| ||||||
ozbax دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئةللىمخىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئةللىم (ھېكاية) جېلىل ئاۋۇت _ ئةخمةت مۇئةللىم،سىز تۆتىنچى سائةت دةرس ۋاقتىنىڭ يېرىمى قالغاندا نةگة باردىڭىز؟ _ ياتىقىمغا كىرىپ تاماق ئىتىپ يىگةن ئىدىم. _ تاماقنى چۈشلۈك ئارامدا ئىتىپ يىسىڭىز بولمامدۇ؟ _ قىرىق مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا تاماق پىشۈرۈپ يةپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكةنمةن،شۇڭا تۆتىنچى سائةتتة دةرسىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرراق تاماق ئىتىپ يىگىلى چىققان ئىدىم. _ تۆتىنچى سائةتتة دةرسىڭىز بولمىغان بىلةن خىزمىتىڭىز بارنى بىلمةمتىڭىز! _ بىلىتىم،بىلسةممۇ قانداق قىلىمةن! ئاچ قورساق خىزمةت قىلغىلى بولمايدىكةن بۇ سةھرادا. _ كىم سىزنى ئاچ قورساق خىزمةت قىلسۇن دةپتۇ،تاماق ئىتىپ بېرىدىغان خوتۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ!؟ _ ئةمدى شۇ شۇجاڭ،قىز بالا بىكارغا تةگمةيدىكةن،بۇ ئاتمىش يۈةن ئىش ھةققىم بىلةن يا ئۆيلةنگۈدةك پۇل يىغالمىدىم. _ پۇل يىغالمىغان بولسىڭىز،مةن خوتۇن ئالىتىم،ياردةم قىلىڭلار دةپ،خورجۇن كۆتۈرۈپ تىلةڭ! _ ئۇنداقمۇ دةپ كةتمىسىلة شۇجاڭ،مةنمۇ رةسمىيلىشىپ قالامةن بىر كۈنى. _ نېمىشقا دېمةيمةن! بىر كۈنى بولسا كېچىكىڭ،بىر كۈنى بولسا بالدۇر ئارام ئېلىۋېلىڭ!‹‹ھېجى ...قىز تۆۋة قىلماپتۇ،تۆۋة قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ››دةپ شۇنچة قېتىم نةسىھةت قىلسام تۈزةلمىگةن... _ ھةي ئوغىرى كىم ھېجى قىزىكةن!ئاغزىڭنى چاغلاپ گةپ قىل جۇمۇ!كىچىكةن،بالدۇر ئارام ئالغان بولسام،ھةر ئايدا كاڭگۇڭ قىلىۋاتىسةنغۇ! _ سةن ھېجى قىز! سةن بولماي كىم ھېجى قىز بولۇتتى! _ مېنىڭ قېيىرىم ھېجى قىزكةن،ھېجى قىزلىقىمنى كۆرسىتة! _ ھېجى قىزلىقىڭنى تېخىچة بىلمةيۋاتامسةن!ھېجى قىز بولمىساڭ يىگىرمة ئالتة يېشىڭغىچة خوتۇن ئالالماي يۈرةمتىڭ! _ نېمة دةيدۇ ماۋۇ ماز ئوغىرى, ھاۋاگۈل قىزىڭنى ماڭا بېرەمسەن ئەمىسە! _سەندەك قەلەندەر ھېجى قىزغا ھېلىغۇ قىزىم ئىكەن،قىزىمنىڭ بۇرنىنىڭ قەقىچىنىمۇ بەرمەسمىنا! ئةخمةت مۇئةللىم چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ مةكتةپ مودېرى تۇرةك توختىنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى.دةل شۇ چاغدا دةرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىرگةن ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ ئۇلارنى تۇتىۋېلىشتى. _ ۋوي نېمة بولدى ئةخمةتجان،گةپ بولسا چىرايلىق دةڭ! _ مېنى قويۇپ بېرىڭلار ئاداش،ماۋۇ ماز ئوغۇرى مېنى ھېجى قىز دةيدا ئةجةپ،بۈگۈن يا ئۇ مېنىڭ ھېجى قىزلىقىمنى چىقىرىدۇ، يا مةن ئۇنىڭ چىشلىرىنى بىردىن تۆكۈمةن. _ ھېجى قىز بولماي نېمة سةن،يةنة دةيمةن،سةن ھېجى قىز!ھېجى قىز بولمىساڭ،خوتۇن ئالالايتىڭ! _ شوجاڭ،سىلىمۇ چىرايلىق گةپ قىلسىلا بولمامدۇ! ماڭسىلا،بىردةم ئۆيلىرىگة كىرىپ تاماكا چىكىپ چىقسىلا! ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككةيلةننى ئايرىۋېتىشى بىلةن بۇ جىدةل ئاران بېسىقتى. X X _ مائارىپ ئىدارىسىغا قةدةملىرى يىتىپ قاپتىغۇ تۇرةك شۇجاڭ!ئۆزلىرى،بالا-ۋاقىلىرى،مةكتةپ ئىچى تىنىچلىقتۇ؟ _ تېچلىق...،جۇيجاڭ،سىلىگة مةلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى، شۇڭا... _ ھة،نېمة ئىشتى،يةنة ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىلىتةلمىدىم،بوي سۇنمىدى،دةپ كةلمىگةنلا! _ ياق... بۇ قېتىم،ئىقتىسادىي ئىش بىلةن كةلگةن. _ ئىقتىسادىي ئىش؟ قانداق ئىقتىسادىي ئىش، تېز دېسىلة! _ مةكتىۋمىزنىڭ بۇغالتىرى ئةخمةت مةمةت مةكتةپنىڭ ئالتة مىڭ ئۈچ يۈز ئةللىك نةچچة يۈةن نةق پۇلى بىلةن بۇيىل تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئونبةش ياشلىق چىرايلىق قىزىمنى ئېلىپ قېچىپتۇ! _ ۋوي تۈز گةپ قىلسىلا،بىر ئوبدان خىزمىتنى تاشلاپ قاچىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ بولامدۇ؟ _ ئۇ ئاتمىش يۈةن ئىش ھةققى ئالدىغان دةيكۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى،شۇڭا... _ دةيكۇ ئوقۇتقۇچى؟!مةكتةپتة گۇڭبةن ئوقۇتقۇچى يوقمىتى! سىلة نېمىشقا دةيكۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇغالتىرلىقنى تۇقۇزغان؟ئۇنى نةدىن تاپسىلا –تاپسىلا، بولمىسا ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ ھةممىسىنى ئۆزلىرى تۆلةيلا! _ ھۈ..ھۈ.... مةن يا خةنزۇ تىلى بىلمىسةم،ئةمدى قانداق تاپامةن ئۇ ھېجى قىزنى كۇلىيدىن..... _يىغلىماي سۆزلىسىلة!ئۇلارنىڭ كۇلىيگة كةتكىنىنى سىلة قانداق بىلدىلة؟ _ ئاخشام تېلېفۇن قىلىپتۇ بىز لةنجۇدا دةپ. _ كىم تېلېفۇن قىلىپتۇ؟ _ ئةخمةت دېگةن ھېجى قىز تېلېفۇن قىلىپتۇ. _ چىرايلىق گةپ قىلسىلا،قىزلىرىنى ئېلىپ قاچقان ئادةمى تولا ھېجى قىز دةۋةرمىسىلة.نېمة دةيدۇ ئۇ تېلېفۇندا؟ _ قىزلىرىدىن خاتىرجةم بولسىلا،كېلةر يىللىققا قىزلىرى يةڭگىگةندة ئاندىن ئۇنى ئېلىپ مةھةللىگة بارمةن دةيدۇ.ھۈ...ھۈ...قىزىم تېخى يةنة ئونبةش كۈندىن كېيىن تولۇقسىزنى پۈتۈرةتتى.مةن ئۇنى ئالىي مةكتةپ پۈتۈرگىچة ئوقۇتاي دةپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.ھۈ...ھۈ... _ ئۇلار قاچقىلى قانچة كۈن بولدى؟ _ قىزىم بىلةن ئىككىسى يوقاپ كةتكىلى بىر ھةپتة بولدى،بىز ئۇلارنى ئىزدىمىگن جاي قالمىدى. _ بىر ھةپتة بولغىچة نېمة ئىش قىلدىلا،ئىدارىگة مةلۇم قىلماي،ئۇلارنى ئۆزلىرى قاچۇرۋةتلىمۇ يا! _ تۆۋة دېسىلة جۈيجاڭ،مةن ئۇنىڭغا بةك ئۆش.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان،گةپ قىلىشمىغىلىمۇ يېرىم يىلدةك بولغان... _ ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتىدىغان سىنىپى بارمىتىى؟ _ سىنىپ تۇتمايتى،خةنزۇ تىلى دةرس ئۆتةتتى. _ بولدى،كۆڭۈللىرىنى پاراكةندة قىلماي،ئىدارىگة قارىتا بۇ ئىش توغۇرلۇق تةپسىلى مةلۇمات يازسىلا! ئۇ كةلمىسة ئېلىپ قاچقان پۇلنى سوت ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئالارمىز. _ ۋاي جۈيجاڭ،نةدة ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسۇن،دادىسى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كېتىپتىكةن،ئاپىسى تولۇق ئوتتۇرا مةكتةپنى پۈتتۈردىغان چاغدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنىمىسى يوق يالاڭ تۆش دېسىلة ئۇ...... (ئاساسةن تۈگىدى) 2008-يىل8-ئاينىڭ22-كۈنى كةچ يېزىلدى . [ يوللىغانozbaxتەرىپىدىن2008-09-19 21:59قايتا تەھرىر ] ___ باشقۇرغۇچى : arteken تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-08-24
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
tekken دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كۆرسۈتۈپ قۇيۇپتۇدە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
UyTurk دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شوجاڭنىڭ «ھېج ىقىز» دېگىنىگە تويغۇزۇپتۇ-دە!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
818sabda | باشقىلارنى رەنجىتىش ئۇزىنى رەنجىتىش دىگەنلىك
| ||||
---|---|---|---|---|---|
arkhon | ئەتتىگەندە ئادەمنىڭ كەيپىنى كۆتۈرىدىغان بىر ئەسەرنى ئۇقۇغىنىمدىن خۇشالمەن ،تىما ئىگىسىگە رەھمەت..
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Nurlan_Uighur | ئۆز باش ئەپەندىمنىڭ بۇ ھىكايىسىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت يار بولغاي، سالامەت بولۇڭ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | ئادەمنى سۈيۈندۈرگىدەك ھېكايىكەن
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ayal~jangqi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەخمەت سىزگە،،،،
ئەسىرىڭىز ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىكەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، | ||||
---|---|---|---|---|---|
baji | ئوغولبالا. تازا بەلەن قىپتۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ak--47 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىز نىڭ مەكتەپ مۇدىرى پەقەت ئادەم ياراتمايدۇ ! لىكىن خۇشامەتچى ، ھاراققا،ئامراق بولسىڭىز سىز بىرىنچى !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
@DIL@ | باجى ئەپەندى ، راسلا باجىدھك كەلتۇرۇپسىز؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | رەھمەت سىزگە
قەلىمىڭىزگە قايىلمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
suzuk881 | رەھمەت ،راستلا ئادەمنى سۈيۈندىردىغان ئەسەركەن بۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
=yaprak= دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆزاڭنى ئەر چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا دىگەن شۇدە،مەن دىگەن شوجاڭ دەپ ،خالىغانچە كىشىنىڭ غۇرورىغا تەگسە بولمايدۇ-دە! ؟.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
layli0323 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى..... بولسا ئوقۇتقۇچىلار تورمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرىنەڭز بولسا كۆپرەك يوللاپ بېرىڭ.....
| ||||
---|---|---|---|---|---|