| ||||||
ayjahan | زىلۋالىقىڭىزدىكى مەخپىيەتلىك_پۇرچا چېيى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ناھايىتى تەرەققى قىلغان،چاي ئىچىش ئادىتىمۇ ناھايىتى ياخشى،بىز تۇرمۇشىمىزدا ئىستىمال قىلۋاتقان چايلارنىڭ ئىچىدە بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار.چاي_ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقىلىپ،ئىشلىتىلىنىپ بۇگۈنگە قەدەر،ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىللىرى يەنىلا ئۇنىڭ نۇرغۇن ساغلاملىق رولى بولغانلىغىدا. بۇگۈنكى تەتقىقاتلار پورچا چېيىنىڭ ئادەتتىكى چايلاردەك ئۇيقۇنى كېسىش،روھى بېسىمنى يىنىكلىتىش،نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش،كاللىنى سەگىتىش، تەشنالىقنى قاندۇرۇش،ئىسىقنى،زەھەرنى ،نىكوتىندىن زەھەرلىنىشنى قايتۇرۇش،تاماق سىڭدۈرۈش،ماينى پارچىلاش،نەملىك يەتكۈزۈش،قەۋزىيەتنى داۋالاش،بەلغەم چىقىرىش،چىشنى چىڭىتىش، يۈرۈك كىسەللىرى،گومرۇينى داۋالاش.......،ئادەمنى ساغلاملاشتۇرۇپ ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتەك رولى بولغاندىن باشقا يەنە ئورۇقلىتىش ،قان بىسىمنى چۈشۈرۈش،قاندىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش،مېڭە قان تۇمۇر قېتىشىشنىڭ (ئارتىرىيە،قىزىل قان تۇمۇرى)ئالدىنى ئېلىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،ئاشقازان قۇۋەتلەش،ئاشقازاننى ئاسراش،چىشنى چىڭىتىپ، ساغلاملاشتۇرۇش.مىكرۇپ يوقتۇپ،تولغاقنى داۋالاش ،توكسىننى ھەيدەش،قېرىشنى كېچىكتۈرۈش،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قاندىكى قەنتنى چۇشۇرۇش،ئېغىر مىتاللاردىن بولغان زەھەرلىنىشنى يەڭگىللىتىش.....قاتارلىق رولى بولۇپ،بۇ چاي خام چاي(生茶)ۋە پىششىقلانغان چاي(熟茶) دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. بۇ چايلارنىڭ ساقلاش قىممىتى بولۇپ، يىتەرلىك شارائىتتا ساقلىسا ئۇنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە ئاشىدۇ. خام چاينى 5-8 يىل ئەتراپىدا،پىششىق چاينى 2-3 يىل ئەتراپىدا ساقلىسا بولدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ساقلىسا ،چايدىكى پايدىلىق تەركىپلەر بۇزۇلدۇ ھەم ئاسانلا ئوكسىتلىنىپ قالىدۇ.پىشىقلانغان چاينىڭ تەبىيىتى مۆتىدىل بولۇپ،ئادەمنى تىنىچلاندۇرۇدۇ.بۇ كېچىسى،قىشتا ئىچىشكە بەكرەك ماس كىلدۇ. خام چاي بولسا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،نىرۋىنى جانلاندۇرۇش،مىكرۇپ ئۆلتۇرۇش قاتارلىق رولى بولۇپ،كۈندۈزى،يازدا ئىچىشكە بەكرەك ماس كېلىدۇ.تەتقىقاتلار ئارقىلىق بۇ چاينىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنىمىنىڭ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىگىنى،ئاشقازانغا ھىچقانداق ئەكىس تەسىرنىڭ بولمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
1.ئۇرۇقلىتىش :پۇرچا چېيى تەركىبىدىكى ئشقارلىق ۋە ۋىتامىن P نىڭ تەركىبى باشقا چايلارغا قارىغاندا يۇقرى بولۇپ،بۇ ماينى ئېرىتىش،قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش،ئۇرۇقلىتىش جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئېگە.شۇڭا فىرانسىيە،ئەنگىلىيە،گىرمانىيە،ئىتالىيە،ياپۇنىيە،كورىيە،شىياڭگاڭ ،ئاۋمىن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا،پۇرچا چېيىنى«ئۇرۇقلىتىش چېيى»،« تىز ئۇرۇقلىتىش چېيى»،«گۈزەللىك چېيى»،«ئۇزۇن ئۆمۈر چېيى»،«ماينى پارچىلاش چېيى»،«زىلۋالىق چېيى»دىگەندەك گۈزەل ناملار بىلەن ئاتايدۇ.سىمىزلىك بولسا مىتابولىزىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىدىن ،ماينىڭ كۆپلەپ يىغىلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ،چاينىڭ چاي ئېتىلى ،خىلروسوپىت،ۋىتامىن س قاتالىق ئۈنۈملۇك ئۇرۇقلاتقۇچىلار بار.چاي ئېتىلى ،قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە قان پىلازمىسىنى ۋە جىگەردىكى خولىستىرىننىڭ ئۆرلەپ كىتىشنى تىزگىنلەيدۇئارتىيە قىتىشىشنى تىزگىنلەپ،ئالدىنى ئالدۇ. 2.راكنىڭ ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىىش.پۇرچا چېيىنى ئىشلەيدىغان شىشۇاڭ بەننا بولسا،دۇنيادا راك كېسىلى بۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايۇنلارنىڭ بىرى .20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ياپۇنىيە پۇرچا چېيىنى تەتقىق قىلغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ رىكنى تىزگىنلەيدىغان رولىنىڭ بارلىغىنى ئىسپاتلاپ چىققاندىن كىيىن،ياپۇنىيەدە «پۇرچا چېيى» ئىقىمى كۆتۈرۈلدى.بۇ چاينىڭ تەركىۋىدە راكنى تىزگىنلەيدىغان ۋىتامىنلار مول بۇلۇپ ،ئۇلار ۋىتامىن،B1،B2،C،E، 胡萝卜素B ،كۆپ خىل مىنرالنى ماددا 茶多酚,氧化,降解,络合产物بولۇپ،بۇلارنىڭ ھەممىسى راكقا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر.راكقا گىرىپتار بولغانلار،ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسا،راك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىگى قىسقىراپ، يوملاقلىشىشقا باشلايدۇ.سانىمۇ ئازلايدۇچاپلىشچانلىقى ۋە كۆپىيىشى ئىقتىدارى يوقايدۇ.قالدۇق ھۇجەيرىمۇ يوملاقلىشىپ،خروموزوما(رەڭلەنگۈچى) تۇراقلىشىدۇ ياكى يوقايدۇ،خوندورۇزوما ۋە ئىچكى پەردە كېڭىيدۇ:RNA بىرلىشىشى ئازىيىپ،ھۈجەيرىلەرنىڭ مەركىزى بۈلىنىشى توختايدۇ.بۇ ئۆزگۈرۈشلەر راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پۇرچا چېيىنىڭ دورىلىق رولىنىڭ تەسىرىدە،ئازىيىشتىن يوقۇلۇشقا قاراپ ماڭدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ. 3.تاجىسىمان يۇرەك كېسىلىنى داۋالاپ،ئالدىنى ئالىدۇ.بۇ كېسەل تاجى شەكىللىك ئارتىرىيە قېتىشىشچان يۈرەك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،بۇ چاي قان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان بولغاچقا،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رولى بار. 4.قېرىشنى كېچىكتۈردۇ.ئادەم بەدىنىدىكى ماي ماددىسى ھەددىدىن زىيادە ئوكسىدلىنىش بەدەننى قېرىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.چاي ئىتىلىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى باشقا چايلارغا قارىغاندا %74دىن يوقرى.ئۇندىن باشقا چاي تەركىۋىدىكى ئامىنۇ كىسلاتاسى بىلەن مىنرالنى ماددىلارمۇ قېرىشنى كېچىكتۈردۇ. 5.ئاشقازاننى قوۋەتلەپ ،ئاسرايدۇ.بۇ چاينىڭ ئاشقازانغا ئەكىس تەسرى يوق،ئاشقازاننى غىدىقلىمايدۇ.ئۈچەينىڭ ،ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ،قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلدۇ،چاينىڭ يېپىشقاق ماددىسى ئاشقازاننىڭ سىرت قەۋىتىدە،پەردە ھاسىل قىلدۇ،بۇپەردە ئاشقازاننى ئاسراپ ،قۇۋەتلەيدۇ.ئاشقازىنى ئاجىزراق بودەكلەرگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ. 6.چىشنى ئاسراپ ،چىڭىتىدۇ،چاي تەركىۋىدىكى بىئولوگىيەلىك تەركىپلەرنىڭ مىكرۇپ ئۆلتۈرۈش ،چىشنى ئاسراش،چىڭىتىش رولى بار.بۇ چاينى قايتا-قايتا(10 قېتىمدەك) چىلاپ ئىچىشكە بولدۇ. مەنبە:http://www.61km.cn/puercha/Index.asp(تەرجىمە) ___ باشقۇرغۇچى : uyghurjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-07-11
| ||||
---|---|---|---|---|---|
intezar11 ئاللا بىر ! | مۇشۇ ھاراق دىگەندەك ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندىن ، يەنىلا مۇشۇ چاينى ئىستىمال قىلسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ ، ساغلاملىق رولىمۇ خىلى چوڭ ..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دوستۇم | پۇرچا دىگەن نىمۇ؟مەن بىلمەيدىكەنمەن!يەرلىك تىلمۇ يا؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tie دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | [size=7]پۇېرچا دېگەن كىيىن قويۇلغان ئاتالغۇ ، ئەسلىدىكىسى بولسا كېسەك چاي ، بۇ بىز يىللاردىن بويان ئىچىپ كېلىۋاتقان قارا چاي شۇ ، ئاپام قاراچايغا بويرۇغان دېگەندكى قارا چاي , 普耳茶 غۇ دەيمەن يېزلىشى
تېمىنى يازغان كىشى بىرىسى چۈشەنمەيدىكەن ، يەنە بىرىسى بولسا مىنكاۋخەن بولىشى مۇمكىن、 بۇ چاي يېقىنقى يىلاردىن بويان يەنە قايتا دېققەت قىلىشقا ئېرىشىۋاتدۇ ، باھاسىمۇ قىممەت ، كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئويغۇرلار ياخشى نەرسىنى بايقىيالايدۇ ، چۈنكى يىللاردىن بويان ھىكىچم يارىتىپ ئىچمىگەن چاينى ئويغۇرلارلا ئىچەتتى ، مانا ھالا بۈگۈندە بۇ چاينڭ باھاسى لۇڭجىڭ ، تېگۈەننيىڭ دېگەنلەرىدن ئېشىپ مۆجىزە يارىتۋاتىدۇ ! [ يوللىغانtieتەرىپىدىن2008-07-11 13:19قايتا تەھرىرلە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x Go Go!غەيرەت قىل | مەن چاي ئىچىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن ... بولۇپمۇ لوڭجىڭ قاتارلىق چايلارنى دەملەپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن ... چاينىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەرپى كۆپ ، لېكىن شۇ بەك قېنىق دەملىۋەتمەسلىك كېرەك ، بولمىسا بولمايدۇ .... سۇس دەملەش كېرەك ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayjahan | كەچۈرۈڭ،مەن چۇشەنمەيمەنمۇ ئەمەس ھەم شۇنداقلا «民考汉» مۇ ئەمەس، مەن ئالدىنقى تېمىلىرىمدا بۇ توغۇرلۇق چۇشەنچە بەرگەن،خەنزۇچە يېزىلىشنىمۇ يوللىغان.سىز داۋاتقان قار چايغا ئوخشايدۇ،ئەمما ئەمەس،پەقەت« پىششىق چاي»(熟茶) دىگىنى سەل ئوخشاپ قالدۇ، سىز< كېسەك چاي،قار چاي دەيسىز،ئۇنداقتا، خام چاي(生茶) نىمۇ كېسەك چاي ،قارا چاي دەمدۇق ؟ >مىنىڭ بىلىشىمچە خام چاي يېشىل چايغا كىرىدىكەن لىكىن ئۇيغۇر بازارلىرىدا سېتىلۋاتقان چايلار ھەممىسى خېنەن،خۇبېينىڭ.مەن دىگەن بۇ چاي يۈننەننىڭ.بەك ئىشەنمىسىڭىز تور ئادىرىسىدىن كۆرۈپ بېقىڭ.مەنمۇ بىرلا ماتىريالدىن ئەمەس ،نۇرغۇن ماتىريال كۆرۈپ،ئاندىن كېرەكلىك يەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
atuxuhli دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuruk دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | nRe:زىلۋالىقىڭىزدىكى مەخپىيەتلىك_پۇرچا چېيىنەدە بار ئۇ چاي نەدە ساتىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayjahan | http://www.61km.cn/puercha/Index.asp دا بار باھاسىنى پايدىلىنىڭ،رايۇنىڭىزدىكى چوڭراق چاي دوكانلىرىدا بار.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tie دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئويۇغر بازىرىدا Re:زىلۋالىقىڭىزدىكى مەخپىيەتلىك_پۇرچا چېيىQuote:بۇ يازما5قەۋەتتىكىayjahanنىڭ2008-07-11 13:40يوللىغان : ئويغۇر بازىرىدا سېتىۋاتقىنى دەل شۇ يۈننەننڭ ، بورۇنمۇ موشۇ يۈننەننڭ چېيى توغرىسىد جىق پاراڭلار چىققان ، ئىچىدە مەيننەت نەرسىلەر باركەن دەپ ، توغرا ، دەل شۇ خام ۋە پىششق دەپ ئىككى خىل بار ، بىز ئىچىۋاتقىنى دەل شۇ پىششقى ، خاتاسى يوق ، ئوخشايدىكەن ئەمما ئەمەس دېگەن گەپ يوق ، دەل شۇ ! ئىشەنمىسىڭىز شىياۋ سۈي يوۋ خۇا دېگەن پىرىگىراممنى كۆرۈپ بېقىڭ ، ئۇنىڭدا ئالايىتەن قىلىپ بۇ چاينى بورۇن شىنجاڭىدىكى ۋە شىمالىدىكى جوڭگولۇقلار بەكىراق ئىچەتتى دەپ ئالاھىدە تىلىغا ئالغان | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilbinur دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | رەخمەت ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە،بۇ چاينى بۈگۈنلا سېتىۋالاي .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
atamamat1973 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
قېرىنداشلىرىم بۇ چاي يۈننەن ئۆلكۈسىدىن چىقىدىغان بولۇپ بۇ چاينىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ خىل ،دەسلەپتە خام چاينى ئىچسىڭىز سەل قىرتاق تۇيۇلۇدۇ يۇقۇردا دىگەندەك ھەقىقىتەن ئادەمگە پايدىلىق تەرەپلىرى جىق . پىشىق چاينى ئىچسىڭىز تەمى خېلى يامان ئەمەس. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KUTLUH دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ چاينى سېتىۋالغاندا <<پۇرچا چېيى >> دەپ سېتىۋالىمىزمۇ ؟ بۇ چاينىڭ ئىسمىمۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دىلئۇز دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياخشى خەۋەركەنغۇ؟..دو ستۇمغا ئېيتىپ بىرەيچۇ!...................تىزدىن سېتىۋالسۇن.............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
almira996 | تاللا بازىرىدا بارغۇ ؟؟؟؟؟؟ باھاسىمۇ ئەرزانلا ....普耳茶دىگەن شۇ ... ماۋزېدوڭ بىلەن بىللە كىرسە بار ئۇ چاي
| ||||
---|---|---|---|---|---|