>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
XabnamBBS -> قانۇندىن ساۋات -> باسقۇنچىلىققا ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﯩﺖ ﻗﯩﺰ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1973 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : باسقۇنچىلىققا ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﯩﺖ ﻗﯩﺰ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Hursan.
يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر قىززىقچىسى رەسىم يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 982
شۆھرەت: 996 نۇمۇر
پۇل: 10720 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:199(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
باسقۇنچىلىققا ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﯩﺖ ﻗﯩﺰ


باسقۇنچىلىققا ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﯩﺖ ﻗﯩﺰ


ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺖ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ
ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯘﻟﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪى

ﺟﺎڭ ﻣﯘﻓﯧﯔ، ﻛﻪي ﮔﯥ

2005 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮى ﭘﺎﺧﭙﺎﻳﻐﺎن، ﻗﯩﭙﻴﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺟﯧﯖﺠﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺸﯜي راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ 3 - ﻗﻪۋﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ: «ﺳﯩﻠﻪر ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼر، ﻣﻪن دﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟاﻟﯩﻤﻪن» دەپ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ۋارﻗﯩﺮاۋاﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﻰ دﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺳﺘﻠﯩﻚ ﺋﯜچ ﺋﻪر ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﺗﺎرﺗﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈۋاﻟﺪى. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﻪل ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪى.
2006 - ﻳﯩﻞ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯧﯖﺠﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺸﯜي راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮت ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺟﯧﯖﺠﯘدﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪاش ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺘﯘدﯦﻨﺘﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎپ ﻗﻮﻳﯘش، ﺑﯩﺮ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺖ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ دﯦﻠﻮﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎراپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﻮت ﻗﯩﻠﺪى. ﺑﯘ دﯦﻠﻮدﯨﻜﻰ زﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ دەل 2005 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ 3 - ﻗﻪۋﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟاﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪى.
ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ۋەزﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪنﻟﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎن، ﺑﯩﺮاق ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎپ ﻗﻮﻳﯘش ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﻰ ﭘﻮﭘﯘزا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘرﻗﯘﺗﯘش ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؟ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ.

ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚپ رﯨﻴﺎزەت ﭼﻪﻛﺘﻰ

2005 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯧﯖﺠﯘدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪا ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋاﻟﺪى.
ﺷﻴﺎۋ ﻣﯧﻲ، ﺋﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﺗﯘﺗﯘۋاﭘﺘﯘ...
ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺗﯜﮔﯩﻤﻪي ﺗﯘرۇﭘﻼ، ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺑﯧﺸﻰ ۋﯨﯖﯖﯩﺪە ﻗﯧﻴﯩﭗ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ، زادى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪۇ؟ ﺋﯧﻨﯩﻢ زادى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈپ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮەك...ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮرۇﭘﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ دادﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﯕﯘﻟﺪاپ ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ دﯦﮕﻪچ ﮬﯚﯕﺮەپ ﻳﯩﻐﻼۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﭼﻮﻗﯘم ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ھەيدىۋﯨﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى.
ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ 1981 _ ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯧﻨﻪن ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮاق ﺑﯩﺮ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮات ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺪا ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن، دادﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻨﻼ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﺎﻣﺮات ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺟﯧﯖﺠﯘدﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﯘش ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﮬﻪر ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ 19 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯘن ﺟﯧﯖﺠﯘدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ خۇشال ﺋﯩﺪى، ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻳﯘرﺗﯩﺪا ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﯜپ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎن ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪپ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻐﯩﻤﯘ ﭘﯘل ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.
- ﺋﯧﻨﯩﻢ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺳﯩﯖﮕﻪن ﻧﯧﻨﯩﻨﻰ ﻳﻪپ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﺋﺎرﻻﺷﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، زادى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪى؟ - ﺳﻮرﯨﺪى ﺋﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭗ.
- ﺋﯘ ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭘﺘﯘ، - دﯦﺪى ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﺪا.
ﺋﺎزﻏﯩﻨﻪ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﻰ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎن، ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﻛﯜزﯨﺘﯩﺸﻜﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯘﭘﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺋﯩﻜﻪن، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪار ﺑﯩﺮ ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼپ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪا ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟاﻟﻐﺎن.
- ﺗﯧﺰ ﻛﯧﻠﯩﯔ، ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻪك ﻧﺎﭼﺎر، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ زادﯨﻼ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ.
ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺖ - ﺗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻛﻪچ ﺳﺎﺋﻪت ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ 20 ﻣﯩﻨﯘت ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﯧﻨﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﻗﻮرۇﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪى ﮬﻪﻣﺪە ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ دەرۋازﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜﻳﻨﻰ ﻛﯚردى. ﺋﯘﻻر ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟاﻟﻐﺎن، ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﻮرال ﺋﺎﺳﻘﺎن، ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺗﻮك ﻛﺎﻟﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرﯨﯟاﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﻳﯜرﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤﻰ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.
ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﻏﻪزەپ ﺑﯩﻠﻪن:
- ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻮﻏﺮى ﺋﯩﺪى، ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘرۇپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯘق، ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮدەك ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، - دﯦﺪى.
ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯘۋەﺗﻠﻪپ، ﺑﻪس - ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﯩﺘﺮەك ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﻗﺎﻟﺪى.
- ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن، - دﯦﺪى ﺋﯘ ﺗﯩﺘﺮەپ ﺗﯘرۇپ.
- ﻧﯧﻤﻪ، ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ ﺑﯩﻜﺎر ﺗﯘﺗﯘﭘﺘﯘق - دە، ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ، دەرﮬﺎل ج خ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﯧﺮەﻳﻠﻰ، ﺋﯘﻻر ﺟﺎزا ﮬﯚﻛﯜم ﻗﯩﻠﺴﯘن، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ. ﻳﺎق، ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼر، ﺳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻻي، ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﻪك ﻳﺎۋاش ﺋﯩﺪى، ﻣﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﺑﺎﻗﺴﺎم ﺑﻮﻻرﻣﯘ؟ - دﯦﺪى ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻳﯩﻐﻼپ ﺗﯘرۇپ.
- ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻘﺮار ﻗﯩﻠﺪى، ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪى، - دﯦﺪى ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي «ﺳﻪﻧﺸﯩﯔ» ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼرﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرۇش ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎر.
ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﯘھ ﺗﺎرﺗﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪۇﻗﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪى ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯜن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى.
- ﺋﻪﻣﺪە ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﯘﻟﯘق، ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﻪك ﺟﺎﭘﺎدا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ۋەﻳﺮان ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، - دﯦﺪى ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ،- ﺋﺎﻛﯩﻼر، ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﻛﻪﯕﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼر ﻗﺎﻧﺪاق؟
ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ، ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚز ﻗﯩﺴﯩﺸﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﻦ - ﻗﯩﻨﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎي ﻗﺎﻟﺪى.
- ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﺪى، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯜچ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎق ﺟﺎزاﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪزەرﮔﻪ ﺋﺎﻻﻳﻠﻰ، 5000 ﻳﯜەن ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ.
- ﻳﯧﻨﯩﻤﺪا ﭘﻪﻗﻪت 800 ﻳﯜەن ﭘﯘل بار، ﺋﺎزراق ﺗﯚۋەﻧﻠﻪﺗﺴﻪﯕﻼر ﻗﺎﻧﺪاق؟ ﺋﺎﻛﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ ﺑﻪك ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪك ﻧﺎﻣﺮات، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎم ﺋﻮرۇن ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﺪى، ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﯧﭙﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن...
ﺑﯩﺮ ﮬﺎزا ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ - ﻳﺎﻟﯟۇرۇﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ 2000 ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜردى، ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﺎۋال ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ، ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ، ﺑﯩﺮاق ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ: «ﺋﯘﺧﻼپ ﭼﯜﺷﯩﯖﯩﺰ» دﯦﺪى.
ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﺪا، ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ: «ﺑﻮﭘﺘﯘ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﯧﺮەﻳﻠﻰ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜن ﻗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﻪﺗﺘﯘق، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺎن ﺋﻪﻣﺴﻪ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼر» دﯦﺪى.
ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﻨﺎدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﮕﻪ ﻗﻪﮬﺮﯨﺘﺎن ﻗﯩﺸﺘﻪك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. »ﺋﯩﻨﯩﻢ ﮬﺎزﯨﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼر ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ، ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪق ﻗﯩﻠﯩﭗ ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪۇ؟ ﺋﯘﻻر ﮔﯧﭙﯩﺪە ﺗﯘرارﻣﯘ؟.... ﺑﯘﻧﺪاق ﺟﺎۋاﭘﺴﯩﺰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻨﻰ ﻟﻪﺧﺘﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻛﺎرۋاﺗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎرام ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﺪى. ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ دوﺳﺘﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﯘل ﺳﻮرﯨﺪى، ﺑﯩﺮاق ﺋﺎران 400 ﻳﯜەن ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺪى، ﻳﻪﻧﻪ 800 ﻳﯜەن ﻛﯧﻤﯩﻴﺘﺘﻰ، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯜرۈۋﯦﺘﯩﭗ ﺑﺎراﺗﺘﻰ...

ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ

ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﭘﯜﺗﯜن ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯘﻻر ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎدﯨﻞ ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼر ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘن ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈۋﯦﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎﻗﺘﻰ - ﺳﻮﻗﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪدﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺪى.
33 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺧﯧﻨﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن، ﮔﻪرﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯩﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮل ﻣﯧﯖﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘرﻏﺎن، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﻏﯘزۇپ، ج خ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﮔﻪﻧﯩﺪى. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎدەﻣﺪەك ﻳﯜرﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮرﮔﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺳﺎن ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻤﺘﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪي ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﺷﻘﺎﻧﯩﺪى. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘ ﺟﯧﯖﺠﯘ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻧﯘرﻏﯘن ﻳﻮل ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪاش 11 - ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚت ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺋﯩﺪى.
ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﯩﯔ ﺳﺎدﯨﻖ ﭼﻮﻣﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪى، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﯩﻨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﻪش - ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪۈز ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ، راﮬﻪت - ﭘﺎراﻏﻪت ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻻر ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﻮڭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، دەرﮬﺎل ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼردﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭘﯘل ﺋﯜﻧﺪۈرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪى. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼش ۋەﻗﻪﻟﯩﺮى ﻳﯜز ﺑﻪرﺳﻪ، ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ، ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﭘﻮﭘﯘزا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﻪﻳﯩﭗ ﺳﯜرﮔﯩﺪەك ﭘﯘل ﺋﯜﻧﺪﯨﺮۈۋاﻻﺗﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﯘ 100 - 200 ﻳﯜەﻧﻨﻰ ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﭘﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻏﯩﻨﯩﺪى، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻻر ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﮕﻪ ﻗﻮرﻗﻤﺎﻳﻼ 2000 ﻳﯜەن ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻧﯩﺪى.
ﺋﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮا ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﮔﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜن ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪدﯨﺴﻰ ﺋﺎﻳﺪا ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن 100 ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘ ﮬﻪدﯨﺴﻰ ﺑﻪرﮔﻪن ﭘﯘﻟﻼرﻏﺎ ﭘﺎت - ﭘﺎت ﻳﯧﯖﻰ ﻳﺎﻧﻔﻮن ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﮬﻪدﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺑﯩﺮاق ﮬﻪدﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻧﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﺎن ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜن ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼپ ﻛﯚﭘﺮەك ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ.
2005 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜن ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﻰ ﺟﺎڭ ﻣﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﻗﻮرۇﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼپ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪا ﺧﺎۋ ﺟﻪﻳﻨﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜﻳﻠﻪر ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ۋاى ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘردۇردى. ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﺪى.
7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪردە ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﺗﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺗﺎۋۇز ۋە ﺑﺎﻧﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯧﯟە - ﭼﯩﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜرﮔﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪى ﮬﻪﻣﺪە:
- ﺋﻪﺗﺮەت ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﭘﯘﻟﯘم ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪي ﻗﺎﻟﺪى، ﺋﺎزراق ﻛﻪڭ ﻗﻮﻟﻠﯘق ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻣﻪن دەرﺳﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜن ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﺎۋال ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﻪرﺳﯩﯖﯩﺰ، دﯦﺪى ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ.
- ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر، ﺑﯩﺰ دەرﮬﺎل ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻐﺎ دەﻳﻤﯩﺰ، دﯦﺪى ﻳﺎﻧﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي.
- ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن ﺑﯩﺰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪن، ﺷﯩﺮﯨﻜﻰ ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ، ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭘﺘﯘ، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن.
ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺗﯜن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
- ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ، ﺳﯩﺰ دەﯕﻪ، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ، - ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﺎﻳﻠﻰ، ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎراق ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﯔ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﻪﻳﻠﻰ. ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺳﯜن ﻳﻪﻣﯧﻴﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺪى، ﺳﯜن ﻳﻪﻣﯧﻲ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺌﺎرام ﺑﻮﻟﺪى، ﺑﯩﺮاق ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﺋﯘ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى.
- ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ دﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎزﯨﻠﯩﻐﯘدەك ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر؟ ﺧﺎۋ ﺋﺎﻛﺎ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﯩﻼ ﺑﺎرﻣﺎﻳﻠﯩﻤﯘ؟ - دﯦﺪى ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﺪا ﻗﺎراپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي. - ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻣﮕﯩﻼ ﺑﺎراﻳﻠﻰ، ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇۋاﺗﯩﻤﻪن، - دﯦﺪى ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ.
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﺎﻟﺘﻪ - ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ، ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪا دەرس ﺋﯚﺗﯜش ﻗﯘﻻﻳﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎم ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺮﯨﺪۇ دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪى.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ، ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻘﻪﻗﻪﻟﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ:
- ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺳﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯜز، ﺋﻮﭼﯘق - ﻳﻮرۇق ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺳﯩﺰ ﻣﺎۋۇ ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺰا ﻗﻮﻳﯘۋﯨﺘﯩﯔ. ﺗﺎﻣﺎق ﻳﻪپ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘۋﯨﺘﯩﻤﯩﺰ.
ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻏﻪزﮔﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻗﺎرﯨﻤﺎﻳﻼ ﺋﯩﻤﺰا ﻗﻮﻳﯘۋەﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﯩﻤﺰا ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻪﻏﻪزﮔﻪ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺪى، ﻗﻪﻏﻪزدﯨﻜﯩﺴﻰ ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻪﻏﯩﺰى ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺗﯜزۈپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ، ﮬﺎراﻗﺘﺎ، ﻛﺎرۋاﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى. ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﯩﺪى.
-ﺋﺎﻛﺎ، ﺑﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ...
- ﺑﻮﻟﺪى، ﺑﻮﻟﺪى، ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜزۈﻟﯜپ ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﻪﻣﺪى ﮬﻪر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻜﺎر، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ، - ﺋﻪﻣﺪى، ﺗﯧﺰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼڭ. ﺳﻪﺋﻪت ﺗﻮﻗﻘﯘزﻻردا ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼرﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻻپ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼپ دەرﺳﻜﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى، ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﯘ ﮬﺎراﻗﻨﯩﯔ ﭘﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ:
- ﺷﻴﺎۋ ﺳﯜن، ﻛﯧﻠﯩﯖﻪ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘراﻳﻠﻰ، ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎرﻗﺎ _ ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜچ روﻣﻜﺎ ﮬﺎراﻗﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟەﺗﺘﻰ.
- ﻣﻪن ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن؟ - دﯦﺪى ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ.
- ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﻣﺎن، ﺋﯩﭽﯩﯖﻪ. ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﻳﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪى. ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﺎرۋاﺗﻘﺎ ﺑﺎﺳﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪە:
- ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎزراق ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك، ﺑﯩﺮدەﻣﺪﯨﻼ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪۇ... ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﺪۇرۇۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘۋاﻟﺪى.
- ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﻗﻮل ﻗﻮﻳﻐﺎن، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﻻپ ﻗﻮل ﻗﻮﻳﻐﺎن، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﮬﻪﻣﺪە ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎي ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪى.
ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﻜﻜﯩﺪە ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﮕﻪ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪى، ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻛﯚزﻟﯩﺮى ﻗﺎراﯕﻐﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ﺧﯘددى دوزاﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪى... ﺑﯩﺮ ﮬﺎزادﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻛﯩﭽﯩﻚ زﯦﺮەك ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺮﯨﯖﻼۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪى ﮬﻪﻣﺪە ﻧﻮﻣﯘرﯨﻐﺎ ﻗﺎراﭘﻼ ﺑﯘ ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﻨﯩﯔ دادﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪى. ﺋﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﭼﺎﻧﺪۇرﻣﺎي دادﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪردى: دادا، ﻏﻪم ﻗﯩﻠﻤﺎڭ، ﻣﻪن ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼپ ﻗﻮﻳﺪۇم، ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺋﻪﺗﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى.
ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﮬﯚﯕﺮەپ ﻳﯩﻐﻼپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﭘﺎك ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺑﯩﺮدەﻣﺪﯨﻼ ﺋﯩﭙﭙﻪت - ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜزﮔﻪن، ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻼپ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘﺷﯘﺷﻘﺎ ﺟﯜرﺋﻪت ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪى. ﺋﯘ ﻛﯚپ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪردى، ﻛﺎرۋاﺗﺘﺎ ﺋﯘﻳﺎﻧﺪﯨﻦ - ﺑﯘﻳﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚرۈﻟﯜپ ﻳﻪﺗﺘﻪ - ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزدى.
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﻪﮬﻪردە ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش - ﺗﯧﻨﻪش ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ، ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯜش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎردى. ﺑﯩﺮاق ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜردى، ﺋﯘﻻر ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜچ - ﺗﯚت ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، دەرﺳﻜﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﻰ. ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى.
- ﺳﯩﺰ ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪدﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰﻏﯘ دەﻳﻤﻪن، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن دەرﺳﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﺪى، ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺪۇق، - دﯦﺪى ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ.
ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ:
- ﺋﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى، ﻣﻪن رۇﺧﺴﻪت ﺳﻮراپ ﻗﻮﻳﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ، - دﯦﺪى.
ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻳﯜﮔﯜرﮔﯩﻨﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﻪردى، ﺑﯩﺮاق ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﻚ ﺋﯩﺪى، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺑﻪردى، ﺑﯩﺮاق ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﺖ - ﺗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺗﯩﻨﻤﺎي ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺑﻪردى، ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﻚ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى، ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﺪى، ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﻪﻧﮕﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﺪى.
48 ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯩﺮاق ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺧﻪۋەر ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى. ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯘزاق ﺳﻮﻻپ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪك ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﺘﯩﯟﯦﺘﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺶ - ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﮬﺎزا ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎدا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ زﯦﺮەك ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﻰ ﺟﯩﺮﯨﯖﻼپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮدﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى.
- ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن ج خ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇق، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘرۇپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪۇق، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯘﻣﻨﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰدە ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن، ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا، دەرﮬﺎل ﻛﯧﻠﯩﯔ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ- دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ.
ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼرﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﻗﺎﻟﺪى، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺗﺘﻰ. ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎردى. ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ، ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﺋﺎدەم ﺗﯘراﺗﺘﻰ.
- ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺟﺎڭ ﻳﯜﭼﯜن، - دەپ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘردى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎچ. ﺋﯘﻻر ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪم ﺗﺎﻗﯩﺪى، ﻗﻮرﻗﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ: «ﺳﯩﻠﻪر ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ» دﯦﺪى ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪى.
- ﺑﯘ ﻳﻪرﻧﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﺸﻠﯩﯟاﻟﺪى، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ. ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻر ﺳﯜن ﻳﻪﻧﺨﯜﻧﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘرﻏﺎن، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎزاﺑﯩﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﺨﯜن ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﯩﺪى.
- ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﺪە ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن، ﺳﯩﺰ ﮬﺎراﻗﺘﺎ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ، ﻛﺎرۋاﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن، - دﯦﺪى ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ، - ﺑﯜﮔﯜن ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯜﭼﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪۋﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ، ﺋﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ.
- ﺳﯩﻠﻪر ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ ﺋﯩﻤﺰا ﻗﻮﻳﺪۇرﯨﯟاﻟﻐﺎن، دﯦﺪى ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪي ﺗﯘرۇﭘﻼ، ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎڭ ﻳﯜﭼﯜن ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪۇرۇﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﺋﯜﭼﻰ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻐﺎ ﻧﯚۋەت ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻗﯩﭙﻴﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻟﻘﯘﻧﯘپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، دﯦﺮﯨﺰﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﺪى ﮬﻪﻣﺪە:
- ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻳﺴﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎڭ، دﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﻪن، - دﯦﺪى. ﺋﯘ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪۋﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪپ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﯩﺪى.
- ﺳﻪﻧﻠﻪر ﮬﺎﻳﯟان، - دﯦﺪى ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﻣﺪە دﯦﺮﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ، ﻗﻮرﻗﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜي ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘۋاﻟﺪى، ﺟﺎڭ ﻳﯜﭼﯜن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎردەﻣﻠﻪﺷﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻻر ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜردى.
ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪى. ﺋﯘ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ 55 ﺳﺎﺋﻪت ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﯩﺪى.
ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜن ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪدﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﻪپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪە دەرﮬﺎل ﮬﻪدﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﯧﻠﻔﻮن ﺑﻪردى. ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎزا ﺟﯩﺮﯨﯖﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪى، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ ﺋﯚﻛﺴﯜپ - ﺋﯚﻛﺴﯜپ ﻳﯩﻐﻼپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺳﯜن ﻳﯘﯕﺨﯜن دەرﮬﺎل ﮬﻪدﯨﺴﻰ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪى، ﺋﯘ ﮬﻪدﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻏﻪزەﭘﺘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﺪى. ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼپ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪى، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ دەرﮬﺎل ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ دﯦﻠﻮ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﯔ ﺗﯘرۇﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜن ﻳﻪﻧﻤﯧﻲ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺟﯧﯖﺠﯘ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ج خ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺸﯜي راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ دﯦﻠﻮ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﺪى. ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪى، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻر ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﯩﮕﻪﻧﯩﺪى. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ۋە ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻤﯘ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪى، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﻪﻧﺪى، ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜن ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎدﯨﻤﻼرﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜزﻟﯜك ﺗﻪرﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﺎﻟﺪى.
2005 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14 - ﻛﯜﻧﻰ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ، ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜﻳﻠﻪر ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، دەﮬﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎپ ﻗﻮﻳﯘش ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرۇﻟﺪى، 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ رەﺳﻤﯩﻲ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى. 2006 - ﻳﯩﻞ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯧﯖﺠﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺟﯩﻨﺸﯜي راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮت ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، دەﮬﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎپ ﻗﻮﻳﯘش ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘددەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎق ﺟﺎزاﺳﻰ ﺑﻪردى، ﺧﯘاڭ دﯦﮕﯜﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، دەﮬﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎپ ﻗﻮﻳﯘش ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯜچ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘددەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎق ﺟﺎزاﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪى، ﺟﺎڭ ﻳﯜﭼﯜن ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ دﯦﻠﻮ ﺗﯘرﻏﯘزۇﻟﯘپ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺑﯩﺮ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪى، ﺑﯘ ۋەﻗﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻼ دﯦﻠﻮ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﺧﺎۋ ﺟﻴﻪﻧﮕﻮ ﺗﯜرﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻮت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺳﻮدﯨﻴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى: ﻣﻪن دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪك ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘم ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ، دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎن ﻳﻪردﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى، ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘ ﺑﺎﺷﺘﯩﻼ دﯦﻠﻮ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﮬﺪﯨﺘﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘراﻟﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ دﯦﻠﻮ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪن ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ.

تورداشلار قارسام خېلى تەربىيۋى ئەھمىيتى بار ۋەقە ئىكەن شۇڭا ،زىرىكمەي يوللىدۇم .

قانۇنچىلىق گىزىتىدىن ئىلىندى .


بۇ تېما خۇرسەن بوۋاي تەرپىدىن تەھرىرلەندى


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !



[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 18:40 چوققىغا قايتىش
arzu126

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت سىزگە،مەن گېزىتتىن چالا كۆرۇپ قالغان ،ئەمدى تۇلۇق كورۇپ چىقتىم،ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغان ئىش بوپتۇ.

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 18:54 چوققىغا قايتىش
RQAT

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 183
شۆھرەت: 184 نۇمۇر
پۇل: 1830 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:53(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت سىزگە ،ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغان ئىش بوپتۇ


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

جان چىكەت سىمۇ بىر ئىغزراسگەپ قىلىش ئىنسان خىسلىتى
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 19:21 چوققىغا قايتىش
suwadan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 164
شۆھرەت: 165 نۇمۇر
پۇل: 1640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:59(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ نىجىسلارنىڭ قىلمايدىغان قىلىغى يوق، بىزنىڭ قانۇنىمىزمۇ مۇكەممەل ئەمەس، مۇشۇ زاماندىمۇ باسقۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈلۈم جازاسى بەرسە بولىدۇ ئەسلى.

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !

سۇۋاداندەك قامەتلىك،
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 19:22 چوققىغا قايتىش
Tatar~Ogli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 70
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 700 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:26(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئىشلارغا نىمە دېگۇلۈك ئەمدى،   قاراپ   تۇرۇپلا   بىز   قىزنىڭ جېنىغا زامىن بوپتۇ   ئەمەسمۇ بۇ ھايۋان،،،

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 21:07 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 485
شۆھرەت: 520 نۇمۇر
پۇل: 2958 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:95(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن تىخى يەنە بىرەر قىزلىرىمىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ كىرىپتىمەن . بۇنداق ئىشلارغۇ كۆپ بۇلۇپ كەتتى.

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !

ئىسەكنىڭ ھاڭگىراپ تاشلىشى ئاتام دەۋرىدىمۇ بار ئىش.
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 21:11 چوققىغا قايتىش
不在乎!
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2245
شۆھرەت: 2259 نۇمۇر
پۇل: 22450 سوم
تۆھپە: 34 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:545(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تىما خىلى بۇرۇن قايسى بىر توردىشىمىز تەرىپىدىن يوللىنىپ بولغانغۇ دەيمەن ...خۇرسەنجان ،بوران چاپقۇندا ئۇچۇپ كەتكەن بولسا قايتا يوللۇدۇقمۇ يە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !

ئۈمۈد يادىكار

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 23:03 چوققىغا قايتىش
非你不可

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 229
شۆھرەت: 230 نۇمۇر
پۇل: 2290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:33(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


راسىت مەنمۇ كۆرگەندەك قىلىۋىدىم.

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

    ۋىناس@
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-17 23:53 چوققىغا قايتىش
yultuzugli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 53 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن تېخى مىللىتىمىزنىڭ قىلمىشىمىكىندەپ تىمەن   جەمىيەت بەكلاقالايمىقان   قىزلارسىلەر   بەكدىقەت قىلىڭلار

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-18 00:51 چوققىغا قايتىش
tunyamhuri

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 63
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:17(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنداق نىجىسلارنى جەمىيەتتە يوق دىگىنى بولمايدۇ .قانۇن تورىغا كىرىپ قالغان بۇ ئىپلاسلارنى قاتتىق جازالاش كىرەك . خۇدايىم مۇنداق مۇناپىقلارنى بىزنىڭ ئارىمىزغا ئاپىرىدە قىلمىسۇن.

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-18 01:42 چوققىغا قايتىش
aksu0997

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 192
شۆھرەت: 192 نۇمۇر
پۇل: 1614 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەي بېر ئېنسانېڭ ئاڭلېق ئادەم ۋە ئادەم بۇلۇشې ئۇچۇن ئاسمان زېمېن پەرېخېلندۇ ۋە شۇمۇ يەتمەيدۇ....بۇ دۇنياغا كەلگەن ئېنسانلار تۇغۇلۇپ ۋە ئۇلگۇچە ھەر قېسېمې ۋە ھەر خېل .رەڭگارەڭ ئېشلارنې قېلېپ باقېدۇ ۋە نەچچېسې بار ھۇشنې تاپماي تۇغۇلغېنغا پۇشايمان قېلېپ بۇزۇق يۇلاردا مېڭېپ ئۇزۇنې ھالەك قېلدۇ..شۇ ئېنسان ئېككې پۇتې گۇگە ساڭگېلاپ ئۇلۇم بۇرنېغا پۇرېغاندا ۋە ئېزېرائېل كۇزېگە كۇرۇنگەندە قېلغان ئەتكېنېگە پۇشايمان قېلدۇ ۋە ئۇكۇندۇ.تۇۋە اللا دەيدۇ ئەما ئۇچاغدا نېمە پايدېسې.ۋە پايدېسېمۇ يوق............شۇنۇڭ ئۇچۇن بېز ياشلارمۇ بالدۇر ھۇشۇمېزنې تاپايلې.ۋە ياخېشې يولدا ماڭايلې ...شەيتانې دوستۇتمايلې ۋە شەيتان بېلەن بېر يولدا ماڭمايلې .ئۇزۇمزگە پەخەس بۇلايلې،،،،،سەنلا ئازدېڭ يولۇڭدېن ،مەڭگۇ كەتېڭ ۋە ھالەك بولدۇڭ..اللا رەخېمەت قېلسۇن....شەيتاندې ياراق تۇرۇپ اللانې سېغېنايلې.............؟

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

بېۋاپا دۇنيا
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-18 02:07 چوققىغا قايتىش
Reyhan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 83
شۆھرەت: 84 نۇمۇر
پۇل: 830 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:23(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بىر قېېتڭم گېزىتتىن كۆرگەن . ئەمما بۇگۈن يەنە كۆرۈپ قاتتىق ئازاپلاندىم . بەك ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ . مۇشۇنداق ھايۋاندەك نەرسىلەرنى قاتتىق جزالاش كېرەك . رەخمەت سىزگە .

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !
[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-18 05:08 چوققىغا قايتىش
BAK

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 118
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
پۇل: 1121 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:33(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يوللانغان تېمىنى قايتا يوللاپ نىمە قىلىسىلەن،..........كۆرمىگەنلەر كورسۇن دەپمۇ؟؟؟ياكى؟؟؟؟؟؟.....
ئۆزىنىڭ تېمىسىنى ئۆزى يىڭىلاپ تۇرىدىغان خەقكەن بۇ....
تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا يوللانغان تېما بۇ...


[ بۇ يازما BAK تەرپىدىن 2007-03-19 16:27 دە قايتا تە ]


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-18 12:26 چوققىغا قايتىش
ahmatjan2007



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يىڭى تىملارنى يوللاپ تۇرۇڭ بۇ بەك كونىراپ قاپتۇ

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-18 13:49 چوققىغا قايتىش
alteken



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇھەقىقەتەن بۇرۇن يوللىنىپ بولغانتى. دىققەت قىلسىا ڭلار بولاتىتى.

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[14 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-19 12:26 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:03-23 01:17, Gzip disabled eBay Eachnet