| ||||||
qumqazi شاپ بۇرۇت | قايسى خەلق ناخشىسىنى ياقتۇرىسىزبۇ تىمىنى qumqazi ئىلگىرلەتتى(2008-08-14)
خەلق ناخشىلىرى خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ياراتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. ئۇ چوڭقۇر تارىخىي قاتلامغا، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ، كۈچلۈك تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بولۇش بىلەن ئىجادىي ناخشىلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ . خەلق ناخشىلىرى ئۆزىنى ياراتقان خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدىغان ، يەنى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ، ئۆرپ – ئادىتى ، تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشلىرى، ئېتىقادى، دۇنيا قارىشى قاتارلىقلاردىن بىر قەدەر ئەمەلىي ئۇچۇر بېرەلەيدىغان خاسلىقى بىلەن زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. قۇمۇل خەلق ناخشىسى،ئاتۇش خەلق ناخشىسى،كۇچا خەلق ناخشىسى،خوتەن خەلق ناخشىسى،قەشقەر خەلق ناخشىسى،تۇرپان خەلق ناخشسى،لوپ خەلق ناخشىسى،ئىلى خەلق ناخشىسى...ھەممىسى ئوخشاشلا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى بۇ بىر ھەقىقەت.مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللىشىمدكى مەقسەت،ھەرقايسىمىزنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىمىزئوخشىمىغاچقا ، ھەر قايسى خەلق ناخشىلىرىنىڭ قۇيۇق يەرلىك تۈسى بولىدۇشۇنداقلاھەرقايسى يۇرتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئازراق ئوخشىمىغان ئالاھىدە ئۆرۈپ -ئادىتى بولىدۇ.ھەر كاللىدا ھەر خىيال،تاز كاللىدا مىڭ خىيال دەپ ھەرقايسىمىزنىڭ ئاڭلايتقان ناخشىسى ئوخشىمايدۇ.شۇڭا قىنى ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرىدىغان خەلق ناخشىسىنى تاللاپ بىقىڭ .ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيتسام مەن ئاتۇش خەلق ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن .ئاتۇش خەلق ناخشىلىرىدا بىرخىل مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. Quote:
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بايۋەتچە شەبنەم بايۋەتچىسى | ئانا يۇرتوم گۇەل قەشقەر..........................
مەندىن ساڭا بىر بېلەت كەتتى....... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pighanim دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئانا يۇرتوم گۇەل قەشقەر..........................
مەندىنمۇ ساڭا بىر بېلەت كەتتى....... | ||||
---|---|---|---|---|---|
xjmashal دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاتۇش خەلىق ناخشىسىمۇ ياخشى ،بىراق ئادەم ئاڭلىسىلا ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ،مۇسىبەت پۇراقى تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ
سودا تېخنكىلىرنى ئۆگىنەي دىسڭىز: www.mashal.cn/bbs | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | ئىلى خەلىق،،،،ھەممە خەلىق ناخشىلىرنى ياقتۇرمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kisek | تۇرپان خەلق ناخشىلىرى...
لېكىن مەن راستىنى ئېيتسام قۇمۇل خەلق ناخشىلىرى،ئاتۇش خەلق ناخشىلىرى،كۇچا خەلق ناخشىلىرى،خوتەن خەلق ناخشىلىرى،قەشقەر خەلق ناخشىلىرى،لوپ خەلق ناخشىىلىرى،ئىلى خەلق ناخشىلىرى...نىڭ ھەممىسىنى ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن،سىز پەقەت بىرنىلا تاللاش قىلىپ لاھىيەلەپسىز،كۆپ تاللاش قىلسىڭىز بوپتىكەن،يۇقۇرىدىكىنى تالللىغىنىم پەقەت كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتقا بولغان سېغىنىش ھىسسىياتىم.خەلق ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاش بىلەن باغلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىدى... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ak Lala دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئېلى خەلق ناخشىلىرىنى ياختۇرىمەن.........قەشقەر ئۇسسۇلىنى ياخشى كورۇمەن...(ئېىلىدىن ناخشىچى،قەشقەردىن ئۇسسۇلچى دىگەن گەپمۇ بارغۇ)قەشقەر قىزلىرى ئۇسسۇلنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sahib- دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خەلىق ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ،بۇلۇپمۇ ئاتۇش خەلىق ناخشىلىرىنى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@DiLaWuR@ | ئاتۇش خەلىق ناخشىسىمۇ ياخشى```
| ||||
---|---|---|---|---|---|
WARIS007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قەشقەرخەلىق ناخشىلىرىنى ياقتۇرمەن بۇلۇپمۇ <لىۋەن يالا>
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
urdek دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قايسىنى تاللاشنى بىلمىدىم،ھەممىسى شۇنداق ياخشى ناخشىلار،خەلقىمنىڭ مۇڭ -زارى،خۇشاللىقى سىڭگەن ناخشىلار،
شۇنداقتىمۇ ماڭا كىچىگىمدىن ئىلى خەلىق ناخشىلىرى ھەمرا بولۇپ كەلدى،يەنە بىر ئۇمۇر ھەمرابولغاي! شۇنىسى ئەجەپلىنەرلىككىن ئىلى ناخشىلىرى بىر تۇرلۇك يۇقۇرى سەۋىيە ياراتقان،كىچىگىمدە ((ناخشا قەشقەردىن چىقىدۇ،ئاقسۇدا بۇزۇلىدۇ،ئىلىداتۇزۇلىدۇ))دىگەن گەپلەرنى ئاڭلايتتىم.قارىغاندا ئىلى ناخشىلىرىنىڭ سېھرى كۇچى ھەققىدىكى گەپلەر بىكار ئەمەسكەن،ئەمما ئىلى مۇھىتىدا ئۇسمىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەشۇ ئىلى ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىشى ئىلىلىقلارغا يەتمەيدۇ،مۇشۇنىڭغا ھەيرانمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەن قۇمۇل خەلىق ناخشىلىرىنى ياقتۇرمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KULGUNQAK18 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خەلق ناخشىلىرى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئاڭلىسا ئاڭلغۇسى كېلىدۇ....مەن ھەممە يەرنىڭكىنى ياقتۇرىمەن.
خەلق ناخشىلىرى چىقسا بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىمەن...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىليار | مۇڭلۇق بولسا قايسىسى بولسا ئاڭلاۋېرىمەن...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Shoh دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆزەم تۇغۇلغان قاينىڭ خەلىق ناخشىلىرى يوقكەن
مەن قۇمۇلنىڭ مىلودىيەلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن . قۇمۇلنىڭ ناخشىلىرى كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|