ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 7310 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: دىلداش شىېئرلار توپلىمى 2-قىسمى (ئاۋاز قۇشۇڭ) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

deldax
كامىلجان ناسىر(دىلداش)
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29503
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1040
شۆھرەت: 1208 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 205 نۇمۇر
ياخشى باھا: 269 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1029(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

 دىلداش شىېئرلار توپلىمى 2-قىسمى (ئاۋاز قۇشۇڭ)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى ئەسلىمە چوققىلىدى(2008-09-28)
     ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى !  ھوزۇرىڭلارغا 2- توپلامىمنى ھۆرمەت بىلەن سۇندۇم . تەنقىت -                              تەكلىپ پىكىر بىرشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

                                                         سالام ئۇستاز

                                                 ئاپتۇر: كامىلجان ناسىر (دىلداش )

      ئېلىم - مەرىپەت سىپىدە تىنىمسىز كۈچ چىقىرىپ ،ئەۋلاتلارنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ سۈيىدە ئېقىپ ،كەلگۈسى         ئۈچۈن تالاي تەر تۆكىۋاتقان مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن   سۇنىمەن.

                              سالام ساڭا ئۇلۇق ئۇستاز ،چېچەكلەپ گۈللىگەن باغدىن .
                                سۇنۇشقا  ساڭا  گۈلدەستە ، تىزدىم  لالە - رەيھاندىن .

                              ئېلىم- پەن باغچىسى سەندىن ،ئېچىپ سۇ خۇش پۇراق چاچتى ،
                              بىلىم  شەيداسىدا  كۆيگەن،  ھەۋەسكارغا  قۇچاق ئاچتى.

                              جاپالىق تەر تۈكۈپ ھەردەم  بۈيۈك مەخسەتنى يار بىلدىڭ ،
                               تەھرىڭدىن كۈلسە ئەۋلاتلار، «بۇبەختىم » دەپ خۇشال كۈلدىڭ . 

                               مۇشەققەتكە- جاپالارغا، بىغىشلاپ ئىشقى -مېھرىڭىنى،
                                ئۈمۈددەئشلىسەڭ قانچە ، خۇشاللىق باستى چېھرىڭنى.

                                شۇڭا كۈيلەپ سىنى ئۇستاز، چالاي دەيمەن دۇتتارىمنى.
                                 بىلىم باغىدا ياشناتقاچ ،مىنىڭ ياشلىق باھارىمنى.

                               سىنىڭ ھەر بىر سۆزۈڭ دىلغا ، ئەبەت ئۆچمەس نەقىش بولدى.
                                تالاي تۆھپەڭ بىلەن قەلبىم ، ئېلىم -پەن نۇرىغا تولدى.

                               بۈيۈكلىك بابىدا شاھسەن، ھەۋەس يوق تۆر ئۈچۈن سەندە .
                                ھامان ئەۋلاتقا سۆيگۈڭ زور، قىلىپ ئىشقىڭنى پەيۋەندە.

ئانا تىلىم جان تىلىم

ھۆرمىتىمدە پەخىرلىك ،
ئانا تىلىم جان تىلىم .
مەدەنىيەت تەختىدە ،
بۈيۈك سۇلتان خان تىلىم .

سىنىڭ بىلەن ئالەمدە ،
قەدىر تاپتۇق زوقلاندۇق.
تۆھپىلەردىن تارىختىن ،
مەغرۇرانە روھلاندۇق .

ئۇشبۇ سۆزۈم دەلىلى :
داڭلىق ئۇيغۇر مۇقامى .
ئانا تىلدىن پۈتۈلگەن ،
ھەر بىر بېيىت،ئاھاڭى .

ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى ،
كەڭ جاھانغا تۇنۇتتى.
ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى،
شان-شەرەپتىن يۇرۇتتى.

ھېمىتىدىن نەسلىمىز ،
پەخىرلەندى ئالەمگە
ئانا تىلنى ئۈگەنمەك ،
پەرىز ھەر بىر ئادەمگە .

تىل كۆكىدە چاقنىغان،
بوۋام مەھمۇد قەشقىرى.
تارىخلارغا نەزەر سال ،
پارلاپ تۇرار تەسۋىرى.

كۆز يۇمالماس ھەقىقەت،
ئانا تىلىم ئۇلۇق تىل.
رىقابەتتىن قالمايسەن،
ئۈگەن ھەردەم تۇلۇق بىل،

شەرەپ قۇچتى كىم بىزدەك-
تىلى بىلەن جاھانغا ؟
تارىخلارغا نەزەر سال -
ھەر بىر دەۋىر-زامانغا .

يۇقالمايدۇ تىلىمىز ،
ئۇلۇقلىنار ئەبەتكە.
خار كۆرگەنلەر مەھكۇمدۇر،
ئەۋلاتلاردىن لەنەتكە .

خىسلەتلەرنىڭ دەستۇرى،
ئانا تىلىم جان تىلىم .
ئۇلۇقلۇنار سۆيگۈدىن ،
تۇمۇرۇمدا قان تىلىم .

ياشا ئەبەت جان تىلىم ،
سەن نەسلىمنىڭ غۇرۇرى.
تەلپۈنىدۇ سەن ئۈچۈن ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ۋۇجۇدى.

            دىلداش بۇنى بىل دەيدۇ

تۇغۇلدۇڭ پانى ئالەمگە ياشاش پەزلىنى قىممەت بىل،
ھايات كانىدا گۆھەرلەر قېزىشنىسەن غەنىمەت بىل.

لاغايلاپ ئۆتمىسۇن ئۆمۇرۇڭېقىپ گوياكى لاي سۇدەك،
پەرىقسىز قىممىتى قۇزغۇن ياشاشنى مىڭ يىلكى غەپلەت بىل.

ۋەتەن- خەلقىڭ ئۈچۈن ئىشلە ياشاپ قالساڭمۇ گەر بىر يىل،
شۇ چاغ ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايسەن مىڭغا نىسبەت بىل.

سىنى ئوغلۇم دىبان تۇغدى پەخرىدە جان ئاناڭ دوستۇم،
ئاناڭنى چىن رىزا ئەيلەپ زەپەر قۇچماقنى سۈننەت بىل.
            
ياشا ئۆز مىھنىتىڭ بىرلە كىشى ھەققىگە قول سوزما،
تامادا ئىچكىچە شەربەت سوغۇق سۇ ئىچكى لەززەت بىل.

ئىزىن بويلاپ ئاتاڭنىڭ سەن ئىجاد بىرلە زەپەر قۇچقىن،
ئىجاد يولىدا ھەردەمدە جاپا- مىھنەتنى راھەت بىل.

ئۇگەن- ئىزدەن تۇرۇپ قالماي كېرىپ قەددىڭنى مەغرۇر يۇر،
جاھاندا قەد كېرىش پەيتى ئىلىمدە بۇنى پۇرسەت بىل .


  پەرىشتە قونغان كېچە

            (داستان )

           مۇقەددىمە

ۋاراقلىسام  تارىخ بېتىنى ،
يۈرۇكۈمگە تۇلار ھاياجان.
ئەجداتلىرىم ئەشۇ تارىختا ،
باسقان ئۆچمەس ئىزلارنى ھامان.

قەدىم يىپەك يولىدىن ئىزلە،
شۇ ئەجداتلار رىسالسىنى.
ئىپتىخارلىق جامىنى سۇنۇپ ،
مەسىت قىلىدۇ سۆيگۈدىن سىنى.

تىبابەتتۇر مەدىنىيەتنىڭ ،
دىڭىزىدىن سۈزۈك بىر تامچە.
شۇ تامچىدە قۇياش ئەكسى بار،
تاڭ قالىسەن نەزەر سالغانچە .

ھىس تۇيغۇڭدا لوقمان ھېكىم ۋە ،
ئىبنىسىنا ، يۈسۈپ ، تەجەللىي....
كۈلۈمسىرەر شۇمچە يېقىملىق ،
غەمكىن دىلغا بىرىپ تەسەللى .

ئانا خەلقىم ئانا جان ۋەتەن ،
قاناتلانغان شۇنداق ئوغلاندىن.
ئەل مىساقتىن كەلگەن رىتسىپلار ،
بىلسەڭ دوستۇم يېزىلغەن قاندىن .

يۈرەك ئۆزى كىچىك  بولسىمۇ ،
ئەمما ئاڭا سىغىدۇ جاھان .
شۇ قاھاندىن كۆرىسەن تىۋىپ ،
سىپاتىنى سىزىپ ھەر زامان  .

تارتۇقلىنار شۇلارنىڭ نامى ،
سۆيۈندۈرۈپ ھامان ئەۋلاتنى .
نەقىش قىلىپ ئويار يۈرەككە ،
« تىۋىپ>> دېگەن سۆيۈملۈك ئاتنى .

             1-باپ

       مەڭگۈلۈك ئۇدۇم

ھاياتنىڭ رىتىمى ئۆتەر تىنىمسىز ،
باقماستىن ھىچكىمنىڭ ئەسلا رايىغا .
تىرىشچان ئىشچانغا بىرەر نىسىۋە ،
ۋە لىكىن پەرۋاسىز ھورۇن زارىغا .

ئۇ شۇنداق رەھىمسىز ، ئۇ شۇنداق سخى ،
كىم ئەجىر قىلسا گەر ئۇنىڭدىن كۈلەر .
مەڭگۈلۈك ئەقىدە باغلىسا ئاڭا ،
ئىزىدىن ھەقىقەت گۈل بولۇپ ئۈنەر .

ئات سالدىم بۇ يولغا بولۇپ زەپەردەس ،
مەنزىللەر بويلىدىم ئۈمۈت ئىچىدە .
تىبابەت پىرلىرى نۇرلاندى شۇ دەم  ،
بەك يىراق تارىخنىڭ نۇرلۇق بېتىدە .

تۆھپىدىن تىكلەنگەن پىرامىدالار ،
ئۇرغۇتتى قەلبىمدىن تەشەككۈر ئالقىش .
ئەجدادىم تارىخنى ئۇلاپ تارىخقا ،
ياراتقان دۇنيادا شۇنداق كاتتا ئىش.

غوروردىن غورۇرۇم ئالدى ئوزۇق - جان ،
مۇقەددەس بىر كەسىپ بولدى تىبابەت .
مەن ئاڭا باغلىدىم مەڭگۈلۈك ھەۋەس ،
مەن ئاڭا باغلىدىم مەڭگۈ مۇھەببەت .

ھاياتلىق ئەلبۇمۇم قېتىغا يازدىم ،
<<مەڭگۈلۈك ئۇدۇم >>دەپ تىۋىپ بولماقنى .
ھۆكۈما - پىرلىرىم << كەلگىن بالام >> دەپ ،
مىھرىبان ئانىدەك ئاچتى قۇچاقنى .

                  2- باپ

        پەرىشتە قونغان كېچە

ئارزۇلار  لاچىنى قاقتى پەر قانات ،
يېڭى بىر مەنزىلدىن ئاچتىم يېڭى بەت.
نۇرلاندى كېلىچەك خىلاللىرىمدا ،
سەزدىممەن ئۆزەمنى گويا شېر سۈپەت.

ئىجادىم ھاياتقا بەردى لاتاپەت ،
كېچەيۇ- كۈندۈزى تۆكۈپ ھەلال تەر .
بوۋىلار ھېكمىتى يادىمدا ھامان  ،
زىمىنغا يۈك بۇلارئېجتىھتسىز ئەر .

ئۇنتۇلغان ھەممىنى تەپەككۇر كۆزۈم ،
ئۇخلىسام كىتاپلار ياستۇقۇم بۇلار  .
ۋۇجۇدۇم ئايلانغان گويا پولاتقا  ،
نە تۇمۇز ،نە سۇغۇق قىلالمايدۇ كار .

ئاي كۈلگەن بىر كېچە چۈش پەرىشتەسى ،
ئەپ كەتتى باغرىغا چۆكتۈرۈپ مىنى .
خىزىردەك بىر بوۋاي قۇلۇمنى تۇتۇپ ،
دۆۋرەتتى قەلبىمدە سۆيگۈ كەلكۈنى .

ئۇ بىردەم سۆزلىسە<<  خىلىت >> بابىدىن،
بىردەمدە بىرىدۇ مىزاجدىن  ساۋاق  .  
ھەر سۆز ى گوياكى  ھېكمەت ئۈنچىسى ،
سۆز  ئۈچۈن قوز غىلار   مەندە ئىشتىياق .


سۆزلەيدۇ تارىختىن  بېتاپتىن يەنە-
تىۋىپنىڭ مۇققەددەس خىسلەتلىرىدىن.
تىبابەت ھېكمىتى ،داۋالىرى ھەم-
ئەل ئۈچۈن بەرگىسى ھىممەتلىرىدىن .

ئۇ ، دەيدۇ : << تىبابەت خىسلەتلىك كەسىپ.
قەھرىدىن بىتاپلىق  قاچىدۇ يېراق .
ئويلاپ باق  جاھاندا قايسى بىر ئىنسان-
تىۋىپتىن  ئىيىتقىنا  بوپ  باققان يىراق.

  
- شۇ سەۋەپ تىبابەت كەسپىنى بېلىش
پەرىزدۇر بېلەمسەن بىزنىڭ قەۋىمگە؟.                            
-ئەي ئۇغۇلۇم ئەجداتلار ئۇدۇمى سەندە ،
قەلبىڭنى تولدۇرغىن چەكسىز بىلىمگە .

ئۈمۈددىن جانلانغىن دورۇس نىيەتتىن،
تىۋىپلىك ياقلايدۇ  سادىق راسلىقنى.
ھەقىقى تىۋىپتۇر شىپاسى بىلەن -
ئەخلاقتىن  ئەل ئۈچۈن بەرسە ساقلىقنى.

تىۋىپكە زۈرۈردۇر كامالەت ئەخلاق ،
بىلىمسىز تىۋىپتۇر جاللاتنىڭ ئۆزى.
راسچىللىق كامالەت يار بولسا ئاڭا،
ئەل قائىل سەمىمى بولسا ھەر سۆزى .

جاللاتلار تىغ بىلەن ئۆلتۈرسە جاننى ،
ئۆلتۈرەر دورىدىن بىلىمسىز تىۋىپ .
خەلىقنىڭ رىسقىغا ئەجەل يوللىما ،
تىۋىپ دەپ ئاتالغان توننى سەن كىيىپ .

ئەستە تۇت ئالەمچە بىلىممۇ ئازلىق ،
قىلىدۇ ئىنسانغا بۇ بى ھەقىقەت .
يانمىغىن مەنزىلدىن تىرىش بىر ئۆمۈر ،
توسسىمۇ يولۇڭنى چەكسىز مۇغەققەت .

ئەقىدەڭ بىخلىرى كۆكلەپ ئەجرىڭدىن ،
ئەل ئۈچۈن مىۋىلەر بەرسۇن ھەر زامان .
ھاياتتا كىمىكى تۆھپىكار بولسا ،
سانىلار دىللاردا پەخىرلىك ئىنسان >>.

شۇنداق دەپ كۆزۈمدىن يۇقالدى بۇۋاي ،
مەن تەكرار چاقىردىم ،بۇزۇلدى ئۇيقۇم .
كۈمۈلدىم سۇئالغا ئىڭمدە ئۇزاق ،
بىردىنلا  جانلاندى ھېسىمدە تۇيغۇم .

شۇ تاپتا سۈكۈتكە چۈمۈلدى خانەم ،
ھېسلىرىم ئاۋۇتتار خىياللىرىمنى  .
ئەتراققا باقىمەن بىر غىرىپ قۇشتەك ،
تەلمۈرۈپ ھەر ياققا ئىزلەپ ھىسىمنى.....

ئاخىرى ساباھنىڭ ئەلچىسى - خۇراز ،
چىللاشتىن بىردىنلا سەگەىتتى  مىنى .
چۈشۈمدە كۆرگۈنۈم  زادى قايسى زات... ؟
باسماقتا يەنىلا سۇئال كەلكۈنى .

ئارىدىن ئۇزاق ۋاخ ئۆتكەن بولسىمۇ ،
ئەشۇ زات بىغىشلار ماڭا ئىپتىخار .
ئىرادەم جانلىنار ئەسلىسم قانچە ،
تىكلەشكە ئۈندىگەچ ماڭا ئىقتىدار.

                      3. باپ

                 تۇنجى قەدەم

تىرىشچان ئادەمگە كەڭرى ئىكەن يول ،
قەددىمىم ئۇزاردى تىرىشقانسىرى .
مەرىفەت بالىدىن ئىقلىم ئىچىلىپ ،
نۇرلاندى كۈنسىرى تىبابەت سىرى.

ئۈستۈمدا ئاق خالات ،قۇلۇمدا قەلەم،
ئاتامنىڭ ۋارىسى -تىۋىپ ئاتالدىم.
بىتاپلار رەنجىگە ئىزلەيمەن داۋا ،
ھاياتتىن ئۆزگىچە قەدەملەر ئالدىم.

كۈنلىرىم ئۆتمەكتە ئۆرگە مەنىلىك ،
كۈلىمەن بىمارلار كۈلگەندە مەندىن.
كىم كۈلمەس شەپقەتسىز ياۋۇز كىسەللىك،
شىپالىق ئەجىردىن يۇقالسا تەندىن .

ئاتاممۇ خوش مەندىن، بىمارمۇ رازى،
ئۆزەمدىن مەمنۇنمەن ئەجرىمدىن خۇشال .
بەختىيار سانايمەن ئۆزەمنى ھەردەم  ،
ئىڭرىغان بىتاپقا تاپقاندا ئامال .


نامىممۇ تارقالدى يېراق -يىقىنغا ،
ئېزلەشتى كۈپۈيۈپ بىمار كۈنسىرى.
كەمتەرلىك مىزانىم بولدى ھەر ئىشتا ،
تەككەببۇر ئىللەتنى قوغلۇدۇم نېرى .

رەھبەرلىك قوللىدى مىنى قەدەمدە ،
تېلەكداش بۇلۇشۇپ شەرەپ قۇچۇشقا .
كەسىپتىن يارىتىپ كاتتا مۆجىزە -
دىللاردىن پەخىرلىك ئۇرۇن تۇتۇشقا ،

ئاي، يىللار قوغلۇشۇپ ئۆتتى بىر -بىرلەپ ،
باستىم كۆپ مۈكۈللىك تاغنى-داۋاننى.
قەدەمدە ئەجرىمدىن ئەقىدەم بىلەن ،
كۈلدۈردىم ۋۇجۇدى سولغان ئاۋامنى.

ئاتامدىن كۆپ دۇئا ئالدىم مەن تالاي،
<<ۋارىسىم.پەخرىم >>دەپ ئەيىتتى تەششەككۇر.
- << قانائەت قىلمىغىن،تىرىشقىن ئوغلۇم-
بىلىمنىڭ دېڭىزى چۇڭقۇر بەك چۇڭقۇر .

-ئاتاممۇ سىنىڭدەك تىرشچان ئىدى ،
تۇنۇلغان شۇڭا ئۇ.دەل ئەشۇ سەۋەپ.
مەرھۇم شۇ -ئاتامىنڭ ئۇدۇمى روھى،
بەرسۇن مەنزىلدە ساڭا ئىقبال-نەپ.

-سەن تىخى گۈدەكسەن مەنزىللەر ئۇزۇن ،
سەپەردە ئۇچرايسەن مۈشكۈل-جاپاغا .
ئەل ئىشقى قەلبىڭدە ياسىسا قىيان ،
ئىرىشەر ھەر ئەجرىڭ ئەلدىن ۋاپاغا .

-غادايما كەمتەر بول،بولغىن تەلەپچان ،
بۇ تىخى نەتىنجە تۇنجى بىر قەدەم  .
ئىنسانغا يۇلقار تالاي مۈشكۈللەر ،
يېراققا نەزەر سال بولما ھىچ بىغەم .

-ھاياتتا گاھ كۈلسەڭ،گاھى يېغلايسەن،
بۇ ھايات قانۇنى -بۇ بىر ھەقىقەت .
يىغىمۇ بىردەملىك،كۈلكىمۇ شۇنداق ،
كۈلىسەن ئەل ئۈچۈن تەر تۆكسەڭ ئەبەت >>

-دەپ ئاتام زور ئۈمۈت كۈتتى مىنىڭدىن ،
ھەر سۆزى قەلبىمگە يېزىلدى ئۆچمەس .
قدەمدە بۇ سۆزلەر بىغىشلار رىغبەت ،
ھەر قاچان ھەر زامان ئويۇمدىن كەتمەس،

شۇ سەۋەپ ئۈمۈتۋار ياشايمەن ھەر كۈن ،
ئۆزەمگە زور تەلەپ قۇيۇپ قايتىدىن .
ئۆمرىمدىن مىڭ رىزا بولماق ئېرادەم ،
گەر ئۇرۇن ئالساممەن تارىخ بېتىدىن.

                     4.باپ

                تەقدىر سىنىقى

چۈشەندىم ھاياتنى مۈشكۈل قوينىدا ،
دۇچ كىلىپ تەقدىرنىڭ سىناقلىرىغا.
زوقلاندىم. قايغۇردۇم بولدۇم ئۈمۇتۋار،
ياش تولماي كۈزۈمنىڭ چاناقلىرىغا .

مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ئۆتكەن كۈنلىرىم ،
بىردىنلا زۇلمەتكە كەتتى ئايلىنىپ .
تەبىئەت باھارنىڭ قوينىدا تۇرۇپ ،
قەھرىتان تۇيغۇسى دىلنى غەش ئېتىپ.

ئۇشتۇمتۇت قۇيۇندەك كەلگەن بىر شامال،
ھەر ياققا تارقاتتى بىر ئاچىق زۇلمەت ،
بىلىمسىز زۇۋاندار جاي ئىلىپ تۆردىن.
بىلىملىك پاگاھدا، باسقاندەك غەپلەت .

ئەجىردىن كۆكلىگەن پىداكارلارنى ،
نادانلار قاخشاتتى قىلىپ خارۇ - زار.
ئۇلارنىڭ تۆھپىسى بۇلۇپ جىنايەت ،
نادانلار ئالدىدا قىلىندى تارمار .

نادانلار  قاخشاتتى تۆھپىكارلارنى ،
سانىشىپ ،ئۇلارنى ۋەتەن دۈشمىنى.
بىر شۇئار ياڭرىسا چىلىنىپ چاۋاك .
ئاھ ئىنكار قىلىشتى ھەممە-ھەممىنى،

ئەل ئۈچۈن مىننەتسىز تالاي تەر تۆككەن،
خارلاندى ھايۋاندەك تالاي قىسمەتتە .
ھىچ قانداق گۇناسىز ئەشۇ ئەزمەتلەر ،
ياشىغان ئىدىغۇ ئەلگە ھېممەتتە .

ئۇلارغا سىلىنىپ كويزا ھەم كىشەن ،
يۈزىگە سۈرۈلدى قاپقارا سىيا .
بېشىدا قەغەزدىن ياسالغان قالپاق ،
ھەيۋىتى كارامەت خادىدەك گويا .

ئاھ ئۇلار گۇناسىز  تۆھمەت قۇربانى  ،
(ناھەقتىن ئۇلارنىڭ  قەلبى ئازاپتا )
تاياق ۋە دەشنامدىن ھىچ خالى ئەمەس ،
ئازاپلىق كۈنلىرى تەكرار سۇراقتا  .

قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىغان تەلۋە ،(1)
بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ئەڭ ئۇلۇق ئادەم.
سانىلار كۈرەشنىڭ سەردارى پەخرى-
ھەقىقەت بەك خۇنىك ئاھ تەقدىر ماتەم.

تاملارغا چاپلانغان چوڭ خەتلىك گېزىت ،
ھەر ياقتىن ياڭرايدۇ شۇئار ئاۋازى .
بىلىمسىز تەلۋىلەر ئاكىتىپ كۆرەشتە ،
بەئەينى جاللاتتەك ياۋۇز ئەلپازى .

تۆۋە دەپ ئۆزەمچە بولاتتىم ھەيران ،
بۇ نادان خەلقىمنىڭ كۆرەشلىرىدىن .
ھەقىقەت ئەجرگە كۆز يۇمۇپ تۇرۇپ ،
ياخشىغا ئۇۋال قىپ تىللاشلىرىدىن  .

ياراشماس كۆرەشنىڭ نامى << مەدەنىيەت -
زور دېگەن داغدۇغا ئىنقىلابىمىش >> .
بۇ قانداق ئىنقىلاپ ياخشىلارغا ئۆچ ؟
ھەيرانمەن جاھاندا كۆرۈلمىگەن ئىش .

مەن تەكرار ھەيرانمەن ئەل مىھرى زور ،
ئالىمنى تىللىسا ، ئۇرسا ئۆلتۈرسە .
ئەل ئۈچۈن نەپ بىرەر سانسىز كىتاپنى ،
تەلۋىلەر قالدۇرماي كۈل قىپ كۆيدۈرسە .

تىۋىپ مەن كەسپىمگە قادىر بولساممۇ ،
چارەم يوق ئامالسىز ، تەلۋە كىسەلگە .
توسۇشقا ھېچ جۈرئەت قىلالمايمەن ھەم.
بۇ تەقدىر ئەپ بارار جانى خەتەرگە .

ھىچ كىمدە ئامال يوق،ھىچ كىمدە جۈرئەت ،
تۇسۇشقا جان تىكمەس ھىچ كىم كۈرەشكە .
پەقەت بىر جۈرئەت بار ھەر كىم كۆڭلىدە ،
قادىردۇر : نادانغا ئېنساپ  تىلەشكە.

ئېغىشماي ئىشلىدىم <<ئەل>> دەپ يەنىلا ،
يانمىدىم ئۈمۈتتىن تىرىشتىم داۋام .
<< گاھ كۈلۈش ،گاھ يىغلاش بۇلار ھاياتتا ،>>
-دىگەچكە بالدۇرلا ماڭا جان دادام .

بەك ئەپسۇس بىر كېچە تۈن نىسپى بىلەن ،
خانەمنىڭ ئىشىكى كەتتى جالاقلاپ .
ئشكىمنى ئاچساملا بىر توپ تەلۋىلەر ،
باغلاشتى قۇلۇمنى ئۇرۇپ ، سۇراقلاپ .

گوياكى قىيامەت بولغاندەك بۇ دەم ،
ئازاپتىن كۆزۈمنى قالدىم ئاچالماي .
تاغارغا سۇلاشتى: << جىن شەيتان سەن>> دەپ،
ئۆلگىلى ئاز قالدىم نەپەس ئالالماي .

باشلاندى شۇ كۈندىن قىسمەتلىك تەقدىر  ،
ئەل ئۈچۈن ئشلىشىم گۇنا سانالدى .
سەرسانمەن،مەھبۇسمەن نادانلارغا قۇل ،
ئۆي ماكان باللىرىم نەلەردە قالدى؟

خىياللار  ئارامسىز  ئۈزەر  قەلبىمدە  ،
-  نىمشقانادانلار دەيدۇ :<< جىن شەيتان>>؟
جىن نىمە ؟ مەن نىمە؟ بىلمەيدۇ نىچۇن  .
غۇرۇرى يۇقالغان شۇم تەلۋە ھايۋان .

مەيىلىغۇ جىن شەيتان دىسە دەۋالسۇن،
تارىختا سانالغان تىۋىپ ئەۋلىيا .
تىبابەت بىر گۈلزار سەينادۇر گۈزەل ،
ئۇندا خۇش سايرىغان بۇلبۇل بىز گويا .

شۇ سەۋەپ كۈرەشتە قىينالسام قانچە ،
پۇشايمان يوق مەندە تىۋىپ بولغانغا .
تاۋلانسام بەختىم دەپ كۈلۈپ ئۆتىمەن .
رازىمەن ئەجداتتىن ئۇدۇم ئالغانغا .

كۈن ئۆتتى ،يىل ئۆتتى قەۋىم قەرىنداش ،
بۇ ياۋۇز كۆرەشتە ئۆتتۇق خارلىنىپ  .
تارىتساقمۇ  بېھۇدە تالاي كۈلپەتنى ،
ئۈمۈتسىز ئۆتمىدۇق ئەسلا زارلىنىپ .

بۇۋاممۇ پاجىئەلىك ئۆتتى ئالەمدىن ،
دادامنىڭ بارمىقى كىسىلدى ئۈچ رەت .
قلپاقمۇ كېيېشتۇق<<بۇزۇق ئۇنسۇر>> دەپ،
رىجىمغا ئىلىندۇق ،چەكمىدۇق ھەسرەت .

ئۆزەمدىن سۇرايمەن بەزى -بەزىدە ،
بىز مىللەت نىمىشكە ھەسەتخور نادان؟
نىمىشكە ھەق ،ناھەق ئايرىماي ياشاپ ،
ئزلەيمىز نڭمىشكە ۋاقتلىق  ھيان ؟

ئون ئۈچ يىل خارلاندۇق ئازاپ تەقدىردە ،
تىل تۇرۇپ ھەق ئۈچۈن سۈرەلمەي زۇۋان .
كىرىلدى غادىيىپ تەلۋە نادانلار  ،
تاۋۇزلۇق ئېتىزدا كۈلگەندەك قاۋان .

ساناقسىز ياخشىلار ئۆتتى ئالەمدىن  ،
بىگۇنا،توھمەتتە چەكسىز خارلىنىپ.
بېشېدا يوق لىكىن ، نامىدار قالپاق ،
كىيشتى مەجبۇرى ناھەق قارلىنىپ .

ھەپسىگە سۇلاندى ساناقسىز كىشى  ،
باللىرى ،ئايالى قالدى ياش تۆكۈپ .
تۇھمەتنىڭ قۇربانى بولدى قانچىسى ،
ئىچىگە ئاھ تالاي ئارماننى يۈتۈپ .

ھەيرانمەن ئارامسىز ئويلىغانسىرى ،
نادانلار نە ئۈچۈن بوپ كىتەر يامان ؟
تەلۋىلەر شۇئاردىن قۇدرەتلىك شۇنچە-
باقماسمۇ ئۈمۇتۋار ياخشىغا زامان ؟

ئەل ئۈچۈن ياشىغان ئەلگە ئاشىقلار ،
نە سەۋەپ خارلىنار نادان قۇلىدا .؟
ئۇلارنىڭ نىيىتى ئەلگە باغلانغان ،
ياشىغان ئەزەلدىن <<ئەل >> دەپ يولىدا.

تۆھپىكار ئادەملەر ئېدى ئاشۇلار ،
ۋەتەنگە غايىسى باغلانغان چەكسىز .
قاپلىغان قەلبىنى ئۇلۇق ئارزۇ لار ،
ئەجىرلىك ياشىغان مەنزىلدە شەكسىز ،

تۆھمەتنىڭ قۇربانى بولدى ئاشۇلار ،
قالدى ئاھ باللىرى ئاتا-ئاناسىز .
ئادالەت يوقالغان ئۇشبۇ زاماندا ،
مۇڭلاندى ھەق نىيەت ئامال -چاراسىز.

يۇقۇردىن تەكىتلەپ <<  قەلەم كۈرەش >>نى ،
چاقرىقلار كەلسىمۇ ئارقا -ئارقىدىن .
بىلىمسىز نادانلار پەرىق قىلمىدى ،
نادانلىق قاپلىغان ياۋۇز پەيلىدىن .

                  5. باپ

         باھارنىڭ بىر كېچېىسى

ھاياتنىڭ قىسمىتى پەسىل مىسالى ،
ئالمىشىپ ئۆتىدۇ قوغلاپ بىرىنى .
بىر دىلنى غەم باسسا ھەدىيەسىدىن،
پاك ئەيلەپ ماڭىدۇ بىر دىل كىرىنى .

خىلمۇ -خىل خۇشاللىق تالاي قىسمەتلەر ،
ھاياتلىق بار يەردە مەۋجۇتتۇر ھاما ن.
كۈلۈشمۇ بىردەملىك يىغىمۇ شۇنداق ،
تەۋرىنەر ھاياتلىق كارۋاندەك راۋان

بىز كارۋان ھاياتقا ،ھاياتلىق بىر يول،
تاپىمىز بۇ يولدا ھەر خىل نىسىۋە .
تەقدىردىن قاخشىماي ئەجىر قىل تىرىش ،
ئۈمۈدۈڭ ھاياتتىن بىرىدۇ مىۋە .

دەملەردە ھەسرەتلەر تۈگەر بىر -بىرلەپ ،
ھاياتقا چىن ئىشەنچ بولسا ھەر كىمدە .
ئىشەنچ ئۇيۈرەكتە-دەل شۇ يۈرەكنىڭ ،
ئەل ئۈچۈن ھالال تەر تۆكەلىشىدە .

ھاياتنى مەن مۇنداق چۈشۈنۈپ يەتتىم ،
تاۋلاندىم ئۈمۈتتە قىلمىدىم گۇمان .
يەكۈنۈم:كىمىكى ئۈمۈتۋار بولسا  -
يىراقكەن قەلبىدىن ھەسرەتلىك تۇمان.

ئۈمۈددىن قەلبىمدىن يۇقالدى تۇمان ،
تەبىئەت ئەيلىگەن باھاردىن بۇ دەم.
ئون تۆت يىل قوغلۇشۇپ ئۆتكەن پەسىلدە ،
ھاياتقا يىڭىدىن ئالدىم بىر قەدەم

شۇ يىللار قەلبىمنى تۇرسىمۇ تېلغاپ ،
ئۇنتۇلدۇم بىتاپلار كەلسە ئالدىمغا.
ئۇلۇقۋار غايەمدىن تاپتىم تەسەللى ،
قاراردىن ھىچ نىمە كەلمەس يادىمغا.

كەسپىمدىن مەمنۇنمەن،مەمنۇن قانچىلار...
باھاردىن زۇقلۇنۇپ كۈلگەچ كۆڭلىمىز .
نادانلار ھەسرەتتە ،كۈلگەچ ياخشىلار ،
روھلاندى جانلىنىپ گۈلگىن ئۆمرىمىز .

ناھەقلىق يۇقالدى تىنجىدى كۈرەش ،
ھەر سەپكە قىتىلدى ياخشىلار قايتا .
باشلاردىن ئېلىندى نامى بار قالپاق،
ساناقسىز يۈرەكلەر كۈلەر شۇ تاپتا .

تۈرمىگە سۇلانغان ياخشىلار كەلدى ،
كۆڭۆللەر روھلاندى چەكسىز زوقلۇنۇپ.
سىگىنال چېلىنغاچ ھەققانىيەتتىن ،
باغرى تاش تەلۋىلەر چۆكتى مۇڭلىنىپ .

قۇرىدى كۆز ياشلار كۈلدى جۈپ كۆزلەر ،
پورەكلەپ ئېچىلدى گۈلزاردا گۈللەر .
ئاقلاندى يۈكلەنگەن ناھەق گۇناھلار ،
دىل كۈلۈپ شاتلىقتا ئۆتمەكتە كۈنلەر .

خۇشالمەن زاماندىن ئۇشبۇ باھاردىن ،
<< جىن - شەيتان >> دېگەن ئۇ نامىم يوقالدى .
نامى بار ، بېشىمغا كەيمىگەن قالپاق -
ئېلىنىپ ئۆمرۈمگە يېڭى يول سالدى .

ئىش ئورنۇم قايتىدىن ئاچتى كەڭ قۇچاق ،
كەچ - كۈندۈز ، بىتاپلار دەردىگە يەتتىم .
ئارامنىڭ پۇرسىتى كەلگەن چېغىدا ،
تەۋەرۇك كىتاپقا چۈمۈلۈپ .ئۆتتۈم .

قەلىمىم چاپىدۇ قەغەز يۈزىدە ،
رىتسىپلار تىزىمەن شۇنچە زوقلىنىپ .
ئەجرىمنىڭ مەھسۇلى سۇنىلسا ئەلگە ،
كىتەتتىم قەلبىمدىن چەكسىز روھلىنىپ .

ئۆزەممۇ سەزمەستىن كېچە قوينىدا ،
قول يازمام قولۇمدا ئۇىلاپ قاپتىمەن .
چۈشۈمگە سىن بەرگەن خىزىرغا قايتا -
چۈش بېغى ئىچىدە ئۇچراپ قاپتىمەن .

چۈشۈمدە ئەشۇ زات ئۈمۈت ئىلكىدە ،
بەرگىدەك مەن ئۈچۈن قايتىدىن ساۋاق:
<<- رەنجىمە تەقدىردىن يوللىرىڭ راۋان ،
كەسىپىڭگە يەنىمۇ باغلا ئىشتىياق .>>

شۇنداق دەپ بېشىمنى سىلاپ ھەم يەنە ،
قولۇمغا سكيگۈدەك ياش تۆكۈپ تۇرۇپ .
يېنىمدا يانمۇ - يان ياتاتتى ئاتام ،
بىردىنلا كۆزۈمنى ئاچسام ئويغۇنۇپ .

ھەيرانلىق ئىلكىدە باقتىم ئاتامغا ،
ئاتاممۇ تىكىلدى شۇ تاپ كۆۈمگە .
<< - مۇبارەك كېتابىڭ پۈتۈپتۇ ئوغلۇم ،
بۇ كىچە كۆردۈم >> دەپ سۆيدى يۈزۈمگە .

ئاتامغا كۆڭلۈمنى قىلىپ مەن ئىھار ،
نەشىرگە سۇنماقچى دىدىم كېتاپنى .
سۇئاللار ئىلكىدە تەقەززا بولۇپ ،
كۆزىدىن ئىزلىدىم ياخشى جاۋاپنى .

<< - سۇن ئوغلۇم خەلقىڭگە ئەجىر مېۋەڭنى ،
خەلقتىن ھۆرمەتكە  ئېرىشەر ئىشچان .
بوۋاڭنىڭ روھىمۇ قوللايدۇ سىنى ،
قەلبىڭدە ئۆچمىسە مەڭگۈلۈك ئارمان .

قەۋمىمىز تىبابەت كەسپىدىن كۆكلەپ ،
ئالقىشقا ئېرىشكەن ، ۋارىسى ئۆزۈڭ .
يەتتىنچى ئەۋلات سەن تىبابەتتىكى ،
نۇرلانسۇن ئەجرىڭدىن بىر ئۆمۈر يۈزۈڭ .>>

شۇنداق دەپ كۆزۈمدىن غايىپ بوپ دادام ،
بۇ چۈشمۇ - ئوڭۇممۇ قالدىم بىلەلمەي .
يا دادام سۈپەلىك پەرىشتەمۇ ئۇ ؟
ئويلىدىم بۇ سىرغا جاۋاپ بىرەلمەي .

ئۇخلىماي خانەمدە ئويغاق ھالەتتە ،
كۆرگىنىم ئاتامغۇ بۇ بىر ھەقىقەت .
ئەمما ئۇ  چۈشۈمدە كۆرگىنىم بوۋاي ......
بۇ ھەقتە ئويلاندىم تالاي -تالاي رەت .

خيالىم بەنىد بولدى ئاشۇ سىر بىلەن ،
ئاتامغا ئېيتىشقا قىلمىدىم جۈرئەت .
چۈشەندىم ئاخىرى ئويلىنىپ تەكرار ،
تۇيغۇمدا ئەجدادىم ئەيلەپتۇ مەدەت .
   
                   6-باپ

               ئەجىر مىۋىسى

بىباھا ئەجرىمدىن سۆيۇندى كۆڭلۈم ،
كەسپىمدىن مەنزىدە تاپقاچ كامالەت .
بىتاپلار غېمىدە ئاققۇزۇپ ساپ تەر ،
ساقلىقنى سۆزۈمدە قىلغاچ دالالەت .

پاك ئىشقىم كىتاپقا ، مىھرىم بىتاپقا ،
باغلانى خۇرسەنمەن سۆيۈندى كۆڭلۈم .
ئەجرىمدىن شەرەپ -شان تاپقاچ  قەدەمدە ،
ئارماندىن روھلىنىپ ئۆتمەكتە ئۆمرۈم .

تۆت پارچە كېتابىم نەشىردىن چقىپ ،
ئەجرىمنىڭ مېۋىسى ئەلگە سۇنۇلدى .
كەسپىمدىن ئۈنۋانمۇ ئالدىم پەخىرلىك .
ھەر تۆھپەم ھۆرمەتتە ئەلگە تونۇلدى .

ئاپتونۇم ، ۋېلايەت تەكرار ۋە تەكرار ،
يىغىنغا چاقىردى << ۋەكىل >> دەپ ساناپ .
<< تىبابەت كەسپىنىڭ تۆھپىكارى >> دەپ ،
قۇتلىدى كۆكسۈمگە گۈللەرنى تاقاپ .

سۆزلىدىم جايلاردا ئىلمىي لىكسىيە ،
قانائەت تاپقۇزغاچ يىغىن ئەھلىنى .
ماختىدى سۆيۈنۈپ ئىپتىخارلىقتىن ،
ھاياجان ئىكىدە ھەممە تەڭ مىنى .

ئاپتۇنۇم،ۋىلايەت تىبابەت ئۈچۈن ،
جەمىيەت قۇردى زور تەنتەنە بىلەن.
تىبابەت ئەھلىگە بۇلۇپ كاپالەت ،
تۇنۇتتى كەسىپنى قايتىدىن لىۋەن.

ھەر ئىككى جايلاردا سايلام ئارقىلىق ،
<< دائىمى ھەيئەت>>بوپ چىقتىم سايلىنىپ.
<< تىبابەت قامۇسى>> تۈزۈش ھەيئتى ،
بولدۇممەن پۇرسەتتە كۈلدۈم جانلىنىپ .

جان دادام تۆھپەمدىن بەكمۇ سۈيۈندى ،
ئەجدادىم كۆرمىگەن شەرەپنى كغرۈپ .
<< كامال تاپ ئەي ئوغلۇم پەخىرلەن يەنە >> :
-دىدى ئۇ ،يۈزۈمگە يىنشلاپ سۈيۈپ .

كىم خۇرسەن بولمايدۇ كۆكلىسە ئەجرى ،
يەر شارى پەلەكمۇ تۆھپىدىن خۇشال .
كىمكى ئەقلىدىن جاسارەت تىپىپ ،
خىيالنى ئەجرىدىن قىلسا گەر رىئال .

دەۋرىمىز تۆھپىكار تىرىشچانلارغا ،
يول بىرىپ ھەر ئىشقا ياراتتى پۇرسەت.
ئاۋاممۇ ئالقىشلار ئىشچان ئەۋلاتنى،
قەلبىدىن ياغدۇرۇپ تەششەككۇر ھۆرمەت.

ھەقىقەت ئىگىلەر ۋە لىكىن سۇنماس ،
بىلىمدۇر ھەقىقەت تارىختا شۇنداق.
ئالەمنى زۇلمەتلەر باسسىمۇ قانچە ،
بىلىملىك زۇلمەتتە گوياكى چىراق

بىلىمسىز ئاغزىدا باتۇر بولسىمۇ  ،
مۈشكۈللەر ئالدىدا مەغلۇپتۇر ھامان .
تارىخقا نەزەر سال بىلىمسىز بەگلەر ،
باش بولغان زامانلار بولدىغۇ گۇمران .

بىلىمنىڭ قۇدرىتى پايانسىز -چەكسىز ،
بىلىملىك بۈيۈكتۇر ھامان ئالەمدە .
كىمىكى بىلىمدىن تاپسا كامالەت ،
قالمايدۇ ئۆمرى ھېچ ئازاپ -ماتەمدە.

بىلىمدىن ھۆرمەت ھەم تاپتىم شەرەپشان ،
ئەجرىمدىن كۆكلىدىم گۈلدەك ئېچىلدىم .
ئەجداتلار ئۇدۇمى ئاققاچ قېنىمدا ،
تۆھپىكار قوشۇنغا مەغرۇر قېتىلدىم  .
 
                 خاتىمە

تەقدىرنىڭ ئىنسانغا چاقچىقى تولا ،
چاقچاقلار ئىنساندىن ئالار ئىمتىھان .
گاھىدا ياخشىغا ئۇۋال قىلىنسا ،
بىلىپ يامانلار يىغلايدۇ ھامان .

كىمىكى ھەق يولدا ئەجرىدىن مېڭىپ ،
ھەقىقەت ئىشقىدا تۆكەلىسە تەر .
چىچەكلەپ خىسلىتى ئەلنىڭ قەلبىدە ،
دىللاردا يادلىنىپ نامى كۈيلىنەر .

بايانلار قوينىدا ئىزھار ئىتىلدى ،
ئىخلاسمەن تىۋىپنىڭ كەچۈرمىشلىرى .
بەختىيار دەۋراندا ئەقىدە بىلەن ،
تارىخقا يېزىلغان ئۆچمەس ئىشلىرى .

ئەجداتنىڭ كەسپى ئۈچۈن باغلاپ مۇھەببەت ،
تىرىشقاچ مەنزىلدە كەسىپ ئىشقىدا .
ئۇلۇقۋار ئىستەكتىن روھلانغاچ قەلبى ،
پەرىشتە ئۇچرىدى ئۇنىڭ ھىسىدە .

ئەجدادى يار - يۆلەك بولدى ھەر دەمدە ،
ئوڭىدا ھەتتاكى شىرىن ئۇيقىدا .
ئەجرىدىن ھېچ قاچان  بولمىدى بىزار ،
سوققاچقا يۈرۈكى ئوتلۇق تۇيغۇدا  .

ئىزدىنىش ئەجردىن تاپتى شان ھۆرمەت ،
بەختىيار زاماندىن كۈلدى روھلاندى .
يار قلغاچ ئۆمرىدە چىدام - سەبرىنى ،
ئىپتىخا رئىلكىدە تالاي زوقلاندى .

كىمىكى ئەجىرلىك تۆكسە ئەلگە تەر ،
ھۆرمەتتىن شەكسىزكى زوقلىنار دىلى .
چىن رىشتە باغلىسا بۇھايات ئۈچۈن ،
ئارمرندىن نۇرلىنار ھاياتلىق يولى.

تۆھپىدىن ھاياتتا تىكلەنگەن مۇنا ر ،
يىىقىلماس تارىخنىڭ بورانلىرىدا  .
يادلىنا رسۆيگۈدە ئەۋلات قەلبىدە ،
ئىشەنگىن زاماننىڭ زامانلىرىدا  .

رەنجىمە ھاياتتىن ، تەقدىرىڭدىن ھەم ،
قەدىرلە ئۆمرۈڭنى ئەقىدەڭ تەردىن .
سۆيىنەر ئەۋلاتلار پەخىر ئىلكىدە ،
ھاياتتا ياشىغان مېھنەتكەشلەردىن .

بىلەمسەن بۇ ھايات ئەشۇنداق سىرلىق ،
بىرىدۇ ئەجرىگە لايىق نىسىۋە .
يىغلىغان كۈلىدۇ ، كۈلگەن يىغلايدۇ ،
يىغلىساڭ ھاياتنى ۋاپاسىز دىمە .

كۈلىسەن  يىغلىساڭ ھامان بىر كۈنى ،
ئۈمۈتتە باغ بىنا قىلساڭ ئەجرىڭدىن .
تاقەت قىل غورىدىن ھالۋىمۇ پۈتەر ،
كۈكىلەر چاقنايدۇ چوقۇم چېھرىڭدىن .

ئوقۇرمەن بايانىم تۇرسۇن يادىڭدا ،
يار بولسۇن مەنزىلدە ساڭا جاسارەت .
ئۇلۇقۋار ئىرادە جۈرئىتىڭ بولسا ،
يۈز ئاچار سەن ئۈچۈن بەخت - سائادەت . 
 
{ ئەسەر ئۈچۈن ئىزاھات -(1.مەدىنيەت زور ئىنقىلاۋىدا قىزىل قۇغدىغۇچىلار چاپىننىڭ يېڭىگە قىزىل بەلگە    تاقايدىكەنمىش)

       قەدىرلىنەر ئادەملەر
                                          
  ئادەم ئۇلۇغ ئادەم قەدىرلىك،
ئەجىر بىلەن كۇلسە ئالەمدە.
ئىنىق بۇلۇپ سۇيگۇ نەپرىتى،
تەۋرەنمىسە شاتلىق ماتەمدە .

غادايمىسا دوستلار ئالدىدا ،
تىز پۇكمىسە دۇشمەن قەھرىگە.
بۇيۇكلىكنى مىزانى قىلىپ ،
ئۇمۇت باغلاپ ئۇتسە تەھرىگە.

مۈشكۇللەردە قىسمىسا بۇيۇن ،
خسلىتىنى نامايەن قىلىپ .
ئىتقاتى غۇرۇر -ۋىجداننى ،
قەدەملەردە مۇقەددەس بىلىپ.

قەدىرلىنەر شۇنداق ئادەملەر،
پەخرىلىنىپ ئەۋلات قەلبىدە .
توھپىكارنى ئۇنتىماس ئالەم ،
ئالقىش بىلەن كۇيلەپ سۆيگۈدە.

              ياشاش يولى

ئادەممەن غۇرۇرلۇق، مېھنەت ئەجىرلىك،
ئاتالغان ھالالدىن نامۇ-نىشانەم.
ئىنسانى تۇيغۇم بارجۇشقۇن غەيرەتلىك،
تەۋۋەككۇل قىلمايمەن دەپلا پىشانەم.

ھالالدىن ئىزدەيمەن لوقما ۋە لىكىن،
ئەجىرسىز راھەتنى كورمەيمەن راۋا.
ئۇزۇمنىنىڭ مۇقامى مۇققەددەس ماڭا،
ئۇزگىلەر سازىغا سالمايمەن ساما.

مەنىلىك ياشايمەن، ئىپىتخار بىلەن،
ئەۋلادىم ئىشقىدا سۇقۇدۇ يۇرەك.
ئەسلىمگە سادىقمەن،ئەلگە جان پىدا،
نەسلىمگە بېرىمەنئەجرىمدىن خەمەك.

ياشاشتىن نىشانەم يۇكسەكتۇرئەبەت،

ۋىجدانىم مىزاندۇر ئوزگەرمەس چۇقۇم.
سايىدەك ياشاشتىن ئەلادۇر ئۇلۇم،
ئورنىغان يۇرەككە مانابۇ ئۇقۇم.
ئەجدادىم ئۇقۇمى ئاقار قىنىمدا،
ئادىمى خىسلەتتىن تارىخ پۇتىمەن
پۇتۇلگەچ ۋۇجۇدۇم ھالاللىق بىلەن،
جاھاندا ئادەمدەك ياشاپ ئۇتىمەن.

        ناخشا تىكسىتلىرى
 
             ئاي سەنەم

ئايپەرىدىن تۇغۇلغانمۇسەن ،
ئايغا ئوخشاش گۇزەل ئايسەنەم .
ئاي ئېگىلدى قەددىڭنى كۆرۇپ ،
ئىگىلمىسۇن ساڭا قاي سەنەم .

ئاي دىڭكىچە خىلۋەت كۇلبەمدە ،
چاڭقاق ھىسلار تۇغيان دىلىمدا .
بەخىت كەبى كۇلۇم سىرەيسەن ،
بەخىتسىز شۇ مىسرالىرىمدا .

نە ئەجەپكى مىسكىن قەلبىمنىڭ ،
تىڭى زۇلمەت تىڭىدۇر يورۇق .
شۇ سەۋەپتىن ئۇنۇتساڭمۇ سەن ،
سىنى ھەرگىز ئۇنتۇغۇنۇم يوق .

ساداقەتنىڭ گۇلى بول

ئاي ئەگىيدۇ بىشىمدىن ،
كۇن ئەگىيدۇ بىشىمدىن .
رەشىكلەردىن ئۆرتەندىم ،
سەن ئوتمەيسەن قىشىمدىن .

گۈلبەرگىدە شەبنەمدەك ،
يۇرۇكۇمدە چاقنايسەن .
كۆز ياشلىرىم بىر دەريا ،
بىلىق بولۇپ ئاقمايسەن .

قارچۇغۇمدا ئەكسىڭ بار ،
دىلدا چەكسىز مىھرىڭ بار .
خىيالىمدا شۇ سۆيگۈڭ،
پەرىزاتتەك سېھرىڭ بار .

ئاشىقىڭمەن بىر ئۆمۇر ،
ساداقەتنىڭ گۈلى بول .
پاك سۆيگۈنى كۇيلىگەن ،
ئاشىق بۇلبۇل كۇيى بول .

              تىلەك
قەدىمىڭنى كۇتەر مەھەللەم ،
زىمىستانلار تەشنا باھارغا .
قۇلاق سىلىپ باقتىڭمۇ جىنىم ،
ئاشىقىڭنىڭ ئاھۇ زارىغا .

سالامىڭغا چىرماشقان شامال ،
يىرىم يولدا قاپتىمۇ ھېرىپ .
كۇتۇش بىلەن ئۆرتۇنۇپ يۇرەك ،
يەتتى تاقەت چېكىگە بېرىپ .

لىكىن يەنە تىلەيمەن تاقات ،
بىلىم بىلەن كۇشلەنگىن ئەركەم .
دىل رىشتىم ھەم ئىشەنچەم سەندە ،
ساداقەتنى دىلدا تۇت مەھكەم .

يۇرۇكۇمگە بىرىپ تەسەللى ،
سالامىڭنى يىزىپ بىر ئەۋەت .
پەن بىلىمدە ئۆركەشلە ئالغا ،
كۇتۇشلىرىم ئەيلىسۇن مەدەت .



                                                                       ئانا تىل شەنىگە
                                                          
                                                            پەخرىمسەن بەختىمسەن ئىپتىخارىمسەن   ،   
                                                            غۇرۇرۇم   شەۋكىتىم  شەرەپ -شانىمسەن  . 
                                                            سەلتەنەت   تەختىدە  تارىخقا شاھىد   ،
                                                             ئەڭ كاتتا  تاجىمىز  ئېتىۋارىمسەن .   

                                                             سەن بىلەن كۆكلىدۇق سەن بىلەن كۈلدۇق ،
                                                             تارىختىن ئەسلىمىز سىرلارنى بىلدۇق .
                                                             ئەقلىمىز جۇلالاپ بارغاچ سەن بىلەن ، 
                                                             شەرەپتىن روھلاندۇق شاتلىققا چۈمدۇق .

                                                            خىسلىتىڭ ئالەمگە تۇنۇتتى بىزنى ،
                                                            چاقنىتىپ تارىختىن بىسىلغان ئىزنى .
                                                             تۇنۇدى ئۇيغۇرنى پەخىردە جاھان ،
                                                            بەيگىدە شان قۇچقان يىگىتنى -قىزنى .

                                                             تۆھپەڭدىن زوقلۇنۇپ كەلگەچ ھەمىمىز  ،
                                                             سۆيگۈگە لىق تولدى ئوتلۇق قەلبىمىز .
                                                           «ئانا تىل ياشىسۇن » دەيمىز مەڭگۈگە ،
                                                             ئاشىقى مەجنۇندەك ئاڭا ئىشقىمىز . 

                                                                     قىرىساممۇ سۆيگۈم ياش(دىلداش)

                                                                       ( بىر بوۋاينىڭ يۈرەك سۆزى)

                                                                                                                                                   
                                                                      چاقچاق قىلسام سىزگە ئۇماق قىز ،
                                                                      ئەجەپمۇ كۆپ كەتىڭىز    كايىپ.
                                                                      سۆزىڭىزنىڭ يەكۈنى بولدى:
                                                                    - قېرىدىڭ سەن سۆيگۈڭمۇ راھىپ.

                                                                       دۇرۇس،چېچېم،ساقىلىم ئاپپاق،
                                                                          چىرايىممۇ بوۋاي سىياقى.
                                                                       چاقچىقىمغا بەرمەڭ رەددىيە ،
                                                                       مەندە ئويغاق سۆيگۈ پىراقى .
                                                                                                                                               
                                                                        گەرچە ئادەم قېرىپ كەتسىمۇ ،
                                                                         قېرىمايدۇ سۆيگۈسى پەقەت .
                                                                         قېرىغانچە يالقۇنلاپ بارار ،
                                                                         ئالدىراپلا ئوقىماڭ لەننەت .

قەلبىڭ ئارا كۆكلەپ ئۆتەي گۈل بۇلۇپ
                                                                                                                   
غەمكىن كۆزدىن  ئۈمۈد ياغدى بۇ دەمدە، 
ھەۋەسلىنىپ باققىنىمدا كۆزۈڭگە . 
گويا نۇردەك تاراپ ئوتلۇق ئارمانلار ، 
ئىشەندۈردى بەرمەك بولغان سۆيگۈڭگە. 

يىراقلاشتى قەلبىمدىكى شەكلىنىش ، 
ئەنسىز خىيال سۈرگۈن بولدى يىراققا.
ھېسسىدىكى باھار كەبى ۋىسالىڭ، 
ئەنبەر كەبى ئۇرۇلغاندا دىماققا . 
                                          
مەمنۇن بولدۇم بۇپۇرسەتتە سەزگەنسەن ،
جۈپ كۆزۈمگە باققان بولساڭ ئەگەردە.
ھېس قىلارسەن ساڭا سادىق قەلبىمنى ، 
تەقدىرىمىز چىڭ باغلانغان  سەپەردە .
 
ئارمانىمنى قىلدىم ساڭا يادىكار ، 
ئەقىدەڭدىن ئاڭا پەرۋىش قىلارسەن. 
ساڭا شەيدا ئاشىقلىقىم- سۆيگۈمدىن ، 
مۈشكۈللەردە مەمنۇن بۇلۇپ قالارسەن.

سىنىڭ ئۈچۈن ۋەدەم  ئەشۇ بىر ئۆمۈر ، 
قەلبىڭ ئارا كۆكلەپ ئۆتەي گۈل بۇلۇپ.
ۋىسال تاپسۇن قاخشال بولغان ئارمانلار،
باھارىىستان قۇچاغىىدا ئويغۇنۇپ . 

                         مەن مانا مۇنداق دەيمەن
                               

           ئىجاتتىن مەن زەپەر قۇچسام ئېلىمنىڭ ھېممىتى دەيمەن ،
           ئۇنىڭ بىرلە  ئاشار  ھەردەم  ھاياتىم   قىممىتى   دەيمەن .
     
           ئىجاتنىڭ  يوللىرى  ئىچرە  يۇلۇقسام  تىك  قىيالارغا ،
           بېشىمنى تىك تۇتۇپ ئۆتسەم ھاياتىم قۇدرىتى دەيمەن.

           ئىجادىمدىن زىيا تۆكسەم  خەلقنىڭ قەلبىگە ھەردەم ،
           ياشاپ ئۆتسەم بۇ ئالەمدىن ھاياتىم لەززىتى دەيمەن.

           ئۈمۈددە چوڭ قىلىپ باققان ئانامنى چىن رىزا ئەتسەم،
           دىلىمغا  تامغۇسى  شەكسىز ساداقەت  شەربىتى دەيمەن،

           ۋەتەننىڭ ئەجرىنى ئاقلاپ ئەجىر  قىلسا  تۈمەنمىڭ دىل ،
           ئاشار رۇناق تېپىپ ھەر چاغ ۋەتەن-ئەل شۆھرىتى دەيمەن.

           ئۆزىنىڭ ئەھدىگە دىلدىن كىمىكى چىن ۋاپا  قىلسا ،
           ئۆمۈرلىك يادلىنىپ نامى چېچەكلەر خىسلىتى دەيمەن.



  
ئۈرۈمچىنىڭ سەھرى

تاڭ ئەلچىسى تاراتقان نۇردىن،
باشلانغاندا يېڭى ھاياتلىق .
تەۋرىنىدۇ ئادەم دېڭىزى ،
ئارمان تۇغۇپ دىللارغا تاتلىق.

ئاقباش تاغلار كەينىدىن سىنى،
كۆرمەك ئۈچۈن چىقىدۇ قۇياش.
ئىللىتىدۇ سانسىز يۈرەكنى ،
زېمىندىكى ھەر بىر يالتىراش .

تاپتى سەندە ئالى شەرەپ-شان ،
ھالال تەھرى ئاققان ئىجاتكار .
سەن ياراتقان پارلاق سەھەردىن،
چىللاپ كەلدى مەڭگۈلۈك باھار .
2008.يىل7.ئاي 16.كۈنى (ئۈرۈمچىدە ) يىزىلدى

قىشلاقتىكى گۇگۇم سۈرىتى

قۇياش چارچاپ قويدى باش،
يىراق  تاغلار  باغرىغا...
گۇگۇم لەيلەپ تۇماندەك ،
يېيىلماقتا قىشلاققا...

تال-تال يىپەك تۈن نۇرى،
يامغۇر بۇلۇپ ياغماقتا .
چېكەتكىلەر سازەندە ،
شوخ كۈيلەرگە چاكماقتا ...

قىشلاق ئاستا قارىيىپ ،
تۈن باغرىغا سىڭمەكتە.
نەلەردىندۇر بالىلار ،
ئۇيۇن باشلاپ كەلمەكتە...


ئىنكاس يازساق مۇنبەرگە....

شەبنەم گويا بىر باغچە ،
مەپتۇن قىلار يۈرەكنى.
بەھرى بىرىپ ھەردەمدە،
جانلاندۇرار تىلەكنى .

قۇچاغىغا چۆككەنچە ،
شەيدالىقىڭ ئاشىدۇ .
ئىلھاملىرىڭ كۈچ تىپىپ،
بۇلاق كەبى تاشىدۇ .

ئەما كۆزلەر نۇرلىنار ،
قۇينىدىكى ھېكمەتتىن .
سۈيۈنىدۇ شۇ سەۋەپ ،
تالاي دىللار ھۆرمەتتىن.

خىسلەتلەردىن ھىممەتتىن،
شەبنەم ئەلدە تۇنۇلدى .
تۆھپىسىدىن يۈرەككە،
ھەۋزى كەۋسەر سۇنۇلدى.

شۇڭا مىنىڭ سۆيگۈم زور ،
مۇنبەر ئۈچۈن دىلىمدىن.
جانلانغاچقا ئېلھامىم ،
قوينىدىكى بىلىمدىن.

بۇ پۇرسەتتە دوستلارغا ،
تەۋسىيەم بار ئاڭلاڭلار.
قەدىرلسەك مۇنبەرنى ،
ناچار ئىنكاس يازماڭلار.

ئىنكاس يېزىش ھىچ كىمگە ،
مەجبۇر ئەمەس ھىچ قاچان.
يازساق ساغلام يازايلى ،
مەزمۇنىنى ھەر زامان .

خالىس نىيەت ھەر قاچان
تىما يوللاپ بەرگەنلەر،
ئەل ئىشقىدا مېھرىدىن ،
قەلبى چوغ بوپ كۆيگەنلەر.

قەدىرلەيلى ئۇلارنىڭ ،
تۆھپىسىنى ھەممىز .
ياخشى باھا يازايلى،
ئىزھار بولسۇن سۆيگۈمىز.

ئۆز ئەجىرىدىن ئۇلارمۇ ،
ھۇزۇرلانسۇن زوقلانسۇن .
ياخشى باھا ئىنكاسىتىن ،
قەدەملەردە روھلانسۇن.

ئىنكاس يازساق مۇنبەرگە ،
چۇقۇم ياخشى يازايلى.
تۆھپىكارنىڭ ئەجرگە،
ھۆرمەت بىلەن قارايلى.

چاقچاق قىلىپ تىمىغا ،
بۆلگۈنچىلك قىلمايلى.
جۇلالانسۇن شەبنەممۇ ،
تۆھمەتلەرگە قويمايلى .

بۇلبۇل كەبى ھەممىز ،
بۇ مۇنبەردە سايرىدۇق.
تىمىلاردىن كۈچ تىپىپ،
ساغلام كۆكلەپ ئاينىدۇق.



                       تەسەللى كۈتمىگىن ئەمدى مېنىڭدىن

                      ئۇزىسۇن ئۇئاچچىق يىراق كەچمىشلەر،

                      ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى بەلكىم ئۈزۈڭنى.

                      راھى يوق ئاڭلاشقا قۇلاقلىرىمنىڭ،

                      بولدى بەس سۆزلىمە توختات سۆزىڭنى.


                      خازانغا ئايلانغان مېنىڭ بۇقەلبىم،

                      شۇ ساختا سۆزلىرىڭ مۇز لاتقان مېنى.

                      بىر دەھشەت چۈشكەبى سەسكىنىپ شۇنداق،

                      كۆرمەسكە قايتا بىر ئۇنتىغان سېنى .


                      تەسەللى كۈتمىگىن ئەمدى مېنىڭدىن،

                    كۆزتىكمە خۇشپۇراق ھەر تال گۈلۈمگە.

                    مۇزلىغان يۈركۈم ساختا كۈيۈشتىن ،

                    باقمىغىن ئۇنچىلا ئەمدى كۆزۈمگە.

                   تىلەك

(سائادەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى-بۇ دىلداشنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى.....)

مۇبارەك تۇغۇلغان ئۇشبۇ كۈنۈڭىز ،
ھۆرمەتتە سىز ئۈچۈن گۈلدەستە تۇتاي.
ئەجىرلىك بېسىلغان ھەر بىر قەدەملەر ،
شەنىگە پەخىردە چاچقۇلار چاچاي .

مەنزىلدە تىز پۈكمەي جاسارەت بىلەن ،
ئادىمى خىسلەتتە ياشاپ كەلدىڭىز .
مېھنەتكەش ئاتا ۋە ئانا ئەجىرگە ،
ئەڭ سادىق ئىخلاستا جاۋاپ بەردىڭىز .

تۆھپىكار ئەجدادقا بۇلۇپ سىز ۋارىس ،
ئېجاتتىن ھاياتقا تاپتىڭىز زىننەت .
ئۆتكۈزمەي ھاياتنى بېھۇدە غەمسىز ،
قەدەمدە ئەل ئۈچۈن بەردىڭىز ھېممەت.

زوقلۇنار كۆڭۈللەر سىزدىن ھەر قاچان ،
بىسىلغاچ مەنىلىك ھەر بىر ئىزىڭىز .
كۆز تىكىڭ يەنىمۇ جۈرئەتلىك بۇلۇڭ ،
ئەل ئۈچۈن نەپ بەرسۇن يېڭى يېشىڭىز.

مەدىيە يازمىدىم سىزگە سائادەت ،
سەمىمى ھىسىمنى بايان ئەيلىدىم .
قۇرۇق سۆز ماختاشقا خۇشتار ئەمەسسىز،
شۇ سەۋەپ يالغاننى جاكا ئەتمىدىم .

تىلىگىم :يېشىڭىز ئاشسۇن يۈز ياشتىن،
قەدەمدە يار بولسۇن چەكسىز جاسارەت.
ھاياتقا لاتاپەت بەرسۇن غايىڭىز ،
مۈشكۈلدە چوغلۇنۇپ ئوتلۇق مۇھەببەت.

دىلداشنىڭ تىلىكى دوستلار تىلىكى ،
ئەجىرلىك ھاياتتا ياشاڭ سائادەت.
كۈڭۈللەر تۆرىدە تۆھپىڭىز بىلەن ،
نۇرلۇنۇپ قۇياشتەك چاقناڭ سائادەت.


       دىلداشنىڭ پەريادى

ئەجەپمۇ بەك ئۇزۇن تۇيۇلدى بۇ يول ، 
ئارقامغا بۇرۇلسام تۇيۇلدى قىسقا  .
ئاھ ،لىكىن بىر قەدەم ماڭالماي تۇرۇپ ،
تۇيغۇمدا يۈزلەندىم زىمىستان قىشقا  .

ئېڭرايمەن  ئۆزەمچە ئاڭلىماس ھىچ كىم ،
ئازاپقا لىق تولدى ئۆمرىم بەتلىرى . 
ئارقامغا بۇرۇلسام ھىچ بىر ئىزىم يوق ، 
ئاۋۇدى بىر -بىرلەپ يۈرەك دەرىتلىرى .

شۇتاپتا بەك مىسكىن سەزدىم ئۆزەمنى ،
ئاھىمنى ئاڭلىماس پەرۋاسىز جاھا ن .
مىڭ ئەپسۇس ئىچىدە ئۈكۈندىم تەكرار ،
بىھۇدە بۇ ئۆمرىم تاپمىغاچ ھايان.

بىپەرۋا تەقدىرىم ئۈمۈدسىزلىكىم  ،      
ئاھ ،بۈگۈن قەلبىمنى ئەزدى ئىغىر بەك.
ھىس قىلدىم ھۇرۇنلۇق ،ھەسەتخورلۇقتىن ، 
يۈزىنى  ئاچماپتۇ  ماڭا كىلىچەك .

بولدى بەس مەھشەھەرگە بارغىچە ئۆمرىم ، 
ئىزىمدىن گۈل - چىچەك ئۈندىرىپ ئۆتەي . 
خوشلۇشۇپ خام خىيال تاماگەرلىكتىن  ،
ئەجرىمدىن ھەقىقى بەخىتنى كۈتەي .

                 ھەسرەت

ئاكام ھاراق ئىچىپ ياتسا خالادا ،
سىڭلىم «ئاق»نى چېكىپ ياتسا تالادا.
ئۇكام «ھوشۇق»ئېتىۋاتسا تەۋكادا ،
ھەسرەتلەنمەي قانداق قىلاي مەن ئەمدى؟

دادام يۈرەر پۇل تېپىشنىڭ كويىدا  ، 
دوسىتلار ئويناپ يۈرەر دەريا بۇيىدا .
نىمە باركىن ئاشۇلارنىڭ ئويىدا .
ھەسرەتلەنمەي قانداق قىلاي مەن ئەمدى؟   

چوڭ داداممۇ تانسا ئويناپ يۈرگىدەك ، 
باقسام ھەيران ئۆز ئىشىدىن كۈلگىدەك . 
ئەقلى يوقمۇ كەلگۈسىنى بىلگىدەك ، 
ھەسرەتلەنمەي قانداق قىلاي مەن ئەمدى؟

كۆرۈنمەيدۇ ئىنساپ نۇمۇس دىيانەت  ،
نەزەر سالسام ئۆز ئالدىغا خىيانەت .
بىلمەمدىكەن بۇلار بۇنى جىنايەت ،    
ھەسرەتلەنمەي قانداق قىلاي مەن ئەمدى؟   

ئادەملەردىن  ھەيران قالدىم ئالەمدە، 
ئەۋلات ئويى يۇقمۇ ھەر بىر ئادەمدە ؟
دىل قالمامدۇ ئاقىۋىتى ماتەمدە ،
ھەسرەتلەنمەي قانداق قىلاي مەن ئەمدى؟    

نامىمىزنى ئويلاپ قويساق بولماسمۇ ؟
تەقدىر  بىزدىن بىر كۈن ھېساپ ئالماسمۇ؟ 
ئەۋلادىمىز نەپرەتلىنىپ قالماسمۇ ؟     
ھەسرەتلەنمەي قانداق قىلاي مەن ئەمدى؟ 

مىللەت دېگەن نامىمىزمۇ يۈتەرمۇ ؟ 
كۈنلەر بۇنداق  غەمسىز ئويناپ ئۆتەرمۇ؟ 
«ئويناپ-كۈلدى»دەپ تارىخقا پۈتەرمۇ؟
ھەسرەتلەنمەي قانداق قىلاي مەن ئەمدى؟


ئارمان قىلىپ ياشايمەن سىنى

سۈكۈتلەرگە چۆكىمەن تەكرار ،
سىرلىرىمنى بىلمەيدۇ ھېچكىم.
بەزى نەزمە يازىمەن مۇڭدا ،
يىغلاپ تۇرۇپ ئازاپتا بەلكىم .

ۋۇجۇدۇمدا بىر نۇرلۇق ئۈمۈد ،
بەزلەپ قۇيسا بەزىدە مىنى.
جاھان بىلسە دەيمەن بەختىمنى،
ئۇشتۇمتۇتلا ئۇنتۇپ ھەممىنى.

سىېرلار بىلەن تۇلغان خىيالىم ،
كىلىچەكتىن ئىزلەيدۇ جاۋاپ.
سۈكۈتلەردىن مۇجۇلۇپ قەلبىم ،
ئاچچىق ھېسلار تىنىمسىز تاراپ.

تاپالمايمەن بەزى ئۆزەمنى ،
يۈرەكلەرنى تەكرار ئاختۇرۇپ.
چوغ ئۈستىگە چۈشكەن قىل كەبى،
ھەسرەتلەردىن ئاچچىق تولغۇنۇپ .

ساراڭلارغا ئوخشاپ قالىمەن،
سىياقىمنى كۆرسەڭ ناۋادا .
مۇھەببەتكە سادىق ئەقىدەم ،
كۆيگەچ ھەردەم ئوتلۇق لاۋادا .

ھىچ كىم مىنى چىن ئىخلاس بىلەن ،
كۈزۈتۈپمۇ باقمىدى زىنھار .
مۇڭغا چۆكتى  ئوتلۇق ئىنتىلىش ،
تەسەللى دەپ قىلىنىپ ئىزھار.

جاھان تامان تىكتىم كۆزۈمنى،
قارچۇقلاردىن ئەكسىمنى ئىزلەپ.
كۈزەتكەنچە چۆكتۇم ئازاپقا ،
ھەسرەتتىمەن كەچمىشنى ئەسلەپ.

جىمجىت بۇلۇپ قالسام سەۋەپنى،
سوراپ يۈرمە مەندىن يىنىشلاپ.
قارچۇغۇمدا پەقەت نىگاھىڭ ،
بارغان چاغ شۇ ئازاپ بىغىشلاپ.

ئۈمۈد كۆزۈم تىلكىلدى ساڭا ،
ئارمان قىلىپ ياشايمەن سىنى.
يۈرەكىمگە بەرسەڭ تەسەللى ،
ئۇنتۇش ئاسان ماڭا ھەممىنى.

                                    يۈرۈكۈڭدە بولسا ئەگەر مېھىر -شەپقەت
                                                                                       
                                  ئازاپلاردىن سۇلغۇن دىلىم ھالىم سورساڭ،
                                  ھەتتا راۋان سۆزلەشكىمۇ كەلمەس تىلىم.
                                  چىرايىمنىڭ قىنى قاچتى،ئاقاردى چاچ ،
                                  پىشانەمدە تالاي قۇرۇق كۆڭلىم يېرىم  .

                                  ئېشتىھاھىم رىپلىكىستىن يۇقالدىمۇ ؟
                                  نىرىپلىرىم پالەچ بۇلۇپ تاقالدىمۇ ؟
                                  ھېسلرىمۇ سەزمەس بولدى ھەي بىلمىدىم،
                                يۈرەك سانجىق ئازاپ ئوق بوپ قادالدىمۇ؟

                                مادارىم يوق خىرەلەشتى كۆزۈم نۇرى ،
                                  بىر سەۋدالىق ھۆكمىراندۇ خىيالىمدا.
                                  ئىستقۆھمەت بىلەن سىنى تىلەپ كەلدىم ،
                                  بىر ئاللادىن ئۈمۈد كۈتۈپ ئىمانىمدا .

                                  مەيلى قانچە مەغرۇر بولغىن پەرۋاسىزمەن،
                                  كۈتۈپ سىنى سۆيمەكلىكنى نىشان ئەتتىم .
                                  يۈرۈكۈڭدە بولسا ئەگەر مېھىر -شەپقەت ،
                                  قاراپ قويغىن ھەسرەتلەرگە چۈكۈپ كەتتىم .
                                               
                                  ساڭا بولغان تەققەززالىق كۈيلىرىمگە ،
                                  سىڭىپ كەتكەن ھېسلىرىڭدە بىلەرسەنمۇ؟
                                  چۈشلىرىمدە سىنى تەكرار كۆرۈپ كەلدىم ،
                                  سەنمۇ مىنى چۈشلىرىڭدە كۆرگەنسەنمۇ ؟
                                               






                                       
              {ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىدە شىپاگەر}

بۇ ساھىدىكى تەجىربە ۋە بىلىمىمنىڭ كەملىگىدىن بەزى بىر سەۋەنلىكلەردىن خالى بۇلۇشقا تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا ساقلىنالماي قالغان بۇلۇشۇم مۇمكىن، ئەپۇ قەلغايسىلەر!




                                                              
                                                                                                                                                                                                                                                        .



                             
[ يوللىغانdeldaxتەرىپىدىن2008-09-24 01:52قايتا تەھرى ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(saadat)
  • ئەزىز بوۋاق
    دىلداشنىڭ سادالىرى بۇ ئادرىستا مەرھەممەت قىلىڭ،
    ./search.php?authorid-29503.html
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-21 14:39 |
    kenjibay
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33597
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 481
    شۆھرەت: 492 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 158 سوم
    تۆھپە: 162 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 365(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

     

      مەن سىز گە  ھەقىقەتەن قول قويدۇم .  ياخشى باھا . تۆھپە ئىنئام بولسۇن.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ئۆزىڭنى بىل ، ئەدەبكە قايىت .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 14:52 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4475
    شۆھرەت: 4682 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 107 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 240 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 911(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    قەلىمىڭىز كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرجىدە ئۉتكۅركەن

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 14:54 |
    pinhaninsan
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 58055
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 262
    شۆھرەت: 263 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2590 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 266(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    nimix ka uygur qa qikmay du?
    bak yahxi bop tu  toplam kigininggiz                      ciz ga utuk tilay man!    

    ھەقىقىي مىسۋاك
    پىنھان ئىنسان
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 15:07 |
    nurlukzumrat
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 53046
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 107
    شۆھرەت: 108 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1070 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

     

    مۇبارەك بولسۇن دىلداش ئەپەندىم ![/color]

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 15:48 |
    huxnur
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 35552
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 229 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

     

    بارىكاللا  ھەقىقەتەن ياخشى تىمىنى يوللاپسىز.

      تىمىڭىزنى كۇرۇپ مىنىڭمۇ  تىما يوللۇگۇم كىلىۋاتىدۇ،مەن يېڭى ئۇگەنگۇچى  قاندىق يوللايمىز.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 16:08 |
    saadat
    قار~لەيلىسى
    ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10093
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 2926
    شۆھرەت: 3361 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 81330 سوم
    تۆھپە: 746 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 942 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2257(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

     

    قەلەملىرىڭىزگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن.ھارمىغايسىز دىلداش ئەپەندىم.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 16:10 |
    kumbah
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1953
    شۆھرەت: 45597 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 30 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 752(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىشغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 16:38 |
    zarrauqkuni
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 23425
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 241
    شۆھرەت: 302 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1360 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

     ھەي ئادىمىلەر!

    دۇنيادىكى ئىنسانلاردا مۇنداق ئۈچ تۇرلۈك مۇھابەت مەۋجۇت.
    1-ۋەتەنگە- خەلىقىگە بولغان مۇھابەت،
    2-ئاتا -ئاننىنىڭ مۇھابىتى ،
    3-ئۇغۇل -قىزلار ئوتتۇرسىدىكى ساختا مۇھابەت.
    ھاي..... ھازىرقى ئادەملەر  قايسى تۇردىكى مۇھابەتكە ئىنتىلدىغاندۇ!
    [ يوللىغانzarrauqkuniتەرىپىدىن2008-09-21 17:27قايتا ]

    ئەزىز بوۋاق
    قۇل ياكى ھۆرلىكىنى بىللەلىگەن ئادەملەر  چۇقۇم ھۆر،
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 17:03 |
    mungdax08
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59706
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 89
    شۆھرەت: 90 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

     

    [color=#0000FF]ئەسسالاممۇئەلەيكۇم دوستۇم دىلداش!
    -ئۇشبۇ توپلامىڭىز بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن،

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 18:03 |
    0991sumruh
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 27435
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1410
    شۆھرەت: 1411 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 30 سوم
    تۆھپە: 31 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1296(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ھارمىغايسىز!داۋاملىق گۈزەل مىسرالارنى شەبنەم ئەھلىگە تەقدىم قىلغايسىز،سىزگە ئۇتۇق ۋە ئامەتلەر  يار  بولسۇن!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ./?u=27435
    قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 18:32 |
    deldax
    كامىلجان ناسىر(دىلداش)
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29503
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1040
    شۆھرەت: 1208 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 660 سوم
    تۆھپە: 205 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 269 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1029(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

     

    مەن ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن ۋە تىلىمەكچى بولغان ئىخلاسمەنلىرىم ئۈچۈن چەكسىز تەششەككۇر!  ياخشى تىلەكلەر ھەممىمىزگە يار بولسۇن ! ئاللا ھەمىمىزنى ئۈمۈدلىك ئارمانلىق خاتىرجەم ياشاشقا نىسىپ ئەتسۇن !

    ھەقىقىي مىسۋاك
    دىلداشنىڭ سادالىرى بۇ ئادرىستا مەرھەممەت قىلىڭ،
    ./search.php?authorid-29503.html
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 18:56 |
    خان
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 58728
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 430 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 409(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-19

     

    سىزدىن پەخىرلىنىمەن!!!!!!!!!!!!
    تىخىمۇ كوپ ئۇتۇقلارغا ئىگە بولارسىز..............

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 19:13 |
    yarhulan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 57764
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 70 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 690 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    دىلداش ئەپەندىم توپلامىڭىزنى تەكرار ئوقۇدۇم،كوپ ئەجىر قىپسىز رەھمەت

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 19:46 |
    pakakida
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 52212
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 123
    شۆھرەت: 124 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1230 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-17

     

    قەلەملىرىڭىزگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن.ھارمىغايسىز دىلداش ئەپەندىم.توپلامىڭىزنى تەكرار ئوقۇدۇم،كوپ ئەجىر قىپسىز رەھمەت

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 19:58 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-20 19:10, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ