« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 4301 - كۆرۈرمىنى
sabiha
bbs.xabnam.com
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12131
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 1062
شۆھرەت: 1372 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10929 سوم
تۆھپە: 968 نۇمۇر
ياخشى باھا: 653 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 763(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 DEWRAN بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuraxjan تەرپىدىن (2009-01-02)دە نادىرلاندى
DEWRAN  بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت





شەبنەم خەلق گېزىتىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى سەبىخە شەبنەمدىكى قابىل باشقۇرغۇچى DEWRAN بىلەن يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدىكى مۇشۇنداق خاسىيەتلىك  تارىخى پەيتتە ئۆز - ئارا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشكەچ، قىسقا ئۇچۇر بىلەن سۆھبەتلەشتى . قېنى، ئەمىسە  ئەزىز تورداشلار! سۆھبىتىمىزگە ئورتاقلاشقايسىلەر:

【سەبىخە】 ئەسسالامۇئەلەيكۇم DEWRAN !سىزنىڭ توردىكى ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى شۇنداقلا، رېئاللىقتىكى ئىسمىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىز ؟ سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىز توغرىسىدا مەلۇمات بەرسىڭىز ؟


【دەۋران】 ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مۇنبەردىكى بۇ ئىسمىم دەۋران بولۇپ ، ئۇ پارىسچە «دەۋ»-مەنىسى «يۈگۈرگۈچى، چاپقۇچى،» دېگەن سۆز بىلەن ئەرەپچە «ران»مەنىسى «يۈرگۈزگۈچى،ماڭغۇزغۇچى، كەتكۈزگۈچى» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن ئەرەپچە  سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستېمالىمىزدىكى مەنىسى«ئۆتۈپ تۇرغان دەۋرلەر، ئايلىنىپ تۇرىۋاتقان پەلەك ، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان دائىرە ۋە زامان ، ياشاۋاتقان پەيت-مۇددەت ۋە دەۋر قىلىپ تۇرىۋاتقان يەر يۈزى ۋە دۇنيا، يېتىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە نۆۋەت» دېگەنلەردىن ئىبارەت. كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا:«پۇرسەت ئىچىدىكى كىشى»، «ۋاقىت بىلەن بەسلەشكۈچى»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.(«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، تۈزگۈچىلەر: مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋۇدۇن، غەنىزات غەييۇرانى قاتارلىقلار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 4-ئاي، 1-نەشرى،269 ،-293،-267-بەتلەرگە قارالسۇن).
 رېئاللىقتىكى ئىسمىم ياسىنجان ئوسمان . مەن 1968 -يىل 15-ئاۋغۇست  تەكلىماكان باغرىدىكى قەدىمىي دىيار بارچۇق- مارالبېشى ناھىيسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992-يىل7-ئايدا  قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر مەكىت ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن .

【سەبىخە】سىز ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن يازمىلارنى يازدىڭىز .  ئۇنداقتا، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز ؟


【دەۋران】 ئېنتىرنېت تورى-ئاممىۋىيلىقى ئەڭ كۈچلۈك ،  ھەر خىل ئۇچۇر ۋە يېڭىلىقلارنى تارقىتىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن  باشقا ھەرقانداق بىر ئەدەبىيات-سەنئەت ۋاستىلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ . تور ئەدەبىياتىمۇ شۇنداق ، ئەلۋەتتە ! مېنىڭ ئەدەبىيات بىلەن ئۇچراشقىنىمغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ ، ئەمما تور ئەدەبىياتى بىلەن مۇقىم ، ئىزچىل تونۇشۇپ ، تور ئەدەبىيات گۈلۈستانىغا قەدەم باسقىنىمغا تېخى ئەمدى ئاران يېرىم يىل بولاي دېدى . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بۇ ساھەدە تېخى تەمتىرەپ مېڭىۋاتقان بوۋاقمۇ ئەمەس مەن ! شۇڭا ، بۇ ھەقتە مۇنبەرداشلىرىم قانائەتلەنگۈدەك ئەتراپلىق ۋە بىرقەدەر سېستىمىلىق جاۋابلارنى بېرەلىشىم ناتايىن .  ئەمما تور ئەدەبىياتىمۇ بىزنىڭ گېزىت -ژۇرناللاردىكىگە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ، باشقا يازما ئەدەبىياتىمىزدىن ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئەدەبىيات بولغاچقا ، بۇ ھەقتە ئازراق توختىلاي .
  مېنىڭ توردا ئېلان قىلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن 90-يىللاردىن بۇيان يازغان ، يېزىۋاتقان ، خېلى بىر قىسىملىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر . پەقەت بىر قىسىملىرىلا ھەر خىل رامكىلار تەسىرىدىن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىش پۇرسىتى تېخى يېتىپ كېلەلمەي ، ئۆز تەسەۋۇرۇمدىكى پىكىرلىرىمنى شېئىرىي شەكىلدە ئىپادىلەپ ، يازما خاتىرىلىرىم سەھىپىسىدىلا ئېلان قىلىنىپ كەلگەن . راستىنى ئېيتقاندا، ئاپتورى- مەن ، مەتبۇئاتى-خاتېرەم ، ئوقۇرمەنلىرى- بىرقىسىم پىكىرداش، قەلەمكەش دوست-بۇرادەرلىرىملا بولۇپ ، خاتىرەم ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كەلگەن ، بۈگۈنكىدەك يورۇقلۇققا چىقىش ئۈچۈن تولىمۇ زارىققان ئەسەرلەر ئىدى ! بىرقانچە  يىللاردىن بۇيان ، تۈگىمەس تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ، ئايىقى چىقماس خىزمەت جىددىيچىلىكلى ۋە قەدەمدە ئونلاپ، يۈزلەپ  دېگۈدەكلا ئۇچراپ تۇرىدىغان تۈرلۈك دىشۋارچىلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تورخانا ۋە خىزمەت ئورنۇمدىكى تور بىلەن ئاز-تولا ھەپىلىشىپ قويغان بولساممۇ ، ئەمما ئۆيۈمگە رەسمىي تور ئورنۇتۇپ ، بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدەنمىگەن ئىدىم . بۇ يىلقى يازلىق تەتىل  مەزگىلىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە ئېچىلغان بىر قېتىملىق تەربىيىلەش كۇرسىدا مەن ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان بىر بۆلۈك  ئەدەبىيات پاسىبانلىرىنىڭ تور ، بولۇپمۇ تور ئەدەبىياتى ھەققىدىكى بايانلىرى ماڭا باشقىچىلا تەسىر قىلىپ،شۇنىڭ بىلەن تورغا مەستانە بولدۇم ۋە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، ئۇيغۇرچە يۈز نەچچە مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ، ھەر خىل ژانېردىكى 500 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىمنى ئېلان قىلدىم . بۇ جەھەتتە تۇنجى قەدىمىمنى ھەر ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىق باستىم، دەپ قارايمەن.مېنىڭ خىزمىتىم دەۋرىي ھالدا بىر خىل رېتىمدىكى نىسبەتەن جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۇچقۇر ۋاقىت كارۋانلىرى بىلەن بەسلىشىپلا  دېگۈدەك تولىمۇ ئالدىراش ئۆتىدۇ . چۈنكى مەن ئادەتتە ئىزچىل ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن تەكرار قىلىمەن . بۇنىڭغا 10 يىلدىن ئاشتى . بوش ۋاقىت تاپساملا مانا مۇشۇنداق ئەدەبىي ئىجادىيەت ، ئاخبارات-ئۇچۇر ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن . يېقىندىن بۇيان، خىزمەتتىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىمنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك توردىلا  بولۇپمۇ شەبنەم قاتارلىق بىرقانچە تور  مۇنبەرلىرىدىلا ئۆتىۋاتىدۇ . كەسپىم تىل-ئەدەبىيات بولغاچقىمىكن ، ئاساسەن مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئەدەبىياتقا ئالاقىدار تور بېكەتلىرىنىلا كېچە-كېچىلەپ زىيارەت قىلىمەن . بىلىشىمچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى گەرچە 2000دىن ئاشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما  ھەقىقىي تەستىقتىن ئۆتكەنلىرى ئاران 200گە بارىدۇ. ئەمما ئەدەبىيات-سەنئەت، بولۇپمۇ ئەدەبىيات بېتى بار مەخسۇس تور بىكەتلىرى ئون نەچچىدىن بەك ئاشمايدۇ! يەنە كېلىپ مەلۇم بىر مۇنبەرگە يوللانغان ئەسەرلەر كۆپ ئۆتمەيلا باشقا مۇنبەرلەرگە خۇددى كومپىيۇتېر ۋىروسلىرىدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ . نىسبەتەن مۇستەقىللىققا ئىگە قىلىنىپ ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىۋاتقانلىرى يەنىلا بەكمۇ ئاز . بۇ جەھەتتە نۇقتىلىق قىلىپ سۇمرۇغ ، بەرقىي ئەدەبىياتى، ئۇرخۇن ، شەبنەم ، ئىجادىيەت ، پاسىبان( ئەسىرىم)، شامال ئۇيغۇر سالونى، تەپەككۇر، ئەل كۈيى ئەدەبىياتى... قاتارلىق بىرقانچە تور بېكەتلىرىنىلا تىلغا ئېلىش مۇمكىن! پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسانىيەتلەر قاتارى بىزنىڭ كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق بىرى ئەسلا ئەدەبىياتتىن ئايرىلىپ قالغان ئەمەس . شۇنداقلا بۇ-مەڭگۈ مۇمكىنمۇ ئەمەس! چۈنكى بىز تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مۇشۇ رەڭگا-رەڭ رېئاللىق دەل-ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەنبەسى ئەمەسمۇ!؟ بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، تور بېكەتلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشىغا نىسبەتەن سېلىشتۇرغاندا، گەرچە ئەدەبىياتىمىزدا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما  تور ئەدەبىياتىمىز ئۇنچىلاۋا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ كېتەلمىدى! گەرچە ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى يوقلۇقتىن پەيدا بولۇپ، بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مېنىڭچە بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى مەن ئىگىلىگەن، ئەمما ئانچە تولۇق بولمىغان بىر ئىستاتىستىكىدىن ئالدىنقى يىلى بىلىشىمچە، رايونىمىزدا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەسەر يازىدىغان ،  يازغانلىرى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ، بەلگىلىك نەتىجىلىرى مەتبۇئاتلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان ، كۆرۈلگەن ۋە بۇ جەھەتتە شۆھرەت قازانغانلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدا قەلەمكەش بار ئىكەن . بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇ ياكى ئازدۇ ؟ ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى يازغانلىرىنى تورغا يوللايدىغانلاردىن زادى نەچچىسى باردۇ ؟ بوپتۇ ، ئۆزلىرىغۇ يوللىمىسۇن! ئەمما باشقىلار يوللىغان، مەيلى ئۆزلىرى يازغان بولسۇن ياكى ياقتۇرۇپ تەۋسىيە قىلغانلىرى بولسۇن تورغا يوللىغان، تور ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق بولغان ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغان، سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، شۇ ئوقۇغانلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلىرى ھەققىدە قاملاشتۇرۇپ ئىككى كەلىمە ئورۇنلۇق پىكىر-تەكلىپلەرنى  بېرىدىغان، بېرىۋاتقان ۋە بېرەلەيدىغانلار زادى قانچىلىكتۇ ؟ بەلكىم، «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى» بولمىغىنىدەك يازىدىغانلار تورغا چىقماسلىقى، تور مەستانىلىرى يازماسلىقى، يازالماسلىقى، بەلكى قىزىقماسلىقى  مۇمكىن. مۇبادا، قەلەمكەشلىرىمىزنى تور ئەدەبىياتى گۈلشەنىگە باشلاپ ئەكىرىۋالغىلى بولىدىغان بولسا، خۇددى خۇشناۋا بۇلبۇلنى  خەندان ئۇرۇپ سايراش ئۈچۈن چىمەنزارلىق باغقا، شوخ-چېچەن كىيىكنى بىخارامان  يايراش ئۈچۈن  كۆككە تاقاشقان تاغقا باشلىۋالغاندەك تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر بۈيۈك ئىش بولغان ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويىۋالغاندەك ئاجايىپ بىر ئېسىل ئىش روياپقا چىققان بولاتتى!!! تولىمۇ ئەپسۇس... مۇشۇنداق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تور ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنى ھەممىمىز كۈندا كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندىكىدەكلا ، خالاس! ئەمما بۇ جەھەتتە «سۇمرۇغ» مۇنبىرى باشلامچىلىق بىلەن خېلى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ، سۇمرۇغنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان  توپلام تەييارلىدى. « شەبنەم» مۇنبىرىدىمۇ مۆھتىرەم قاتارلىق بىر بۈلۈك تۆھپىكار ئەزالىرىمىزنىڭ مىننەتسىز مېھنىتى ئارقىلىق ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تىيىپجان ئېلىيۇپ، بوغدا ئابدۇللا، روزى سايىت، مۇھەممەدجان راشىدىن ۋە تاھىر تالىپ قاتارلىق ئەل سۆيگەن ئەدىب ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ ئۆلمەس نادىر  شېئىرلىرى بىر جايغا توپلىنىپ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى يارىتىلدى.«شەبنەم شېئىرلار توپلىمى»تەييارلاندى،  مول ھوسۇللۇق ياش شائىرىمىز دىلداش ئەپەندىمۇ  بىرقانچە شېئىرىي توپلىمىنى نەشىر قىلدى. «سەلتەنەت» تورى مەخسۇس «سەلتەنەت ئەسەرلەر سالونى» تەسىس قىلىپ، بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى مۇنبەرداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. «پاسىبان» مۇنبىرىدە «ئەسىرىم» شېئىرىيەت مۇنبىرى تەھسىس قىلىنىپ، ئەدەبىيات تارىخىمىز خېلى مۇپەسسەل تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئەدەبىي ئەسەرلەر خېلى ئەتراپلىق رەتلىنىپ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ . تېخى يېقىندىلا «گۈلدەستە» مۇنبىرى قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئارقىدىنلا يەنە ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى . «باغداش» مۇنبىرىنىڭ  بۇ پائالىيىتى قىزغىن داۋاملاشماقتا . «شەبنەم»مۇنبىرىمىزمۇ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىمىشنى ئەمەلىي قوللاش يۈزسىدىن جالالىدىن بەھرامغا ئوخشاش داڭلىق قەلەم ئىگىلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ، كەڭ قەلەمكەشلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە ئاكتىپلىقىغا قىزغىن ئىلھام بەردى.مېنىڭچە، تور ئەدەبىياتىغا يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن  مۇشۇنداق ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنى ئىزچىل ھالدا ئەمەلىي قوللاش توختاۋسىز داۋاملىشىدىغانلا بولسا، شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى چوقۇم  نۇرانە قۇياشتەك پارلاق بولىدۇ !



【سەبىخە】 «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش» ھەققىدىكى كۆز قارشىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟

【دەۋران】 بۇ سوئالىڭىزنىڭ خېلىلا ۋەزنى بار سوئال ئىكەن. گەرچە بىر پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى ئومۇمىيىتىگە بېرىپ چېتىلىدىغان بۇنداق چوڭ ، مۇھىم ، ئىنچىكە ۋە نازۇك سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە جاۋاب بېرىش بەلكىم مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەسلىكى، شۇڭا بۇنداق سوئالغا مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرى بولمىش ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق خادىملىرىمىزلا جاۋاب بەرگەن بولسا، ئاندىن مۇۋاپىق بولغان بولاتتى، دەپ قارايمەن. شۇنداقتىمۇ، سىز مەندىن بۇ ھەقتە سورىغانىكەنسىز  بۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز توختىلىپ باقاي :
ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش- ھەممىمىز تولىمۇ ئارزۇلايدىغان گۈزەل ئىستەكلىرىمىزنىڭ بىرى . ۋاھالەنكى، بىلىشىمچە، دۇنيادا 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بار. شۇنداقلا، ئەنە شۇ ئەللەر خەلقلىرى ئىچىدىدىمۇ ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلەرنى يازىدىغان، سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى باشقا ئەل خەلقلىرىگە تونۇتۇش ئۈچۈن مىننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان سانسىزلىغان مېھنەتكەش قەلەمكەشلەر بار. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەممە دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئۆز خەلقىگە يېتىپ ئاشقۇدەك سان ۋە سۈپەت جەھەتتە خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس. ئەمدىكى گەپ ، ھەر گۈلنىڭ پۇرىقىنىڭ ئۆزگىچە بولىدىغانلىقىدا .  شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، بىزلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ-ناھايىتى ئالىيجاناب غايە . بىزمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق! ئەمما  بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك شەرت-شارائىت زۆرۈر. بىزدە 80 يىللاردىن كېيىنلا بۇ جەھەتتە بەلگىلىك ئىمكانىيەتلەر يارىتىلدى.بۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرى تۆۋەندىكىچە: پايتەختتىكى چەت ئەل تىللىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېنگىلىز، فرانسۇز، نېمىس، ياپون تىلى قاتارلىق سەككىز تىلدا نەشىر قىلىنىدىغان «جۇڭگو ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى بولۇپ، بۇ ژۇرنال ھازىرغا قەدەرشىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر (كۆپرەكى ئۇيغۇر) يازغۇچى-شائىرلاردىن 20 نەچچە كىشىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى. 1980-يىللاردىن باشلاپ، تۈركىيە، رومىنىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكستان، قىرغىزستان، گېرمانىيە، قاتارلىق ئەللەرگە زىيارەتكە بارغان  بىر قىسىم يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى شۇ ئەللەردىكى ئالاقىدار مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. ياپونىيە داۋلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تاكائونىسخۇكى تەھرىرلىكىدە چىقىۋاتقان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى»مەجمۇئەسىنىڭ شىنجاڭغا بېغىشلانغان 2-سانىدا بىر قىسىم يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى  بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى، ئەلۋەتتە! دەرۋەقە، قەدىمدىن بۇيان، بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ  باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇلۇشى تەرجىمانلارسىز بولغان ئەمەس. تەرجىمانلار مەدەنىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىياتنىڭ مىللەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇلىشىدا كۆۋرۈكلۈك ياكى پۇشكىننىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا،«پوچتالىيونلۇق»رولىنى ئوينايدۇ .  مېنىڭچە، مەيلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشتا بولسۇن، ياكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە بولسۇن، چوقۇم ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىگە، ئۆز ئېلىگە يۈزلىنىشى زۆرۈر. يەنى ھەر بىر مىللەت ئۆز ئەدەبىيات-سەنئىتىنى ئۆز زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىزغا، كۈچلۈك مىللىي پۇراققا ئىگە قىلالىغاندىلا، ئاشۇ مىللىيلىقى، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقىلارغا تونۇلالايدۇ، جاھانغا يۈزلىنەلەيدۇ. ئۇيغۇر «12 مۇقامى»نىڭ دۇنيادىكى مەشھۇر بىرقانچە شەھەردە مىليونللىغان تاماشىبىنلارنىڭ سەمىمىي ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنى جاھان مىقياسىدا جەۋلان قىلدۇرغانلىقى-بۇنىڭ يارقىن دەلىلى. شۇڭا، مەن سىزنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش» ھەققىدىكى كۆز قارشىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟دېگەن سوئالىڭىزغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى: بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىمىز، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئەمەس، ئۆز خەلقىمىزگە يۈزلەندۈرۈش بولۇشى كېرەك! بۇ جەھەتتە ئوشۇقچە داۋراڭدىن كۆرە ئەمەلىي ئەمگەك لازىم!» دېگەندىن ئىبارەت! بۇمۇ دەل- مىللىتىمىزنىڭ ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئوغلانلىرى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن مەمتىمىن ھوشۇرلارنىڭمۇ ئورتاق يۈرەك سۆزلىرىدۇر! بۇنىڭدىن باشقا، يەنەمېنىڭچە، خەلقئارالارغا تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئەدەبىي ژۇرناللار ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىنىڭ رولىىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ !


【سەبىخە】 ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىنى باشمۇ باش سېلىشتۇرۇش قىيىن ئىش . شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر نەچچە ئەسەرنى تىزىپ ، ئۇنى غەرب ئەدەبىياتى بىلەن قىسقىلا سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز . بۇنداق بولغاندا بەلكىم ئورتاق بىر ئۆلچەمنى تاپالىشمىز ناتايىن ، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزگىچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەر ھەققىدە ئېغىز ئاچالىشىمىز مۇمكىن .

【دەۋران】 بولىدۇ. گەپ بۇ يەردىكى سېلىشتۇرۇش مەسىلىدە. سىزنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنىڭىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىغا مەزمۇن، بەدئىيلىك ۋە قازانغان شۆھرىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ۋەكىللىك قىلالايدىغان  ئەسەرلەر ئەلۋەتتە. مېنىڭچە، بىر قىسىم ئەسەرلىرىمىزنى  ھەر قايسى ئەللەر، جۈملىدىن، غەرب ئەللىرى ئەسەرلىرى بىلەن باشمۇ-باش  سېلىشتۇرۇپ بېقىش تامامەن مۇمكىن!  چۈنكى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا  مەيلى ئېپىك، شېئىرىي ياكى سەھنە ئەسەرلىرى بولسۇن، ھەممىسىدە خېلى زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلدى. يەنى 1949-يىلى شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگىچە بولغان تەخمىنەن يېرىم ئەسىردىن سەل كۆپرەك بولغان جەرياندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىلگىرىكى ئەدەبىياتلاردىن ئۆزگىچە پەرقلەرگە ئىگە ئالاھىدە بىر خىل ئەدەبىيات بولغان بولۇپ، بۇ دەۋر ئەدەبىياتى بېسىپ ئۆتكەن تەرەققىيات مۇساپىسى تولىمۇ ئەگرى-توقاي، سىياسىي-ئىجتىمائىي كۈرەش ھەرىكەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق، ئىزدىنىش روھىغا خېلىلا باي، ھەرقايسى ئەدەبىي ژانېر-شەكىللىرى خېلىلا مول، پىروزىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زور، يېڭى ئەدەبىي شەكىللەر ئارقا-ئارقىدىن  كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن، ئەدەبىي مۇھاكىمىلەر خېلىلا قىزىغان،  كۆپ خىل ئىجادىيەت ھادىسىلىرى نىسبەتەن مۇرەككەپ ھەم بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دەۋرنىڭ ئەدەبىياتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر پۈتۈن ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان روشەن ھەم ئۆزگىچەئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئەدەبىيات بولدى.
بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، زۇنۇن قادىرى بىلەن تىيىپجان ئېلىيۇفلارنىڭ بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنىڭ 50-يىللارنىڭ بېشىدىلا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا ئۇل سالغانلىقىنى، مۇشۇ ئەسرنىڭ 80-يىللىرىدا باشلانغان «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش»نىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تەمىن ئېتىپ، ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۆزىنى قايتا تونۇشقا تۈرتكە بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن بىر تۈركۈم پىشقەدەم ئەدىبلىرىمىز ۋە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بىر تۈركۈم ياش ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىستىتىك ئېڭى ئۆسۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە دادىللىق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، تېما دائىرىسىنى كېڭەيتتى، يېڭى بەختىيار دەۋران ئاتا قىلغان قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەدەبىيات تارىخمىزدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان گۈللىنىش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. يەنى تارىختىن بۇيان بىزنىڭ يازما ئەدەبىياتىمىزدا پەقەت 13-ئەسردە يېزىلغان نەسىردىن بۇرھانىدىن ئوغلى رەبخوزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» ( پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسە) ناملىق ئەسىرى بىلەن 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا شىئەندە چىقىدىغان «غەربىي شىمال ئەدەبىيات-سەنئىتى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىىغان يازغۇچى  مەمتىمىن توختايۇفنىڭ  «قانلىق يەر»رومانىلا دېگۈدەك بار بولغان بولسا، پەقەت 80-يىللاردىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 150دىن ئارتۇق رومان  نەشىر قىلىندى. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان زور تارىخىي بۇرۇلۇشىدۇ.
  ئەمدى سۆھبەت تېمىمىزنىڭ دەل ئۆزىگە كېلىپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر نەچچە ئەسەرنى تىزىپ، ئۇنى غەرب ئەدەبىياتى بىلەن قىسقىچىلا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۆزگىچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز  توغرىسىدىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭچە، بۇمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولىدۇ. لېكىن مېنىڭچە، بۇ بەكلا چوڭ تېما بولۇپ كەتتى. چۈنكى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۆزگىچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر نەچچە ئەسەرنى تىزىپ، ئۇنى غەرب ئەدەبىياتى بىلەن قىسقىچىلا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۆزگىچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقالىشىمىز ناتايىن. سەۋەبى تولىمۇ ئاددىي. يەنى بىز سېلىشتۇرماقچى بولغان  ئىككى خىل، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەل ۋە رايونلارنىڭ، شۇ ئەل ۋە رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئىتنوگىراپىيىسى، نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت ۋە كىشىلىك دۇنيا قاراشلىرىدا ئالەمشۇمۇل دېگۈدەك پەرقلەر بار. شۇڭا، مېنىڭچە غەرب ئەللىرى ئەدەبىياتى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن ئوخشاش سىياسىي، ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قوشنا ئەللەر ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىقمۇ تامچە سۇ ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇ جەھەتتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچى زۇنۇن قادىرى ۋە تىيىپجان ئېلىيۇفلارنىڭ بىر نەچچە ئەسەرلىرى بىلەن ن.ۋ. گوگۇل ۋە ماياكوۋىسكىينىڭ، مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن ئا.پ. چىخوپنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى پەرقلەرنى پەرەز قىلىپ باقساقلا  كۇپايە بولۇشى مۇمكىن. يەنى زۇنۇن قادىرى  ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ھېكايىچىلىقىنىڭ، درامىچىلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە ئەشۇ يىللاردىكىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ھېكايىچىلىقى ۋە درامىچىلىقى ئۈچۈن ئۇستاز ھېسابلىنىدىغان شۆھرەتكە ئىگە بولالايدىغانلىقى بىلەن ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر  ئەدەبىيات تارىخدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى. ئۇ 40-يىللاردا يازغان ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسىرى«غۇنچەم» دراممىسى ئارقىلىق(گەرچە بىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئەسەر ھەققىدە توختىلىدىغان بولساقمۇ، بۇ ئەسەر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان) ئۆمەر شاڭيۇ، غۇنچەم ۋەنۇرۇملار ئوتتۇرىسىدىكى رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغان  ئۆتكۈر سىنىپىي زىددىيەتنى تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن جانلىق سۈرەتلەپ، خەلقنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئۆز بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى قىزغىن مەدھىلىگەن بولسا، 1836-يىلى رۇسىيىلىك داڭلىق يازغۇچى ن.ۋ. گوگۇل «رۇس ھاياتىنى ئەينەكتىكىدەك كۆرسىتىدىغان» دۇنياغا مەشھۇر بولغان ھەجۋىي كومېدىيىسى«رېۋىزور»نى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمران سىنىپلارغا بولغان ئاچچىق كىنايىسىنى تولىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى روسىيە جەمئىيىتىدىكى چوڭ ئەمەلدارلار ۋە ئېسىلزادىلەرنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشرىسىنى تەل-تۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ پۈتكۈل روسىيىنى زىلزىلىگە سالىدۇ. تىيىپجان ئېلىيۇف بىلەن ماياكوۋىسكىيلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى «ۋالاقتەگكۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى» ۋە «مەجلىسۋازلار» قاتارلىق  ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئارقىلىق قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك ۋە شەكىلۋازلىقلارنى قاتتىق مەسخىرە ۋە كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ، كىشىلەرنى ئەمەلىي ئىش قىلشقا ئۈندەيدىگەن بولسا،مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن ئا.پ. چىخوپلارمۇ «ئالتۇن چىشلىق ئىت»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ساراڭ»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا» ھەم«غىلاپ بەندىسى»،« چىنوۋنىكنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق مەشھۇر ساتېرىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ناچار قىلمىشلارنى كەسكىن تەنقىتلەپ ۋە قاتتىق پاش قىلىپ، كىشىلەرنى ئىنسانغا خاس ۋىجدان-غۇرۇر بىلەن ياشاشقا چاقىرغان. 90-يىللاردىن كېيىن بىزدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر«ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، زوردۇن سابىر«ئانا يۇرت» رومانلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان يىرىك ئەسەرلىرى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بەرگەن بولسا، 14-17- ئەسرلەردە ئىتالىيىدە ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى ئويغىنىش دەۋرىدە گۇمانىزم ئەدەبىياتىنىڭ پىشۋالىرى بولغان فرانسېسكو پېتراك (1307-1373) بىلەن گىئوۋاننى بوكاچچۇ (1313-1375) لار «ناخشىلار»، «ئون كۈلۈك سۆھبەت» قاتارلىق ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئىتى تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋىي شۆھرەت ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلىرى ئارقىلىق 16-17-ئەسىرلەردىكى غەربىي ياۋروپانىڭ رېئالىزم ئەدەبىياتىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر ككرسەتتى ھەم يېقىنقى زامان ياۋروپا ھېكايە-رومانلىرىغا يول ئېچىپ بەردى، ۋاھاكازالار...
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر قىسىم ئەسەر بىلەن غەرب  ۋە ياكى باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىنى قىسقىچىلا سېلىشتۇرۇشلاردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۇ يەردىكى پەرق-ئاساسلىقى غەرب  ۋە ياكى باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش تارىخى بىزدىكىدىن خېلىلا بۇرۇن بولغان، دېگەن يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.



【سەبىخە】 بەزى كىشىلەر «بىزنىڭ رومانچىلىقىمىز ئۇسلۇب جەھەتتىن غەربنىڭ رومانچىلىقىنى ئۈلگە ئالغان » دىيىشمەكتە .  مەسىلەن : «ئانا يۇرت» رومانى نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن خەلقىمىز ئارىسىدا داغدۇغا پەيدا قىلدى . بەزى ئوبزورچىلار بۇ روماننى «تېنىچ دون» رومانى ئوخشاتتى . لېكىن «قۇم باسقان شەھەر» تامامەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى ئەسەر ، چۈنكى بۇ ئەسەر ھەر قانداق ئېقىمنى ئەمەس ، بەلكى دەل ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئۆرنەك قىلغان ، دەپ قاراۋاتىدۇ . سىز بۇ قاراشقا قانداق باھا بىرىسىز ؟


【دەۋران】 مېنىڭچە، نۇقۇل ھالدىلا بۇنداق دەپ قاراش ئانچە ئىلمىيلىك ئەمەس . چۈنكى گەرچە  تىلنىڭ سىنىپىيلىكى بولمىسىمۇ ، ئەمما  تىلنى بىردىن بىر ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىپ ، ئىجتىمائىي رېئاللىقنى پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئەتكەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىنىلىرىدا چوقۇم  بىر بىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان ئىش-ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ . تەسۋىرلىنىدىغان تۇرمۇش مەنزىرىلى مەيلى قانداق بولسۇن ، ئەمما ماھىيەتتە ئۇ يەنە يازغۇچى-سەنئەتكارلارنىڭ مەلۇم دۇنيا قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزى تاللىۋالغان ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئوخشاشمىغان ژانېرلاردا ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ ، مەلۇم بىر خىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسىرى بولۇپ كىتابخانلار دىققىتىگە سۇنىلىدۇ . رومانمۇ دەل شۇنداق . ئەمدى بىز بەزى كىشىلەر:«بىزنىڭ رومانچىلىقىمىز ئۇسلۇب جەھەتتىن غەربنىڭ رومانچىلىقىدىن ئۈلگە ئالغان »،مەسىلەن، «ئانا يۇرت» رومانى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقىمىز ئارىسىدا داغدۇغا پەيدا قىلدى . بەزى ئوبزورچىلار بۇ روماننى«تېنىچ دون»رومانىغا ئوخشاتتى، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئۇسلۇب دېگەن مەلۇم بىر سەنئەتكارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى تاللاپ، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىجادىيەت  يولىدا مېڭىپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەسەرلەرنى  مەزمۇن ، شەكىل، بەدئىيلىك ۋە قۇرۇلما قاتارلىق جەھەتلەردىن روشەن پەرقلىنىدىغان ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلىشىغا قارىتىلغان ئۆزگىچە ماھارەت مەسىلىسى . دەرۋەقە، بەزى سەنئەتكارلىرىمىز ئۆز ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىدىكى بىر قىسىم ئۆزگىچىلىكلىرىنى بىلىپ-بىلمەي ئىستىخىيىلىك ھالدا قوبۇل قىلىپ قېلىشى، بەلكى چەت ئەللەرنىڭكىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ، ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتكەن ، يارىغان ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبلارنى ئىجادىي قوبۇل قىلىپ، شۇ ئەندىزە بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ، بەلكىم مۇشۇ جەرياندا ئۆزى تەسىرگە ئۇچرىغان ئەنە شۇ ئۇسلۇب-ئېقىملارنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەپ قويۇشلىرىمۇ تامامەن مۇمكىن. ئەمما ئۇنى نوقۇللا  غەربنىڭ  ئۇسلۇبىدىن ئۈلگە ئالدى، دەپ قاراش مېنىڭچە، بەكلا بىچارىلىق ۋە كۈلكىلىك بىر ئەھمىيەتسىز گەپ. يەنە كېلىپ، زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىن خەۋىرى بارلارغا تولىمۇ روشەنكى، يازغۇچى زوردۇن سابىر لىۋ تولىستوي ، بالزاك ، شولوخوف ، چىخوف ، تۇرگېنىف قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبلىرىنى، بەدىئىي ماھارەتلىرىنى ناھايىتى بېرىلىپ ئۆگەنگەن . شۇنداق بولغاچقا ، ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىزچىل ھالدا تېمىسىدىن تارتىپ مەزمۇنىغىچە ، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن تارتىپ ئىستېتىك خاھىشىغىچە بولغان ھەممە تەرەپلەردە كۈچلۈك تەسىر قوزغىيالىغان . جۈملىدىن ، يازغۇچىمىزنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «ئانا يۇرت» ناملىق بۇ كاتتا رومانى 2000-يىلى قىشتا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ، خەلقىمىز ئارىسىدا خېلىلا كۈچلۈك زىلزىلە، زور داغدۇغا ۋە غۇلغۇلىلار، بەلكى جامائەت پىكىرلىرى پەيدا قىلىپ، « <ئانا يۇرت> قىزغىنلىقى» قوزغىۋەتتى. 2002-يىلى 12-ئايدا ئاقسۇ ئاۋاتلىق ئىلغار خارخانىچى مامۇتجان داۋۇتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان « يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزار مۇكاپاتى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر  مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2003-يىلى «ئانا مەكەن» نامى بىلەن قازاق تىلىدا نەشىر قىلىندى.شۇنداقتىمۇ سىز دېگەندەك بەزى ئوبزورچىلار بۇ روماننى«تېنىچ دون»رومانىغا ئوخشاتقانمۇ بولدى. يەنى ئەنە شۇنداق ئوبزورلارنىڭ بىرىدە: « قولۇمدا <تىنچ دون> دەك ئۇلۇغ ئەسەر <ئانا يۇرت> تۇرۇپتۇ. تەسەۋۋۇرۇمدا دون دەرياسى بىلەن ئىلى دەرياسى تەڭ شاۋقۇنلۇپ ئاقماقتا. مۇختەر باي بىلەن ئاكسىنىيە خۇپىيانە كۆز قىسىشماقتا. نۇرى بىلەن گىرگورىي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىن ھەققانىيەت ئىزدىمەكتە. مىخائىل شولوخۇف بىلەن زوردۇن سابىر مەردانىلەرچە قول ئېلىشماقتا...» دېگەندەك ھەم مەدھىيىمۇ ھەم بەلكىم ئۆتكۈر كىنايىمۇ ئارىلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ بىر تەسۋىرلەنگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىم مۇنداق:مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا پروزىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى چوڭ . ئۇ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى ۋە ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن يېڭى دەۋرىمىزدىكى پروزىچىلىقىمىزغا يىقىلماس بايراق تىكلەپ بەردى. ئۇ پروزىچىلىقىمىزنىڭ ھەممە شەكىللرىدە قايناق ھېسسىيات  قاتلىمىغا ۋە تىل ماھارەتلىرىگە  ئىگە  قىلىنغان ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىچە پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقان «دولان ياشلىرى»، «سۈبىھى»، «ئىزدىنىش» ۋە «ئانا يۇرت»  قاتارلىق بىر دەۋر كىشىلىرىگە تولىمۇ ياققان ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئەسەرلىرى بىلەن، پروزىچىلىقىمىزنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپ، خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىكى يازغۇچىغا ئايلانغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى مەملىكىتىمىزگە، دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان، پروزىچىلىقىمىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئاساسلىق بىر ئەدەبىي شەكىلگە ئايلىنىشىدا قوشقان تۆھپىسىنى ئەسلا تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەل سۆيگەن يازغۇچى.
يازغۇچى بۇ روماندا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى دەۋر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ پارتلىشىدىن تارتىپ ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەرياننى ھەم تارىخىي يوسۇندا، ھەم بەدئىي يوسۇندا تەسۋىرلىگەن . يازغۇچى بۇ روماندا تارىخىي رېئاللىقنىمۇ ، تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىمۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېر -ئالاھىدىلىكىنىمۇ، ئۇيغۇر يېزىلىرىغا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلەرنىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ تەسۋىرلەپ، ئەسەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېپوسقا-ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئەسردىكى مۇرەككەپ تارىخنىڭ بەدئىي خاتىرىسىگە ئايلاندۇرغان. شۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ماۋزېدوڭنىڭ: «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پۈتۈن جۇڭگو خەلقى دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى» دېگەن يۈكسەك باھاسىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن روشەن دەلىلەپ بەردى. بۇ روماننى ئوقۇغان تورداش ھەم ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ناھايىتى ئېنىقكى، يازغۇچى بۇ روماندا ئەسەر تىلىغا ئالاھىدە ئىشلىگەن بولغاچقا، بۇ روماندىكى پېرسوناژلار ئوبرازى ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىنىپ، ئۇيغۇر پروزا تىلىنىڭ بەدئىي پاساھىتى تولۇق نامايەن بولغان. مەنمۇ بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ قىزغىن بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنى ئېىنىق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمەنكى،«ئانا يۇرت» رومانىنىڭ قايتا-قايتا نەشر قىلىنىپمۇ يەنە كىتابخانىلار پوكەيلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئەزىز ئوقۇرمەنلەر ئۆيلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىنلا ئەمەس، بارلىق ئوقۇرمەنلەر قەلب تۆرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغانلىقى، بۇ روماننىڭ قانداقتۇ، «تىنچ دون»دىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنىڭ «خاسىيىتى» بولماستىن، يازغۇچىنىڭ ئالاھىدە ئىستىداتىنىڭ مەھسۇلى خالاس!  يەنە كېلىپ يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتىدىن مەلۇمكى، مەلۇم بىر ئوخشاش ۋەقەلىكنى تەسۋىرلەپ، ئوخشاش بىر تېمىدا يېزىلغان ھەر قانداق بىر ئەدەبىي ئەسەر ( يۇقىرىقىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە گەرچە مىللەت، رايون كىشىلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ دەۋردىكى  ئېزىلگۈچى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەزگۈچى ھۆكۈمران مۇستەبىت كۈچلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، باراۋەرلىككە ئېرىشىشكە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنىشى ئەكىس ئەتكەن)  يا ئۇنداق، يا مۇنداق جەھەتتە چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە ئوخشىشىپ قىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىكى يوق! چۈنكى ئەڭ ئاددىيسى، ئوخشاش خۇرۇچتا  بىرقانچە ئۇستام تەرىپىدىن ئېتىلگەن  ئوخشاش بىر خىل تاماقتىمۇ بەلگىلىك ئورتاقلىقلار بولۇپ قالىدۇ-دە!
ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە قارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى يازغۇچىنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان رومان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«قۇم باسقان شەھەر» رومانىدا يىراق قەدىمكى زامانلاردىكى ۋەقەلىكلەر ئۆزگىچە رىۋايەت شەكلى ئارقىلىق ھېكايە قىلىنغان. يازغۇچى بۇ روماندا ھاياتلىقنى تەسۋىرلەپ، تاىى ۋە رېئاللىق ھەققىدىكى چوڭقۇر مۇھاكىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. روماننىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ،ئۇ سۈپۈرگە ھەققىدىكى، ئۈچ ئاك- ئۇكا ھەققىدىكى ۋە چۆل ئوغلى ھەققىدىكى  ھەم نىسپىي مۇستەقىل بولغان ھەم ئۆزئارا باغلىنىدىغان ئۈچ ھېكايىدىن تەشكىل تاپقان. روماننىڭ بۇنداق ئۆزگىچە قۇرۇلما شەكلى ئۇيغۇر رومانچىلىقى ئۈچۈن بىر خىل يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. روماننىڭ سۇژېتى زىددىيەت-توقۇنۇشلارغا، پېرسوناژلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى تاسادىپىيلىققا باي، كۆرىنىش ۋە تەپسىلاتلار قىزىقارلىق-سىرلىق، سېھېرلىك بولۇپ، كىشىگە بىر خىل ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ، كىشىنى ئىختىيارسىز يىراق قەدىمكى دەۋرلەرگە باشلاپ، تەبىئەت گۈزەللىكىدىن، شۇنداقلا ھايات گۈزەللىكىدىن سۈيۈندۈرىدۇ. روماندا كۆپلىگەن سېھرىي تەركىبلەر بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر ئەسلىدىنلا ئەدەبىياتىمىزنىڭ، تەسەۋۋۇر ئادىتىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن  بولغاچقا، كىتابخانلارغا غەلىتە تۇيۇلمايدۇ، ئەكسىچە روماننىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. سۇژېت ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن بۇ رومان ئۇيغۇر  رومانچىلىقىنى تۇنجى قېتىم ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خەلقىمىزنىڭ نەسرىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتى ئەنئەنىسىگە باغلىغان. يازغۇچى ئەسەردە يېڭىچە ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ، رېئال بىلەن خىيالنى، چىنلىق بىلەن تەسەۋۋۇرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تولىمۇ رەڭدار بولغان ئۆزگىچە بىر بەدئىي دۇنيا ياراتقان. شۇنداق بولغاچقا، مەنمۇ «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنى نۆۋەتتە ھەر قايسى ئەللەر پىروزىچىلىقىدىكى  قايسىدۇر بىر ئېقىم ئۇسلۇبى بويىچە ئەمەس، بەلكى بەلكى دەل ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ۋە شۇ يولدا مېڭىپ، تامامەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا  يېزىلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى رومانلارنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولالايدۇ، دەپ قارايمەن .



【سەبىخە】 ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ۋە ئەدىپلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ ، دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى تىزىپ باقسىڭىز ؟

【دەۋران】 ئەلۋەتتە مۇۋاپىق كۆرىمەن . مەلۇمكى، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى بۇ مەزمۇنلار تولىمۇ كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىرەر پارچە ئەسەرنىڭ مەلۇم بىر مىللەت ئەدەبىياتىدا ۋەكىللىك ئورۇندا تۇرالايدىغان- تۇرالمايدىغانلىقىنى بېكىتىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس . بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك جەريان كېتىدۇ . چۈنكى شۇ ئەسەر كىتابخانلار دىققىتىگە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى، ئەمەلىي قىممىتى تەبىئىي ھالدىلا نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق ئەسەرلەرمۇ ئەنە شۇ ئۇچقۇر دەۋراننىڭ تۈرلۈك توساقلىرى ۋە جۇدۇن-چاپقۇنلىرىنىڭ سىناقلىرىدىن تولۇق ئۆتۈپ ، ئۆلمەس ئەسەرگە ئايلىنالايدۇ . دەل مۇشۇنداق ئەسەرلەرلا، مېنىڭچە مەلۇم مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەر بولۇشقا مۇناسىپ بولىدۇ . بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭچە تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنى سىز سورىغان سوئاللارغا قىسمەن بولسىمۇ ماس كېلىدىغان پايدىلىنىش جاۋابلىرى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

شېئىرىي ئەسەرلەردىن :
1.نىمشېھىت: «بىلىم ئىشقىدا»
2.تىيىپجان ئېلىيۇپ:«تۈگىمەس ناخشا»
3.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:«ئىز»
4.بوغدا ئابدۇللا: «ئانا»
5.مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەل ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقان شېئىرلىرى
6. روزى سايىتنىڭ ئەل ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقان شېئىرلىرى

نەسىرىي ئەسەرلەردىن :
1. زۇنۇن قادىرى: «ماغدۇر كەتكەندە»، «چېنىقىش»، «غۇنچەم»
2.زوردۇن سابىر: «ئىزدىنىش»، « ئانا يۇرت».
3.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:« ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»
4.سەيپىدىن ئەزىزى: « سۇتۇق بوغراخان»، « ئۆمۈر داستانلىرى»
5. ئەخەت تۇردى: «سەرسان روھ»، «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»
6.مەمتىمىن ھوشۇر:«ساراڭ» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ساتىرىك ھېكايىلىرى بىلەن «قۇم باسقان شەھەر» رومانى.
7.مۇھەممەت باغراش: « ئاق ئېچىلغان سۈگت گۈلى»، «ئاقساق بۇغا» ناملىق پوۋست ۋە «سەبداش» ناملىق ھېكايىسى
8پەرھات جىلان:«مەھمۇد كاشىغەرىي»
9.خالىدە ئىسرائىل:«قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋستى بىلەن«ھاڭگىرت كۆلى» ناملىق ھېكايىسى
10.ئەختەم ئۆمەر: بارلىق ھېكايە پوۋست ۋە رومانلىرى
11.توختى ئايۇپ: بۆرە ئانا» رومانى
12. ئەخمەت ئىمىننىڭ«تۇپراق ساداسى»قاتارلىق بىر بۈلۈك نەسىرلىرى


【سەبىخە】 «مىللىيلىك ئەسەرنىڭ جىنى» دېگەنگە قوشۇلامسىز ؟ ئەگەر قوشۇلسىڭىز ، كىشىلەر بۇ يەردە دەۋاتقان «مىللىيلىك» كونكېرت ئەسەردىكى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟

【دەۋران】 شۇنداق . مىللىيلىك ئەسەرنىڭ جېنى . مەن بۇ قاراشقا تولۇق قوشۇلىمەن . مەلۇماتلاردىن مەلۇمكى ، ھازىر دۇنيادا 2000 دىن ئارتۇق مىللەت، 6000 خىلغا يېقىن مىللىي تىل ۋە  يەرلىك تىل بار . مەيلى دۇنيانىڭ قەدىمكى ، ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان مەدەنىيىتى تارىخى بولسۇن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ياراتقان  مىللىي مەدەنەيىتىنىڭ بىباھا  خەزىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىر مىللەت چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي تىلى، مىللىي پىسخىكىسى،  مىللىي ئۆرپ-ئادەت،  مىللىي مەدەنىيەت ۋە پارلاق مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولىدۇ. مۇشۇ مىللىي خاسلىقلار  بىر مىللەتنى باشقا مىللەتلەردىن روشەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . روشەن ۋە  گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان مىللىي خاسلىق- مىللەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى مىللىيلىكى ياكى مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت . مۇشۇ مىللىي خاسلىق ئۇنىڭ مەدەنىيىتى ، جۈملىدىن ئەدەبىياتىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . مىللىي ئەدەبىيات- مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى . ئۇنىڭدا مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرى ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ . شۇڭا ئەدەبىيات ئالدى بىلەن مول مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان ئالاھىدە ئاڭ شەكلى ۋە ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى . كىشىلەر تىلغا ئېلىۋاتقان مىللىيلىك مېنىڭچە، ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ .
1.ئەدەبىياتنىڭ ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى خاراكتېرىدىن  ئېيتقاندا، ئەدەبىيات ئىنساننى تەسۋىرلەپ، ئۇنى ئوبراز ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ . بۇ  ماھىيەتتە ئەدەبىيات ئىنساننى تەتقىق قىلىدۇ دېگەنلىك. ئەدەبىيات ئىنساننى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ياراتقاندا، ئۇ مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ  تۇرمۇشىنى،پىسخكىسىنى ۋە مەدەنىيەت ئىڭىنى ئىپادىلىمەي قالمايدۇ ئەلۋەتتە .
2.ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىك خارەكتىرىدىن قارىغاندا ئەدەبىيات تىل سەنئىتى تىل ئۇنىڭ  ئەڭ مۇھىم ئامىلى ھەر قانداق بىر ئەل ئەدەبىياتى مىللىي ئانا تىلنى ۋاستە قىلىپ مىللىي ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مىللىي پىسخىكىنى تەسۋىرلەيدۇ مىللىي تىل ئەدەبىياتقا مول مىللىي شەكىل ئۆزگىچىلىكى بىغىشلايدۇ.
3.ھەر قانداق بىر مىللەت بەلگىلىك تارىخىي ، ئىجتىمائىي شارائىتى بىلەن جۇغراپىيلىك رايون مۇھىتىدا ياشايدۇ. بۇلار ئەدەبىياتقا مول مىللىي ئالاھىدىلىك بېغىشلايدۇ . شۇڭا ، ئەدەبىياتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى- ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت قانۇنىيەت . بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ مول مىللىي ئالاھىدىلىكى- شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلى . بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مىللەت ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئۆزىدە ھازىرلىغان خاسلىقى ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكى بولۇپ ، ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىي جەريانلىرىغىچە پىشىپ-يېتىلىپ تۇرغاچقا ، ئۇ ئاسانلىقچە يۇقالمايدۇ ۋە ئاسانلىقچە ئاجىزلاشمايدۇ ، بەلكى تەرەققىي قىلىدۇ، كېڭىيىدۇ ۋە كۈچىيىپ تۇرىدۇ.
كىشىلەر بىر پارچە مىللىي ئەسەرنى ئۇقۇش ئارقىلىق شۇ مىللەت تۇرمۇشىدىكى، خاراكتېرىدىكى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىدىكى  گۈزەللكتىن  زوقلىنىدۇ ،  شۇنداقلا  شۇ مىللەت ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىكلەردىن نەپرەتلىنىدۇ .  مەسلەن: ئەدەبىيات تارىخىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى،  ئەھمەت يۈكنەكى، نەۋائىي، سەككاكى، نىزارىلار ئۆز ئانا تىلىدا  ئاجايىپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، ئاسىيا ئەدەبىياتىدا، بەلكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىدا پەخىرلىك ئورونغا ئىگە بولغان بولسا، دانتى، شېكىسپىر، بايرون، لۇشۈن، پوشكىن، ل. تولۇستويلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى مىللىي تىل بىلەن ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تۇرمۇش كارتىنلىرى ئىنتايىن يارقىن ئىپادىلەنگەن .  بۇنىڭدىن باشقا، زامانىمىزدىكى مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى مەرھۇم چىڭغىز ئايتىماتوپ ئۆزىنىڭ «ئاق پاراخۇت»، «قىيامەت»، «ئەسردىن ھالقىغان بىر كۈن» قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق مىللىي ۋە دۇنياۋى يازغۇچىغا ئايلىنالىشىدا ئۇنىڭ قىرغىز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلىرنى يورۇتۇپ بېرەلىگەنلىكىدىن ئەسلا ئايرىلامايدۇ . شۇڭا ، مىللىي تېما ئەدەبىياتنى تېخىىمۇ خاسلىققا، موللۇققا ئىگە قىلىدىغان ئاساسىي مەزمۇن ئامىللىرىدىن ئىبارەت. مانا مۇشۇلار ئەدەبىياتتىكى مىللىيلىك بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى . مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەسەرنىڭ جېنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(qumqazi)
  • ياخشى باھا:+10(deldax) بەك ياخشى يې ..
  • شۆھرەت:+10(dil-rus)
  • تۆھپە:+15(tughrul)
  • بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-31 22:33 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    sabiha
    bbs.xabnam.com
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 12131
    نادىر تېما : 13
    يازما سانى : 1062
    شۆھرەت: 1372 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10929 سوم
    تۆھپە: 968 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 653 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 763(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    【سەبىخە】يىزىقچىلىقتىكى باش تېما ئىدىيىڭىز ۋە ئىجادىي نەتىجىلىرىڭىز ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز ؟

    【دەۋران】 مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغان بولۇپ ، «باھار ھەققىدە قوشاق» ناملىق تۇنجى شېئىرىم 1987-يىل 18-ئاپرىل «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 1000 پاچىغا يېقىن شېئىر ، ھېكايە، ئوبزور، ئاخبارات-خەۋەر، ئىلمىي-نەزەرىيىۋىي ۋە ئوقۇتۇش- تەتقىقات ماقالىلىرىرىم ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى ھەم بىر قىسىملىرى مۇكاپاتلاندى . ئىش-ئىزلىرىم ۋە قىسمەن نەتىجىلىم<<جۇڭگو مىللەتلىرى>> ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلدى.«تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتىپىم نەشىر قىلىندى.بىرقىسىم ئەسەرلىرىم مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان«قەلبدىن قەلبكە يول»، «شانلىق 50 يىل» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى. «قارچۇقتىكى داغ» ناملىق لىرىك  شېئىرلارتوپلىمىمنى نەشىرگە تاپشۇردۇم. «بەشىنچى ئوكيان» ناملىق 2-شېئىرلار توپلىمىم بىلەن «مىللىي مائارىپ ۋە مەۋجۇدىيىتىمىز»ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمەن. مەن گەرچە ئەدەبىي ئىجادىيىتىمنى خېلىلا بۇرۇن باشلىغان بولساممۇ، ئەمماتولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەسلەپكى يازغان يازمىلىرىم ئاساسەن دېگۈدەك مەشىق شېئىرلىرى ياكى ئادەتتىكى قوشاقلار ئىدى ، خالاس ! كېيىنچە، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا قارىشىم ۋە تەپەككۇرۇمدا بەلگىلىك ئىلگىرىلەش ۋە نىسپىي مۇقىم ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئۆزۈم ئەڭ ئارزۇلىغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنىپ، قابىل يېتەكچىلەرنىڭ تەربىيىسىدە بىر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتەكلىنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەم، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگەنگەنلىرىم ئاساسىدا ئۇنۋېرسال ساپايىمنى تېرىشىپ ئۆستۈردۈم.  ئوقۇشۇم پۈتۈپ مائارىپ سېپىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن يەنە يۇقىرىقىلار ئاساسىدا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتە  ئەمەلىي تەجرىبە-ساۋاق ۋە ئاز-تولا نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم.
    ئويلىسام، مېنىڭ يازغانلىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى لىرىك شېئىرلار بوپتۇ. شېئىرلىرىمدا ئاساسەن كۈچلۈك لىرىك ھېسسىيات، مول ئىجادىي تەسەۋۋۇر، كۆپ خىل بەدئىي شەكىللەر ئارقىلىق چىن ئىنسانىي سۆيگۈ-مۇھەببەت، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت، ئېسىل ئادىمىيلىك خىسلەت، چىن  ۋاپادارلىق، پاك نىيەت ۋە ساداقەتمەنلىككە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى مەيخورلۇق، ساختىپەزلىك،ۋاپاسىزلىق، ھەسەتخورلۇققا ئوخشاش تۈرلۈك ناچار قىلمىشلارنى غەزەپ بىلەن قامچىلاپ ھاياتقا، گۈزەل  تەبىئەتكە، گۈزەل تەبىئەتنىڭ ھۆسنى-لاتاپىتى بولغان قىز-ئاياللىرىمىز ۋە جاپاكەش مېھرىبان ئانىلىرىمىزغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت ۋە قەلب تەشەككۈرۈمنى ئىپادىلەپتىمەن.  ئوقۇتۇش تەتقىقاتى جەھەتتە ئاساسلىقى مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان شەكىۋازلىق، تەلىم-تەربىيە جەريانىدىكى بوشاڭلىق، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى يوقۇتۇپ، ئەۋلادلىرىمىزنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشقا  يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمەسلىكتەك  قىلمىشلىرىمىزنى  تەنقىدلىنىپ، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى كۆپلەپ تەشەببۇس قىلىپتىمەن. مېنىڭچە، ئەگەر دېيىشكە توغرا كەلسە، مانا مۇشۇلارنى يىزىقچىلىقتىكى باش تېما ئىدىيەم دەپ قاراش  مۇمكىن.



    【سەبىخە】شەبنەم تور مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ تىزىملىتىپ كىرىپ يىرىم يىلغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئاددىي بىر ئەزادىن مانا ئەمدى  خېلىلا تونۇلغان بىر قەلەم پىشىۋاسىغا  ئايلاندىڭىز ھەم  باشقۇرغۇچى قىلىپ ئۆستۈرۈلۈپ، مۇنبىرىمىزدىكى قابىل بىر باشقۇرغۇچى بولۇپ قالدىڭىز . مانا مۇشۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىڭىزنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق قانداق ؟ سىزچە شەبنەم تورىغا يەنە قانداق سەھىپىلەرنى قوشۇش ۋە قانداق سەھىپىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك ؟ يەنە قانداق قىلغاندا شەبنەم تورى تېخىمۇ تاكامۇللىشدۇ ؟

    【دەۋران】 بولىدۇ . دةرۋةقة، مېنىڭ شةبنةم مۇنبىرىگة ئةزا بولۇپ كىرگىنىمگة يېرىم يىللا بولاي دېدى. ئةزا بولۇپ كىرىپ بىر نةچچة تېما يوللاپلا ئۆزۈم باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر نةچچة مۇنبةر بىلةنلا بولۇپ كېتىپ، ئىككى ئايغىچة شةبنةمگة كىرىپمۇ باقماي، كىرمىگةن باشقا تور بېكةتلىرىم، زىيارةت قىلمىغان مۇنبةرلىرىم قالماپتۇ، ھةتتا ئۆز ئالدىمغا تور بېتى ئېچىپمۇ بېقىپتىمةن. «سېلىشتۇرمىغۇچة پةرقنى تاپقىلى بولمايدۇ»، «تةكشۈرمىگةننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگةندةك شۇنچة كۆپ مۇنبةرلةرنى ھةر قايسى جةھةتتىن شۇنچة كۆپ سېلىشتۇرۇپ كۆرسةم، يةنىل شةبنةمنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان مۇنبةرنى ئۇچرىتالمىدىم. شۇنىڭ بىلةن خۇددى «ئات ئايلىنىپ ئۆز ئوقۇرىنى تاپىپتۇ»دېگةندةك ئېھتىمال تةبىئةتنىڭ كېلىماتىنىڭمۇ سوۋۇپ، شةبنةمگة بولغان قةلبىمدىكى سۆيگۈ ئوتۇمنىڭ ھارارىتىنىڭ ھةسسىلةپ ئېشىپ كةتكةنلىكدىنمۇ بولسا كېرةك ، شۇنىڭ بىلةن يةنة مېھرى ئىللىق بۇ ئائىلةمگة قايتىپ كېلىپ، بىر بۆلۈك ئةسةرلىرىمنى  يوللۇدۇم . ئةجرىمگة يارىشا شةبنةم ئةپةندى تةرىپىدىن  باشقۇرغۇچىلىق شةرىپىگة مۇيەسسەر بولدۇم . مةن مةيلى قايسى بىر مۇنبةرگة ئادةتتىكى ئةزا بولۇپ كىرةي، ياكى شةبنةم قاتارلىق بىر قانچة مۇنبةرلةردة باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلةۋاتقان بولاي، مةن ئنتېرنېت دۇنياسىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، كۆپ ساندىكى ئننتېرنېتلار –بىز ھةممىمىز كۈندة ماددىي ۋة مةنىۋىي جةھةتتىن تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىۋاتقان ھةممىسى تةل ئېچىل داستىخان. كۆڭۈلدىكىدةك دوست-بۇرادةرلةر ئازادة كۆڭۈل شادلىقى بىلةن بىرلىكتة خوشال-خورام سةيىر قىلىدىغان باغۇ-بوستانلىق چىمةنىستان! قةلبداشلار ئارامگاھى! ھةر كىم ئۆز ئارزۇسىدىكىدةك  ئةركىن پةرۋاز قىلالايدىغان بىلىم-ھېكمةتلةر ساماسى! كاراپتةك ئۈزۈش ئىمكانىيةتلىرى تولۇقى بىلةن ھازىرلانغان، مةرىپةت ھېكمةتلىرى مۇجةسسةملةنگةن ئةقىل- پاراسةت دېڭىزى! ئۇ سىزنى گۈزةل ئىقبال مةنزىلىگة باشلاپ ماڭغۇچى دادىل يول باشچى! بةلكى ئۇ يةنة تور مةستانىلىرى ئۈچۈن ھالاكةت مةنزىلى! گةپ- سىزنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشىڭىزدا!
      نۆۋةتتة، شةبنةم مۇنبىرىنىڭ سةھىپىلىرى شۇنچة مول. مېنىڭچة، شةبنةمدة قانداق سةھىپىلةرنى قوشۇش ياكى ئةمةلدىن قالدۇرۇش مةسىلىسىدة شۇنچة كۆپ مۇنبةرداشلارنىڭ مةنىۋىيىتىدة تۇغۇلۇپ تۇرىدىغان كۈندىلىك تةلةپ-ئېھتىياجلىرىغا ئاساسةن، زۆرۈر تېپىلغان سةھىپىلةرنى قةرةلسىز تةھسىس قىلىش لازىم. ھةممة كىشىگة ئۆز يارى ئاي كۆرۈنگىنىگة ئوخشاش مةنمۇ بىر شةبنةم شةيداسى بولغاچقىمىكىن، ھازىرچة شةبنةم مۇنبىرىمىزدة ئةمةلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك سةھىپىلةرنى ھېس قىلالمىدىم. بةلكى مۇمكىن بولسا، «سېگنال» ياكى «ئىبرةت ئېلىڭ»سةھىپىسى ئېچىپ، جةمئىيىتىمىزدىكى توغرا يولدىن ئېزىپ، چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ياكى ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق سةرگۈزةشتىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى سائادةت يولىغا باشلىساق دةپ ئويلايمةن .
    مېنىڭچة،«ئةلنىڭ كۆزى ئةللىك» بولىدۇ. شۇنداقلا «مةسلىھةتلىك ئىش بۇزۇلمايدۇ». شۇڭا ، مۇنبةرنىڭ كېيىنكى تةرةققىياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشى ئۈچۈن ۋاقتى-قةرةلىدة مۇنبةر يۈزىدة مۇنبةرنىڭ نۆۋةتتىكى ئومۇمىي ئةھۋالى ھةققىدة مۇنبةرداشلار بىلةن ھةر خىل ئۈنۈملۈك شةكىللةر ئارقىلىق سۆھبةتلىشىپ تۇرۇش ۋة ئۇلارنىڭ پىكى-تةكلىپلىرىنى ئېلىپ، تةجرىبة-ساۋاقلارنى يةكۈنلةشكة ئةھمىيةت بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرةك . شۇنداق قىلالىساقلا ، مۇنبىرىمىز تور دۇنياسىدا مةيلى قايسى جةھةتتىن بولمىسۇن ، چوقۇم تېخىمۇ زور تةرةققىياتلارغا ئېرىشةلةيدۇ !


    【سەبىخە】بەزىلەر مەيلى شەبنەم مۇنبىرى بولسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر بولسۇن باشقۇرغۇچىلار ياكى ئەزالار ئوتتۇرىسىدا گورۇھۋازلىق بارغانسىرى ئېغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ ، دەپ ئەندىشە قىلماقتا . يەنە بەزىلەر تور بىر مەۋھۈم دۇنيا ، بۇ يەردە پەقەتلا «سۈنئىي ئىتىپاقلىق» مەۋجۈت ، دىيىشىۋاتىدۇ . سىز بۇنىڭغا قانداق باھا بىرىسىز ؟

    【دەۋران】مېنىڭچە، يۇرتۋازلىق خاھىشى 80-90-يىللاردا گېزىت-ژۇرنال ۋە تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىللىرىدا تازا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى ئەنە شۇ چاغلاردا رايونىمىزدا چىقىدىغان خېلى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا مەلۇم بىر يۇرتلۇق قەلەمكەش ، يازغۇچى-شائىر ۋە سەنەتكارلارنىڭ بىرەر پارچە يازمىسى ئېلان قىلىنىپ بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بەس- مۇنازىرىنىڭ پىلىكىگە شۇنداق بىرلا ئوت يېقىپ قويىلىدىغان بولسا ، ئاللا كارامەت ! بۇنىڭغا ھېچ نېمە دەپ بولمايتتى. ئاخبارات يۈزىنى ھەرخىل تەقرىزلەر بىر ئالغان ، ئۇ ئوبزورلاردىكى تىلنىڭ ئۈتكۈرلىكىنى ئەسلا سۈپەتلەپ بولغىلى بولمىغان . بىر قىسىم ئاپتورلارغا يېغىۋاتقان ئالقىش-تەشەككۇر ۋە  لەنەت-قارغىشلارچۇ، تېخى! سۈپەتلەش ۋە ئەيىپلەش سۆزلىرىنىڭ بىزدە نەقەدەر موللىقنى شۇ پەيتلەردىلا ئوقۇپ بولغاندەك  قىلىمەن.. كالتەك، چوماق، دۇمبا، بادرا ۋە يەنە ئاللىقانداق ناملار بىلەن ئاتالغانلارنى دېمەيلا قوياي!
    تور تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىتېرنېت مۇنبەرچىلىكىمۇ يوقلۇقتىن  مەيدانغا كېلىپ، ھازىرقىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن گېزىت -ژۇرناللاردىكى ھېلىقى بەس-مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىشلار ئىنتېرنېتقا كۆچتى ! بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل گۇرۇھۋازلىق، يۇرتۋازلىق خاھىشلىرى تېخى خېلى يېقىنغىچە  نۇرغۇن مۇنبەرلەرلەرنى ئاجايىپ ئاۋاتلاشتۇرىۋەتتى. بارا-بارا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ شۇ دەرىجىدە كۆپۈيىشى ۋە تورداشلار مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭمۇ  يۇقىرى كۆتېرىلىشىگە ئەگىشىپ، مۇنبەرلەردە ئىلگىرىدىكىدەك بۇنداق ئايىقى چىقماس مەزىسىز بەس-مۇنازىرىلەر ئاساسەن قالمىدى ياكى يوق دېيەرلىك . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇملۇق ئىچىدىكى چەكسىز بوشلۇقتا ھېچكىممۇ دېگۈدەك رېئاللىقتىكى ئۆز سالاھىيىتى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ كەتمەيدۇ . بەلكىم بۇنىڭدىمۇ ھەر بىر تورداش ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا قارىشى بار. بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىش كېرەك ئەلۋەتتە! ئەمما يېقىملىق كۈي-مىلۇدىيىلەرگە تەڭكەش قىلىپ چېلىۋاتقان داپ-دۇمباقلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تۇرسا، ۇنى يۇشۇرۇپ يەنە نېمە قىلىمىز!؟ بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەھلىل قىلىپ بېقىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.  شۇنداق ئىكەن، مېنىڭچە ھازىر مۇنبەرلەردە، جۈملىدىن شەبنەم مۇنبىرىمىزدە بۇنداق ناچار ئىللەتلەر ئاساسەن يوق ھەم بولسىمۇ ياراشمايدۇ ! چۈنكى شەبنەم-بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تورى . ئۇيغۇر دېمەك-ئۇيۇشماق ، بىرلەشمەك، ئىتتىپاقلاشماق ياردەملەشمەك...ئەمەسمۇ !
    گەرچە نۆۋەتتە ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك دەرىجە تەرەققىي قىلىپ، ئىنتېرنېت تورى خېلىلا ئومۇملاشقان، بۇ ئارقىلىق خېلى كۆپ بىلىمخومار  زىيالىلار تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزدىكى ھەر خىل تور بېكەت ۋە مۇنازىرە سورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي، يېڭى پىكىرلىرىنى، كۆز قاراش ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بەزىبىر تۈرلۈك چەكلىمىلىكلەر رامكىسىدىن خېلىلا مۇستەسنا ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا قويدى. بەلكىم بىزگە نىسبەتەن تېخى يېڭى تۇيۇلغان بۇ شەيئى ئىچىدە ھەر خىل مەقسەت-مۇددىئادا تىپىرلاۋاتقان يۈرەكلەردە يا ئۇنداق، يا مۇنداق ھالدىكى بىر قىسىم ھەسەت، يۇرتۋازلىق خاھىشلىرىنىڭ ئاز-تولا بولۇپ قېلىشىغىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىلمىي مۇئامىلە قىلشقا توغرا كېلىدىغان پىسخىك ھادىسە دەپ چۈشىنىش مۇمكىن!
    باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار ئوتتۇرىسىدا گورۇھۋازلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، دېگەن قاراشقا مەن ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيمەن ھەم ئۇنداق دەپ بىھۇدە ئەنسىرەشنىڭمۇ ھېچقانداق زۆرۈرۈيىتى يوق ! چۈنكى مۇنبەر ئەنە شۇلار ئۆزلىرى دېيىشكەندەك بىر مەۋھۇم دۇنيا . ئەمما بۇ يەردىكى ئىتتىپاقلىقنى ھەرگەز سۈنئىي ئىتتىپاقلىق دېگىلى بولمايدۇ ! مەيلى كىم نېمە دېسە، دېسۇن، باشقا مۇنبەرلەردە ئېھتىمال  مۇشۇنداق ئىللەتلەر ئاز-تولا باردۇ . ئەمما مەنمۇ بىر باشقۇرغۇچى بولۇش سالاھىتىم بىلەن شۇنى كەسكىن قىلىپ كېسىپ ئېيتالايمەنكى، شەبنەم مۇنبىرىدە بۇنداق تەلۋىلەرچە گۇرۇھۋازلىق،  نادانلارچە ھەسەتخورلۇق ئىللەتلىرى يوق ! شەبنەمدىكى ئىتتىپاقلىق شۇنداق بىر ئىتتىپاقلىقكى، ئۇ – ئۆز ئارا ئىتتىپاقداشلارنىڭ بەزىلىرى  ھەتتا بىر ئائىلە  كىشىلىرى ئارىسىدىكى قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقتىنمۇ قىزغىن، ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ئىتتىپاقلىقىدىنمۇ شۇنچە سۆيۈملۈك، مەڭگۈ  ئۈزۈلمەسلىك ئۈچۈن ئەبەدىيلىك ئۈچۈن باغلانغان، مۇستەھكەملەنگەن مۇقەددەس ئىتتىپاقلىقتۇر ! بۇ ئىتتىپاقلىق گۈللىرىدىن  بارچە قەلبلەر بوستانى رەڭگا-رەڭ بېزەلگۈسى!


    【سەبىخە】مەيلى شەبنەم مۇنبىرىدە بولسۇن ياكى باشقا مۇنبەرلەردە بولسۇن ئەزالار باشقۇرغۇچى بولۇشتىن بۇرۇن ئاكتىپ تىما ۋە ئىنكاس يوللايدىغان ، قىزغىنلىق كەيپىياتىدا بولىدىغان . باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىين بارغانسىرى قىزغىنلىق سۇسلاپ كىتىدىغان بىر خىل كەيپىيات بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا . سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟ بۇنداق پاسسىپ ھالەتلەرنى ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بىرەمسىز ؟

    【دەۋران】 بۇنداق ئةھۋاللارنى قىسمةنلىك دةپ قارايمةن. مېنىڭچة، بۇنى ھةل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى خۇددى  يېقىندا شةبنةم ئةپةندى بىر قېتىملىق ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندةك بۇنداق ئىسلاھاتلارنى ھېچ بولمىغاندا، ھةر پةسىلدة بىرةر قېتىمدىن بولسىمۇ قةرةللىك ھةم قةرةلسىز ھالدا جانلىق ئېلىپ، قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىش كېرەك . بۇنداق قىلىش تامامةن ئاقىلانىلىق، ھېچقانداق ئةجةبلىنىةرلىكى يوق بولغان بىر خىل ئۈنۈملۈك  ئۇسۇل. ھېلىغۇ مةلۇم بىر مۇنبةرنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ۋةزىپىسى ئىكةن، ھةتتا ب د ت نىڭ باش كاتىپلىرىمۇ، خېلى كۆپ دۆلةتلةرنىڭ ئالاھىدة نوپۇزلۇق رةھبةرلىرىمۇ، داڭلىق كارخانا، گورۇھلارنىڭ شۇنچة ئابرۇيلۇق ئةمةلدارلىرىمۇ ھةر خىل سةۋةبلةر بىلةن ۋةزىپىسىدىن قالدۇرىلىۋاتمامدۇ؟ بۇ دېگةن سةۋةبنىڭ ئالىمى تۇرسا(چاقچاق)! ئېلىمىزمۇ 1978-يىلى بىر قېتىملىق زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋىدى، ھازىرقىدةك مىسلى كۆرۈلمىگةن گۈللىنىش ۋةزىيىتى مةيدانغا كةلمىدىمۇ؟ شۇڭا، جانلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرةك!


    【سەبىخە】 تور مۇنبەرچىلىكىمىزدە «مۇنبەرۋازلىق» ئەۋج ئالماقتا . سىز بۇ خىل ھادىسىگە قانداق قارايسىز ؟ قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك ؟

    【دەۋران】بۇ ھةقتة يۇقىرىدىمۇ ئاز-تولا توختالدۇق . كىشىلىك تۇرمۇشتا خۇددى ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمةي بةزىبىر كىسةللىك ۋىروسلىرىنى يۇقتۇرىۋالغانلار بولغىنىغا ئوخشاش ھةر قايسى مۇنبةرلىرىمىزدىمۇ ئۆزلىرىگة تۈرلۈك ھةسةتخورلۇق، پىتنة-پاسات ۋة بولمىغۇر ئىللةتلةرنى يۇقتۇرىۋالغان ئةزا ۋة باشقۇرغۇچىلارنىڭ بولۇشى ئةجةبلىنةرلىك ئىش ئةمةس. چۈنكى مۇنبةرگة ئةزا بولۇپ كىرىش ئۆتكىلىدة ئةزا بولغۇچىلارغا قارىتا پىسخىكا جةھةتتىن بىرةر ئۈنۈملۈك روھىي دېئاگنوز قويۇپ قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا، ئةنة شۇنداق ساقايماس كېسةللةر بىلةن ۋىروسلانغانلارمۇ مۇنبةر قۇرىدۇ ، باشقۇرغۇچى بولىدۇ ، ئةزا بولىدۇ . بۇنىڭ بىلةن بۇ خىل ھادىسىلةر ھةرقايسى مۇنبةرلةردة ئاز- تولا بار . لېكىن ئۇ دةرىجىدة ئةۋىج ئېلىپ كةتكىنى يوق ! دۇنيادا ھازىر ھةتتا ئةيدىزنىڭمۇ داۋاسى تېپىلىۋاتقان ئةھۋالدا، بۇنىڭدىن ئةندىشة قىلىشنىڭ مېنىڭچة ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ! شۇ ئېنىقكى، پاقا كۇركىرىمىسا، ئىت قاۋىمىسا، ئېشةك ھاڭرىمىسا بېشى ئاغرىدۇ !  ئويلاپ باقمامسىز: چىش بىلەن تىلنىڭ ھەر ئىككىلىسى گەرچە بىر تەندىكى ئېغىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇغلۇقمۇ بەزىدە يەنە چىشلىشىپمۇ قالىدىغۇ! ئوخشاشلا، بىر قىسىم مۇنبەرداشلار بىلەن يەنە بىرقىسىم مۇنبەرداشلار، بەزى بىر باشقۇرغۇچىلار بىلەن قىسمەن ئەزالار ئوتتۇرىسىدىمۇ چۈشىنىپ بولماس ئەنە شۇنداق بەزىبىر چىقىشالماسلىق، مەن-مەنچىلىك، ھەسەتخورلۇق، ئايرىمىچىلىق ۋە بەزىبىر گورۇھۋازلىق ئەەھۋاللىرى بار، ھەم بۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە داۋاملىشىپمۇ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنداقلار ماھىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ شۇ قەدەر ئەخمىقانە قىلمىش، تولىمۇ بىھۇدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدىن كېيىن، بۇ جىددىيچىلىك، ئەسەبىيلىك بارا-بارا كۈزنىڭ تىمپۇراتۇرىسىدەك ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەيدۇ، كېلىشىپمۇ قالىدۇ! چۈنكى چىش تىلنى چىشلىگىنى بىلەن ئۇلار يەنىلا بەرىبىر بىر ۋۇجۇدتىكى قەدىناسلار-دە!  شۇڭا،بۇنداق قىلمىشنى ھةل قىلىشنىڭ ئةڭ ئۈنۈملۈك تةدبىرى- بۇنداق چاكىنىلىقلارغا پةرۋاسىز
    قاراش ، سۈكۈت قىلىش ! ئۇنداقلارغا مةسخىرىلىك كۈلكىلةر بىلةن قاراپلا قويۇش، خالاس!
     

        (دەۋران ئەسەرلىرىنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ئۇلىنىش ئادرېسى:   ./search.php?authorid-55117.html)       
                           

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 22:34 |
    naxtari
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 39979
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1235
    شۆھرەت: 1251 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4388 سوم
    تۆھپە: 125 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1154(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-26

     

    نىمانچە جىق؟ ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي ۋاقىت چىقىرىپ........................

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    تور بېتىم پىچەت
    http://blog.9saray.com/197123
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 22:43 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4236
    شۆھرەت: 4150572 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 738823 سوم
    تۆھپە: 193 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2313(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    دوستۇم ياسىنجان .ئوسمان .  دەۋرانىنىڭ  تۇرمۇشىغا ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە خۇشاللىق ، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن ،

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 23:17 |
    dilnor
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36685
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 665
    شۆھرەت: 691 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 189 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1421(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-28

     

    بۇ قىتىمقى شەبنەمدە سۆھبەت ئىنتايىن ئەتراپلىق ئىلىپ بىرىلىپتۇ، بولۇپمۇ دەۋرانى ئاكىنىڭ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى ئىنتايىن ئەتراپلىق. بۇ سۆھبەتنى ئوقۇپ دەۋارانىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشەنگەندەك بولدۇم. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىڭى يىلدا يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىڭىزنى تىنىڭىزنىڭ سالامەت بولىشىنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    تەن ساقلىق زور بايلىق.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 23:30 |
    totem
    توتېم
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22030
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 333
    شۆھرەت: 485 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3360 سوم
    تۆھپە: 240 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2184(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بۇ قىتىمقى سۆھبەتتىن ئەدەبىيات نەزەريىسى جەھەتتىن خېلى نەپ ئالدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ.سۆھبەتلەرنىڭ كىشىگە مۇشۇنداق نەپ ئىلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.دەۋرانى ئاكىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە ئاسايىشلىق،ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئا.مۇھەممەت ئىمىن)
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 23:35 |
    بۇۋۋاق
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30731
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 810
    شۆھرەت: 825 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 358(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    ناھايىتى تەپسىلىي ، ياخشى ئىلىپ بىرىلىپتۇ بۇ سۆھبەت. يەنە بىر مۇنبەردىشىمىزنى قايتىدىن يەنە بىر ئىنىق  تونىشۋالغىنىمدىن خوشالمەن. رەخمەت.        

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 23:45 |
    mehrigiya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9032
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1707
    شۆھرەت: 1852 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17240 سوم
    تۆھپە: 483 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 399 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 837(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    سۆھبەت ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ ، سورالغان سوئاللارنىڭمۇ خېلى ۋەزنى باركەن ، دەۋرانى ئەپەندىمۇ ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىپتۇ .
    سىلەرگە تەشەككۈر قېرىنداشلار . ئامان بولغايسىلەر .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 23:56 |
    tanha230
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 61074
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1684
    شۆھرەت: 1685 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 16742 سوم
    تۆھپە: 24 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 868(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    سۆھبەت دىگەن مۇنداق بولمامدۇ؟دەۋرانى ئاكىمىزنىڭ پاساھەتلىك سۆزلىرى مىنى،ياق مۇشۇ تىمىنى ئوقۇغان بارلىق تورداشلىرىمىزنى قايىل قىلدى دەپ ئويلايمەن.
    ئاخىرىدادەۋرانى ئاكىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن،ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇغ بولۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي دەۋرانى ئاكا.

    دۇنيادا ھەقىقى مۇھەببەت بار دىيىلسەئۇنداقتا ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى بولىدۇ.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-01 00:12 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1469
    شۆھرەت: 1999 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13744 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 672(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

         باھانى يۇقۇرقىلار بىرىپ بولۇپتۇ،شۇنداقتىمۇ.................ھەي سەۋىيەم...........................

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-01 01:19 |
    konqikizi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63440
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 862
    شۆھرەت: 863 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8620 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1023(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىنتايىن جانلىق ،ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلىپترۇ،ئەدەبىيات جەھەتتە مول بىلىمغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ،دەۋرانى ئەپەندىمنى تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۈشىنىۋالدۇق.
    دەۋرانى ئەپەندىمگە ئەڭ ..ئەڭ ئالى تىلەكلەرنى تىلەيمەن !

    ئادىمىيلىك يوقالسا دىلدىن،
    ئالىملىقمۇ بولۇر بىر تىيىن.
    ئىككى پۇتلاپ ياشىماق ئاسان،
    ئادەم بولۇپ ياشىماق قىيىن.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-01 09:51 |
    HENRY
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26768
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3818
    شۆھرەت: 3861 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 78 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 107 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1935(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    DEWRANI ئەپەندى بىلەنمۇ تۇنىشىۋالدۇق مانا..
    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

    ھىتلېر : روسىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك !  
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-01 12:58 |
    zakira
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55203
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1805
    شۆھرەت: 83426 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2270 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 115 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2188(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    ۋاھ راسلا بەك ياخشى بوپتۇ بۇ سوھبىتىڭلار مەنمۇ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن بەك رازى  بولدۇم . سۆھبەتنىڭ ياخشى چىقىشىغا داۋرانى ئەپەندىم كۆپ كۈچ چىقىرىپسىز ... شەبنەمدىكى بۇرۇنقى سوھبەتلەر بىر قېلىپتىلا ئىدى ،بۇ قېتىمقى ھۆھبەت ئۆزگىچە بوپتۇ ...يېڭى يىلدا سىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ  روناق تاپقاي ......

    دۇنيادا ھەققىي مۇھاببەت،ئاننىڭ بالىغا بۇلغان مۇھاببىتىدۇر.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-01 13:12 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7033
    شۆھرەت: 7260 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 291 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1571(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    ياسىنجان ئوسماننىڭ كېيىنكى قەدىمىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-01 13:12 |
    tursunjan0997
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67863
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: 60 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 600 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-04

     

    ھۆرمەتلىك دەۋران ئاكا    سىزنىڭ  بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزدا تىخىمۇ  مول  نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن  ،  مەنمۇ  بىر ئوقۇتقۇچى      مەن شىئېرغا ئىنتايىن قىزىقىمەن    بۇندىن كىيىن كۆپلەپ ياردەم  بىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن  

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-02 00:37 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    XabnamBBS » ئەزالار زىيارىتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-02 23:30, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ