![]() |
| ||||||
hayrigul0
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى |
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
jimhur_yeget
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما يوللاپسىز
بىر مىللەتنڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە شۇ مىللەت ئاياللىرىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەپ بولىدۇ ئۇ ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشىغا شۇمىللەت ئەرلىرىنىڭ بوشاڭلىقى ۋىجدانسىزلىقى قورقۇنچاقلىقى ئىلىمسىزلىكى نامەرتلىكى سەۋەپ بولىدۇ داۋاملىق ياخشى تىما يوللىغايسىز | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997
| مەنغۇ ئويغاق، قېنى قالغانلار ، كۆپ ئۇخلىساڭلار كۆرپىگە سىيىپ قويۇسىلەر
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
MAHMUTJAN110
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەنمۇ ناھايىتى ئاز ئۇخلايمەن بۇلمىسا ئەمدى قانداق ئۇيغىنىمىز قۇلىمىزدا نىمە بار ھى ھى ھى ھى مەن ھەر زامان ئۇيغاق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
chattikin
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئانىلارنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئانا - بىزنىڭ تۇنجى ئۇستازىمىز ، شۇنداق ئېيتالايمەنكى، پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئانا تەربىيسى ئارقىلىق يىتىلگەن بولىدۇ. ئەلبەتتە ئاتىلارنىڭمۇ پەرزەنت تەربىيسىدە بەلگىلىك رولى بار لىكىن بالا تۇغۇلۇپ تاكى ئاق-قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولغىچە ئاساسەن ئانىنىڭ ھىمايىسى ۋە تەربىيسى ئاستىدا بولىدۇ. بىرىنچىدىن، بالىدا بىۋاستە ھالدا ئانا ئىرسىيتى بولىدۇ ئىككىنچىدىن، دەل خاراكتېر يىتىلدۈرىۋاتقان پەيتى ئانا بولغۇچىنىڭ ئەمەلى ئىش -ھەركىتى ، بالىغا بولغان بىۋاستە تەربىيسى بىلەن بىر ۋاقىتتا بولغان بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا بىر ئادەمنىڭ قانداق بولىشى يەنى ئەقىل-پاراسەتلىك ياكى گالۋاڭ بولىشى، ھورۇن ياكى تىرىشچان بولىشى، قورقۇنچاق ياكى باتۇر بولىشى، غورۇرلۇق ياكى ۋىجدانسىز بولىشى ئانىنىڭ تەربىيلەش ئىقتىدارى ۋە ساپاسىغا باغلىق...
ئۇنداقتا ئانىلار ساپاسىنى قانداق ئۆستۈرىشى كىرەك؟ پەرزەنتلىرىنى ھەم قانداق تەربىيلىشى كىرەك؟ بۇ ھەقتە ھازىر پىكىر -مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ، ماقالە ۋە مەخسۇس كىتابلار نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش ئەمما يەنە نۇرغۇن خانىم- قىزلىرىمىز بۇنداق مۇلاھىزىلەردىن مۇستەسنا. خەلقىمىزنىڭ كۆپ قىسمى يىزا ئاھالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا كۆپ قىسىم قىز-ئاياللىرىمىز تېلھوزۇردىن باشقا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاستىللىرىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن تور ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلنىۋاتقان بۇنداق ماقالىلەردىن ئوزۇق ئېلىش ۋە مەنپەتلىنىشكە ئامالسىز. يەنە ئاز ساندىكى بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە دەپ قارالغان قىز-ئاياللىرىمىزمۇ ئۇيغۇر جەمىيتىمىزنىڭ بۇ جىددي چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بولالمايۋاتىدۇ .نىمە ئۈچۈن دىگەندە ئۇلار بۇ رىتىمى تىزلاپ كەتكەن جەمىيەتتە زىممىسىگە نۇرغۇن يۈكنى -ئەرلەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق يۈكنى يۈكلىۋالغان. ئۇلار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئوقۇپ ئۇنۋان ئالمىسا بولمايدۇ، خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ، ئائىلىدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىسا بولمايدۇ... ئۇلار سىتخىيلىك ھالدا بۇ جەمىيەتنىڭ ئېقىنىغا ئەگىشىپ ئېقىپ بۇ مۇھىتنىڭ چوڭ كەلكۈنىگە قېتىلىپ كەتكەن. خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەپلىك ئاساسەن شەھەر -بازارلاردىكى ئانا بولغۇچى ئاياللىرىمىز باللىرىنى ئاتالمىش « قوش تىللىق» يەسلىيلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەكتە، گۆدەك بالارنىڭ قەلبىدە ئانىنىڭ ئوبرازى ۋە تەربىيسى ئەمەس قىلىپلاشقان تار دائىرىلىك يەسلى مائارىپ تەربىيسى ئورۇن ئالماقتا. سەبى باللارنىڭ ئانىسىغا قانماي يىغلاشلىرى، ئانىسى كىلىپ ئېلىپ كەتكۈچە تەلمۈرۈپ يولىغا قاراشلىرى ئانىلارنىڭ خىيالىدىن يىراقتا... ئانا بولماق ھەقىيقەتەن ئاسان ئەمەس! بىر پەرزەنتنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ ، بىقىپ چوڭ قىلغۇچە ئاز بولمىغان جەبرى-جاپالارنى چىكىدۇ . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ئادىمىمىز شۇ ئانا بولۇش كىرەك. كەڭ مەنىدىن ئىيتقاندا ئانا- مىللەتنىڭ ۈانىسى، بىر قەۋمگە ئەقىل-پاراسەتلىك ، غورۇرلۇق ،ۋاپادار لىق پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ بەرگۈچى قىز-ئاياللىرىمىز ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئويغۇتۇش، ئۇلارنى ساپا ۋە مەدەنىيەت-سەۋىيە جەھەتتە تەربىيلەش، ئۇلارغا كۆيۈنىش ۋە ئۇلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش ھەربىر ئەقلى ئويغاق ئەركەكلىرىمىزنىڭ بۇرچى. خوش ئەمسە شۇ خانىم- قىزلىرىمىزدىن ساپا جەھەتتە قانداق تەربىيلىنىشنى كۈتىمىز؟ ساپا بىلىم قۇرۇلمىغا ئوخشىمايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر يىزىلىق قىزدىكى ساپا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر شەھەرلىك قىزدا يوق بولىشى مۇمكىن. ساپا ئۆزىنى تونۇش ياكى بىلىش دەرجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆزنى ۋە ئۆزلۈكنى بىلمىگەندە ساپادىن ئېغىز ئېچىش تەس. قىز-ئاياللار ئاسانلا ئەتىراپىدىكى يىڭىلىق ۋە مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلالايدۇ. لىكىن ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ناچارلىقلىرىنى ئىلغاپ چىقىشقا ئاجىز. ئۇلارنى بىر پارچە ئاپئاق خەسىگە ئوخشاتساق بولىدۇ ئىھتىيات قىلىنمىسا ئاسانلا چاڭ -توزان ۋە كىر قونۇپ قالىدۇ گەپ ئۇنى قانداق پاكىز ساقلاشتا. ئاقلىق ئۆزلۈككە ۋەكىللىك قىلسا مەللە رەڭ بوپ قېلىشى ئۆزلۈكنى يوقاتقانلىق بولىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىز نەدە؟ ئۇيغۇرلار تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان خەلق. بىزدىن بارا-بارا يوقاپ كىتىۋاتقان مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىز ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىمىز، ئىستىتىك قارىشىمىز ۋە دۇنيا قارىشىمىزدا باشقا خەلىقلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغىدەك ئەۋزەللىكلەرنى بايقايمىز. بىر ئەڭ مەدەنىيەتلىك ، كىشىللىرى ساپالىق دەپ قارالغان يەرگە شۇ ئەنئەنىۋى ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى ئۆزلىرىدە مۇجەسسەملىگەن نەچچەيلەن بېرىپ قالىدىغان بولساق ئۇلاردىن ئېشىپ كەتسەك كىتىمىزكى ھەرگىز چېنىپ قالمايمىز. بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم ھەرگىز كونىلىقنى تەشەببۇس قىلغىنىم ئەمەس دەل ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات قەريانىدا مىللىتىمىزنىڭ روھى بولۇپ شەكىللەنگەن شۇ خاسلىقلىرىمىزنى ساقلاپ قالساق، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزغا زور تۈرتكە بولىدۇ... ھازىر قارايدىغان بولساق نۇرغۇن قىز-ئاياللاردىن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا خاس بولغان ئوبرازنى بايقىيالمايمىز. بۇرۇنقى ھەممە يەرلىرىنى تولۇق ياپىدىغان كىيىم.كىچەكلىرى ئورنىغا نىپىز ، غەيرى ئۇسلۇپتىكى كىيىم ئىگەللىگەن (سورىسىڭىز ھىچكىم ئۆزىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەمەس دىمەيدۇ )، گۆزەللىك قوغلۇشۇپ قىلىۋالغان چاچ پوسۇنلىرى يشىغا ۋە ئۆزىگە ئانچە ماس كەلمىگەن،بۇرۇن بىر يات ئەركەك زاتىنى كۆرسە ھايا قىلىپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ھازىر ئىككى ئەرنىڭ ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئۆتۇپ كىتىۋاتقان، بۇرۇن كىچىككىنە گەپكە ۋىللىدە قىزارسا ھازىر ھىسياتسىز قاراپ تۇرغان، بۇرۇن تەبەسسۇم قىلسا ھازىر جاھاننى بېشىغا كىيىپ قاقاھلاپ كۈلىۋاتقان... بۇنداق دىسەم بەزى قىزلار « ئوغۇللارمۇ چاغلىق » دەپ ماڭا قارشى چىقىشى مۇمكىن. بەرھەق ئۇغۇللارمۇ شۇ. قىسقىسى بىز ئۆزخاسلىقلىرىمىزنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىمىز، ئويغانماي چۈشەپ يېتىۋاتىمىز، ئويلانماي جان بېقىش كويىدا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپ كىتىۋاتىمىز، بىر مەيداندا ئۇيۇشماي پىتىراپ كىتىۋاتىمىز، شەيتانلارغا ھەمنەپەس بولۇپ قۇتىراپ كىتىۋاتىمىز... ئىشقىلىپ ئەھۋالىمىز كۆپىنچىمىزگە ئايان. بۇلارنى ھىچكىمدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەرلەر ئاياللارغا دۆڭگەپ قويالمايمىز، ئاياللارمۇ ھەم نوقۇل ھالدا ئەرلەرگە دۆڭگەپ قويالمايدۇ. بىز ھەم نامرات ئەمەس سىلىشتۇرغاندا، شۇ ئۆزىمىزنى بىلەلمەيۋاتىمىز ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قۇيىۋاتىمىز... پىكىرىم چېچىلىپ كىتىپ شۇنچىلىك يازدىم كىيىنچە يەنە يازارمەن. | |||||

Qayan0996
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | HAK GAPLARKAN KIXINI UYLANDURDU HAK GAPTIN KAQMAYLI AZIRAH BOLSIMU UZIMIZ USTIDA UYLINIP BAKAYLI DOSTLAR
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baybalik
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | خەيرىگۈلقىز ، رەھمەت ! سىز دېگەندەك ئاياللارنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ . . .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
Zemar
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دوسلار ئويغىنايلى دېگەندىن دوسلار ھەركەتلىنەيلى دىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hayrigul0
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىنكاسىڭلار مىنى ھەقىقەتەنمۇ خوش قىلدى ، رەھمەت سىلەرگە ! بارلىق ئاياللارغا ھەقىقى سەمىمىلىك ، ۋاپادارلىق ، ئەرلەرگە ۋىژدان ، ،مەسئۇلىيەت تىلەيمەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
hayrigul0
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | chattikin ئىكاسىڭىزدا ھەرگىزمۇ كونىلىق يوق ، ناھايتى ئىلمى ، زامانىۋى ، سۆزلەرنى يېزىۋېتىپسىز، ئاللا رەھمەت قىلسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
hayrigul0
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممىڭلار ئىكاسىنى بىر بىرمۇ بىر ئىزاھلاشقا تىگىشلىك ئىكەن ، ناھايتى ياخشى ئىنكاس يوللاپسىلەر ! ھەممىڭلارغا بىراقلا رەھمەت ئېيتسام بولغۇدەك، رەھمەت سىلەرگە !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |