ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 6246 ـ ئوقۇرمىنى
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئـازار خـۇدا بـىـزار
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 1982
شۆھرەت: 2193 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20100 سوم
تۆھپە: 553 نۇمۇر
ياخشى باھا: 443 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا

tilek
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى qumqazi نادىرلىدى(2008-08-20)

ئاپتۇرى: ئۇيغۇر ئاي


يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا



<< قايتا تەربىيلەش دولقۇنى>> بىلەن بېيجىڭدىكى ئوقۇشۇم تۈگىگەندىن كىيىن يېزىغا بىر يىللىق تەربىيلىنىشكە چۈشۈرۈلدۇق.
مەن بارىدىغان بۇ يىزا شەھەر مەركىزىدىن 80 كېلومىتىر يىراق بولۇپ، ئاتا_ئانامنىڭ قانچىلىك يول ماڭغىنىغا قارماي، مىنى شۇ يەرگە <تەربىيلىنىشكە> ئەۋەتتى.
نەرسە_كېرەكلىرىمنى يىغلاپ _قاقشاپ يۈرۈپ يىغىشتۇرغاندىن كىيىن ، ئاتا_ئانام بىلەن خوشلىشىپ، ھەر قايسى يىزىلارغا بۆلۈنگەن ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتۇبۇسقا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا چىقىپ ئۆيۈمدىن ئايرىلدىم.
شوپۇر مىنى بارار مەنزىلىمگە تاشلاپ قويۇپ يولىغا راۋان بولدى. بۇ مەن ئىشلىمەكچى بولغان يېزىنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم ھەم كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.

نەچچە يىلنىڭ ياقى بېشىغا دەسسەپ ماڭسىمۇ بولغۇدەك ئادەملەر توپىدا، تۆت ئەتراپقا قارىسا، بويۇنغا يەل تۇرۇپ قالغۇچە ئۇچى كۆرۈنمەيدىغان بىنالار ئارسىدا ، ۋاراڭ_چۇرۇڭ دەستىدىن قۇلاقلار پاڭ بولۇپ قالاي دەيدىغان يەردە ياشاپ كۆنۈپ قالغاچقا ماۋۇ سەھرا كۆزۈمگە شۇنچىلىك غەلىتە كۆرۈندى. ئەڭ بولمىسا مەن بەش يىل ياشىغان يېڭىدىن قۇمدەك بىنالار تىكلەنگەن، مەن بۇرۇن تۇرغان <ئاۋات> يەرنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ قالغان شەھرىمىزدە ئىشلىسەممۇ بولىۋىرەتتى، قايتا تەربىيەكەن تىخى،،ھىم،،،،،،،،،خىيالىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا، كوچىنىڭ قارشى تەرپىدىن توپا توزۇتۇپ كېلىۋاتقان ناھايتى <يېڭى> ئاپتۇبۇسنى كۆرۈپ قولۇمنى پۇلاڭشىتتىم. _مىنى ئويمان مەھەللىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويالارسىزمۇ؟
_كىيىم_كېچەكلىرىمگە قاراپ باينىڭ قىزى دەپ قالدى بولغاي،
_ ئەسلى ئۇ مەھەللىگە بارمايىتتىم، قېنى بەش كوينى ئوشۇق بېرىڭ، مەكتەپنىڭ ئىچىگىلا ئەكىرۋىتەي،
_ بولىدۇ،،،،،،
تەخمىنەن ئۈچ كېلومىتىر ماڭغاندىن كىيىن ھىلىقى <بازار>دىنمۇ تىمتاس بولغان ئويمان مەھەللىسىگە يىتىپ كەلدۇق، بۇ ۋاقىتتا سائەت يەتتىلەرگە يىقىنلاپ، كۈن پىتىشقا باشلىغان ئىدى.
ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ، ئىككى ئىغىر چامدىنىمنى ئىنجىقلاپ ئاران كۆتۈرگەنچە مەكتەپنىڭ ئۇدۇل كەلگەن بىر ئىشخانىسىغا ئۈسۈپلا كىردىم.
ناھايتى ئازادا، ۋە سالقىن ئىشخانىنىڭ بۇلىڭىدا بىرسى بېشىنى چۆكۈرگەنچە بىر نەرسىلەرنى يازماقتا ئىدى.
_ئادەم بارمۇ؟
_ كۆزىڭىزگە جىندەك كۆرۈنۋاتامدىم خان؟،شۇنداق دىگەچ بىشىنى كۆتۈرگەن بالىغا قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن، قاش_كۆزلىرى شۇنداق كىلىشكەن، ئاۋازى تاغ سۈينىڭ يىقىملىق شارقىراپ چۈشىشىنى ئەسلىتىدىغان، ۋە تەمكىن.
_ نىمە تۇرۇپلا قالدىڭىز؟ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟
_ مەن مۇشۇ مەكتەپكە يېڭىدىن بۆلۈنگەن مۇئەللىم، ئىسمىم نىگارە، شۇ ياردەم قىلدىغان بىرەرسى بولسا ياتىقىمنى تىپىۋالاي دەپ،،،
_ بۇرۇنراق دېسىڭىز بولماسمىدى، بايا تىخى مۇدىر دەپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن،
ئالدىمدا چامادانلىرىمنى كۆتۈرۈپ گۈرسۈلدەپ دەسسەپ كېتىۋاتقان بالىدىن ئارتۇق سوئال سوراشقا پېتىنالمىدىم، 
نەرسە_كېرەكلىرىمنى بېسىقتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا، ئىشىك چىكىلدى، ئاچسام بايىقى بالا، بىر قولىدا ئەپچىلگىنە كورا، يەنە بىر قولىدا كىچىك چايدان تۇراتتى.
_ ئېلىڭە خېنىم مانى، ھاردۇقى چىقىپ قالسۇن دەپ ئېلىپ كىردىم.
قايتۇرغان رەھمىتىمنى ئاڭلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن تېزلىكتە غايىپ بولدى. يېنىمدا ھېچكىم يوق، ھازىرلا تۆت تام يەپ كىتىدىغاندەك، ھى،،ئەكىرگەندىن كىيىن جىقراق ئەكىرسە بولمامدۇ. چالىسى قالدى، ماۋۇ قورساقنىڭ، ئەجەپمۇ ئوخشاپتىكەن. ئاران قىلىۋاتقان ئىشتەي نەغمەمنى بۇزۇپ چۇرۇلداشقىنىچە ئۈچ قىز كىرىپ كەلدى. ئۇلار مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتداشلىرىم بولۇپ، كېلىدىغىنىمنى بىلىپ ئالايىتەن كەپتىكەن،،،،،بىر يازغۇچى تەسىۋلىگەن، سەھرانىڭ ئىتىز قىرغاقلىردا ئۆسۈپ قالىدىغان خۇشپۇراق ياۋا گۈللەردەك، بۇ <سەپكۈل يۈز، پىروزە كۆز> قىزلارنى بىر كۆرۈشتىلا ياقتۇرۇپ قالدىم.
_ ياخشى ئورۇنلىشۋالدىڭىزمۇ ياتىقىڭىزغا ، _ دېدى گۈزەل ئىسىملىك كۆزلىرى ئويناپ تۇردىغان قىز _ شۇنداق، رەھمەت، ئۇدۇللا بىر ئىشخانىغا كىرسەم قاپىقى يامان بىر بالا ئولتۇرۇپتۇ، شۇ ياتاققا ئەكىرىپ بەردى نەرسىلىرىمنى، ئاپىسى ئەتكەن سۇيقاشتىن بىر قاچا ئەكىلىپ بەردى تىخى،،،،
_ ھا ھا ھا ھا ھى ھى ھى
_ نىمە بولدى؟
_ ۋاي بۇ يەردە غالىپنىڭ ئاتا_ئانىسى نىمە ئىش قىلسۇن، ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش <تەربىيە> ئالغىلى كىلىپ مەرى چۈشۈپ قېلىپ كىتەلمىگەن بىر بالا. ئۈچىمىز بەك ئامراق دەڭە ئۇنىڭغا، ئاچچىقى يامان بولغىنى بىلەن بەكلا كۆيۈمچان، ماگىنىتى كۈچلۈك، قىزلار پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى. شۇ تەرىقىدە بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم.بەكلا ھېرىپ كەتكەچكە ئەتىسى سائەت 10 بولغۇچە ئۇخلاپتىمەن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ سائەتكە قاراپ قىلغان قىلىقىمدىن خىجىل بولدۇم. بىرىنچى كۈنىلا بۇنداق قىلىشقا باشلىسام ئىككى كۈندە قوغلىۋىتەر بۇ خەق مىنى. ئىشلىرىمنى ئالدىراپ تۈگىتىپ مۇدىر ئىشخانىسىغا ئەيمىنىپ كىرىپ كەلدىم.
_ كىرىڭ قىزىم، مانا_مانا، ئايدەك مۇئەللىم قىزىمدىن يەنە بىرسى كەپتۇ ئەمەسمۇ، قىنى ئولتۇرۇڭ!ئارخىۋىم ئۆزۈمدىن بۇرۇن كىلىپ بولغاچقا مۇدىر ئالدىرماي سۆز باشلىدى.
_ قىزىم بېيجىڭدا ئىنگىلىز تىلى تەرجىمانلىقنى ئوقۇپسىز، لىكىن بىزنىڭ  بۇ يەرلەردە، قاسساپنى تۆمۈرچىلىككە، تۆمۈرچىنى قاسساپلىققا قويغاندەكلا ئىشلار جىق، ھەم بۇ سەھرادا ئىنگىلىز تىلى ئۆتۈلۈپ باقمىدى، بىز بىر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىغا ئىھتىياجلىق، بولسا تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرىسىنى بىرىڭ! ئەمدى سىزنى ئىشخانىڭىزغا ئەكىرىپ باشقىلار بىلەن تونۇشتۇراي.ھەممە ئوقۇتقۇچىلار دىگۈدەك دەرىسكە چىقىپ كەتكەچكە، مۇدىر ماڭا بەلگىلەپ قويغان ئورۇننى كۆرسىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.، كىچىككىنە ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، بۇرۇن قىلغان شېرىن ئارزۇلىرىم، ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىپلا غايىپ بولغاندەك ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.  
جىرىڭ، جىرىڭ، جىرىڭ بۇ ئادەمنى ئەنسىزچىلىككە سالىدىغان ئىلىكتىرونلۇق قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى ئەمەس، ئەجەپمۇ يىقىملىقكىنە،،،،،،،،،ئوقۇتقۇچىلار بىر _بىرلەپ ئىشخانىسىغا كىرىشكە باشلىدى، ئۇلار بىلەن ياخشىمۇسىز دىيىشىپ ئىللىق تەبەسسۇمدا كۆرۈشتۈم.

_ قاچانغىچە قاقشايمەن بۇ ياغاچ قۇلاقلارغا، سىنىپنىڭ ئىچىدە سۇ چىچىشىپ ئوينىما دەپ تۇرسام،،،،،،
_ ياخشىمۇ سىز؟
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،،،،،يېنىمدىكى ھەممەيلەن مېنى مەسخىرە قىلغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىسەم بولمامدۇ مەنما،،،،،،،،
ھەپتىدە بىر كىلىدىغان ئاتا_ئانامنىڭ تېلىفۇنىنى نەچچە كۆزۈم بىلەن كۈتەتتىم، تىلفۇننى ئالا_ئالمايلا يىغلاشقا باشلايىتتىم. ھىلىقى < نوچى> خىزمەتدىشىم ماڭا ئۇششۇق دىگەن لەقەمنىمۇ قويۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

لېكىن بىر نەچچە ئايلاردىن كىيىن  بۇ سەھرا ئۆزىنىڭ تەبىئى گۈزەللىكى، ئادەملىرى ، ساختىلىقنى بىلمەيدىغان ئاق كۆڭۈل، مىھماندوستلىقى بىلەن مېنى بۇ يەرگە بارغانسىرى باغلاپ قويدى
غالىپ بىلەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشى ئۆتىدىغانمۇ بولدۇم، بەزى بىلمىگەن جايلارنى سورىغىنىمدا <مۇشۇنىمۇ بىلمەيدۇ ۋۇ كالۋا> دېگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا راستىنلا ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتاتتۇق. خىزمەتداشلىرىم ئىككىمىزنىڭ يېقىن ئۆتكىنىگە قاراپ ئىككىمىزنى يۈرۋاتىدۇ دەپ قالغان چىغى، مەنىلىك چاقچاقلارنى قىلىشاتتى. 
ھى ھى مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، بۇنداق ياخشى بالىنى كىممۇ ياخشى كۆرمەس،،،،،،،،
لېكىن ئۇنىڭ ئىچكى ھىسىياتىنى بايقاش قىيىن بولغان چىرايدىن ئەلۋەتتە مىنى خىيال قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان كۈز كۈنلىرنىڭ بىردە ئۆيۈمگە بىرىپ كەلدىم. لىكىن بىر نەرسە مىنى سەھراغا تېزراق كېتىشكە ئالدىرىتاتتى.
قىشنىڭ ئاجايىپ سوغۇق، قار قىلىن ياغقان بىر كۈنى، خىزمەتداشلار قىزىقچىلىقتا توشقان قوغلاشنىڭ گىپىنى قىلىپ قالدى، ئەزەلدىن ئۇنداق بەخىتكە نائىل بولۇپ باقمىغاچقا، توشقان قوغلايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ شۇنداق خوش بۇلۇپ كەتتىم .
شۇنىڭ بىلەن غالىپ قاتارلىق بىر نەچچىمىز يېرىم سائەتلىك يولنى پىيادە يۈرۈپ، بىر ئېتىزلىققا يېتىپ كەلدۇق. نەدە تەييار تۇرغان توشقانكەن بىزدەك كالامپايلارغا، ئىككى مىنۇتتىلا  بىزنى كەينىدە قالدۇرۇپ قىچىپ كەتتى

_ ئەنە توشقان، توشقان،
_ قېنى؟ قېنى؟
_مانا، بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنى كۆرسىتىپ كۈلدۈم.

_ ۋۇ سەت ئۇششۇق، پىت كۆزلىرى توشقاننى ئەمەس، ئالدىدىكى ئۆكۈزنى كۆرمەيدۇ، تېخى ئادەم ئالدىغۇدەك بوپتۇ.  بۇ گەپنى ئاڭلاپ، توشقاننى قويۇپ يەردىكى ئاپئاق قارنى پوملاقلاپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىشقا باشلىدىم.
بىر_بىرىمىزنى قوغلىشىپ باشقىلاردىن خېلىلا يىراقلاپ كەتتۇق. قاتتىق تەگكەن بىر قار پارچىسىغا ئاچچىقىم كېلىپ قار پوملاپ ئۇنىڭغا ئاتىمەن دەپ ئىھتىياتسىزلىقتىن قار توشۇپ قالغان بىر ئىرىققا يىقىلىپ چۈشتۈم.
ۋايجان!
ئۇ ناھايتى تېز كېلىپ مېنى يۆلىدى، بىردىنلا قوللىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى، سۆز قىلىشقا ھەر ئىككىلىمىز ئامالسىز ئىدۇق. ئۇ قوللىرىمنى تۇرۇپ تۇرغان شۇ دەقىقىلەردە ئۆزەمنى بىر خىل بەخىتلىك ھىس قىلدىم. قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا چوكا مۇز بولۇپ قالغان قولۇم، ئۇنىڭ ئوتتەك ئالقانلىرى ئارسىغا كىرگەندە ئوتتەك قوللاردىن ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم. لىكىن گۈزەل مىنۇتلار ئەزەلدىن قىسقا بولىدۇ !
_ قاتتىق يىقىلمىغانسىز نىگار؟
_ شۇ پۇتۇم ئاغرىپ تۇرىدۇ، قايرىلىپ كەتتى.

_ ئەمسە سىزنى يۆلەپ ماڭاي، قېنى بىلىكىمدىن تۇتۇڭ!  
_ ئۇنداق قىلسام قانداق بولار، باشقىلار نىمە دەپ قالىدۇ؟
_ ۋۇ كالۋا، كەينىمدىن بېرىڭ ئەمىسە!!!!!
ئەيمىنىپكىنە كۈچلۈك بىلەكلەرگە ئىسىلدىم، مەڭگۈ قويۇۋەتمەي ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ قارلىق دالىدا مېڭىپ يۈرۈشنى، قاۋۇل كۆكسىگە بېشىمنى قويۇپ، يۈرىكىدە ماڭا مۇھەببىتى بارمۇ_يوق شۇنى بىلىپ بېقىشنى خالايتتىم.
خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ، غالىپ توشقان قوغلايمەن دەپ، نىگارنى قوغلاپ كەلتۈرۈپ بوپسەن دىگەن ،قىقاس_چوقان، كۈلكىلەر ئارسىغا كۆمۈلۈپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق.

شۇ كۈندىن باشلاپ، مېنى قوپال گەپلەر بىلەن ئەركىلىتىپ تۇردىغان ، بۇ سەت بالا تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇرۇنقىدەك چاقچاقلىرنى پەقەتلا ئاڭلىيالمىدىم، لېكىن مەن ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ماڭا بىر خىل نەزەردە تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى سىزەتتىم.  قەلبىمنى چوڭقۇر بىر داۋالغۇتۇپ ئۆتكەن قىش كەتتى، باھار كەلدى، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قىلىشقا باشلىدىم. بۇرۇندىن ئوقۇش بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ، مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى پەقەت كىتاپلاردىن ئوقۇپ ھىس قىلالايدىغان مەندەك بىر قىز ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلدى ۋە ئۇنىڭ ئازابىنىمۇ تەڭ تارتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا يىگىتكە بىرىپ، سىنى سۆيىمەن،دەيدىغان جۈرئەت يوق، قىزلىق غورۇرى ھەم بۇنىڭغا قەتئى يول قويمايدۇ. .
ساناقلىقلا قالغان كۈنلىرىمنى بىر خىل بىئارامچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم، مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن تارىخىمنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىدىغان بۇ يېزىدىن، غالىپتىن ئايرىلىپ قىلىشنى قەتئى خالىمايىتتىم.
ئەتە ماڭا ئۇزىتىش چىيى بىرىلمەكچى، ئۆگۈنلۈككە، بۇلتۇر يازدا قانداق كەلگەن بولسام شۇنداق قايتىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلۋاتىمەن، لىكىن ئىككى خىل ھىسىيات ، ئىككى خىل كۆز_ياش

يىغىلىشتا غالىپ كۆرۈنمەيىتتى، سىرىتقا نەچچە قېتىم چىققانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئاخىرى ئۇنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ، ئۈمۈتسىزلەرچە ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم، خىزمەتداشلىرىم بايقاپ قالغان چىغى ئارتۇق گەپ قىلمىدى. 
يىغىلىشىمىز تۈگەپ، ھەممە ئۆز ياتاقلىرىمىزغا راۋان بولدۇق، ئۇيقۇم كەلمەي، ھەممە نەرسەمنى بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كۈندىلىك خاتىرەمنى ئىچىپ غالىپ دىگەن ئەسكىنى تىللاپ بىر نەرسىلەرنى يىزىشقا باشلىدىم، كېچە سائەت بىر بولغان ۋاقتى، تۇيۇقسىز ياتىقىمنىڭ ئىشىكى ناھايتى بوش چىكىلدى،،،،،،،

كىم؟ قورقۇپ كەتتىم 
_ بۇ مەن نىگار، مەن غالىپ. 
_بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ،،،،،،
كىيىملىرىمنى تىزلىكتە ئالماشتۇرۇپ ، ئىشىكنىڭ يىنىغا كەلدىم، ئىشىكنى ئاچسام قانداق بولار؟ قىز بالا تۇرسام؟ ياق غالىپ ئەسكى بالا ئەمەس،،،،،،
ئىشىكنى ئىچىپ ھەيران قالدىم، ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن تىزىلغان، سەھرانىڭ ئەڭ پۇراقلىق گۈللىردىن چوڭ بىر دەستە تىزغان غالىپ كۈلۈمسىرەپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.
_قېنى ئۆيگە كىرىڭ!!

_ بولدى، خالىسىڭىز مەكتەپ ھويلىسىدىكى يوغان ئۈجمە ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى، ئېلىڭ بۇ گۈلنى دۆت قىز، تىز ئاپىرىپ سۇغا چىلاپ قويۇڭ دە مەن بىلەن مېڭىڭ!

_ بارغىڭىز يوقمۇ يە؟ دىمەكچى بولغىنىم، بۈگۈنكىدەك ئاي تولغان گۈزەل ياز تۈنىدە سىرىتتا يۇلتۇزلارنى ساناپ ، ئاي شولىسىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشسا تېخىمۇ  مەنىلىك بولامىكىن دەيمەن،،،،،،
_ بولىدۇ،
_ ئۈستىڭىزگە قىلىنراق بىرەر نەرسە ئارتىۋىلىڭ، سىرت سالقىن
_ يوتقاندىن باشقا ھەممە نەرسىنى رەتلەپ چامادانغا تىقىپ بوپتىمەن  ، مۇزلاپمۇ كەتمەسمەن، بولمىسا يوتقىنىمنى ئارتىۋالاي؟
_ ھۇ شەيتان، تولا گەپدانلىق قىلماي مېڭىڭ،،،
_ قەدەمدە بىر پۇتلىرىمغا چىقىۋېلۋاتقان چىكەتكىلەردىن، باشقا جاندارلاردىن قورقۇپ، چىرقىراپ ئۇنىڭغا ئېسىلىپ دىگۈدەك ئۈجمە دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدىم. 
ئورۇندۇققا غۇۋا چۈشۈپ تۇرغان ئاي شولىسىدا بىر_بىرىمىزگە ئۇزاق قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق.
_ بۈگۈن نىمە ئۈچۈن بارمىدىڭىز يىغىلىشقا، كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى.
_ شۇ سىزگە گۈل ئەكىلىمەن، سىزنى قانداق قىلسام مۇشۇ يەردە ئىلىپ قالالايمەن دەپ پىلان تۈزۈپ
_نىمىگە؟ 
_ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەدىكى بۇ خۇپسەن قىز،مىنى كۆرگەنلا قىزغا گۈل سۇنۇپ يۈرۈيدۇ دەپ قالغانما؟، ھە راس، سىزگە ئاتاپ بىر شېئىر يازغان، بىر كوبلىتلا، ئاڭلامسىز؟
_ بولىدۇ.

مۇھەببەتنىڭ داۋانلىردا  
ئاشالمىغان يەنە كىملەر بار؟                                              
پەرھات بولدۇم سەن گويا شىرىن،
غالىپ قەلبى، بىر نىگارغا زار

_ ھا ھا ھا ھا ھا ھا، ھا
سەت كۈلۈشۈمدىن دەرەخ شېخىدىكى قۇشلارمۇ چۆچۈپ ئۇچۇپ كەتتى.

_ نىمە بولدى، ۋۇ سەت، بۇنداق زاڭلىق قىلدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام ئوقۇمايىتتىم.

_ كۈلكەمنى يىغىشتۇرۇپ ئاستا ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم.ناھايتى غەمكىن تۈس ئالغان قاپقارا كۆزلەر، ئىختىيارسىز يىغامنى تۇتتى،،
_ كىرىپ كىتەيلى بولدى، دېدىممەن ئۆكسۈپ تۇرۇپ، خوش ئەمسە ، ماڭمىسىڭىز

_ ياق،،،،، ماڭا ئىللىق سىزىم ئاتا قىلغان ھېلىقى كۈچلۈك قوللار قولۇمنى قويۇپ بەرمىدى، سىزنى سۆيىمەن نىگار، مىنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭ،،،،،،،،
مەن كىچە_ كۈندۈز ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان سۆزلەر ئەمەسمىدى بۇ،،،
_ سەھراغا قايتىپ كىلىڭ، بىر ئۆمۈر ئاق كۆڭۈللككە تولغان بۇ سەھرادا ياشاپ قالايلى! مېنى ياخشى كۆرىسىز بۇنى بىلىمەن،
_ ياق مەن سىزگە ئۆچ، تۇنجى كۆرۈپلا ئۆچ بولۇپ قالغان، بۇ گەپلەرنى ئەلۋەتتە يۈرۈكۈم دىمەيىتتى.
مەن ئارزۇ قىلغان، مىنى سۆيىدىغان  بۇ يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ئاخىرى مىنى تەسلىم قىلدى،،،،،،،

مانا بۈگۈن بۇلتۇرقى شۇ گۈزەل خىياللارنى قىلغاچ ، شەھەردىكى بارلىق رەسمىيەتلىرىمنى تۈگىتىپ،  سەھراغا قاراپ ماڭدىم. يېنىمدا كىمنىڭ ئولتۇرغىننى پەرەز قىلالامسىز؟ مىنىڭ قەدىرلىك يولدىشىم، سۆيگەن كىشىم غالىپ ئەلۋەتتە
يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا ھە،،،،،،،



بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+15(musallas) ئىجادىي ئەسە ..
  • ياخشى باھا:+10(qumqazi) ئىجادىي ئەسە ..
  • ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى

                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-08-20 14:28 |
    fuslat
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 46328
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 163
    شۆھرەت: 164 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1595 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

     

    ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ئاي، رەخمەت سىزگە، بەخىت ئىچىدە كۈلۈپ تۇرۇپ ئوقۇپتىمەن. مەزمۇنى بەك جانلىق بوپتۇ. توختاپ قالماڭ . 

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 14:55 |
    molla pok-pok
    كۇچا ئوغلى - سەمەتجان .
    ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 15405
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1671
    شۆھرەت: 1771 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4580 سوم
    تۆھپە: 3 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2909(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ئايخىنىم مۇز چىراي بۇ ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ جۇما .

    ئەزىز بوۋاق
    دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ـــــــ ئاتا - ئاناڭ !!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:17 |
    ئۇيغۇرئاي
    دىــل ئـازار خـۇدا بـىـزار
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 1982
    شۆھرەت: 2193 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20100 سوم
    تۆھپە: 553 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 443 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    Quote:
    بۇ يازما2قەۋەتتىكىmolla pok-pokنىڭ2008-08-20 15:17يوللىغان  :
    ئايخىنىم مۇز چىراي بۇ ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ جۇما .

    موللام كۈلمەيدۇ،كۈلسە تىلىقىپ قالىدۇ دىگەننى ئاڭلىغانمىتىڭىز

    ھەقىقىي مىسۋاك

                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:20 |
    baji
    مۇنبەر قىززىقچىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34583
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 724
    شۆھرەت: 745 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2921 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 696(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

     

    بولىدىغان ئەسەركەن!  مۇزىكىدىن بىرنى قوپقۇيۇپ ئوقۇسا تازا پەيزى بولىدىكەن!

    ئەزىز بوۋاق
    ھەر بىر كۈلكەمنىڭ ئاستىدا بىر ئاچچىق يىغا بار...
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:25 |
    puxtak
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 53594
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 303
    شۆھرەت: 1225 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1855 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 161(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

      ياخشى چىقىپتۇ مەن تىخى تۇركىيەنىڭ قايسى بىر  يازغۇچىسى يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا دىگەن ئەسىرىمىكى دەپ ئويلاپتىمەن .

    ئەزىز بوۋاق
    نادامەتە قالماي دىسەڭ ،نامەرتلەرنىڭ قولىغا سۇ بەرمە .
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:42 |
    kenjibay
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33597
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 482
    شۆھرەت: 493 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 68 سوم
    تۆھپە: 162 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

      مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى قايسى بىر مۇنبەردە ئوقىغانتىم ... ياخشى ئىجادىي ئەسەر .

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ئۆزىڭنى بىل ، ئەدەبكە قايىت .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:48 |
    Mardan0903
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 42245
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 482
    شۆھرەت: 483 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 18982 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 708(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    بۇ ئەسرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ.<شەپنەم گۈلى>...................باجىينىڭ دىگىنى ئۇرۇنلۇقتەك قىلىدۇ.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ...........
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:54 |
    200888maxal
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 41486
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1844
    شۆھرەت: 1866 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8438 سوم
    تۆھپە: 65 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 743(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    بەك  بەلەن يېزىپسىز ئەمەسمۇ ، نىمە دىگەن تەسىرلىك پاك مۇھەببەت بۇ ،ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ،لېكىن ۋەقەلىكى  بىر ئاز ئاددى بوپ قالدىمۇ قانداق

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:56 |
    ئۇيغۇرا
    ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!!
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 12271
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1616
    شۆھرەت: 1783 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 279 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 359 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1748(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    تاس قالدىما...مەنمۇ ئەسرىڭىزىدىكى نىگارغا كۆيۈپ قالغىلى...        
      قەلەم قۇۋىتىڭىز خېلى يۇقىرىكەن...دات باسقان قەلەملەر ھارمىسۇن!    
    [ يوللىغانئۇيغۇراتەرىپىدىن2008-08-20 16:55قايتا تەھر ]

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:57 |
    munajat7
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 40796
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1207
    شۆھرەت: 1329 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11056 سوم
    تۆھپە: 137 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 440(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    نىمانداق يامان قىز سىز  ،بەك ياخشى يىزىپسىز ، بۇرۇن مەن ئوقۇغان ئامانگۈل مامۇتنىڭ <<كىچىككەن سۆيگۈ>> ناملىق پوۋىستىمۇ شۇنداق  ياقاتتى، سىزنىڭ ماۋۇ ھىكايىڭىزمۇ  شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، رەخمەت  داۋاملىق تىرىشىڭ  سىڭلىم،  ھەي  ياشلىق چاغلىرىدىگەن  بەك كۆڭللۈك بولىدىكەن...........

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
    بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 15:59 |
    Arzu914
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 55251
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 81
    شۆھرەت: 82 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 810 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-10

     

    راس ياخشى چىقىپتۇ。 مۇزىكىسىمۇ بەك ماسلىشىپتۇ。ئەگەردە ئەسەردىكى قىز ئۆزىڭىز بولغان بۇلسىغۇ تېخىمۇ  ياخشى چىقاتىكەن。 كىيىن ئۆزىڭىزنىڭمۇ چىقىپ قالا شۇنداقمۇ يە

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 16:23 |
    Biperwa
    ئاپلا !يەنە بىپەرۋالىق قىپتىمە
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10046
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3644
    شۆھرەت: 9821 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50561 سوم
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2900(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ھەقىقتەن ياخشى چىقپتۇ ، مەن مەزمۇننى كىڭىيتىپ سىنارىيە قىلسىمۇ بولغۇدەك .

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ئۈمۈد يادىكار


    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 17:00 |
    Ak Lala
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10329
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 568
    شۆھرەت: 569 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4358 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 654(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    نىمە دىگەن ياخشى يېزېلغان ئەسەر بۇ.........سۆز ئىبارىلىرى ناھايىتى مېغېزلىق بوپتۇ،مۇشۇنداق ئەسەرلەر بولسا كوپرەك يوللارسىز،رەھمەت

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    سىنى ئەسلەيمەن ئاللاھ!
    مېنى ئۇنتۇپ قالما!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 17:03 |
    usb
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21607
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 134
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1124 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 274(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ۋەقەلىك راست بولغانمۇ قانداق؟  شەبنەمدىىمۇ خىلى داڭلىق يازغۇچىلىرىمىز باركەن ھە!
    ھازىر كۆپلىگەن ياشلىرىمىزدا ئۇنداق ساپ مۇھەببەت قالمىدى،،،بىردەمچىلىك ھىسياتنىڭ مەڭگۈلۈك قۇربانى بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ.

    كونىلىرىمىزدا<بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئىشىپ كىتىپتۇ>دىگەن ھىكمەتمۇ بار..لىكىن  شۇ ھازىرقى<مۈڭگۈزلىرىمىز>يەنلا بۇرۇن چىققان <قۇلاققا > يەتمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟!!!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-20 17:14 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-30 19:05, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ