تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 106ـ ئوقۇرمىنى
xahsaniguq

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 53193
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 216
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە216دانە
شۆھرەت: 227 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2160 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :144(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-25
ئاخىرقى :2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قۇتادغۇ بىلىكتىن گۈلدەستە (19)

قۇتادغۇ بىلىكتىن گۈلدەستە (19)


ئون سەككىزىنچى باپ
كۈنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەت سۈپىتىنىڭ
قانداقلىغنى ئىيتقانلىقى بايانىدا

ئېلىگ ئىيتتى ئۇقتۇم سۆزۈڭ بىر بىرلەپ
ئاچايمەن سۆزۈمنى ساڭا شەرھلەپ

قىچقىردىم سىنى مەن ئەڭ ئاۋالقى كۈن
قەدىرلەپ شۇ كۈن ھەم بەردىم مەن ئورۇن

ئەجەپ تاڭسۇق ئىشلار ماڭا كۆرسىتىپ
كايىتتىڭ مېنى سەن ئۆزۈڭ بەك تۇرۇپ

كۆرۈپ قەھرلەنسەم رەنجىتتىڭ ئۆزۈڭ
چىداپ تۇرسام يەنە تۈرۈلدى يۈزۈڭ

دېدىڭ سەن ماڭا مەن بەخت بىل مېنى
ئۇقتۇراي دەپ قىلدىم سەن ئۇققىن بۇنى

نېمە قىلغىنىڭنى سەن ئايرىم يېشىپ
دېدىڭ ماڭا مەنمۇ چۈشەندىم يېتىپ

كەچۈردۈم ئاشۇ چاغدا ئۆزۈڭنى مەن
قەدىرلەپ بۇ پەزلىڭنى ھۆرمەت بىلەن

بۈگۈن كۆرسىتەي مەنمۇ ئەمدى ساڭا
قىلىق ئەردىمىمنى قاراپتۇر ماڭا

ئادالەت ۋە قانۇن ئۆزۈم مەن قارا
قانۇننىڭ ۋەسپىنى بۇلاردىن سورا

مۇنۇ مەن ئولتۇرغان بۇ كۇرسىغا باق
ئەي كۆڭلۈم توقى بار ئۇندا ئۈچ ئاياق

پۈتۈن ئۈچ ئاياقلىق قىڭغايماس بولۇر
تۇرۇر ئۈچ پۇتى تۈز ھەم قايماس بولۇر

قىڭغايسا بىرى ئۈچ ئاياقنىڭ ئەگەر
قايار ئىككىسى ئولتۇرۇچى چۈشەر

پۈتۈن ئۈچ ئاياقلىق توغرا تۈز تۇرۇر
ئەگەر بولسا تۆت كۆر بىرى ئەگرى بولۇر

نېمىكى تۈز ئولسا پۈتۈن ئۇز بولۇر
نېمىكى ئۇز ئولسا دېمەك تۈز بولۇر

نېمىكى ئېگىلسە ئۇ ئەگرى بولۇر
پۈتۈن ئەگرى يامانلىق ئۇرۇغى بولۇر

قايسى تۈز ئېگىلسە تۇرماس يېقىلار
نېمىكى تۈز ئولسا يېقىلماي تۇرار

مېنىڭ ھەم قىلغىنىم ئېگىلمەس ئىرۇر
ئېگىلسە دۇرۇسلۇق قىيامەت بولۇر

قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن
ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھىچ كىشىن

بۇ خەنجەر پىچاقكىم قولۇمدا تۇرۇر
پىچار ھەم كېسەر بىر قورال ئەي غەيۇر

پىچاقتەك كېسەرمەن پىچىپ ئىشنى
ساقلاتماي دەۋاغا كەلگەن كېشىنى

شېكەر شۇكى بىر زالىم زۇلۇم يەتتى دەپ
ئىشىكىمگە كەلسە ئادالەت تىلەپ

شىكەردەك لەززەتلە يانۇر ئۇ كىشى
سۆيۈنۈپ ئېچىلۇر يۈزى ھەم قېشى

بۇ تۇرغان ئۇراغۇن شۇنداقلار ئىچەر
كى زورلۇق ئىشلىتىپ ئەدىلدىن كېچەر

تۇتۇشۇپ ماڭا كەلسە قىلسام ھۆكۈم
ئۇراغۇن ئىچكەندەك بولۇرلەر چوقۇم

بۇ قاشىم تۈرۈكى بۇ كۆرۈكسىزلىكىم
زۇلۇم قىلغۇچىغا بۇ يۈزسىزلىكىم

كىرەك ئوغلۇم ئولسۇن يىقىن تۇققىنىم
يولۇچى ئۆتكۈنچى بىرەر قونىغىم

ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا
بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا

بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت ئېرۇر
ئادىل ئولسا بەگلەر تىرىكلىك بولۇر

مۇنىڭدەك دېدى سۆز ئەقىللىق كىشى
كىم ئاقىل سۆزىن تۇتسا تۈزىلەر ئىشى

ئادالەت ئۈستىدە بۇ بەگلىك ئۇلى
بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت يولى

ھۆكۈم قىلسا ئەلگە ئەدل بىرلە بەگ
تىلەك ئارزۇسىغا بولۇر يەتكىلى

ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە سۇئالى

يەنە ئىيتتى ئايتولدى ئېلىگ قۇتى
نىچۈن بولدى كۈنتۇغدى ئېلىگ ئېتى

ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى

ئېلىگ دېدى ئالىم بۇ قىلىغىم كۆرۈپ
قويدى بۇ ئېتىمنى كۈنگە ئوخشۇتۇپ

قارا كۈن ئۇۋالماس ھەمىشە پۈتۈن
يورۇغى بىردەكلا ۋە پارلاق تولۇن

مېنىڭمۇ قىلىغىم ئاڭا ئوخشىدى
ئادالەت بىلەن تولدى كەم بولمىدى

ئىككىنچى تۇغار كۈن يورۇر بۇ جاھان
ئومومغا چاچار نۇر كىمەيمەس ھامان

مېنىڭمۇ ھۆكمۈم شۇ يوقالماس ئۆزۈم
پۈتۈن خەلققە بىردەك قىلىغىم سۆزۈم

ئۈچىنچى ئىسسىيدۇ يەر تۇققاندا كۈن
چىچەك ئاچىلۇر ئاندا تۈمەن مىڭ تۇسۇن

قايۇ ئەلگە كىرسە مېنىڭ قانۇنۇم
ئۇ ئەل تۈزىلەر بولسا تاش يا قۇرۇم

تۇغار كۈن ئېرىغ يا ئېرىغسىز دېمەس
ئومومغا يورۇقلۇق بېرەر كېمەيمەس

مېنىڭمۇ قىلىغىم مۇشۇنداق بولۇش
مېنىڭدىن جېمىگە تىگەر تەڭ ئۈلۈش

يەنە بۇرجى كۈننىڭ ئۇ سابىت ئېرۇر
بۇ سابىت دېگەنىم تېگى چىڭ بولۇر

بۇ كۈن بۇرجى ئارسىلان ئۇ تەۋرىمەس
تەۋرىمەس بولغاچ ئۆيى ھەم بۇزۇلماس

مېنىڭمۇ قېلىغىم تۇرقۇمغا قارا
يورۇغۇم مېنىڭ ئۆزگىرىشسىز بارا

ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە سۇئالى

بۇ ئايتولدى ئىيتتى ئەي ساھىبقىران
يېيىلسۇن ئېتىڭ ھەمدە تۇتقىن جاھان

ئۆزۈممۇ بۇ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ
ساڭا ئەمگىنىپ كەلدىم ئارتۇق ھېرىپ

شۇ خۇلقۇڭ  بۇ ئەردەملىرىڭ بار ئۈچۈن
ئۈمىت بىرلە خىزمەتكە كەلدىم كۇچۇن

دېگىن خىزمىتىڭنى نىچۈك مەن قىلاي
سۆيۈنچۈڭ سېنىڭ قايسى شۇنى مەن تۇتاي

خىزمەت بولمىغاندا بۇ بەگ مەيلىچە
ئىشى يورىماس ئىشلەسىمۇ نېچە

ئىشىكتىن نېمە دەر ئىلا ئاتلىغى
ئىش ئىشلەپ چوڭايغان كىشى قۇتلۇغى

خادىم بەگ ئىشىگە باغلاركەن بېلىن
قاتتىق تۇتقۇلۇق بەگ سۆيۈنچى يولىن

بۇ بەگلەر ئۈمىدىچە قىلغىن تاپۇغ
رىزا بولسا بەگلەر ئاچار بەخت قوۋۇغ

تاپۇغچى تاپۇغ بىلسە تۆرگە چىقۇر
تاپۇغ بىلمىسە تۆردىن پەسكە چۈشۇر

سۆيۈندۈرسە خىزمەتتە بەگنى قۇلى
ئېچىلار ئۇڭا قەدىر  ھۆرمەت يولى

ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى

ئېلىگ ئىيتتى ئۇقتۇم مەن ئەمدى سۆزۈڭ
سۆيۈنچە تىلە بەك كۈزەتكىن ئۆزۈڭ

مەن ئىيتاي يارامسىز نېمەنى ساڭا
ئۆزەڭ پاكىز يۈر يولۇما ئاڭا

ئۆزۈم خالىماسنىڭ بىرى يالغان ئول
ئۇنىڭدىن كىيىنكى زۇلۇم قىلغان ئول

بىرى ئاچكۆز تاماخور ۋە تويماس ئۆزى
بىرى ئالدىراڭغۇ ئۇياتسىز كۆزى

ھەر ئىشتا غەزەپكار ئاچچىغى يامان
قول ئەگرى ھاراققا بېرىلسە ھەر ئان

بۇياڭلىغ كىشىلەر يارىماس ماڭا
بۇنى ئىيتتىم ئەمدى ئوچۇقلا ساڭا

يارايمەن دېسەڭ سەن ماڭ بەلگۈلۈك
ئەي نامدار بۇلاردىن يىراق يۈگۈلۈك

بولۇرسەن كۈنۈ كۈن يىقىن سەن ماڭا
ئاشار قەدىر ئىھسان مېنىڭدىن ساڭا

ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە سۇئالى

بۇ ئايتولدى ئىيتتى ئىشتتىم بۇنى
يەنە بىر سۆزۈم بار يېشىپ بەر ئۇنى

نەدۇر ھەم نەخىلدا ئېرۇر ياخشىلىق
نېچۈكتۇر ئۇنىڭدا تەبىئەت قىلىق؟

ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى

ئېلىگ ئىيتتى ياخشىلىق سۇپاتى شۇدۇر
كى خەلققە ئۇنىڭدىن پايدىلار يېتۇر

قىلۇر ياخشىلىق ئۇ پۈتۈن ئېلىگە
يەنە مىننەت ئۇرماس كىشى يۈزىگە

تىلەر نەپ ئۇ ئەلگە ئۆز نەپئىن دېمەس
يەتكۈزگەن نەپ ئىچۇن بەدەل كۆزلىمەس

ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە سۇئالى

يەنە ئىيتتى ئايتولدى ئۇقتۇم بۇنى
تېخى بىر تىلەك باركى ئىيتاي ئۇنى

ماڭا ئىيت دۇرۇسلۇق نېچۈك نەرسىدۇر
ئۇنىڭدىن كىشى كۈنى قانداق يورۇر؟

قايۇ نەرسىنى دەر دۇرۇسلۇق يولى
نېمەدەك بولۇر بۇ دۇرۇسلۇق ئۇلى؟

ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى

ئېلىگ  ئىيتتى شۇدۇر دۇرۇس ئەر ئۆزى
تىلى كۆڭلى بىرلە بېرىكەر سۆزى

تېشىدەك ئىچىمۇ ئىچىدەك تېشى
بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى

چىقارىپ يۈرەكنى ئالقاندا تۇتۇپ
ئۇياتماي يۈرەلىسە ئەلنى كۆرۈپ

بەختلىك ياشاشقا دۇرۇسلۇق كىرەك
كىشىلىك ئېتىدۇر دۇرۇسلۇق دېمەك

كىشى قىس ئەمەستۇر كىشىلىك قىس ئول
ئەمەس ئاز بۇ ئىنسان دۇرۇسلۇق ئاز ئول

بۇ ھەقتە شائىرنىڭ دېگەن بىر سۆزى
ئوخشايدۇ مەن ئىيتقان سۆزۈمگە ئۆزى

مېڭىپ يۈرگەن ئىنسان بەكمۇ كۆپ ئېرۇر
دۇرۇس چىن  پۈتۈن ئەر ماڭا خوپ ئېرۇر

كىشى قىس ئەمەستۇر كىشىلىك قىس ئول
دۇرۇس چىن كىشى ئۇ تولا ماختىلۇر

ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە سۇئالى

يەنە ئىيتتى ئايتولدى بەختىيار خان
بۇ سۆزنىڭ سىرىنى ماڭا قىل ئايان

بۇ ياخشى كىشىلەر بولۇرمۇ يامان
يامانلار بولۇرمۇ ياخشى بىر زامان؟

........(يەنە بىر بەتنى تاپالمىدىم)..........

ئۆزى ياخشى بولسا بۇ بەگلەر ئەگەر
بېيىپ ھەممە خەلقى جاھان تۈزۈلەر

ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە سۇئالى

يەنە ئىيتتى ئايتولدى ئۇقتۇم بۇنى
ئېلىگ ئىيتتى سۆزنىڭ توغرىسىنى

بۇ ياخشىنى كىشى بىلۇر ياخشى دەپ
تونۇپ پايدىسىنى ھەم ئەيلەر تەلەپ

سۆيۈپ ھەممە ئادەم ئۇنى ئارزۇلار
لېكىن ئىستىگەنلەر نېچۈكمۇ تاپار؟

ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى

ئېلىگ ئىيتتى ياخشى ئۇ نادىر ئېرۇر
نادىرنى نادىرلارلا  ئۈمىت قىلۇر

نېمىكى نادىر بولسا ئۇ خىل بولۇر
ئۇنى قىلماقمۇ ئانچە مۈشكۈل تۇرۇر

يامانلىق قەدىرسىز قىلغان خار ھامان
يامان ئىشنى قىلغان ھەمىشە يامان

نېمىكى قەدىرسىز ئۇ يەردە ياتۇر
ئاغى چۇز  قىممەتلىك ئۇ تورنى ئالۇر

ئېرۇر ياخشىلىق ئۆرلىگەندەك ئېغىر
يامان ئىش چۈشۈشتەك ئاساندۇر ئاخىر

ئەقىل ئىيتتى بىر سۆز ئۇڭا ئوخشۇتۇپ
ئەقىلنىڭ سۆزىن تۇت ئۇنىڭ نەپئى كۆپ

ياخشىلىق ئۆرلەشتەك چىقالماس كىشى
قىلالمايدۇ ھەر كىم بۇ ئۆرلەش ئىشى

قەدىرلىك ئىشلارنى قىلماقلىق قىيىن
قىلالماس بۇ ئىشنى بىلىمسىز كىشى

ئايتولدىنىڭ ئىلىككە سۇئالى

بۇ ئايتولدى ئىيتتى ئەي ئېلىگ قۇتى
ئىكەن شۇنچە ماختاشتا ياخشىلىق ئېتى

قۇسۇرى بارمىكىن كىشى دەيدىغان؟
ئاقىللار بىلىپ بايقىيالايدىغان؟

ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى

ئېلىگ ئىيتتى ياخشى ھامان ماختىلۇر
يامانلار بۇنى بىر قۇسۇر دەپ بىلۇر

يېقىندۇر كىشىگە كىشى ھەر زامان
ئىش يوقتۇر ياخشىغا بولمىسا يامان

يامانلار كۈرەشتە يېڭىلغان ئۈچۈن
قىلار قەست يورۇتماسقا ياخشىغا كۈن

ياخشىلىق تىلەگەن ياخشىلىق قىلۇر
زەئىپ پەس خۈنۈكلەرگە باقماس بولۇر

كىمىكى تىلەسە بۇ كۈن خوشلىغىن
يامانلىق قىلىپ تاڭنا يەر قايغۇسىن

نېمە دەر ياخشىلىق تىلەگەن كىشى
پۈتۈن ياخشىلىقنى قىل ئۆزىنىڭ ئىشى

بۇڭا ئوخشىتىپ ئىيتتى شائىر بۇ سۆز
چوڭايغاي ئوقىساڭ ئىتتىكلىنىپ كۆز

ياخشىلىق قىلىپ كىم ئۇندىن ئۆكىنۇر
يامان مىڭ ئاتانسا پۇشايمان قىلۇر

يامانلىققا مۇمكىنچە قىل ياخشىلىق
يامان قىلسا يامانلىق پۇشايمان يانۇر

نېچۈكمۇ مەدىھلەي يامان كىشىنى
نىچۈكمۇ تىلەيىن يامان ئىشىنى

قوپاللىق گۇستاخلىق تەتۈرلۈك بولار
ئى ئۇلۇغ يامانلار ئىشىدۇر ئۇلار

بالا مىھنەت پۇشايمان زەخمەت يىغا
يامانلىق جاۋابى بولۇر ئەي توڭا

شۇڭا ياخشىنى مەن نېچۈك سۆيمەيىن؟
نىچۈن ياخشى ئىشنى مەدھى ئەتمەيىن؟

سېخىلىق كىشىلىك پايدا ئەزگۈلۈك
كېلۇرلەر ياخشىدىن بۇلار بەلگۈلۈك

بۇ ياخشى كىشى بارچە ئىش ياخشىسى
ئېرۇر ياخشى ئىش ھەممە ئىش ياخشىسى

ھەمرا ياىشى بولسا نېمە كۈتسەڭ كۈت
تاپايىن دېسەڭ يول ھەمرا ياخشى تۇت

راھەت نېمەت ئارزۇ قۇۋانچ ھەم ھوزۇر
بۇلارغا جاۋاپ شۇ خۇشاللىق بولۇر.

ئېلىگ ئىيتتى ئايتولدى ئۇققىن سۆزۈم
جاۋاپ قىلدىم ئىيتقان سۆزۈڭگە ئۆزۈم

ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى

يەر ئۈپتى ئايتولدى تىك تۇردى شۇئان
دېدى ئەي ياخشى قانۇن ساھىبقىران

جاھان قۇدرىتىن تاپتىڭ ئۇزارسۇن يېشىڭ
ھوزۇر ياخشىلىقا تىنچ ئولسۇن بېشىڭ

ساق ئولسۇن بەگلىكىڭ بۈيۈكلۈك بىلە
ياشا سەن ھوزۇردا سۆيۈنۈپ كۈلە

ئۇلۇغلۇق بىلەن بول تولا ئەلگە بەگ
بۇ كۈچ بىرلە بەگلىك ئۇلى بولسۇن بەك

ئېقىپ كەلسۇن ئارزۇ قۇرىماس بولۇپ
تۇرسۇن ئىشىكتە دەۋلەت قېرىماس بولۇپ

يېغىلسۇن ساڭا ھەممە خوشلۇق كېلىپ
ئەلەم ئىچىرە دۈشمەنلەر ئۆلسۇن سېزىپ

لايىقتۇر خىزمىتىڭ كىم قىلسا ساڭا
ئېچىلۇر بەختنىڭ ئىشىكى ئاڭا

نېمە دەيدۇ ئاڭلا خىزمەت قىلغان ئەر
خىزمەت بىلەن ئارزۇ تىلەك تاپقان ئەر

خىزمەت قىلما قىلساڭ لايىق بەگكە قىل
لايىق بەگ بىلۇر ئۇ خادىم ھەققىن بىل

خىزمەت قىلما قىلساڭ سېخىلەرگە قىل
سېخى ئۆيى ئالتۇن كۆمۈش ئىشىگى بىل

بېخىل خىزمىتىن قىلما سەن ھىچ زامان
ھاياتىڭ كېتەر بوش بولۇرسەن يامان

بېخىل ئۆز مېلىدىن ئۆزى قىزغىنار
قاچان كىشى ھەققىن بېرىشكە ئۇنار


سۆزى كەستى ئايتولدى چىقىتى تۇرۇپ
ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى خۇشال بولۇپ

قۇسۇرسىز خىزمەت قىلدى شۇندىن بېرى
يېتىپ كەچ تۇرۇپ ئۆرە كۈندۈزلىرى

كۆيۈمچان بولۇپ قىلدى ئۇ ئىشنى چىن
ئېلىگ كۈنسايىن تۇتتى ئۆزىگە يىقىن

ئۆتۈپ كەتتى بىر قانچە ۋاقىت ئۇشبۇ خىل
ئىشى قىلدى ئايتولدىنى مەڭزى قىزىل

مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى (داۋامى بار)


مەنبە يول تور بېكىتى (بۇ كىتاپنىڭ باشقا باپلىرىغىمۇ قىزىقسىڭىز يول تور بېكىتىگە كېرىڭ)
ئادرىسhttp://uyol9.com/
http://uyol9.com/viewthread.php?tid=195

 

___ باشقۇرغۇچى : naxtari تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-15

 

ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-09-15 14:22 [باش يازما]
HER

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31138
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە130دانە
شۆھرەت: 131 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-29
ئاخىرقى :2008-09-21

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ  شانۇ-شەۋكەتلىك ئۇلۇغ  ئەسىرى قۇتادغۇبىلگ .ئىنتايىن مەزمۇنى چۇڭقۇر ئىكەن .
رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!!!ھارمىغايسىز!!!!!!!!!!!!!
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-09-15 15:25 1 -قەۋەت
tirixaili

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59739
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-19
ئاخىرقى :2008-09-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

راستىنلا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەن ................
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-09-20 23:39 2 -قەۋەت



Time now is:09-27 02:34, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质