يەنە بىر دادا دەۋالسامچۇ؟
مەن ئەقلىمگە كەلسەم دادام مىنى تاشلاپ ئاللىقاچان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ ، باقى ئالەمگە كەتكەن ئىكەن ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەن بىرەرسىنى ۋاستىسىزلا دادا دەپ چاقىرىپ باقمىغان ئىدىم ، مىنىڭ ماددىۋى جەھەتتىن ھەممە نەرسەم تۇلۇق ، بىراق مەندە كەم بۇلىۋاتقىنى تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىققا تولغان ئىللىق بىر ئائىلە! ماڭا ئىللىق مىھرى بىلەن قاراپ مېھىرلىك كۆزلىرىنى كۆزلىرىمگە تىكىپ تۇرۇپ مىنى ئەركىلىتىپ پېشانەمگە سۆيۈپ قويىدىغان ئاتا -ئانا ! قارغۇنى كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ، دىگەندەك ئۇلۇغ ئاللا ماڭا ئاجايىپ مىھرىبان ، كۆيۈمچان ، ئاجىزلارنىڭ يۆلەنچۈكى، يىتىملەرنىڭ باشپاناھى ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلسا بىر نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ، ئۆزۈمنىڭ دىمەي قىيىنچىلىقتا قالغان بارلىق يىتىم -يىسىرلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغان ، شۇنداق ياخشى بىر ئاقكۆڭۈل ئادەمنى بەرگەن ئىدى، ئۇ مىنىڭ تاغام لېكىن مەن بىر ئادەم ئۆز دادىسىدىن كۆرمەيدىغان ياخشىلىقنى شۇ تاغامدىن كۆرگەن ئىدىم، ئۆمرۈمدە تاغامدەك بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ، بىر تاغامنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەپ باقمىغان ئىدىم ، تاغام شۇنداق ھۆرمەتكە لايىق ئادەم ئىدى. مەنغۇ ئۆزىىنىڭ قىزىنىڭ ئورنىدا بېقىش مەجبۇرىيتى بار دەيلى ئۇندىن باشقا ئۇرۇق -تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى يوق بالىلارنىمۇ ئۆز بالىسدەك كۆرۈپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھۈنەرلىرىدىن ئۆگىتىپ ئۇلارنى يولغا باشلايتتى ، بۇلارنى دىسەم مۇنبەر كىچىكلىك قىلىدۇ، ئىشقىلىپ باشقا ئىشلىرىنى تىلغا ئالمىساممۇ ماڭا قىلغان غەمخورلىقىمۇ تاغامنىڭ خاراكتىرىنى بەلگىلەپ بېرەتتى ، دۇنيادا بىر ئادەمنى تاغامنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ، بىر ئادەمنى تاغامنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەپ باقمىغان ، ماڭا كەلگەن بىرەر ئاۋارىچىلىق تۈپەيلى تاغامنىڭ كۆڭلى رەنجىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايتتىم. مەن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تاغامغا بىرەر زىيان -زەخمەت يىتىپ قېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايتتىم، ئۇنى دادا دەپ چاقىرىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ ۋاستىسىز دادا دىمەي ئىسمىنى ئاتاپ سىراجى ئەخمەت دادا دەيتتىم، ئەمدى تېخى بىر نەچچە ئاي بولغان دادا دەپ چاقىرغان ئىدىم ، تېلفۇندىمۇ بىر نەچچە قېتىم دادا دەپ چاقىرغان ئىدىم ، كىم بىلسۇن بۇ كۈنلىرىمنىڭ ئۇزۇنغا بارمانيدىغانلىقىنى؟ يېتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا بارسا بۇرنى قاناپ كىتىپتۇ ، دەپ مەن ئەمدى دادا دەي دەپ تۇرىشىمغا تاغاممۇ مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى! ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟ تاغامنىڭ كەينىدىن بىللە ئۆلەيمۇ؟ زادى قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ مۇشۇ سۇئاللار مىنىڭ نىرۋامغا كىرۋېلىپ ھاياتلىق يۇلۇمنى توسۇۋالماقتا ! تاغام ماڭا ھاياتلىق يۇلۇمنى توغرا تاللاپ ماڭالىغۇدەك ئىلىم ئۆگۈتۈپ قۇيۇپ ئەنىڭدىن كېيىن مىنى بۇ ئەگىر توقاي ھاياتلىققا باشلاپ قۇيۇپ ئۆزى غايىپ بولغان ئىكە ن! ھېلىمۇ ھەم خېلى گاڭگىراپ قېلىۋاتىمەن! مەن ئۆز ئۆزۈمگە دائىم شۇنداق تەلەپ قۇيىمەن ؛ ھەي خەيرىگۇل سەن چۇقۇم مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىڭنى يېتىلدۇر! سىنىڭ ھاياتىڭ ئۆزۈڭگىلا مەنسۇپ ئەمەس! ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قان تەرى سىڭگەن، سەن چۇقۇم ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭ كېرەك ! سەن ھەرگىزمۇ جەمىئيەتتە بىر كىشىلىك ئادەم ئەمەس! سەن چۇقۇم ئاتا-ئاناڭنىڭ سىنى تەس بېقىپ چوڭ قىلغان مىھرىبان چوڭ ئاناڭنىڭ ، سەن ئۈچۈن سىنىڭ خوشاللىقىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلالايدىغان تاغاڭنىڭ ، سەن ئۈچۈن خوش بۇلىدىغان ، سەن ئۈچۈن قايغۇرىدىغان ھامماچىلىرىڭنىڭ ئۈمىدىنى ئاقىمىساڭ بولمايدۇ! دەپ ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى ھەم ئىلھام بېرىپ ياشاپ كىلىۋاتىمەن ، مانا تۆت ئاي بوپتۇ، مەن تاغامنى دادا دىيىش تۈگۈل ئۇنى بىرەر قېتىممۇ كۆرەلمىدىم ، مەڭگۈ كۆرەلمەيمەن! جېنىم تاغا سىزنى يەنە بىر قېتىم ئارتۇقراق دادا دەۋالسامچۇ؟ ئىللىق باغرىڭىزغا بىر قېتىم ئۆزۈمنى ئاتسامچۇ؟ جېنىم تاغا سىز مىنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىمنى بەكمۇ خالايتتىڭىز، ئەمدى مەن بەخىتلىك بولسام كىم سىزچىلىك خوش بۇلىدۇ؟ سىز بولمىسىڭىز ،ماڭا بەخىتنىڭ نىمە كېرىكى؟ جېنىم تاغا ئاللا ياتقان يىرىڭىزنى جەننەتتە قىلسۇن! سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ ! مەن چۇقۇم ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن ! دۇنيادا قەيسەر لىك ، ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاپ مەندەك بىر قىزنى باققانلىقىڭىزدىن نۇمۇس ئەمەس پەخىرلەنگۈدەك ياشايمەن .