>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
تەۋسىيە : شەبنەم قىزىقارلىق چىراي ئىپادىلىرىنى چۈشۈرۋېلىڭ  
XabnamBBS -> خەۋەر-ئۇچۇرلار -> مېيىپ قىز ئازاپسىز ئۆلۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرغا قويدى..

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1144 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : مېيىپ قىز ئازاپسىز ئۆلۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرغا قويدى.. IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
PAYKAR
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 807
شۆھرەت: 843 نۇمۇر
پۇل: 7380 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
مېيىپ قىز ئازاپسىز ئۆلۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرغا قويدى..



ئۇ ھازىر 28 ياشتا ، ئۇ بىر يېشىدىن باشلاپ مېدىسسىنا ساھەسىدە ›› دەرىجىدىن تاشقىرى راك ‹‹ دەپ ئاتالغان ئۇزلۇكسىز مۇشكۇل يېگىلەش كېسىلىگە گىراپتار بولۇپ قالىدۇ ، 6 ياشتا بۇ كېسەل ئېنىقلىنىپ چىقىدۇ . ھازىر ئۇنىڭ پۇتۇن بەدىنىدىكى مۇسكۇللار يىگىلەپ كەتكەن بولۇپ ، 50 پىرسەنت ئۇستىخنىنىڭمۇ شەكلى ئۆزگۈرىپ كەتكەن ، تاماق يىيىش ، سۇ ئىچىش ، چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىش ۋە ئۇخلاشلاردا پۇتۇنلەي ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان . 27 يىل ئېغىر كېسەل ئازاۋىنى تارتىپ كېلىۋاتقان ، ھەم ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىدىن ‹‹ خاتىرجەم ئۆلۇش ‹‹ تەكلىپ لاھىيىسىنى تاپشۇرۇشقا ھاۋالە قىلغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى لى يەن . ئۇ بۇ لاھىيىنى CCYV نىڭ ›› تەكشۇرۇش دوكلاتى ‹‹ پراگەىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى چەيجىڭنىڭ بلوگتا ئېلان قىلغاندا پۇتۇن مەملىكەتتىكى تورغا چىققۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان . ئۇ : ›› مەن ھاياتنى سۆيىمەن ، لېكىن ياشاشنى خالىمايمەن‹‹ دەپ يازغان .
ئىنكاس يازغۇچىلار بۇ لاھىيەنى خەلق قۇرۇلتىغا سۇنۇشنى تەكلىپ بەرگەن .

27 يىللىق جاپالىق ھايات
ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن ، ،مۇسكۇللىرى يىگىلەپ كەتكەن ھەم ھەرقايسى ئەزالىرىمۇ يىگىلىگەن . ئۇ ھازىر پەقەت بېشىنى ۋە قولىنىڭ بىر نەچچە بارمىقىنى ئازراق مىدىرلىتالايدۇ . ›› تاماقنى ئاپام يىگۇزۇپ قويىدۇ ، ھاجەتكە چىقسام ئۇ مېنى يۇدۇپ ئاپىرىدۇ ، كېچىدە ئۇخلىغاندا ئۇ مېنى 10 نەچچە قېتىملاپ ئۆرۇپ قويىدۇ ‹‹ دەيدۇ ئۇ .
ئۇ 28 يىللىق ھاياتىنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۇزۇپ كەلگەن .
ئۇ چاقلىق ئورۇندۇتا ئولتۇرىدۇ . رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن لېكىن بىر گۇلنى سىزىش ئۈچۈن 5 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ 40 ياشقىچە ياشاشقا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۇرسىمۇ لېكىن شۇ كۈنلەرگە بېرىشنىڭ بىر قورقۇنۇشلۇق ئىش ئىكەنلىگىنى دەيدۇ . ›› مەن چوقۇم ئاتا – ئانامدىن بالدۇر ئۆلۇپ كېتىشىم كېرەك ، ناۋادا ئۇلاردىن كېيىن قالسام ،تولىمۇ پاسكىنچىلىق ، مەينەتچىلىك ئىچىدە قېلىپ تولىمۇ ئازاپلىنىشىم مۇمكىن . تۇرمۇشتىمۇ ھازىرقىدىن جىق چەكلىمىلەر ئىچىدە ياشىشىم مۇمكىن ، مەن ئۇنى كۆتۇرەلمەيمەن ھەم ئۇ ھالەتتە ئۆلۇشنىمۇ خالىمايەن . بۇنى ئويلىسام قورقىمەن .‹‹
ناھىيىدىكى مۇناسىۋاتلىك باشلىقلار ئۇنى يوقلاپ ئۆيىگە بارغان ،ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە خىياللاردا بولماي ياخشى ياشاشنى ئېيتقان ھەم مىڭ سوم پۇل بەرگەن . قىز بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەنگەن . قىزنىڭ دادىسى :
- ھازىر بىز بار ئۇ ياخشى ياشاپ كېتىۋاتىدۇ ، بىزدىن كېيىنچۇ ئۇ قانداق قىلىدۇ ؟ - دەيدۇ .
- ئۇ چاغدا دۆلەت بار – دەيدۇ ھاكىم .
قىز بۇنىڭغا ھېچ نەرسە دېمەيدۇ ، ئەمما ئۇ يازغان ماقالىسىدا ›› كوچىلاردا ئۆمىلەپ يۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيىپلارچۇ ؟ مەنمۇ بىر كۈنى شۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن ، ئۇچاغدا مېنىڭ ئەھۋالىم ئۇلارنىڭكىدىنمۇ بەتتەر بولۇشى مۇمكىن . مېيىپلار ساناتورىيىسى بار دېگەندىمۇ ئۇ يەردىكىلەر ماڭا ئاتا – ئانام قارىغنادەك قارىيالامدۇ ؟ قىزلاردىكى فزولىگىيىلىك ئۆزگىرىشىمىزگىلا بىزگە قارىغان ئادەمدە بىزگە بىزار بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇنداق ھالەت قاچانغىچە داۋاملىشا ؟ ‹‹ دەيدۇ .
مېيىپ نەۋرە ئاكىسى توغرۇلۇق يازغان ماقالىسىدا ، ئاكىسىنىڭ ئاپىسى تۇگەپ كەتكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۇپ كېتىش ئالدىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تەپسىلى يازغان ئىدى .
- 2003 – يىلدىكى ئەنە شۇ ۋەھىمە ئۇنىڭ 5 كېچە – كۈندۇز تاماق يىمەسلىگىگە سەۋەپچى بولغان ئىدى . ئاپىسى شۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ :
- ئۇ مەن تېزراق كەتسەم بولاتتى ، دەيتتى . مەن ئۇنىڭ كارۋىتى ئالدىدا 3 كېچە – كۈدۇز يىغلاپ ئولتۇردۇم . ئۇ مېنىڭ ئازاپلانغان ھالىتىمنى كۆرۇپ ، ئاندىن تاماق يېگەن ئىدى .
- ئەنە شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭدا ئازاپسىز ئۆلۇش نىيىتى پەيدا بولغان ئىدى . ›› مەن ھازىر تېخى ئۆلتۇرالايدىغان ۋە سۆزلەش ئىختىدارىم بار چاغدا ›› ئازاپسىز ئۆلۇش ‹‹ ئىلتىماسىمنى سۇنىمەن . تېنىمدىكى كېرەككە كېلىدىغان ئەزالىرىمنى ئىئانە قىلىمەن ۋە جەسىتىمنى دۆلەتنىڭ مېدىسىنا تەتقىقات ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە تەغدىم قىلمەن .

ئۇ بىر پاچە ›› ئازاپسىز ئۆلۇش ‹‹تەكلىپ لاھىيە ) دەسلەپكى لاھىيە ( يېزىپ چىقىدۇ . ئۇ بۇنى خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنىڭ تاپشۇپ بېرىشكە ياردەم بېرىشىنى ئۇمت قىلىدۇ .
›› بۇ پەقەت مېنىڭ ئازاۋىمنىلا ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن ، مەندەك ۋە مەندىمۇ بەك ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بىر قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ‹‹
باشقىلار ئۇنىڭدىن ئەگەر نىڭشادىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىغا تاپشۇرۇپ بېرەلمىسىڭىز ياكى بۇ قانۇن تۇرغۇزۇشقا كىرگۇزۇلمىسە قانداق قىلىسىز ‹‹ دەپ سورىغاندا . ›› كومپۇيۇترىم بۇزۇلۇۇپلا قالمىسا ، تورخانىلارغا كىرەلىسەملا ، قولۇم خەت باسالايدىكەن مەن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن ‹‹ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . پەقەتلا بولمىسا قانداق قىلىسىز دېگەن سۇئالغا ، بىر ئامال قىلىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردىغانلىقى ، لېكىن ئەڭ ئۇنۇملىك ئۇسۇلنىڭ ئۆزىنى ئاچ قالدۇرۇپ ئۆلۇش ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ . ›› چۈنكى ھېچقانداق ھەركەت ئىقتىدارىم بولمىغاچقا باشقا نەرسىلەر بىلەن ئۆلۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ‹‹
ئۇ 2006– يىلى 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ ›› مەن ھاياتنى سۆيىمەن ، لېكىن ياشاشنى خالىمايمەن ‹‹
لى يەننىڭ ›› ئازاپسىز ئۆلۇش ‹‹ تەكلىپ لاھىيىسى

›› ئازاپسىز ئۆلۇشنىڭ بىرنەچچە تۈرلۈك پايدىسى ‹‹
ھەركەت قىلىشىمنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەپلىك ، مەن تۇرمۇشتىكى بىرىنچى قول ماترېياللارغا ئىگە بولالمىدىم . مەن بۇ يەردە بۇ تەكلىپ لاھىيىسىنى بېرىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتىكى بىر قانچە پايدىلىق تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى .
بىرىنچى . شەخس ئۈچۈن پايدىلىق
ھاياتىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپۇنچىسى جىسمانىي جەھەتتىن تولدۇرغىلى بولمايدىغان مېيىپلىق بار ۋە ئېغىر كېسەل كىشىلەردۇر . ئۇلار كۈن بويى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كېلىدىغان قوش بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ ، ئۇلار بۇنداق ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۇرۇش يولىنى تاللايدۇ .
لېكىن ئۆزىنى ئۆلتۇرۋېلىش تولىمۇ ئازاپلىق بىر جەريان . مەسىلەن ئۆزىنى ئېسىۋېلىش ، بېغىشىنى كېسىۋېلىش ، زەھەرلىك دارا ئىچىش ، توكقا سوقۇلۇش ، ئۆزىنى ئاچ قويۇش . بۇ ئۇسۇللار قورقۇنۇچلۇق بولسىمۇ لېكىن ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ ئۇسۇللاردىن بىرنى تاللىماي ئامال يوق . لېكىن ›› ئازاپسىز ئۆلۇش ‹‹ يولغا قويۇلسا ، پەقەتلا بىر تال تېچلاندۇرۇش ئوكۇلى بىلەنلا ئۇ ئادەم ئۇيقۇ ئىچىدە كېتىپ قالىدۇ . بۇ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالغۇچىلارنىڭ ئازاۋىنى ھەم قورقۇنىچىنى تۇگەتكىلى بولىدۇ . بۇنداق ياردەم ئىنسانپەرۋەرلىككىمۇ توغرا كېلىدۇ .
2 . ئائىلە ئۈچۈنمۇ پايدىلىق
(1 ) . كېسەلنىڭ ئائىلىس ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىمۇ كېسەل بىلەن كېچە – كۈندۇز بىللە بولغاچقا ، ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئۇلارمۇ تەڭ ئااپلىنىدۇ . كېسەل كىشى كېسەل ئازاۋىغا چىدىماي ئۇنىڭ مىجەز – خاراكتىرىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ دائىم ئائىلىسىدىكىلەرگە ئازار بېرىدىغان ئىشلار بولىدۇ . ئائىلىدىكىلەرمۇ بۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇلارنىڭمۇ مىجەز – خارەكتىرىسە ئۆزگىرىش بولۇپ ئۇلارمۇ ئۆز دەردىنى تۆكۇشكە باشلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە بۇنداق يامان ئايلىنىش داۋاملىشىپ ئائىلە مۇناسىۋىتى گۇمران بولىدۇ . ھەتتا تەسەۋۇر قىلغۇسىز ئاقىبەت كەپ چىقىدۇ .
( 2 ) . بەزى ئائىلىلەر نۇرغۇن داۋالاش خىراجىتىنى كۆتۇرەلمەي چوڭقۇر زىدىيەت ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ . مۇرەككەپ ھەم داۋالاش قىيىن بولغان كېسەل بار ئائىللەر بولسا كېسەلمۇ ساقايماي ھەممە بىساتىدىن ئايرىلىپ كېيىنكى ئۆمرىنى قەرز تولەش بىلەن ئۆتكۇزىدۇ .
(3 ) . بەزى بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ، بىمارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تارتىۋاتقان ئازاۋىغا چىدىماستىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئازاۋىنى تۇگەتمەكتە . بۇ ئىشلار بىمار ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن تولىمۇ ئادالەتسىزلىك . ئەگەر بۇ لاھىيە ئىجرا قىلىنسا بۇ خىل زەخىملىنىش ۋە بېسىم ئۇنداق ئېغىر بولمىغان بولاتتى .

3 . جەمىيەت ئۈچۈن پايدىلىق .
›› ئازاپسىز ئۆلۇش ‹‹ نى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ، بۇ شەخسلەرنىڭ ئازاۋىنىلا يەڭگىللىتىپ قالماي ، ئائىلىنىڭمۇ ، ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭمۇ يەنە جەمىيەتنىڭمۇ يۇكىنى يەڭگىللىتىدۇ . توغرا كەلمىسىمۇ مەن بىر مىسال كەلتۇرەي . 9 ،، 10 بالا تۇققان ئاتا – ئانىنىڭ يۇكى 1 ، 2 بالا تۇققان ئاتا – ئانىنىڭ يۇكىدىن جىق ئېغىر بولىدۇ ھەم تارتقان جاپاسىمۇ كۆپ بولىدۇ . ئۇستىگە ئەللىك جىڭ نەرسە كۆتۇرۋالغان ئادەم . ئون جىڭ نەرسە كۆتۇرۋالغان ئادەمگە قارىغان مېڭىشى ئاستا بولىدۇ .

4 . ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈنمۇ پايدىلىق .

بۇرۇندىن كېلىۋاتقان قاراش بويىچە كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن ئۆلۇكىنى شۇ پېتى ساقلاپ قالىدۇ ياكى كۆيدۇرۋېتىدۇ . بۇنداق قىلىش ئىلمىيلىك ئەمەس ، ھەم پايدىسىز بولۇپ بىر خىل ئىسراپچىلىق . 1997 – يىلى يولداش دېڭ شاۋپىڭ ۋاپات بولغاندا كۆز مۇڭگۈز پەردىسىنى باشقىلارغا ئىئانە قىلدى ، جەسىتىنى دۆلەتنىڭ مېدىسىنا تەتقىقاتىغا ئىئانە قىلدى . بۇ لاھىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىش دۆلەتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدىلىق بولۇپ ، بىىمارنىڭ ئۆلۇمىمۇ قىممەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ .


مەنبە: ماكانىم تورى

________ جۇدا تەستىقلىدى


ئەڭ ئېسىل مۇنبەر سېستىمىسى ، ئىشلىتىپ كۆرۈڭ!

ئاھ ،شەبنەم سېنى سۆيىمەن ساڭا بولغان مۇھەببىتىم جۇڭگولىقلاردەك كۆپ .
              شەبنەمگەخاس يۆتكىمەڭ!

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-20 22:28 چوققىغا قايتىش
otto918
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 923
شۆھرەت: 1166 نۇمۇر
پۇل: 5150 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:114(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خۇدا ئاجايىپ ئىشلار باردە دۇنيادا!ئاللا ئىگەمنىڭ بىجىرىم ياراتقىنىغا مىڭ شۈكرى !شۇنداقلارغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ!

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

                       
                                                  QQ:173350455 نۇرمۇھەممەد   __ otto918www.qimbulak.com
چىمبۇلاق تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ !

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-21 11:48 چوققىغا قايتىش
nurlukyultuz

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمىدىگەن قەيسەر روھ _ھە!
مەن ئۇ قىزغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن !
ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !


ئەڭ ئېسىل مۇنبەر سېستىمىسى ، ئىشلىتىپ كۆرۈڭ!

www.yahxi.cn 
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-21 12:22 چوققىغا قايتىش
munira81

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 431
شۆھرەت: 540 نۇمۇر
پۇل: 1125 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئازاپ دەل ئارزۇغا ئىرىشەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ ،. بۇ چاغدا بۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى تۇلىمۇ ئاددى ، ئۇ بۇلسىمۇ بۇ كىزدەك ۋاز كىچىش .

ياش ناخشىچى - دىلبەر ئابابەكرى گە بېلەت تاشلاڭ !

شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-21 16:37 چوققىغا قايتىش
tiger312

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 178
شۆھرەت: 200 نۇمۇر
پۇل: 884 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھۆرمەتلىك تورداشلار سىلەر مۇشۇ ئىنكاسلارنى يېزىۋاتقىنىڭلاردا ئۆزۈڭلارنىڭ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىگىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى ئىگىمىز اللە بىزگە ئۆزى بەرگەن جاننى ئاسرىشىمىزنى، ھەرقانداق بالا-قازاغا سەۋرى قىلىشىمىزنى ئېيىتقان. جاننى ئاللە بەردى، اللە ئالىدۇ، باشقا ھىچقانداق بىر مەۋجۇدات ئالاممايدۇ. شۇڭا بۇ ئاتالمىش ئازاپسىز ئۆلۈۋېلىش دەيدىغان بۇ نەرسە بىزلەرگە يات، شۇڭا قالايمىقان پىكىر بايان قىممايلى.

ئەڭ ئېسىل مۇنبەر سېستىمىسى ، ئىشلىتىپ كۆرۈڭ!

-
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-21 19:51 چوققىغا قايتىش
PAYKAR
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 807
شۆھرەت: 843 نۇمۇر
پۇل: 7380 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى tiger312 نىڭ 2007-03-21 19:51 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھۆرمەتلىك تورداشلار سىلەر مۇشۇ ئىنكاسلارنى يېزىۋاتقىنىڭلاردا ئۆزۈڭلارنىڭ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىگىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى ئىگىمىز اللە بىزگە ئۆزى بەرگەن جاننى ئاسرىشىمىزنى، ھەرقانداق بالا-قازاغا سەۋرى قىلىشىمىزنى ئېيىتقان. جاننى ئاللە بەردى، اللە ئالىدۇ، باشقا ھىچقانداق بىر مەۋجۇدات ئالاممايدۇ. شۇڭا بۇ ئاتالمىش ئازاپسىز ئۆلۈۋېلىش دەيدىغان بۇ نەرسە بىزلەرگە يات، شۇڭا قالايمىقان پىكىر بايان قىممايلى.


سىز نىڭ دېگىنىڭىز توغرا ئەمما مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىڭ !
ئۇلۇغ ياراتقان ئاللا،ئاشۇ قىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىلا مۇشۇنداق قىسمەتنى يەنى بىر دىنسىزنىڭ ئازاپسىز ئۆلۇش لايىھەسىنى پېشانىسىگە پۇتىۋەتكەن بولسىچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


ياش ناخشىچى - دىلبەر ئابابەكرى گە بېلەت تاشلاڭ !

ئاھ ،شەبنەم سېنى سۆيىمەن ساڭا بولغان مۇھەببىتىم جۇڭگولىقلاردەك كۆپ .
              شەبنەمگەخاس يۆتكىمەڭ!

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-21 19:55 چوققىغا قايتىش
tiger312

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 178
شۆھرەت: 200 نۇمۇر
پۇل: 884 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پەيكەر ئەپەندى:
پىشانىغا نىمە پۈتۈلگەنلىكىنى بىر اللە بىلىدۇ، ئەمما بۇنداق ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرىنى ئالغان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسلامدا چەكلەنگەن.


ياش ناخشىچى - دىلبەر ئابابەكرى گە بېلەت تاشلاڭ !

-
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-22 12:21 چوققىغا قايتىش
tiger312

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 178
شۆھرەت: 200 نۇمۇر
پۇل: 884 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پەيكەر ئەپەندى:
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، مۇسۇلمان بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن ئۆزۈنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ھىسداشلىق قىلمايلى دىمەكچى.


ياش ناخشىچى - دىلبەر ئابابەكرى گە بېلەت تاشلاڭ !

-
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-22 12:24 چوققىغا قايتىش
NEFRET

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 168
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 1680 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:38(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


راست ئۇلار ئۇنى (ئازاپسىز ئۆلۈم) دەيدىغانغا نىمە ئاساسى بار،يا بىرەسى ئۇلۈپ ئاندن تىرىلىپ ئازاپلىق ياكى ئازاپسىزكەن دەپ بىرىپتىمۇ؟ ئۇ ئۇخلىغاندەك،ناھايىتى خاتىرغەم كۆز يۇمغاندەك قىلغان بىلەن شۇ ئۇيقۇچىلىقتا قانچىلىك ئازاپ ۋە قىينىلىش بىللە يۈز بىرىدۇ بۇنى پەقەت ئاللا بىلىدۇ!!!!ئەڭ ئىسىل ئۆلۈم دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ئوق يەپ ئۆلۈش!بىر تۈرۈكچە كىتاپتىن ئوقۇغۇنۇمنى دەپ بىرەي،ئۇنىڭدا (چاناك قەلئە)ئۇرۇشىغا قاتناشقان 2سەبداش بولۇپ بىرسى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ قىلىچى بىلەن ئىغىر يارلىنىدۇ،دوستى ئۇنى يۇدۇپ ئىلىپ چىقىدۇ ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ھوزۇرلۇنۇپ كىتىپ بارغانلىقىنى ئەزەلدىن بۇنداق ھوزۇر ھىس قىلىپ باقمىغىنى سۆزلەيدۇ ھەم دوستىغا ۋەسىيەت قالدۇردۇ!!!!!

ئەڭ ئېسىل مۇنبەر سېستىمىسى ، ئىشلىتىپ كۆرۈڭ!

كىممۇ ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىشنى خالىسۇن!!!!!!
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-23 11:05 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:03-29 02:28, Gzip disabled eBay Eachnet