مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
«1234»Pages: 1/4     Go
سىز بۇ تېمىنىڭ 2969 - كۆرۈرمىنى
تىما: باشلىق كېلىدۇ -ھىكايە{پەرۋىن}
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

UID نومۇرى : 9117
نادىر تېما : 13 پارچە
يازمىسى : 1127 پارچە
شۆھرەت: 1682 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16476 سوم
تۆھپە: 477 نۇمۇر
ياخشى باھا: 451 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1717(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-06 20:08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

باشلىق كېلىدۇ -ھىكايە{پەرۋىن}

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : بۇ تىمىنى parwin چوققىدىن قالدۇردى(2008-09-23)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى

باشلىق كېلىدۇ


ھىكايە


پەرۋىن



بوۋاينى قاتناش ساقچىسى تۇسۇۋالدى:
ـ بۇ يولدىن ئۇتۇشكە بولمايدۇ،-دىدى ئىگىز بوي،قاتناش ساقچىسى قوناق شېخىدەك ئۇزۇن قولى بىلەن بوۋاينىڭ ئالدىنى تۇسۇپ تۇرۇپ.
ـ نىمىشقا ؟- دىدى، بوۋايمۇ ھەيران بۇلۇپ.
ـ بىزدە بۇيرۇق بار! باشلىق كېلىدۇ.
ـ لېكىن مىنىڭ ئۆيۈم يولنىڭ ئۇ چېتىدە تۇرسا،
ـ باشلىق ئۈتۈپ بولغىچە ساقلاپ تۇرۇڭ.
ـ قانچە ئۇزۇن ساقلايمەن؟
ـ مەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىمەن،ئارقىڭىزغا يېنىڭ.
ـ خەلقنىڭ يولىدىن خەلق ماڭماي كىم ماڭىدۇ،باشلىق كەلسىمۇ بالامچىلىك چوڭ باشلىق كەلمەس.
بوۋاينىڭ سۆزىگە قاتناش ساقچىسى ئىرەن قىلمىدى.
بىكاردىن ئۇيۇن بار دىسە،ئاتىسىنىڭ ئۈلۈمىنى كېپەنگە يۆگەپ قۇيۇپلا ئۈچىدىغان بىكارتاپلار،ساقچى بىلەن بوۋاينىڭ بىر-بىرسىگە چۆجە- خورازدەك ھۆرپۈيۈشىدىن بىردەمدە ئادەم تۆپى شەكىللەندى.بوۋاي گەپ يەيدىغاندەك ئەمەستى،ئۇ ئالدىغا مېڭىشقا ئۇرۇناتتى.ساقچى ئىگىز بەستى،ئۇزۇن قولى بىلەن بوۋاينى ئالدىغا ئىلگىرلەتمەيتى.نەسىھەت بىلەن ھىچ ئامال قىلالمىغان قاتناش ساقچىسى بوۋاينى بىر تەرەپتىن تۇسۇپ،بىر تەرەپتىن بۇيرۇق قىلدى:
ـ مەن سىزگە ئەڭ ئاخىرقى رەت ئەسكەرتىش بىرىپ قوياي! بۇ يولدىن ئۈتۈشكە بولمايدۇ،ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلسىڭىز ئەمدى يۈز-خاتىرە قىلمايمەن!
ـ ئۇنداقتا مەن ئۆيۈمگە ئۇچۇپ ئۆتەمتىم،باشلىق كەلسىمۇ مىنى دەپ كېلىدۇ.
_ساراڭمۇ سىز،باشلىق سىزنى دەپ كېلەمدۇ،ساقالغا تۇشلۇق گەپ قىلىلى...
ـ ساراڭ؟،ئۆزەڭ ساراڭ! مىنى دەپ كەلمەي،كىمنى دەپ كېلىدۇ.ئۇمىنىڭ ئوغلۇم تۇرسا...
ـ ساناتوريەدىن قېچىپ چىققان ساراڭ ئوخشىمامدۇ ئۇ؟...
قاتناش ساقچىسىنىڭ ‹ساراڭ›سۆزى بىلەن بوۋاي قاتناش ساقچىسىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى...
كىشىلەر توپى ئاينىشقا باشلىغان ئىدى.قاتناش ساقچىسى نەسىھەت بىلەن بوۋاينى ئارقىغا چىكىندۈرۈشكە ئامال تاپالماي،ياردەم سوراپ تېلىفۇن قىلدى.بىرە مىنوت قالماي ،بىر ساقچى ماشىنىسى ئۈچقاندەك كېلىپ بوۋاينى سۆرىگەندەك ماشىنىغا سېلىپ كىشىلەر توپىدىن غايىپ بولدى.
بوۋاينى بىر ئاش پىشىم ساقلىغان موماي تىت-تىت بۇلۇپ ئولتۇراتتى.ئادەتتە بوۋاي كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتسە بۇنچە ئۇزۇن ھايال بولمايتى،چۈنكى كۆكتات بازىرى يولنىڭ ئۇ چېتىدىلا.«ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بۈگۈن كېلىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋاقتىدا كەلمىگىنىنىڭ نىمىسى،موماي ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى؛ نەلەردە يۈرۈيدۇ ئادەمنى ئەنسىرتىپ،ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۈگرە ئېتىپ تۇرمىسام مەندىن چوقۇم رەنجىيدۇ... ،ئۆز قولىڭىز بىلەن ئەتكەن تاماقنى شۇنداق سېغىندىم ئاپا دەپ ماڭا تېغىچە ئەكىلەپ يۈرسە...ھەي،بالا دىگەن مەڭگۈ بالىكەن...بىر ئولكىگە باشلىق بولغاندىمۇ...بوۋاينىڭ دىۋەڭلىك كېسىلى قوزغىلىپ قالمىغاندۇر-ھە» ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرغان موماي كەنجى ئوغلىغا تېلىفۇن قىلىپ ئاتىسىنى ئىزدەپ بېقىشنى تاپىلىدى.كەنجى ئوغلى چاقماق تىزلىگىدە بوۋاينىڭ بېرىش ئېھتىمالى بولغان يەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ تاپالمىغاندىن كىيىن،موماي،باشلىق ئوغلىغا تېلىفۇن قىلدى:
ـ بالام،مەن ئاناڭ.
-بىلدىم ،ئانا.مەن ھازىر كەلدىم،بىرە سائەت قالماي ئۆيگە بارىمەن.مەندىن ئەنسىرمە...
- سەندىن ئەمەس،ئاتاڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم بالام...
- ئاتامغا نىمە ئىش بولدى
- ئىنىڭ ئاتاڭنى ئىزدەپ تاپالمىدى،كۆكتات ئالغىلى چىقىپ كەتكەن ،بىرە سائەت بولدى ئىز-دىرىگى يوق .
تېلىفۇندا موماينىڭ يىغىسى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى
- نىمە؟...مەن ھازىر بارىمەن ئانا...يىغلىما.مەن بار ئانا...
شەھەرنىڭ تۇسۇۋېتىلگەن داغدام يولىدا ھەيۋەت بىلەن كېتىۋاتقان رەئىسنىڭ ماشىنىسى ماشىنا توپىدىن ئايرىلىپ تىزدىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.تۇيۇقسىز بۇ ۋەقەدىن ئېسىنى يوقاتقان شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى شوپۇرغا ماشىنىنى ئارقىغا قايتۇرۇپ رەئىسنىڭ ئارقىدىن يېتىشىشكە بۇيرۇق قىلدى.يول باشلاپ مېڭىۋاتقان قاتناش ساقچى ماشىنىسدىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى نىمە قىلىشنى بىلەلمەي شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىگە تېلىپۇن قىلدى:
- شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى قانداق قىلىمىز،
- قانداق قىلاتتىڭ، رەئىس نەگە بارسا ئارقىدىن ماڭمامسەن!
رەئىسنىڭ ماشىنىسى چوڭ يولنىڭ قىرغىدىكى بىر ئائىلىكلەر قوروسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.ئىز بېسىپ كەلگەن ماشىنىلارمۇ رەئىسنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقىغا كېلىپ توختىدى.
رەئىسنىڭ شوپۇرى تاماكا چىكىپ ماشىنىىڭ يېنىدا تۇراتتى.بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشكەن شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى شوپۇرنىڭ قېشىغا كەلدى:
- رەئىسكە نىمە بولدى،
- دادىسى يوقاپ كېتىپتۇ
- نىمە ؟ رەئىسنىڭ ئاتا-ئانىسى بىزنىڭ شەھەردە تۇرامدۇ؟مەن ئەجەپ بىلمەيدىكەنمەنيا؟ سىز بىلەمسىز شەھەر باشلىغى...
- ياق،مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن
- رەئىس باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئاۋارە قىلىشتىن ئەنسىرەپ،ئىككى يىلدەك بولدىغۇ دەيمەن.بۇ شەھەرگە كوچۈرۈپ ئەكەلگەن-دىدى شوپۇر .
- مەن چىقىپ كىرەي
- بولمايدۇ،باشلىق،رەئىس تاپىلاپ قويغان
پۇت قولىدا جان قالمىغان شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنى شوپۇرنىڭ بىر ئېغىز سوزى بىلەن جايىدا توختاپ قالدى.ئولكىدىن كەلگەن ئەمەلدار شۇنداقلا شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرى يوغان قوساقلىرىنى سىلىشىپ،كىنوخانا ئىشىگىگە تەلمۈرگەن سەرگارداندەك بوينىنى سۆزۇپ، بىر-بىرسىگە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.
...
چايخانىدا قىزىق-قىزىق پاراڭلار بۇلۇپ تۇراتتى:
- رەئىسنىڭ ئويى بىزنىڭ شەھەردىكەن،چوققىسى قاتتىق ئىشلەيدىغان نىمىكەن ئۇ،شەھەرنىڭ باشلىقلىرىدىن ھىچقايسى بىلمەيدىكەن،سەن بىلەمسەن-يا
- خۇدا بىلىدۇ ئاداش.-دىدى-كەپكىلىك قولىدىكى قەرتنى چۈشۈپ تۇرۇپ،-بەك ئۇۋال بوپتۇ.ساقچى باشلىغىدا نىمە گۇناھ،بىكاردىن بىكار چامغۇر تامغىسىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ،ھىلىقى بوۋاينى تۇتۇپ كامىرغا سولاپ قويغان ساقچىغانىنىڭ باشلىغى مامۇت بارغۇ.ئەڭ يىراق يېزىغا يوتكەپ ئادەتتىكى ساقچى قىلىپ قۇيۇپتۇ.
ـ ئەڭ يامىنى رەئىسنىڭ ئەتىسىلا، ئاتا –ئانىسىنى ئولكە مەركىزىگە ئەكەتكىنى بولدى.ئىنىمنىڭ دەپ بېرىشىچە شەھەرنىڭ باشلىقلىرى ساراڭ بولاي دەپ قاپتۇ .ئىككى ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىپ ئېرىشكىنىمىز شۇ بولدىمۇ دەپ شەھەرنىڭ ئىككى بىرىنچى قول باشلىغى يۇرتىمىزنىڭ داڭدار يەرلىك مەھسۇلاتىنى ماشىنىسىغا بېسىپ باشلىقنىڭ ئارقىدىن كەتكەن گەپ.
-رەئىسنىڭ دىۋەڭ دادىسىنى سولاپ قويغىنى بولماپتۇ
-سەن بىلەمتىڭ،سەنمۇ ئىشەنمەيسەن! مەن ئولكە باشلىغىنىڭ دادىسى دىسە،
-بالام كەلمىسە چىقمايمەن دەپ تۇرۋالغىنىچۇ؟
-شەھەر باشلىغى بارلىق ساقچى شۇنداقلا بارلىق كادىرلارغا بوۋاينى نەدىن بولسىمۇ تېپىپ چىقىشنى بۇيرۇق قىلغان گەپ
- تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىمالى بار دەپ ئولكىدىن ساقچى قۇشۇنى يوتكىگىنى بەك قىزىق تېغى
-ئولكە بويىچە ئېچىلغان نەق مەيدان يىغىن قايرىلىپ قېلىپ،ئادەم ئىزدەش نەق مەيدانى ئاچقان ئوخشىمامدۇ؟
-ئىزدە-ئىزدە پۇتى كويگەن توخۇدەك پۈتۈن شەھەر بىر بوۋاينى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ يۈرسە مامۇت سوجاڭ «ساقچىخانىمىزدا ساقچىنى ئۇرغان بىر بوۋاينى تۇتۇپ قالغان شۇمۇ يا»دىگەن خىيال بىلەن بوۋايدىن سورىسا« مەن شۇ دەپتۇ»...
-باشلىق كېلىدۇ دەپ يۇرتتىمىزغا بالا قازا كەلگىنى قىزىقتە
- ئاشۇ بىچارە باشلىقلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ...
- يىتىملارغا ئىچىڭنى ئاغرىت،-دىدى ئارىدىكى بىرسى،- ئەمەلدارنى سۆرەپ يۈرگەن ھەر بىر كوڭكا يىلدا قانچە مىڭ يىتمنىڭ ھەققىنى يەيدۇ،چەككەن تاماكىسىنىڭ،ئىچكەن ھارىغىنىڭ بىر شىشە،بىر تالنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىگىنى بىلىشەمسەن.ئاز گەپ قىلىپ قەرتتىڭنى چۈشە!
....
چايخانىدا قىزىق-قىزىق پاراڭلار بۇلۇپ تۇراتتى. گاھىدا بۇ پاراڭلار كۆپتۈرۈلگەن بولسا گاھىدا راست بۇلۇپ قالاتتى.


2008.7.14 كەچ.نۇرباغ


يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:+30(zakira) ئىجادىيىتىڭ ..
  • تۆھپە:+10(musallas) ئىجادىي ئەسە ..
  • تۆھپە:+10(matimatika)
  • تۆھپە:+15(muhterem) نادىر ئەسەر
  • مىسرانىم تورى
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    ئا.ئابدۇللا
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 41486
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 2578 پارچە
    شۆھرەت: 3741 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15698 سوم
    تۆھپە: 67 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 245 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1171(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-06 20:56
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇنى مەن مۇراتنىڭ باشلىق كىلىدۇ دىگەن شېئىرى ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،بۇ ھىكايىمۇ ئەمىليەتنى ئاز تولا بولسىمۇ چىقىش قىپتۇ ،بەزىدە شۇنداق ئىشلارمۇ بوپ قالىدۇ .خۇددى رەسئىسنىڭ داداسى ئاشۇ بوۋايدەك ياشانغان بوۋاي بولمايدىغاندەك
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    ئاللا بىر !
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 11479
    نادىر تېما : 2 پارچە
    يازمىسى : 6779 پارچە
    شۆھرەت: 62776 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 289 سوم
    تۆھپە: 173 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 218 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1095(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-11
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-06 21:02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يىزىلىپتۇ................      
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 56526
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 57 پارچە
    شۆھرەت: 58 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 570 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 25(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-12-03
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-06 21:43
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    راستىنلا قىزىقارلىق ئىكەن!!!!!!!!!!!!!!!
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 18214
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 120 پارچە
    شۆھرەت: 175 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 705(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-06-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-06 22:39
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .مىنىڭ بىر كومىدىيىيەلىك تىلۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلىگۈم كىلىۋاتىدۇ راستلا  ،چۇقۇم كىزىقارلىق  تىلۋىزىيە فىلىمى چىققۇدەك .
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 56527
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 22 پارچە
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 220 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-08-09
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-06 22:58
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    مۇشۇ «شەبنەم» تور بېكىتىمىزدە باشلىق-ئەمەلدارلار تىمىسىدىكى تېمىلار خېلىلا كۆپىيىپ قالدىيا!@
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    شەبنەم ناخشىسى
    دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى

    UID نومۇرى : 55117
    نادىر تېما : 2 پارچە
    يازمىسى : 1312 پارچە
    شۆھرەت: 72522 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 869277 سوم
    تۆھپە: 355 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 314 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 3877(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 00:42
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

                  سىزمۇ بىر ئىنسانپەرۋەر باشلىق ئوخشىمامسىز؟ باشلىقلارغۇ ئادەتتە ئاساسەن ماقالە-ئەسەر ئوقۇمايدۇ، ئىشى جىق بولغاچقا، ئالدڭراپ يۈرۈپ! ئۆزى ھەققىدە يېزىلغان يازمىلارنىمۇ بولسا، ئاندا-مۇندا ئوقۇپ بولسىمۇ،<<ئىككى ئاساسەن>>چىلەردىن قېلىشمىغۇدەرەك سالاھىيەت ھازىرلاشقىمۇ بولسا تۈرتكە بولار!؟ بۇ ئەسەرلەر!!!!!!!!!!!!
    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                      ***      ***       ***
    مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
    ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
    چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
    بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
    - ياسىنجان ئوسمان دەۋران
        دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى  بۇ  ئادرېسلاردىن كۆرۈڭ:
    ./?u=55117  
    ./read.php?tid-89120.html  
     
                  < QQ:943481731 >
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى

    UID نومۇرى : 11158
    نادىر تېما : 1 پارچە
    يازمىسى : 500 پارچە
    شۆھرەت: 584 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5030 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 743(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 10:33
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    پەرۋىن ئەپەندىمنىڭ ھىكايىلىرى بارغانسىرى ئادەمنى جەلىب قىلىۋاتىدۇ دىسە، ئارتۇقچە تەسۋىر ۋە سۇنئىيلىكتىن خالىي. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، بۇرادەر.
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كەمىنە بىر مائارىپچى.
    شەبنەم مۇنبىرى
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 14689
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 1907 پارچە
    شۆھرەت: 1908 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1549971 سوم
    تۆھپە: 30 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 3138(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-10
    8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 10:36
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ ھېكايىڭىزمۇ مۇنبەردىكى بۇرۇن يوللىغان ھېكايىلىرىڭىزدەك بەك ياخشى چىقىپتۇ .
    ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.
    تەكلىماكاندىكى توغراقتەك قەيسەر ياشايمەن .
    http://jasur.salkin.cn/
    http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=1351
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى

    UID نومۇرى : 14
    نادىر تېما : 1 پارچە
    يازمىسى : 245 پارچە
    شۆھرەت: 433 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6868 سوم
    تۆھپە: 66 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1378(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2005-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    9  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 11:54
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي~ جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى يۇمۇرىستىك قىلىپ ئىپادىلەپ يېزىپسىز~
    بەكمۇ ئېسىل چىقىپتۇ، خۇددى كىنو قىلىپ ئىشلىگىدەكلا.
    تېخىمۇ تېىرىشىڭ!
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى
    UID نومۇرى : 36591
    نادىر تېما : 2 پارچە
    يازمىسى : 1189 پارچە
    شۆھرەت: 1823 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11910 سوم
    تۆھپە: 56 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 450(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    10  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 12:04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

            <  باشلىق كىلىدۇ>  دەپ قائىدە- تۈزۈمنى قايرىپ قۇيۇپ  ،كىشلەرنىڭ نورمال ھەركىتىگە  توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنىڭ جاجىسى !
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 56256
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 22 پارچە
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 210 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 47(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-05-12
    11  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 12:19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    سىز يازمىرىلىرىڭىزنى باشقىچە بىر نوقتىدا تۇرۇپ يازىدىكەنسىز.ياخشى يىزىلىپتۇ..............
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 37962
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 105 پارچە
    شۆھرەت: 169 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 845 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 355(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-15
    12  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 12:27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

      ياۋ  پانا،بىزدىمۇ  يېقىندا  مۇشۇنداق  بىر  ئىش بوپتىكەن،شۇنىلا  يېزىپسزمۇ نىمە؟  ئىككىمىز  يۇرتداش بولۇپ قالمايلى  يانا. ،ئالامەت  يېزىلىپتۇ  جۇما
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 38591
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 155 پارچە
    شۆھرەت: 156 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 350 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 145(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-04-18
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-06
    13  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 12:51
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ھەممە جايدا ئوخشاشكەندە.
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 35122
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 85 پارچە
    شۆھرەت: 140 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 830 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 251(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-09
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    14  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2008-08-07 13:16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    باشلىقنى ئەۋلىيادەك بىلىپ قوغدايدۇ.  ساخچى ماشىنلىرى ۋاقىراپ  قۇلاقنى پاڭ قىلىۋىتىدۇ.  پەرۋىن ئەپەندى رىياللىقنى  يىزىپتۇ ،يېتىلىۋاتقان تەپەككۈر توختاپ قالمىغاي.