تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 564ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرىدىن تاللانما IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
jimhur_yeget

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 57097
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-12
ئاخىرقى :2008-09-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرىدىن تاللانما

                                  ئۇنتۇلغان. دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن مىللەت

ئۇنتۇلغان. دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن مىللەت
ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ يىقىنقى زاماندىكى بەخىتسىز كەچۈرمىشى ۋە سانسىلىزغان زىيارەتلىرى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى مەنىۋى ئېنېرگىيىسىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىنىمۇ يىراقلاشتۇرىۋەتكەنىدى.شۇڭلاشقا، ئوتتۇرا ئاسىيائېكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقىنى كۆتۈرلۈپ،ياۋرۇپالىق تەۋەككۈلچىلەر بۇيەرگە كىلىشكە باشلىغان ئاشۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ بىچارە ھالەتتە تۇرىۋاتاتتى.نۇرغۇن ئەجنەبىيلەر بۇ يەرگە كىلىشى بىلەن گويا ئۆزلىرىنى زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىرگە بىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشقانىدى.شۇنداق، بۇ يەردە زامانىۋى تۇرمۇش ئسلىھەلىرى يوق ئىدى،ماشىنلاشقان قاتناش قوراللىرىمۇ يوق ئىدى!بۇيەردە پەقەت ئايىغى بېسىقمايدىغان جىدەل _ يېغىلىقلار، ئوقۇپ تۈگىمەيدىغان توۋا _ ئىستىغپارلار، دەۋر ئۆزگەرسىمۇ قىلپى ئۆزگەرمەيدىغان ئىجتىمائىي رامكىلار، ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇردىغان نادانلىقلار ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.....
مانا مۇشۇنداق بىر دەۋردە،ئويغاق ياۋروپا بىلەن غەپلەتتە قالغان ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ دەسلەپكى دىئالوگى باشلاندى.
بىر توپ ئەجنەبى تەۋەككۈلچىلەر ئۆز تارىخى ۋە مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا نىسبەتەن قىلچىلىكمۇ ھەقدارلىق تۇيغۇسى قالمىغان،ھازېرقى زامان ئىڭى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان،ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتقا پاسسىپ ھالدا ماسلىشىپ ياشايدىغان بۇ چېچىلاڭغۇ مىللەتنى سىرتتىن كۆزىتىشكە كىرىشتى...
1887_ يىلى دىيارىمىزدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەنگىلىيەلىك ياڭخازبەند يەكەندىكى ئۇيغۇر جەمئيىتى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان:«يەكەن مېنىڭ بۇ قىتىملىق شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازار،شۇنداقلا مەن ئەڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايلارنىڭ بىرى.شۇڭا، مەن بۇ جاي ھەققىدەكۆرگەن _ ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقتىم...بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي ئىگىلىككە تايىنىپ، بىر خىل تىنچ ۋە توختام سۇدەك ئۆزگەرمەس تۇرمۇش كەچۈرۈدىكەن.قاتمۇ قات تاغلارنىڭ قورشاۋىدىن شەكىللەنگەن تەبىئىي جۇغراپىيەلىك توسۇق ئۇلارنى سىرتقى دۇنيادىن كېلىدىغان رەھىمسىز رىقابەتتىن چەتتە قالدۇرۇپتۇ.سىڭگەن نېنىغا شۈكۈر قىلىپ ياشايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇلارنى ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدىغان،ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە ئۇنچىلىك ئۇچراپ كەتمەيدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. گەرچە بۇ يەردە نۇرغۇن يېغىلىقلار، ئىنقىلاپلار يۈز بىرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلانىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى سىرتتىن كەلگۈچىلەرنىڭ ئويۇنى ھىساپلىناتتى. بىر ھۆكۈمراننىڭ ئورنىغا يەنە بىرسى ئولتۇرۇش، سۇلالىلەر ئالمىشىش دىگەنلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۇنچىلىك كارى يوق ئىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇلار بىر خىل پەرۋاسىزلاچە ئىنكاس قايتۇراتتى.بۇنىڭدىن ھەرقانداق ئادەم تەبىئىي ھالدا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ:بۇ مىللەت رىقابەتكە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ،ئۇلار يەرگە باغلانغان ئۇششاق دىھقان ياكى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئېلىپ_ ساتارلار خالاس.يەر تىرىش ۋە ئۇششاق ئىپتىدائى تىجارەتتىن باشقا، ئۇلاردىن چوڭ ئىلارنى كۈتكىلى بولمايدۇ،ئۇلار كىچىككىنە بىر دۇنياغا قامالغان، سىرتقى ئەللەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەنمەيدۇ،قاششاق،ھاياتى كۈچى يوق.ئۇلار پەقەت بۇ يەردىكى تار مۇھىتقا پاسسىپ ھالدا ماسلىشىپ،ئۆز روزىغارىنى ئۆزيېرىدىن ئالسىلا كۇپايە.قانداقلا بولمىسۇن،كۈن كەچۈرۈش ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى، ھەرقانداق بىر ۋەقە ئۇلارنى قوزغىتالمايدۇ،ئۇلارنى سەگىتەلمەيدۇ...»1
ئالبىرت ۋون لېكوكمۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ:« بۇ يەردە مائارىپ ئۇقىمى ئىنتايىن سۇس، ئەگەر بار دىيىلسە ھەجىلەپ ئوقۇش چە يېزىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ،خالاس.لېكىن،ھەممە كىشى دىگۈدەك بىر قىسىم ھىساپلاش بىلىملىرىنى بىلىدۇ.پۈتكۈل ئۇيغۇرلار رايونىدا بىرەرمۇ باسمىخانا ياكى مەتبەئە ئورۇنلىرى يوق.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كاللىسى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ،ئەگەردە ئۇلارغا ياخشى بولغان تەربىيلىنىش پۇرسىتي يارتىپ بىرىلسە، چوقۇم چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ تەدرىجى زەئىپلىشىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى دەل بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ۋە قەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن قاششاقلىق. چۈكۈنلۈك ھەمدە ئالدامچىلىقتۇر.....» لېكوك يەنە تۇرپاندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلسپ مۇنداق يازىدۇ : « بىز تۇرپانغا كىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ يەردىكى يۇرت كاتتىلىرى بىزنى دائىم يوقلاپ تۇردى.بىر كۈنى بىز چۈشكەن ئۆيگە قازى،ئاخۇن ۋە بىر نەچچە يۇرت مۆتىۋەرلىرى كەلدى.بىز ئۇلارنى ھۆرمەت _ ئىھتىرام بىلەن كۈتىۋالدۇق.بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار گەپ تەشتى:
_ تەقسىر، ئىككىلىرى يىراق ئەللەردىن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا مۇساپىر بولۇپ كېلىشىپلا،شۇڭا بۇ يۇرتتا بۇنداق بويتاق پېتى يۈرۈشسىلە قاملاشماس، ئەڭ ياخشىسى ئۆي _ ئوچاقلىق بولۇپ،باشلىرىنى ئوڭشىۋىلىشسىلا،بىز مۇشۇ ۋەجىدىن كەلدۇق.
_ بىز ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان،ئائىلىمىز بار، _ دېدۇق ھەيرانلىق ئىچىدە.
_ ئۇنىسى بىزگە مەلۇم، ئەپەندىم، بىراق ئىككىلىرنىڭ مەزلۇملىرى بۇ يەردىن ناھايىتى يىراقلىقتا قالدى،ئەر كىشى سەپەرگە چىقىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن خوتۇنسىز يۈرسە شەرىئەتكە خىلاپ بولىدۇ. بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭمۇ خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدۇ.شۇڭا، بۇ يەردە قايتا نىكاھلانماقلىرى بەرھەقتۇر. ئەگەر خالىسىلا قازى غوجام بىلەن ئاخۇنۇمنىڭ قىزلىرىنى ئەمىرلىرىگە ئىلىشسىلا، _ دېيىشتى ئۇلار ساقاللىرنى سىلىشىپ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىز ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدۇق ھەمدە نىمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدۇق.يۇرت كاتتىلىرىنىڭ بۇ گىپىنى قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمىغان ھالدا رەت قىلىغىلى بولار _ ھە! ؟
مەن ئالدى بىلەن ئۇلارغا تەشەككۈرۈمنى بۈلدۈردۈم، ئاندىن مۇنداق دىدىم:
_ ھۆرمەتلىك ئاقساقاللار، سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بۇ يەردە جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامباللىرى بار. ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىيقىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالىمىزنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. باش ئەلچى بولسا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىرلىندىكى گېرمانىيە پادىشاھىغا يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا، بىر ئەركەكنىڭ پەقەت بىرلا خوتۇن ئىلىشى بەلگىلەنگەن. ناۋادا گېرمانىيە پادىشاھى بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە خوتۇن ئىلىپ،ئۆي _ ئوچاقلىق بولغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ قالسا سىلەر دەپ بىقىڭلار، بىزنى قانداق جازاغا تارتىشى مۇمكىن.
_ ئەمىسە،مەن دەپ بىرەي، ھەر بىرىمىزنى يوغان كالتەك بىلەن 25 قېتىم ئۇرىدۇ!
ئۇلار گېوىمنى ئاڭلاپ،بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاتالمىش جازاسىدىن چۆچۈپ كىتىشتى ۋە ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىدۈرۈپ كېتىپ قېلىشتى.»
گۇننار ياررىڭ ئۆزىنىڭ 1929 _ يىلى9 _ قەشقەردىكى ئوردام مازىرىنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ... بىز مەپىگە ئولتۇرۇپ دۈشەنبە دىگەن كىچىك بازارغا كەلدۇق.ئاندىن بازارنى پىيادە ئايلاندۇق.كىشىلەر بىزقاتتىق ھەيران بولۇشتى. ئىلىگىرى بىر كىمنىڭ ( فەرەڭ يەنى ياۋروپالىق)نى كۆرگەنلىكى ھىچكىمنىڭ ئىسىدە قالماپتۇ.بىر توپ كىشىلەر ئارقىمىزدىن ئگىشىپ دەڭگىچە باردى.ئۇلار دەڭگە كىرگەندىن كىيىن.توختاپ بىزنىڭ يۈرۈش_تۇرۇشلىرىمىزنى كۈزىتىشكە باشلىدى.ئەتىسى بىزنى ئىككى خەنزۇ يوقلاپ كەلدى.ئۇلاردىن بىرىنىڭ بويى ناھايىتى ئىگىز، ئۆزى ئاۋاق بولۇپ، بەئەينى ئىسكىلىتتەكلا ئىدى.بىرلا كۆزى بار ئىدى،قۇلىقىمۇ پاڭ ئىدى. ئۇنىڭ قىياپىتى ئاسانلىقچە ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىقمايتتى. ئۇلار ئىككىسى گۆرۆخانا خوجايىنلىرى ئىكەن.بىز قونالغۇدىن چىقىپ ئىككىنچى كۈنى ئۆتەڭگە بارغاندا. كىشىلەرنىڭ ھېلىقى ئاۋاق ئىسكىلىتنى « پادىشا » دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۇق. چۈنكى ئۇ گۆرۈخانا ئىچىپ بىر قانچە يىلدا ناھايىتى كۆپ مال_دڭنيا يىغىۋالغانىكەن.... بىز ئىككىنچى كۈنى ئاچچىق دېگەن جايغا يىتىپ باردۇق.بۇ يەردىكى ئاھالىلەرمۇ دۈشەنبىدىكىگە ئوخشاش بىزنى كۆرگىلى دەڭگە يىغىلدى.بىز ئۇلاردىن بۇرۇن ياۋرۇپالىقلارنى كۆرگەن _ كۆرمىگەنلىكنى سورىساق:
_ كىچىكىمدە بىر پەرەڭنى كۆرگەنىدىم، _ دەپ جاۋاپ بەردى ئۇلاردىن بىرەيلەن.
مان ئوقۇغان كىتابىمغا ئاساسەن، ئاشۇ ياۋرۇپالىقنى ئەنگىلىيە ئارخېئولوگى ئاۋرېل ستەين بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 25 يىل ئۇ يەرگە كەلگەنىدى. ھەمراھىم تورېكنكۇست ئۇلاردىن بۇ يەردە يەنە كىملەر بارلىقىنى سورىغاندا ئۇلاردىن بىرى:
_ پەقەت بىرلا خەنزۇ بار، _ دەپ جاۋاپ بەردى. تورېنكۇست يەنە ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلاردىن بىرى:
_ پەقەپ بىرلا خەنزۇ بار، _ دەپ جاۋاپ بەردى. تورېنكۇست يەنە ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار گۆرۈخانا خوجايىنى، دەپ جاۋاپ بەردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گەپ جازانە بىرىش ۋە ئۆسۈم _ پايدا ئېلىشقا يۆتكەلدى.ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسىدە جازانىخورلىق قەتئىى مەنئىى قىلىناتتى. بۇيەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن. لېكىن، كىشىلەر دائىم قەرز ئىلىشقا توغرا كەلگەچكە، ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلمايدىغان گۆرۈخانا خوجايىنلىرىدىن قەرز ئىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ يەردىكى جازانىخۇرلار ىەممە يەردە بار ئىدى،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يا خەنزۇلار يا ھىندىلار ئىدى. ئۇلار قىلچە يول قويماستىن قىلچە يول قويماستىن جازانىخۇرلىق قىلىپ پايدا ئالاتتى.مەن دەڭدىكىلەرگە قاراپ:
_ بىز بىر ئىشتىن ھەيران قالدۇق، ئۇ بولسىمۇ سىلەر مۇسۇلمان تۇرۇپ،ھاجەتمەن بولغاندا بىر _ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايدىكەنسىلەر، _ دېدىم. كىشىلەر توپى ئىچىدىكى يۈرەكلىك بىرسى يۇقىرى ئاۋازدا:
_ گۆرۈخانىنىڭ خەنزۇ خوجايىنى بىر مۇسۇلمان يەنە بىرمۇسۇلمانغا بىر گەزچە كىلىدىغان قوتاز قۇيرىقىنى بىرىشنىمۇ خالىمايدۇ! دېگەنىدى، _ دېدى. ھېلىقى ئادەم يەنە مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:
ئۇ بىر تونغا سەككىز تەڭگە بىرىدۇ.بىر ھەپتىدىن كىيىن 12 پۇل تۆلەيمىز. مۇبادا ئالتە ئايدىن ئىشىپ كەتسە.گۆرۈگە قويغان تۆت توننى قايتۇرۋالالمايمىز.گۆرۈخانا خوجايىنى توننى سېتىۋىتىدۇ! مەن شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ دۈشەنبىدىكى ھىلىقى ئاۋاق،بىر كۆزلۈك ئادەمنى«پادىشاھ» دەپ ئاتىشىنىڭ قىلچىلىكمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوقلىقىنى ئويلىدىم...»
مانا بۇ ئەجنەبى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۆز دەۋردىكى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ كىشىنى تولىمۇ ئۆكۈندۈرىدىغان رېئاللىقى ئىدى.ئۇلار دۇنيانى چۈشەنمەيتتى.ئۆزىنىمۇ چۈشەنمەيتتى. دوستىنىمۇ بىلمەيتتى.دۈشمىنىنىمۇ بىلمەيتتى.دۇنيا ھەققىدىكە يىڭى ئۇچۇردىن بولسا تامامەن بىخەۋەر ئىدى. چەكلىك بوستانلىقلاردىكى چەكلىك يەرلەرگە باغلىنىپ،ئەۋلادمۇ_ئەۋلاد ئۆزگەرمەيدىغان تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدى.شۇڭلاشقا كۆپلىگەن ياۋرۇپالىقلار ئۇلارنى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان،دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن مىللەت، دەپ بىلگەنىدى.

 

___ باشقۇرغۇچى : Naikon.x تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-08-26

 

izlax.com
| ۋاقتى : 2008-08-26 19:20 [باش يازما]
AtTiLA
تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا

موللا تاپقاق يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 3564
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1573
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1573دانە
شۆھرەت: 11873 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 58 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :434(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-29
ئاخىرقى :2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن بۇنى ئوقۇپ ، بىر ئاچچىق ئۇھ تارتىم ، نىمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم ، بۇنىڭدىكى مەسىلە زادى نىمەدە؟؟؟
بۇ قاشاقلىق زادى نىمىدىن كەلگەن؟

شەبنەمدىكى كىشلەر ھەر خىل ، يازغان ئىنكاسلىرى سەرخىل
| ۋاقتى : 2008-08-26 19:38 1 -قەۋەت
kumbah

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 417
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە417دانە
شۆھرەت: 418 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4165 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :182(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-07-20
ئاخىرقى :2008-09-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياش ئالىم ئەسئەت سۇلايمان ئۇيغۇر تارىخىنى قېزىپ چىقىپ ئۆتمۇشمىزنى يۇرتۇپ بېرۋاتدۇبىز ئۆتمۇشتىن ساۋاق ئېلشىمىز كېرەك.
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
http://img701.photo.wangyou.com/2008/09/10/1787703/20080910041944_1_2.jpg
| ۋاقتى : 2008-08-26 20:02 2 -قەۋەت
tograh0997

يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2272
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2272دانە
شۆھرەت: 2369 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :338(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-13
ئاخىرقى :2008-09-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ئەسەر قايسى ماتىرىيالدا ئىكەن
ھەقىقىي مىسۋاك
./read.php?tid-62328.html
| ۋاقتى : 2008-08-26 20:07 3 -قەۋەت
jimhur_yeget

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 57097
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-12
ئاخىرقى :2008-09-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تەكلىماكانغا كۆمىلگەن روھ
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-08-26 20:11 4 -قەۋەت
basit

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 27975
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 234
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە234دانە
شۆھرەت: 235 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :75(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-18
ئاخىرقى :2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسئەت سۇلايمان ناھايىتى قابىلىيەتلىك ياش ئالىم،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ زىرىكمەيمەن.
| ۋاقتى : 2008-08-26 20:58 5 -قەۋەت
YOLLAN

ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 30264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 703
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە703دانە
شۆھرەت: 709 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7055 سوم
تۆھپە: 42 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :90(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-19
ئاخىرقى :2008-09-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
بۇ يازما4قەۋەتتىكىjimhur_yegetنىڭ2008-08-26 20:11يوللىغان  :
تەكلىماكانغا كۆمىلگەن روھ



«تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ » .
بولسا توغرا يازايلى .
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
يـــاشــلــىــق ـــ  ئــۈگـــەن !!!!                                                  
| ۋاقتى : 2008-08-26 22:01 6 -قەۋەت
usb

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21607
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە115دانە
شۆھرەت: 131 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 951 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :225(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-05
ئاخىرقى :2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قانداقتۇر مۇشۇ ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ ئەسەرلىرىنى مىڭلاپ ئوقۇساممۇ يەنىلا زىرىكمەيمەن.
مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ قەدىرگە ئۇيغۇرلىرىمىز يەنە 50 يىلدىن كىيىن يىتىشى مۇمىكىن، ،ھاياتىدا ئەزىزلىمىدۇق،ئۆلگەندە كۆزىمىزنىڭ يۇندىسىنى ئىقىتىپ ئولتۇردۇق...

بولسا قالغان ھاياتلىرىنىڭ قەدىرىگە  ھازىر بولسىمۇ يىتەيلى. مىڭ بىر جاپادا چىقارغان كىتابلىرى كىتابخانىلاردا توپا بىسىىلغان ھالەتتە ياتىدۇ.
ئىزدەپ يۈرۈپ بولسىمۇ ئىلىپ ساقلاپ قويايلى. بىزلەر ئوقۇمىساقمۇ كىلەچەكلىرىمىز بولسىمۇ ئوقۇسۇن.
بىر-ئىككى قىتىملىق نەغمە سورۇننىڭ بەدىلىگە بولسىمۇ.....
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-08-26 22:23 7 -قەۋەت
turditohti

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58030
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :72(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-25
ئاخىرقى :2008-09-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىكىنمىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچچىق تارىخ،ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئەسەرلىرى پەلسىپىۋى كۆز قاراشلارغا تۇيۇنغان شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرلىرىنىڭ قايىل قىلارلىغى يۇقىرى بۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ قايىللىغىنى قوزغىغان
ئاپتۇرغا ۋە يوللىغۇچىغا رەھمەت
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-08-27 09:21 8 -قەۋەت


 

Time now is:09-14 14:06, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation