| ||||||
almasyultuz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىز قانچىنجى ئايدا تۇغۇلغان ؟سىز قانچىنجى ئايدا تۇغۇلغان ؟؟؟ 1-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ ھاكاۋۇر ، سۇغۇققا چىداملىق ، قەيسەر ،مەردانە،خۇش پېئىل كېلىدۇ . ئەخلاق- پەزىلىتى :_____ تەبىئي ئەقىللىق ،چېچەن،كۆپ كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە. ئىقتىسادى چىڭ ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ . مۇھەببەت-كەلگۈسى:_____ بۇخىل كىشلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ناھايتى كۆپ،لېكىن ھەقىقىي چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ ئەمەس . ئاجىزلىقى:_____ ھەددىدىن زىيادە ھاكاۋۇر بولغاچقا، باشقىلارنىڭ سۆز_چۆچىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ . 2-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ ئاقكۆڭۈل،سەمىمىي بولۇپ،لېكىن كۆپىنچە باشقىلارنىڭ زەربە ئوبيىكتى بولىدۇ. ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ قابىلىيەت ۋە سەنئەت بىلىمىگە ئىگە. ئۆز ئابرويىنى ھاياتتەك قىممەت بىلىدۇ . كىشلەرگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ .شۇڭا كىشلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ كۆپ كىشلەر بۇ خىل كىشلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى ئويلايدۇ .بىراق سەمىمىي نىيەتتە بولىدىغانلار ناھايىتى ئاز . مۇھەببەتتىن كېيىن ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا بەخىتكە ئېرىشىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ ئاسانلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ ، ھەسەتخۇرلىقى، ئابرويپەرەسلىكى كۈچلۈك . 3-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل ، كىشلەرگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشى، ئاددىي-ساددا ،بىلىمى بار، كىشلەرنى قايىل قىلالايدىغان كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ مول بىلىملىك، تەدبىرلىگى ئېنىق كېلىدۇ . تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە . كىشلەرگە ياردەم بىرىشكە، يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامراق . مۇھەببەت-كەلگۈسى:_____ جاپادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىرگە بولىدىغان ياخشى ھەمراغا ئېرىشىدۇ،لېكىن ناھاقچىلىككە ئۇچرايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ غەيرىتى كەمچىل، مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس . 4-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ تۈز كۆڭۈل، سۆزگە ماھىر، لىرىك ھېسىياتقا ئىگە، خىيالچان ، ئىجا قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ غايىلىك ،يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان كېلىدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ مۇھەببەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ . لېكىن قارشى تەرەپ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ.تۇرمۇش زەربىسىگە كەلگەندە يېڭىپ چىقالايدۇ. ئاجىزلىقى:_____ كىشلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ . 5-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ ئىنتايىن ھېسىياتچان بولۇپ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، روشەن كۆز قاراشقا ئىگە. باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرۈشكە ماھىر . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىمىگە ئىگە بولۇپ ، بۇ جەھەتتەئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق . غەيرەت قىلسىلا نەتىجە يارىتالايدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ ياشلىقىدا كۈچلۈك سۆيگۈلەر بولىدۇ . لېكىن ھېسىياتى مۇقىم ئەمەس. كۆپ كىشلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ ئالدىراڭغۇ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرىشى كەمچىل . 6-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ شوخ، ئىنتىلىشچان خارەكتىرگە ئىگە . ئۇچۇق-يۇرۇق ،دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ مۇستەققىل پىكىر قىلىشقا ئامراق، ئىنتايىن كەسكىن ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرىشى كەمچىل. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ ،بەخىتلىك ئائىلە قۇرالايدۇ . ئەمما چاكىنا كىشلەرنىڭ پەراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ ھېسىياتى تۇراقسىز ، ئىشلارغا بىردەم قىزىپ ، بىردەم سوۋۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. 7-ئاي: مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ مەردانە، كىشلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇستەققىل ۋە كەسكىن پىكىرلىك ئېغىر-بېسىق. ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ ئاددى-ساددا، ئوچۇق قول، ئىش باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە ، ئەمگەككە چىداملىق. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ بۇ خىل كىشلەرنى مۇھەببىتى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ،بىرلا ھەمراھ بىلەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ ھەمدە دەرت-ئەلەمگە ھەمدەم بولۇپ ، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ ئالدىراڭغۇ، قىلغان ئىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. 8-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ ئەقىللىقلىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان ، تالانتلىق، چاققان كېلىدۇ. ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ سەمىمىي،پاك كىشلەرگە ئامراق، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ، باشقىلار ئۈچۈن كەڭ قۇرساق ،تۇرمۇشنى سۆيىدىغان كېلىدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ لايىق قوغلاشمايدۇ، كۆپىنچە ياخشى كىشلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ تەرسا ، ئاداۋات ساقلاش ئىدىيىسىگە ئىگە ، دوستلىرىنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويىدۇ . 9-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ جۇشقۇن مىجەزگە ئىگە، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلىدىغان ، كىشلەرگە ياردەم بېرىشتىن باش تارتمايدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ سەمىمىي ، كەمتەر، ئېھتىياتچان، يېڭىلىقنى ئاسان قۇبۇل قىلالايدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ بۇ خىل كىشلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ۋە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ.لېكىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ شەخسىيەتچى. 10-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ دائىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئويلايدۇ، جەسۇر ، سېخى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ توغرا ئىستىللىق ،نازاكاتلىك،ۋاپادار ،ئاسانلىقچە ئادەم ئالدىمايدىغان كېلىدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ ھاكاۋۇر بولغاچقا ئاسان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئاجىزلىقى:_____ باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش دەپ ئويلاپ ، تولا ئالدىنىپ قالىدۇ . 11-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ زېھنى ئۆتكۈر،قابىلىياتلىك، پايدا_زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، سەنئەت تالانتىغا ئىگە كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ مەسئۇلىيەتچان،ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ، ئىجاتكارلىققا ئىگە . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ بۇ خىل كىشلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلار كۆپ، تۇرمۇش مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ جاپاغا چىدىمايدۇ، ئاجىز كېلىدۇ . 12-ئاي مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ قەيسەر،غەيرەتلىك، باي تەسەۋۇرقىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان، مەغلۇبىيەتنى يېڭەلەيدىغان كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ تۈز كۆڭۈل، خۇشخۇي،ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغان كېلىدۇ. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ مۇھەببەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، غەيرەت قىلسىلا ، كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ تاپالايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ نەزىرى ئۈستۈن. مەنبە:<< 12 مۆچەل>> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-07-26
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qogluk3.8 چوغلۇق3.8 | ياخشى پىكىرلەرنى يوللاپسىز ،رەخمەت .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wolf516 ئوغۇزخاننىڭ يولباشچسى كۆك بۆرە | مەن 1987-05-16- تۇغۇلغان ، لىكىن بۇ تېما بۇرۇن يوللىنىپ بولغانغۇ دەيمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wolf516 ئوغۇزخاننىڭ يولباشچسى كۆك بۆرە | 5-ئاي
مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ ئىنتايىن ھېسىياتچان بولۇپ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، روشەن كۆز قاراشقا ئىگە. باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرۈشكە ماھىر . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىمىگە ئىگە بولۇپ ، بۇ جەھەتتەئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق . غەيرەت قىلسىلا نەتىجە يارىتالايدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ ياشلىقىدا كۈچلۈك سۆيگۈلەر بولىدۇ . لېكىن ھېسىياتى مۇقىم ئەمەس. كۆپ كىشلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ ئالدىراڭغۇ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرىشى كەمچىل . ماڭا مۇشۇ چۈشكۈدەك. خارەكتىرىممۇ ئاساسەن مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | مەن ( ) يىلى 4- ئايدا تۇغۇلۇپتىكەنمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
فۇرقان دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | 12-ئاي
مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ قەيسەر،غەيرەتلىك، باي تەسەۋۇرقىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان، مەغلۇبىيەتنى يېڭەلەيدىغان كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ تۈز كۆڭۈل، خۇشخۇي،ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغان كېلىدۇ. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ مۇھەببەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، غەيرەت قىلسىلا ، كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ تاپالايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ نەزىرى ئۈستۈن. بىرەرىمۇ ماس كەلمەيدا ماڭا. | ||||
---|---|---|---|---|---|
almira996 | مەن 7-ئايدا،،يىگىتىم 11-ئايدا تۇغۇلغان ،،ھەممىسى بەك توغرا چىقتى....توۋا ،،نىمداق يامان ،،قانداق بىلىۋالغاندۇ ما خەق ؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nilufar0999 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەسسىلامۇ ئەلەيكوم،
7-ئاي: مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ مەردانە، كىشلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇستەققىل ۋە كەسكىن پىكىرلىك ئېغىر-بېسىق. ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ ئاددى-ساددا، ئوچۇق قول، ئىش باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە ، ئەمگەككە چىداملىق. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ بۇ خىل كىشلەرنى مۇھەببىتى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ،بىرلا ھەمراھ بىلەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ ھەمدە دەرت-ئەلەمگە ھەمدەم بولۇپ ، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ ئالدىراڭغۇ، قىلغان ئىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. بەكلا ھەيران قالدىم،بىراق مۇھەببەت ۋە كەلگۈسىم ماڭا تىخى قاراڭغۇ، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin ئاجايىپ سەزگۈ | 4-ئاي
مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ تۈز كۆڭۈل، سۆزگە ماھىر، لىرىك ھېسىياتقا ئىگە، خىيالچان ، ئىجا قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ غايىلىك ،يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان كېلىدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ مۇھەببەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ . لېكىن قارشى تەرەپ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ.تۇرمۇش زەربىسىگە كەلگەندە يېڭىپ چىقالايدۇ. ئاجىزلىقى:_____ كىشلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ . توۋۋا مەن (كىچىك موللا-زەيدىن ) 4- ئايدا توغۇلغان ....... ھەجەپ جايىدا چىقتا ..؟؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karayvz دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | 3-ئاي
مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل ، كىشلەرگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشى، ئاددىي-ساددا ،بىلىمى بار، كىشلەرنى قايىل قىلالايدىغان كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ مول بىلىملىك، تەدبىرلىگى ئېنىق كېلىدۇ . تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە . كىشلەرگە ياردەم بىرىشكە، يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامراق . مۇھەببەت-كەلگۈسى:_____ جاپادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىرگە بولىدىغان ياخشى ھەمراغا ئېرىشىدۇ،لېكىن ناھاقچىلىككە ئۇچرايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ غەيرىتى كەمچىل، مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس . ئاساسەن ماس كىلىدىكەن دىسە ، خۇددى مىنى تۇنۇيدىغانلار يازغاندەكلا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
گۈل220 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن1-ئايدا تۇغۇلغان ماڭاماس كەپتۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
耀眼之星 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 8-ئاي
مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ ئەقىللىقلىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان ، تالانتلىق، چاققان كېلىدۇ. ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ سەمىمىي،پاك كىشلەرگە ئامراق، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ، باشقىلار ئۈچۈن كەڭ قۇرساق ،تۇرمۇشنى سۆيىدىغان كېلىدۇ . مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ لايىق قوغلاشمايدۇ، كۆپىنچە ياخشى كىشلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ تەرسا ، ئاداۋات ساقلاش ئىدىيىسىگە ئىگە ، دوستلىرىنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويىدۇ . man 8-ayda tugulga. rahmat..... biliwaldim. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TAREM~LAOGAY دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 7-ئاي:
مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ مەردانە، كىشلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇستەققىل ۋە كەسكىن پىكىرلىك ئېغىر-بېسىق. ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ ئاددى-ساددا، ئوچۇق قول، ئىش باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە ، ئەمگەككە چىداملىق. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ بۇ خىل كىشلەرنى مۇھەببىتى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ،بىرلا ھەمراھ بىلەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ ھەمدە دەرت-ئەلەمگە ھەمدەم بولۇپ ، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدۇ . ئاجىزلىقى:_____ ئالدىراڭغۇ، قىلغان ئىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ . ماڭا ماس كەلگەندەك تۇرىدۇ جۇما . يەنە بىر قارىسام ماس كەلمىگەندەكمۇ تۇرىدۇ . ھىچ بىلىلمىدىم جۇما . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilnur16 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | 12-ئاي
مىجەز-ئالاھىدىلىكى:_____ قەيسەر،غەيرەتلىك، باي تەسەۋۇرقىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان، مەغلۇبىيەتنى يېڭەلەيدىغان كېلىدۇ . ئەخلاق-پەزىلىتى:_____ تۈز كۆڭۈل، خۇشخۇي،ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغان كېلىدۇ. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:_____ مۇھەببەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، غەيرەت قىلسىلا ، كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ تاپالايدۇ . ئاجىزلىقى:_____ نەزىرى ئۈستۈن. ماڭىمۇ ئاساسى جەھەتتىن ماس كەلدى | ||||
---|---|---|---|---|---|
taxyolqi دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Quote:بۇ يازما8قەۋەتتىكىmolla-zaidinنىڭ2008-07-27 18:32يوللىغان : توۋا ئاجايىپ دەل چىقتى .مەنمۇ 4-ئاي . | ||||
---|---|---|---|---|---|