باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى uyghurjan ئىلگىرلەتتى(2008-07-24)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ سىلەرگە جىددىي بىر ئىھتىياجىمىز چۇشۇپ قالدى، مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ قىززىتمىسى 40 تىن ئۇشۇق تۇرۇۋاتقىلى 17 كۈن بولدى. قەشقەردە داۋالاتقان بولساقمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى كۇرۇلمىدى. ئۇلار دىئاگۇنىزنى شىكەر ماددىسى ئېشىپ كىتىش دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇپ داۋالىغان . مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى شۇ دۇختۇر خانىنىڭ ماششىنىسى بىلەن ئاقسۇغا يۇتكىگەن ئىدۇق. بۇ يەر دىكىلەر قان بۇزۇلغان ،قان زردابى ئېشىپ كەتكەن . قاندىكى قەنىتتە مەسىلە يوق دەپ دالىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇلارمۇنىڭمۇ داۋالاشقا كۈزۈ يەتمىدى. دۇختۇرلار ئۈرۈمچىگە ئاپىرىڭلار دەيدۇ. شۇڭلاشقا سىلەردىن جىددىي مەسلىھەت سۇرايمەن.؟ ئەگەر قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يوللاپ بىرىڭلار دىسەڭلار يوللاپ بىرەي. ئۇلار بۈگۈن كەچتىلا سائەت بىر بىلەن ئۈرۇمچىگە يۆتكەشنى ئېيتتى،مۇمكىن بولسا تىزراق مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار قانداق قىلساق بۇلار؟بەزىلەر خۇتەنگە ئاپىرىڭلار قاندىكى مەسىلىگە خۇتەن ياخشى دەيدۇ، زادى قەيەرگە ئاپارساق بۇلار؟
|