇپ،چاي قاينىتىشقا تۇتۇندى. ئۇ غىڭشىپ ناخشا ئىيىتقاچ چايدانغا قاردىغان ئىدى،تەليىگە ئەتىگەن ئىلىپ قويغان قايناقسۈيى بار ئىكەن.
    قورسىقىنى تويغۇزۇپ بىردەم رومان ئوقۇغان رەيھاننى ئۇيقۇ بىسىشقا باشلىدى. بىر ئاز سۇ ئىچىۋىلىشنى ئويلىغان رەيھان كۈپتىكى سۇدىن بىر يۇتۇملا ئىچىپ بولدى قىلدى. ئۇ يولدىشى كەتكەندىن كىيىن كۈندە قىلىدىغان ئادىتى بويىچە ياستۇقىنىڭ ئاستىغا ئەكرەم ھەمراھ قىلغان پىچاقنى تىقىپ ،ئىشىكلەرنى چىڭ تاقاپ ئۇيقۇغا كەتتى. شۇ دەقىقىلەردە ئۆزىنىڭ كاللىسىنىڭ ناھايتى ئىشلەيدىغانلىقىدىن خوشال بولۇپ،غادايغىنىچە ئۆي تەرەپكە كىلىۋاتقان ئەرشىدىن،قورا تىمى يىنىغا كىلىپ قالدى. تولىمۇ قاراڭغۇ ،ئايسىز كىچىدە  بايا تەييارلاپ قويغان ھويلىغا كىرىدىغان تۆشۈكنى تىمىسقىلاپ ئىزلەۋاتقان ئەرشىدىنگە تۇرۇپ-تۇرۇپ قاۋاپ قويىۋاتقان ئىتلارنىڭ ئاۋازىمۇ بۆلەكچە سۈرلۈك ئاڭلانماقتا ئىدى.
    ئۇ ئاخىرى كىرىش ئىغىزىنى تاپتى،خىلى بۇرۇنلا رەيھاننىڭ ھۇجرا ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنى ئاسانلا ئاجىرايدىغان قىلىپ قويغاچقا ئۇ يەرگە كىرىشتىمۇ ئانچە توسالغۇسى يوق ئىدى.
    چىرايلىق،ئۇزۇن چاچلىرنى يايغىنىچە،تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان ئاپئاق بىر گەۋدە ئۆزىگە يىقىنلا كىلىپ قالغان ئاپەتتىن قىلچىكىك خەۋرى يوق ئىدى.







    10

    ئەرشىدىن ھىچقانداق تىۋىشسىز غەلبىلىك ھالدا قىزنىڭ ھۇجرىسى يىنىغا كىلىپ قالدى. سۈيىگە ئارلاشتۇرۋەتكەن ئۇيقىۇ دورىسىغا قاتتىق ئىشەنچىسى بار بولغاچقا ئاللىبۇرۇن بوشىتىپ تەييارلاپ قويغان دەرىزىنى ئىچىشقا ھەركەتلەندى. رەيھان ئىچكىركى ئۆيىدە  تىخىچىلا قاتتىق ئۇيقۇدا. ئۇيقۇ دىگەن ئۆلۈم دەپ يىنىدىلا چۆرگىلەپ يۈرگەن قارا قولنى سەزمەي قالدى.ئۇ  ئاستا-ئاستا دەرىزنى ئاجىرتىپ ئۆي ئىچىگە غەلبىلىك ھالدا كىردى. كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، پۇت-قوللىرىنى ئاران باشقۇرۇپ تۇرۋاتقان ئەرشىدىن قىزنىڭ ئىچكىركى ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈردىدە،ئىچكىركى ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئاچتى.




    _كىم؟ قىز بىردىنلا ئىچىلغان ئىشىكنىڭ ئاۋازىدا ئويغىنىپ كەتتى. ھىچقانداق ئاۋاز يوق
    _كىم دەيمەن،رەيھان توكنى ياندۇرۇشقا ھەركەت قىلدى،توكنى ياندۇرۇپلا ئالدىدا شەھۋانىلىق ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇردىغان كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە يەۋەتكۈدەك قاراپ تۇرغان ئەرشىدىننى كۆرۈپ ئىقىۋاتقان قانلىرى توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالدى.
    _بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟ دەرھال چىقىپ كەت! بولمىسا ۋارقىرايمەن!
    _قىنى ۋارقىراپ باق جىنىم،سېنى خۇدايىڭمۇ قۇتقۇزالمايدۇ، ياخشىلىقچە ماڭا بويسۇنساڭ بويسۇندۇڭ،بىكار تاتلىققىنە جىسمىڭ ئازار يەپ قالامدىكىن.
    بەدىنى جالاقلاپ تىتىرەۋاتقان رەيھان،كىيىملىرنى يەشكىنىچە ،قىزنىڭ ئوچۇق تۇرغان يەرلىرىگە يەۋەتكۈدەك قاراپ كىلىۋاتقان ئەرشىدىندىن ھىچقانداق قىلىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ۋارقىردى. قۇتقۇزۇڭلار،،ئادەم بارمۇ
    _قۇتقۇزۇڭلار ئادەم بارمۇ!!ھى ھى ھى ،قوشۇلۇپ ۋارقىردى ئەرشىدىن. ئىيىتتىمغۇ سېنى ھىچكىم قۇتقۇزالمايدۇ، بۈگۈن كىچە سەن مىنىڭكى جىنىم،،،،،سېنى دەپ سودامنى تاشلاپ بۇ قوتا مەھەللىدە يۈرۋاتىمەن،يىقىن كىلە!
    دەل شۇ چاغدا رەيھاننىڭ خىيالىغا چاقماق تىزلىكىچە ئەكرەم قالدۇرغان پىچاق كەلدى. ئۇ ياستۇقى ئاستىدىن پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئىلىپ بوينىغا تەڭلىدى
    _كۆزۈمدىن دەرھال يوقال،بىكا ئالدىڭدا ئۆلۈپ بىرىمەن.
    _ۋۇ بۇزۇق، مېنى شۇنىڭ بىلەن قورقۇتىمەن دەپ قاپسەندە،ئەكەل پىچاقنى ماڭا بەر،،،،،،،،،،،،
    ئەرشىدىن ئوقتەك ئىتىلىپ بىرىپ قىزنىڭ قولىدىكى پىچاقنى ئالماق بولدى، قورسىقىغا تەگكەن قاتتىق تىپىكتىن ھوشىنى بىردەملىك يوقاتقان رەيھان بىردەمدىلا قولىدىكى پىچاقنى ئەرشىدىنگە تارىتقۇزۇپ قويدى. ئۇ ھايۋانلارچە قىزنىڭ خالىغان يىرىگە سۆيەتتى. ئۆزىنى ئىلىپ قىچىپ قاتتىق يىغلاۋاتقان رەيھاننىڭ قولىغا ھىلىقى پىچاق چىقىپ قالدى


    ۋايجان دىگەن ئاۋاز خۇدىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان ئەرشىدىننى ئىسىگە كەلتۈردى. قىزنىڭ بىقىنىدىن بۇلدقلاپ چىقۋاتقان قاندىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئەرشىدىن ئالدى كەينىگە قارماي ئۆيىدىن قىچىپ چىقتى. ئۇ ئازاپتا ئىڭراپ ياتقان قىزغا ئاخىرقى قىتىم قورقۇنۇچ نەزىرى بىلەن قارۋىتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارسا بولمايدۇ،ئىنىقلا تۈرمىگە كىردىغان گەپ. ئۇ بىر نەچچە ئۆينى تىمىسقىلىغاندىن كىيىن بىر ۋىلسىپىتنى تاپتىدە كۈچ بىلەن ھەيدەپ شەھەردىكى بىر يىقىننىڭ ئۆيىگە كەلدى. كىيىملىرى قان ھالەتتە كىرگەن ئەرشىدىننى كۆرگەن يىقىننىڭ كۆزلىرى يوغان ئىچىلىپ ئۇيقۇسى قىچىپ كەتكەن بولۇپ، ئەرشىدىننىڭ تىز-تىز قىلىپ ئىيىتۋاتقان گەپلىرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىھتىيات بىلەن تىڭشاۋاتاتتى.
    _مەن ھازىرلا تاكسى كىرا قىلىپ ئۈرۈمچىگە يولغا چىقىمەن.سەن جىددى قۇتقۇزۇشقا تىلفۇن بەر،مانا مەن يىزىپ بەرگەن ماۋۇ ئادرسىتا بىرسى ئۆلەر ھالتتە دەپلا تىلفۇننى قويۋەتسەڭ بولىدۇ،ئاممىۋىي تىلىفۇندىن قىلپ جۇمۇ،،،،،يەنە بىر سائەتتىن كىيىن قىل!
    قاتتىق ئاغىرۋاتقان،قان ئىقىپ تۇرغان بىقىننى تۇتقان رەيھاننىڭ يەنە بىر ئۆيىگە چىقىپ تىلىفۇن قىلىپ ياردەم سوراشقا كۆزى يەتمىدى،ئاستا-ئاستا ئىقىپ چىقۋاتقان قانلار ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئاخىرقى ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ قويىۋاتاتتى، قىزنى ئۇيقۇ بىسىۋاتاتتى،ئۇ بۇ ئۇخلىغان پىتى مەڭگۈ ئويغانماندىغانلىقىنى بىلەتتى.،ئاردىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم بىر كىشىلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۆيگە كىرىپ قىزنى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ ماڭدى.
    بىر نەچچە سائەتلىك قاتتىق تىىرىشىشتىن كىيىن قىزنىڭ ھاياتى ساقلاپ قىلىنغان بولسىمۇ،بالىسىنى ساقلاپ قالالمىدى. ئۇ دەل ئەكرەمنىڭ ئىمتىھان بىردىغان كۈنلىرى بولغاچقا ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىنمىدى. بىردە چۈشۈپ-بىردە كۆتۈرلۈپ تۇرۋاتقان قان بىسىم،يۈرەك سوقۇشى دوختۇرلارنىڭ پىشانىسدىن تەر ئاققۇزاتتى.دوختۇرخانا سىرتىدا ئەكرەم بىلەن رەيھاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قاتتىق ئەنسىزچىلىكتە  قىزىنى يېزىدىن بالدۇراق ئەكىرۋالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلغان ئانا بولسا ئۆزىنى بەزلەۋاتقان قۇدىسىغا يۆلىنىپ قاتتىق يىغلىماقتا.
    قىزىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىلا ئۇلارنىڭ چىرايغا ئازراق بولسىمۇ كۈلكە يۈگۈردى.

    كۈنلەر ئۆتتى،ئەكرەم نەچچە قىتىملار تىلىفۇن ئۇرۇپ رەيھان بىلەن خوشال پاراڭلاشقان بولسىمۇ،قايتىپ كەلگەندە ئايالىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ  ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنى قارشى ئالغان ئايالىنىڭ قورسىقىغا چۈشكەندە كۆزلىرگە لىققىدە ياش كەلدى، ئايالى بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەندە بولسا مۇشتۇملىرى كىرىشىپ ،ئۆز ۋاپادارىنى قوغدىيالمىغان بىر يارامسىز ئەر بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆكۈندى. رەيھان شۇ قايتىپ كىرگەن پىتى يېزىغا چىقمىدى، مايسىخانلار قىلغۇلۇقنى قىلىپ قويۇپ قىچىپ كەتكەن ئوغلى سەۋەپلىك بۇلاردىن كۆپ كەچۈرۈم سوردى،لىكىن ئاتا-ئانىدا نىمە گۇناھ، بۇ بىر جۈپلەر يېزىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ئۆزىگە شۇنداق گۈزەل ۋە قاباھەتلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئۆيىگە ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن قارىدى. رەيھان تىخىچىلا تولۇق ئەسلىگە كىلەلمىگەن بولۇپ قاپقارا كۆزلىرى سەل ئولتۇرۇشقان، ياداپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. تىخى تۇغۇلمىغان نارسىدىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئۆكۈنسىمۇ ،ئەڭ قەدىرلىك ئايالىنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئىرىشكەنلىكىدىن ئەكرەم ئالەمچە خوش ئىدى.
    بىر نەچچە ئايدىن كىيىن تاماق يىگەچ تىلىۋىزۇر كۆرۈۋاتقان ئەر-ئاياللار بىر_بىرگە خوشاللىق نەزىرى بىلەن قاراشتى، چۈنكى ئۇلارنى ھەم سانسىزلىغان  بىگۇناھ نارسىدىلەرنى،قىزلىرىمىزنى قاقشاتقان ئەرشىدىن بىر نەچچە شىرىكلىرى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى،،،،،،،،،،،،،




    خاتىمە: ئىككى يىلدىن كىيىن

    بىر كەچلىكى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن قىزى لالەنى يىتىلەشكەن ئەكرەم بىلەن رەيھان مايسىخانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كىلىشتى. ئاپىسىغا ئوخشاشلا چىرايلىق قىز بىردەم يىتىرقىغاندىن كىيىن مايسىخاننىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئويناشقا باشلىدى......................



                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    | ۋاقتى : 2008-09-22 14:03 3 -قەۋەت
    kisek

    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23530
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 733
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە733دانە
    شۆھرەت: 817 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8250 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :289(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-10
    ئاخىرقى :2008-08-08

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

          ئۇيغۇرئاي  سىڭىلچاقنىڭ بۇ چوڭ ھەجىمدىكى ئەدىبى ئىجادىيىتىنى ئىپتادىن كېيىن كەڭكۇشادە ئولتۇرۇپ بىر ئوقۇپ باقايچۇ.

          ئالدىنقى كۈنلەردە دىيارىم مۇنبىرىمدە يەنە بىر تورداشنىڭ نامىدا يۈرەتتىغۇ بۇ ئەسەر؟ ياكى ئېسىمدە خاتا قالدىمۇ...
    ھەقىقىي مىسۋاك
    دۆلەتلىك تىل-يېزىق كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى لىيۈمىڭ:جوڭگو دۇنيادىكى تىل-يېزىق بايلىقى مەنبەسى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى،جوڭگودىكى تىل-يېزىق بايلىقى مەنبەلىرىنى ياخشى قوغداش_جوڭگونىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسى بولىدۇ

    | ۋاقتى : 2008-09-22 14:16 4 -قەۋەت
    ئۇيغۇرئاي
    دىــــل ئازار،خۇدا بىزار

    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1477
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1477دانە
    شۆھرەت: 1612 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14890 سوم
    تۆھپە: 378 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 282 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :607(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-26
    ئاخىرقى :2008-09-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    Quote:
    بۇ يازما4قەۋەتتىكىkisekنىڭ2008-09-22 14:16يوللىغان  :
          ئۇيغۇرئاي  سىڭىلچاقنىڭ بۇ چوڭ ھەجىمدىكى ئەدىبى ئىجادىيىتىنى ئىپتادىن كېيىن كەڭكۇشادە ئولتۇرۇپ بىر ئوقۇپ باقايچۇ.

          ئالدىنقى كۈنلەردە دىيارىم مۇنبىرىمدە يەنە بىر تورداشنىڭ نامىدا يۈرەتتىغۇ بۇ ئەسەر؟ ياكى ئېسىمدە خاتا قالدىمۇ...


    شۇ يەردىكى ئىسمىمنىمۇ ئەسكەرتىپ قويدۇم ئاكا
    izlax.com



                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    | ۋاقتى : 2008-09-22 14:25 5 -قەۋەت
    tughrul

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1900
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1900دانە
    شۆھرەت: 1901 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 550 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :402(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-06-15
    ئاخىرقى :2008-09-27

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئۇيغۇر ئاي بۇ ئەسىرىڭىزنى ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقىمەن !
    ھەقىقىي مىسۋاك
    | ۋاقتى : 2008-09-22 14:37 6 -قەۋەت
    Sahra-ogli

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 40138
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 432
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
    شۆھرەت: 433 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 200 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :413(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-08
    ئاخىرقى :2008-09-27

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    نىمانداق  ياخشى  يىزىلغان ئەسەر  بۇ  ،،،،،،  سىزنىڭ  يازغانىلىقىڭزغا  ئىشەنمەيلا  قىلىۋاتىمەن  جۇما،،،،، ئاخىرى  يەنە  بار مۇ  يە  تۈگىدىمۇ  ،،،،،،،،،،،، بەزى  يەرلىرى  ئادەمنى  ئى  بىر  چاغلارغا سۇرەپ  كىتىپ بارىدا ،،،، ھەي  ئەجەپ شىرىن  چاغلار  ئىدى ،،،،،
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-09-22 14:39 7 -قەۋەت
    ئىشەنچ
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1952
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1952دانە
    شۆھرەت: 2502 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110353 سوم
    تۆھپە: 40 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :887(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-08
    ئاخىرقى :2008-09-26

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     ئۇيغۇرئاي

    رەخمەت تاتلىق . بۇگۈنكى تېمىلار ماڭا پەقەتلا ياقمىغانىتى ، سىزنىڭ تېمىڭىزنى كۆرۇپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ... تۇلۇق ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قالغان ئىنكاسنى يازاي .
    جەمىئىيتىمىزدىكى يامان ئىشلار ئەكىس ئەتتۈرۇلگەن ئەسەر  بوپتۇ - بۇ !!! ئۇف ، مەن ئاران ئۇقۇپ بولدۇم . لىكىن يەنە بىر قىتىم ئوقۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يەنە ئاچتىم . تەپسىلىيرەك ئىنكاسنى ئىپتادىن كىيىن ئاندىن يازاي .
    [ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-09-21 19:51قايتا تەھرى ]
    ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!


    | ۋاقتى : 2008-09-22 14:49 8 -قەۋەت
    kumbah

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 849
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە849دانە
    شۆھرەت: 850 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 304 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :278(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-07-20
    ئاخىرقى :2008-09-26

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بەك ئۇزۇن ئىكەن ئالدىرماي ئوقۇي
    http://img701.photo.wangyou.com/2008/09/10/1787703/20080910041944_1_2.jpg
    | ۋاقتى : 2008-09-22 15:41 9 -قەۋەت
    homa
    تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1222
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1222دانە
    شۆھرەت: 1347 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 762 سوم
    تۆھپە: 196 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 379 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :940(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-19
    ئاخىرقى :2008-09-27

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    man okup boldum, kaqta inkas yaziman,  latinqa hat qikiwatidu
    ھەقىقىي مىسۋاك
    كۈلسەملا ھىساپما؟؟؟؟!!!!!!
    | ۋاقتى : 2008-09-22 15:44 10 -قەۋەت
    karwanoti
    كارۋان ئوتى ئۆچمەس!

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14404
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 944
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە944دانە
    شۆھرەت: 1007 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 510 سوم
    تۆھپە: 218 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 266 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :980(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-13
    ئاخىرقى :2008-09-26

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    پاھ ، شەبنەمگە پوۋسىتتىن بىرنى يېزىۋەتتىم دەڭ ئۇيغۇر ئاي  ، قالتىس ، بارىكاللا ! ئىنكاسىمنىڭ قالغىنىنى بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەسراتىمغا بىرلەشتۈرۈپ تەپسىلى يازاي جومۇ مەن ...
    ھەقىقىي مىسۋاك
    يىيىشتىكى مەقسەت ياشاش ئۈچۈندۈر ، لىكىن ياشاشتىكى مەقسەت يىيىش ئۈچۈن ئەمەس !
    | ۋاقتى : 2008-09-22 16:47 11 -قەۋەت
    AUGUST~RUSH

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 40604
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 92
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
    شۆھرەت: 93 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 900 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-13
    ئاخىرقى :2008-09-26

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بەك ياخشى يېزىلپتۇ، رەيھاننىڭ ھايات قالغىنىدىن ئەجەپ خۇشال بولدۇم.
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-09-22 17:47 12 -قەۋەت
    BOSS010

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34946
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 785
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە785دانە
    شۆھرەت: 786 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7850 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :422(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-08
    ئاخىرقى :2008-09-26

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ياخشى يېزىلغان  ئەسەركەن  .بىر ئولتۇرشۇمدىلا ئوقۇۋەتتىم دېسە .جەمئيىتىمىزدىكى رىئاللىق تەسۋىرلىنىپتۇ .رەھمەت سىزگە
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    ئۇلۇغ اللا ئۆزۈڭگە سېغىنىمەن!!!شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن پاناھ تىلەيمەن!!!
    | ۋاقتى : 2008-09-22 18:06 13 -قەۋەت
    atirgul123

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59072
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-09-09
    ئاخىرقى :2008-09-26

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ! مۇشۇنداق تىرىشچان قىزلارغا مەن بەك ئامراق !!!
    تېمىڭىزنى ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىرماي بىر كۆرەي-ھە ؟!
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-09-22 18:39 14 -قەۋەت
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )



    Time now is:09-27 02:35, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

    互联网电子公告(BBS)服务资质